مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3222|ئىنكاس: 12

ئۇنى چۈشۈمدە كۈرۈپ ئاشىق بولغان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3574
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 524 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 02:16:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىملا تۈزتۈلۈپ يوللىدىم،   باشقا مەسلە بولسا ئۇچۇر قىلىپ بولسىمۇ يېزىپ قويساڭلا

چۈشۈمدە ئۇنى كۆرۈپ ئاشىق بولغان (ھىكايە)
          سىلەرگە مەن بىرسىنى چۈشۈمدە كۈرۈپ ساراڭ ئاشىق بولدۇم دىسەم ئىشىنەمسىلەر؟؟؟
ياق ... ئىشەنمەيسىلەر ... مەنمۇ ئىلگىرى ئىشەنمەيتىم،   بۇ بېشىمغا كەپتى '  ئىشەنمەي ئامال بوممىدى ...
         ئىلگىرى پارىس- ئەرەپ چۆچەكلىرىدە چۈشىدىكى قىزغا ئاشىق بولغاننى ئاڭلىغان ئىدىم،   بىرسىدە بىر پارىس  بىر قىزنى چۈشەپ قېلىپ ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالىدۇ،   بىر دوستى ئۇنى يوقلاپ كىلىپ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ،  بىر رەسسام ئەكىلىپ  دىگىنىنى تەسۋىرلىتىپ قىزنى سىزغۇزىدۇ،  ۋە بىراۋدىن  بۇ قىزنىڭ ئەينىنىڭ پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا دىدەك قىزلىقىنى ئۇقىدۇ،  بۇ چاغدا بۇ نىمجان پارىسقا جان كىرىپ قىزنى ئوردىدىن ئەكىلۋېلىپ خۇتۇنلۇققا ئېلىش ئويى چۈشىدۇ،   ئەمما ئوردىدىكى ھەرقانداق دىدەك توي قىممايدىغان، ھەم پەقەت پادىشاھقىلا خاس  دىدەكلەر بولۇپ،   باشقىلارغا خۇتۇن بولسا بوممايتى،  ئۇ پارىس بىر ئەقىل تېپىپ  قىزغا بەتنام چاپلاپ  زىندانغا سۇلاتقۇز ۋېتىدۇ،   ۋە زىندان بىگىگە پار بېرىپ قىزنى بىخارامان ئۈيىگە ئەكىتىپ  ئەر خۇتۇن بولىدۇ  ...  ئەمما مىنىڭ ھىكايەمدە  ئۇتۇق قازىنىش يوق ...  ئەمما يەتكۈدەك ئەقىل بار  ....   
       يەنە بىر ئەرەپنىڭ ھىكايىسىدە،   مەدىنىدە 40 يىل مۇددەرىس بولغان بىر ئۆلما چۈشىدە بىر پەرى چىراي قىزنى كۈرۈپ ئۇنىڭغا ئاشىق بولىدۇ،  ۋە قولى ئىشقا،  تىلى گەپكە بارماس بولىدۇ،  شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزنى ئىزدەپ تېپىشنى مەخسەت قىلىپ جاھان كەزمەك بولىدۇ،   يولغا چىققاندا 40 تالىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يولغا چىقىدۇ،  بۇ مۇددەرىس  تىجارەتكە چىقتۇق دەپ ئۇلارغا راستىنى دىمەيدۇ ...  يول ئېشىپ ... داۋان ئېشىپ  باغداد.... يەمەن ... خوراسان ... لارنى كىزىپ ھىندىستانغا بارىدۇ،   ئۇلار كىزە كىزە بىر بۇتخانا ئالدىغا بارغاندا  ئۆلىما تۈگىسىدىن تىك موللاق چۈشىدۇ،   تالىپلىرى ئۇنى يۆلەپ بىر بۇلاق بېشىغا ئاپىرىپ يۈزىگە سۇ سىپىدۇ،   بۇ چاغدا  ئۆلىما قۇپۇپلا  بۇتخانىغا يۈگرەيدۇ،   ئەسلىدە بۇتخانا ئالدىدا چۈشىدىكى قىزنى كۆرگەن ئىكەن،  بۇتخانا ئالدىغا بارسا  چۈشىدىكى قىزنىڭ ئەينى بولغان چېچىنىڭ يېرىمى چۈشرۈلگەن،  بېلى ۋە بىر مۈرىسى ، دۈمبىسى ... ئۇچۇق قىز  سۇ تۇشاۋاتقۇدەك ...  ئۆلىما ئالدىغا بېرىپتۇ،  ۋە ئۇنىڭ قوللىرىغا سۈيۈپتۇ،  ۋە ماڭا ھەمراھ بول،  مىنى ۋىسالىمغا يەتكۈز دەپتۇ،   ئەمما بۇتپەرەس قىز  - سەن كىم؟؟   نەدىن كەلدىڭ؟؟   مىنىڭ بۇ تىنىمگە ئىخلاسمەن مۇرىتلىرىمىزلا ئېرشەلەيدۇ،  ئېرىشمەكچى بولساڭ،   ماڭ بىر ئىككى يىل چوشقىلىرىمىزنى باقىسەن،  بۇتخانىنى سۈپىرىسەن،  خالىساڭ  بۇ چىلەكتە چوشقىلارغا تاماق بەر ... دەپتۇ،   بۇ چاغدا تالىپلار ئارقىسىدىن يۈگرۈشۈپ كەپتۇ،  ۋە ئۇستازىنىڭ قانۇزار يىغىسىنى كۈرۈپتۇ،  ۋە ئۇستازىغا  -  نىمىش قىلۋاتىلا ئۇستاز،  يۈرۈڭ  سىزنى شەيتان ئازدۇرۇپتۇ،   غۇسلى قىلىپ ئىككى رەكەت تەۋبە نامازى ئۇقۇڭ ،   بۇ جايدىن كىتەيلى دەپتۇ،   بۇ چاغدا ئۆلىما ئۇستازى - سىلەر كىتىڭلار،  مەن كۆز ياشلىرىمدا مىڭ مەرتە تاھارەت ئالدىم،  مەھبۇبەمنىڭ ۋىسالىغا يەتمەي كىتمەيمەن دەپتۇ ۋە  قىزنىڭ قولىدىكى چىلەكنى ئېلىپ چوشقا قوتىنىغا يول ئاپتۇ،  تالىپلار قايتىپ كىتىشىپتۇ،  بۇ ئىشنى ھىچ تىنماسلىقنى دىيشىپتۇ ...           مىنىڭ ھىكايەمدە ئەسەبىي ئاشىقلىق بار،  ئەمما  ئاللاھ مىنى ساقلاپتۇ،  قېنى مىنىڭ ھىكايەمگە قۇلاق سېلىڭ  
       ئىككى يىل بۇرۇن،  18 گە كىرە كىرمەس چاغلار .. بىرنەچچىمىز  شەھەردە شاگىت ئىدۇق،   ئۇستىمىز بەرگەن پۇلغا ھەپتىدە بىرئىككى قېتىم گۆشلۈك تۇخۇ لەغمەن يىيىش ئۈچۈن گۆشنى جىق توغرايدىغان يىراقتىكى بىر ئاشخانىغا پىيادە باراتتۇق،  بىر كۈنى  مۇلازىم قىز چاي قۇيدى،   بۇ چاغدا  بىر ھەمساۋاق مۇنداق دەپ قالدى -   سابىت ( مىنىڭ ئىسمىم  )  سەن مۇشۇ قىزنى دىمىسەڭ بۇ ئاشخانىغا كىرمەيتىڭ ھە؟؟؟؟    دەيدۇ ...   شۇ زامان چاي قۇيۋاتقان قىز قانداقتۇر ئاچچىق كۆزىدە ماڭا مىختەك قادالدى،   مىنىڭ ئۇشتاپ  شۇنداق يۈزۈم قىزرىپ ئۈستەك تېگىغا كىرۋالغۇدەك بوپكەتتىم،   يەنە تۇرۇپ  ئۇ ھەمساۋاق ئاداشنى ئۇرۇپ پۇلىۋەتلىم كېلىپ مۇشۇمنى تۈگدۈم ... بۇ قىزنى تۇنجى كۈرشۈم  چىرايىنى ئېنىقمۇ كۆرمىدىم ... ھەتتە چىرايىنى  ئەسلىيەممەيمەن ...يەرگە قارايمەن ... ئاچچىقدايمەن ... ئەمما  بولغۇلۇق بوپ بولدى  تاماقنىمۇ يەرگە قاراپ يۈرۈپ يەپ بولدۇم، چىكەتتۇق  شۇنىڭدىن باشلاپ  ھېلىقى ئاشخانىغا ئىككىنجى دەسسىمىدىم ...  
        ئاردىن ئالتە ئاي ئۈتۈپ  يىزىدىكى ئۆيگە بېرىپ كىلىش ئۈچۈن يىراق يولغا ئاتلاندىم،   ئۈيۈمگە كەلگەن كۈنى كەچتە  بىر چۈش كۆردۈم   چۈشۈمدە  مەن دادام بىلەن  كۆلدىن تۇڭغا سۇ تۇشاۋاتقۇدەكمىز،   مەن كۆلدىن سۇنى ئېلىپ  ھارۋا تۈپىدىكى دادامغا بەرگۈدەكمەن،   بۇ چاغدا  ھارۋا كەينىدىن بىر تۇنۇش چىراي ،  ناھايتى چىرايلىق ياغلىق تاڭغان،  تىزىدىن ئۇزۇنراق قارا يوپكا،  جىلىتكە ... كەيگەن بىر قىز ئۈتۈپ كىتىپ بارغاچ،   ماڭا تۇنۇشلار كۆرگەندەك قولىنى پۇلاڭلاتتى،  تەبەسسۇم قىلدى،  دادامنىڭ كۈرۈپ قېلشىدىن نۇمۇس قىلىپ گەپ قىمماي قولىنىلا پىلاڭلىتىپ  كىتىپ قالدى،   مىنىڭمۇ قول پىلاڭلاتقۇم بار ئىدى،  دادام ماڭا قاراۋاتقان بولغاچقا قول پىلاڭلىتاممىدىم،   قەلبىم بەكلا ئازاپلاندى ... شۇ ئازاپ ئىچىدە ئويغىنىپ كەتتىم،   چۈشۈم ئوڭېمدىكىدەكلە ئىچىمنى ئەزدى ... كۆڭلىم يېرىملىكى قەتتى ئوڭلانمىدى ،   ئۇ قىزنىڭ چىرايى يادىمدىن كەتمەيتى ...
         شۇ كىچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدۈم،   ئۇ قىزنى ئەسللەيمەن،   ئۇنى بىريەردە كۆرگەن ئىدىم ئەمما تاپالمايمەن،   مەھەللەمدە بىر ھەپتە تۇردۇم،  ئەمما نەچچە ئايدىن ئارتۇق بىلىندى،  بىر چوڭ بۇۋاي شۇنداق دىگەن ئىدى  « بىراۋگە ئاشىق بولساڭلار ،  ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ جىگدىسى سىلەرگە سۈگەت كۈرنىدۇ،   ئۇنى بىر كۈن كۆرمىسەڭلار ئۇنى بىريىل كۆرمىگەندەك بولىسلەر»  دىگەن ...  راس ئىكەن،  مەن شۇنداق بولۋاتىمەن،   نامازنىمۇ ئايەتلەرمەنىسىنى ئويلاپ ،  ئاللاغا يۈزلىنىپ ئۇقۇيالمىدىم،   تىلىم ئەرەپچە،   دىلىم  ئۇ قىزنىڭ مەھەللىسىنى ئىزدەشتە ئىدى...
      كىيىن شەھەرگە قايىتتىم .  بالىلارنىڭ زولىشى بىلەن ھېلىقى تۇخۇ لەغمەن خانىغا باردۇق،  بېرىپ ھەيران قالدىم،   چۈشۈمدىكى قىز ئالدىمىزدا تۇراتتى ... ئۇنىڭ كۈزىدى، يۈزىدىن بۈلەكنى كۆرمەيمەن،  ئۇ قىز ماڭا تىكىلگەندە ھۇشۇمنى تېپىپ ئۈستەلگە قارۋالدىم.... كىيىن ئۈزۈم يالغۇز نەچچە قېتىم ئۇ ئاشخانىغا بېرىپ تەپسىلىي كۈزەتتىم، مەن بۇقىزغا راسلا ئاشىق بولدۇم،  كۆرگىم كىلىپلا تۇرىدۇ، ئەگەر   مىنى تاغنى يېرىشقا بۇيرىسا مەنمۇ چۇقۇم يارغىلى باراتتىم ....ئاندىن بۇقىزنىڭ ئەسلىنى ئازراق سۈرۈشتۈردۈم   بۇ چوڭ چاي تائاملار ئاشخانىسى بولۇپ ئىككى قەۋەتلىك ئىكەن ،  ئىچى بەك چوڭ، بەك ھەشەمەت بىزەگلىك،   ھەر نەچچە ئۈستەلگە بىردىن مۇقۇم قىزلار مۇلازىم ئىكەن،   يەنە كىلىپ ھېلىقى مۇلازىم قىز  مۇشۇ ئاشخانىنىڭ خوجايىنىنىڭ قىزىكەن،   خوجايىن بىر ھاجىم ئادەمكەن،   ئاشخانىدا قىزنىڭ ئاچىسىمۇ مۇلازىمكەن،  ئاكىسى بەزىدە دادىسى  پۇل يىغىدىغان پوكەيدە ئولتۇردىكەن،  ياكى تۈرۈك چېيى دەملەپ ئولتۇردىكەن،   بۇ ئاچا سىڭىللار دادىسىنىڭ يېنىدىكى ئۈستەللەرگە مەسئۇلكەن،   بۇلارنىڭ پۇلى خىلى بار چېغى ... خاتا ھىساپلاپ قويسام زاڭلىق ئىتىشىڭلاردىن قورقۇپ ھىساپلىمىدىم بولدى،   ئىشقىلىپ بۇلار بەك بايكەن  مىليونىر  ...  مەن بىر نامرات ئادەمنىڭ بالىسى,جىق پۇلىمىز يوق ...دىگەنلەرنى ئويلۇدۇم،  ئەمما سەنمۇ تاپىسەن!  دىگەن نىدا كەلدى.   شۇندىن باشلاپ  قىزنىڭ پىراقى مىنى قارغۇ قىلدى،   قىزغا قىيا قاراپ قۇيىمەن،  قىزمۇ قارايدۇ،   كىينچە مەن قارىمىساممۇ قارايدىغان بولدى.   پۇلۇم بوممىغىنى بىلەن قاملاشقان چىرايىم باركەن،  ئاساسەن تۇنجى قەدەم بېسىلدى،  ئەمدى قىزغا گەپ ئېچىشىم كىرەك ئىدى.  بۇنداق دىسەم , سەن پۈتۈنلەي يولدىن چىقىپسەن دىمەڭلار ،   مىنىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى پاكلىق قارشىم شۇ چاغدىمۇ يەنىلا يۇقالماپتىكەن،   مەن ئۇقىزغا نىمە دىيىشنى ئويلاشتىم،   نىمە دىيشىمدىن قەتتى نەزەر،  چوڭ نىيىتىم پەقەت قىز بىلەن پىششىق تۇنۇشۋېلىش ،  ئاندىن بىر ئائىلىنى باققۇدەك بولۇپ دۇكان ئارىغۇچە  بىر بىرمىزنى يۇتتۈرۋەتمەسلىك ھەققىدە دىيىشۋېلىش ( ئۈزۈمگە ئىشىنەتتىم)  ئاندىن  توي قىلىشنى  دىيشىش ئىدى , قىززىق پىلان ھە  ...(  بۇ پىلان بەزىلەرنى كۈلدۈرىشى مۇمكىن،   ئەگەردە بىر بۇت پەرەستىن  مەخسىتىڭ نىمە دىيىلسە يەنىمۇ غەلىتە جاۋاپ بىرىدۇ)   مەن ئۈچ پارچە خەت يېزىپ قىزنى سىنىماقچى بولدۇم.  بىرىنجى پارچىسىدا  دىباچى بىر بالىنىڭ ئوبرازىدا يېزىش ۋە دىباچىلەردەك ئۇيۇن تاماششا چە تەپەككۇر بىلەن سالام خەت قىلىش ،   ئىككىنجى پارچە  يا دىنچى ئەمەس يا دىباچى ئەمەس ئوتتۇردا قالغان ھالەتلىك ئوبروز دا خەت يېزىش،   ئۈچۈنجى پارچىغا مىنىڭ سۈپىتىم دەپ قارىغان بۇزۇقچىلىق قىلىشنى نىيەت قىممىغان مۇسۇلماننىڭ ئوبرازىدا يەنى ئۆز ئوبرازىمدا خەت يېزىش،   ئۈچ پارچىنى بىراقلا بىرىپ  قايسىغا جاۋاپ يازىدىغىنىنى كۈتۈش ئىدى ، راستىنى ئېيىتسام  ئۇ چاغدا ئۈچ خىل ئوبرازدا ئۈچ خىل تەپەككۇردا خەت يېزىش ماڭا تەس كىلىپ  بۇ ئۇيۇمدىن مەجبۇرىي ۋاز كەچتىم    ( ھا ھا ھا ھ)   شۇنىڭ بىلەن بىرلا ئوبراز يەنى ئۆز ئوبرازىمدا خەت يازدىم. قوللىرىم تۇرۇپ تىترەيدۇ ... (  بۇرۇن مۇئەللىم خېتىمنى كۈرۈپ -  بالام بۇ نى سەن يازدىڭمۇ؟  ئۆمۈچىكنى رەڭگە چىلاپ قۇيۋەتتىڭمۇ؟ دەپ سۇرايتى، راسلا خەتنى سەت يازدىكەنمەن،  خەتنى قايتا قايتا كۈچۈرۈپ ئەڭ چىرايلىقىنى تاللىدىم) شۇندا قىلىپ بىر پارچە ئالامەت خەت يېزۋەتتىم،  خەتنىڭ مەزمۇنىنىي دەپ بەرسەم باشقىلارنىڭ مەندىن ئۈگىنۋېلىپ  قىزلارنىڭ كۆڭلىنى قىمادا ئۇتقاندەك ئۇتۇپ ئۇتۇپ ئەخمەق قىلىشىدىن قورقۇپ يازماي قويدۇم بۇيەگە....  خەتنىڭ ئاخىرىغا تىلفۇن نۇمۇرۇمنى يېزىپ «...... ئەگەر كىلشىپ قويغىنىڭىز  ياكى قەلبىڭىزدە بىرەسى بولسا ماڭا 1 رەقىمىنى يوللاڭ،   ئەگەر بوممىسا ھەم مىنىڭ كۆز قاراشلىرىمنى ئويۇمنى ياقتۇرسىڭىز 0  رەقىمىنى يوللاڭ  ،   قوقماي ئۇچۇر يوللاڭ،  قەلبىمنى ئارامىغا چۈشۈرۈڭ، ئەگەر ناۋادا 1 رەقىمىنى يوللىسىڭىز ئاللاھ ھەققىدە سىزگە تىلفۇن قىلىپ ئاۋارە قىممايمەن  
ھۆرمەت بىلەن سابىت » دەپ يازدىم  .   

           ئاراڭلاردىكى بەزى ئەقىللىقلەر ،   ھە كالۋا   خەتنى دادىسىنىڭ ئالدىدا قانداق ئۇ قىزغا تۇتقۇزىسەن؟؟؟   سۇنى كۆرمەي ئىشتان ساپسەن ... دەۋاتقانسىلەر .... راس ئۇ قىزنىڭ چۆرىسىدە  دادىسى،  ئاكىسى ئاچىسى بار.  دادىسى ھاجىم ...  ئۇلار قىزىغا بىرىنىڭ ناچار نەزەردە قارىغىمىنى سېزىپ قالسىمۇ چايناپ پۈركىۋىتىدۇ .... ئەمما مەن يەنىلا غالىپ كەلدىم ئاجايىپ بىر ئامال تاپتىم .شۇنداق قىلىپ خەتنى يېزىپ يانجۇققا سېلىپ،  ئاشخانىغا ماڭدىم....
        مىنىڭ ئاجايىپ پىلانىم مۇنداقتى،  مەن ئاشخانىغا كىرىپ شۇ قىز مۇلازىملىق قىلدىغان ئۈستەلدە ئولتۇراتتىم،  مەخسۇس ئادەم ئاز كىتدىغا كۈننى كۈزۈتۈپ شۇ كۈنى تاللىدىم،   ئاندىن  قىز ماڭا چاي قۇيۇپ بەرگەندىن كىيىن،  مەن ئالدىنئالا قۇرۇق پىليالىگە خەتنى سېلىپ تۇتۇپ تۇراتتىم ( پىيالە ئۈستەلگە زاپاس تىزىغلىق)  شۇنىڭ بىلەن قىز دەملەنگەن چاينى قۇيۇپ بولۇك  نىمە يەيسىز دىگەندە،    تۇخۇ لەغمەن دىۋىتىپلام  ئارقىدىن ئىچىدە قەغەز بار پىيالىنى قىزغا سۇنۇپ  داغ چاي ئەكىلىپ بەرسىڭىز دورا ئىچەتتىم دەيمەن ( قالتىس پىلانىم)  دە  قىز خەت بارلىقىنى كۈرۈپ دادىلىرىدىن نۇمۇس قىلىپ گەپ قىلماي ئېلىپ كىتىپ  سەنەۋەر قېشىغا بارغۇچە ئارلىقتا يانجۇقىغا سېلۋالىدۇ.   بۇ دانا پىلانىم ئىدى شەكسىز ئىجرا قىلىشقا ئىشەنچىم بار ئىدى ( سىلەرچە مەن ئىجرا قىلالارمەنمۇ؟؟؟؟)  شۇنىڭ بىلەن ئاشخانىغا كىرىپ نەق جايىدا ئولتۇردۇم،   قىز يىراقتىن،  ئۈزىنىڭ ئۈستىلىگە ئادەم كەلگىنىنى كۈرۈپ  ۋەزىپىسىگە ئاتلاندى.  قىز ماڭا شۇنچە ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ كىلۋاتقاندەك ئۇزاق بىلىندى. قارا يوپكا،  قىزىل گۈللۈك ياغلىق،  ئۇزۇن ياقىلىق كوپتا ... بۇ قىزنىڭ كىيىنىشىمۇ ماڭا ھەرھالدا ياقاتتى،   ياق,  بەك ياقاتتى.  چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئاشىق ئىدىم.   ھەرقانداق خاتالىقى ماڭا توغرا كۈرنەتتى, گەر خاتالىقى بولسا...
        قىز بىلەن ئارلىقىم 8 مىتىر قالدى   ... 5 مىتىر قالدى..... 3 مىتىر قالدى ... مەن  مۇرادىمغا يىتىشىمگە ئۈچ چامدام ئارلىق قالدى.   ئەمما پاجىئە مۇ شۇ ئۈچ قەدەمدە يۈز بەردى .
     مەندىن ئۈچ قەدەم نېرىدا بىر تۈپ قارغاي  بولۇپ , بۇ قارغاينىڭ كەينىگە ئۈتۋالسا قىزنىڭ دادىسى ,ئاكىسى كۈرەلمەيتى،   پەقەت ئاچىسىلا كۈرەلەيتى .  قىز نەق شۇيەرگە كەلگەندە  , ئاشخانىدىكى يەنە بىر مۇلازىم ئاداش ( ئوغۇل  مەن بىلەن تەڭ دىمەت)   شاپپىدە قىزنىڭ قولىدىن تارتىپ قارغاي كەينىگە ئۆتتى،  قىز ماڭا ئالدىنى  ھېلىقى ئاداش كەينىنى قىلىپ تۇردى.  ئاندىن ھېلىقى ئاداش بىر قولىدا قىزنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، بىرنىلەرنى دىگەچ يەنە بىر قولىدا قىزنىڭ ئىڭكىنى سىلىدى .  ئاھ  .... مىنىڭ قىزلىقىم ...تىنىم شۈركىنىپ كەتتى ... ئالدىمدا مىنىڭ چۈشۈمدە كۈرۈپ ئاشىق بولغان، دادىسىنىڭ ھاجىملىقىدىن ئەخلاق پەزىلەت ئايرىپ سۈپەتلىگەن قىز جىم تۇراتتى.  پەقەت ماڭا گاھ گاھ قارايتى،   ئارقىدىن ئۇ ئاداش بىرنىمىلەرنى دىدى  ۋە قىزغا  بىر پارچە خەت بەردى، ( قىزنىڭ ئاچىسى  ۋە بۈلەك مۇلازىم قىزلار،  بىر نەچچە ئوغۇللار  ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىڭەك سىلاشقىنىنى ھەۋەس بىلەن كۈرۈشتى،   ئۇنىڭ ئاچىسىنىڭ ۋە باشقا قىزلارنىڭ چىرايىدىن ،  ئۇلارنىڭمۇ  ئىڭىكىنى بىرسىگە سىلاتقۇسى ,شۇنداق خەتلەرنى تاپشۇرۋالغۇسى بارلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئۇلار ئېچىرقىغانلار ....) قىزخەتنى يانجۇقىغا سالدى .(   ئاداش سىنىڭ خېتىڭنى سالغۇلى يەنى بىر يانجۇقى بىكاركەن ھەنىم بولسادىمەڭلار ,ئاچچىقىم كىلىدۇ ...) شۇنىڭ بىلەن قىز ئالدىمغا كىلىپ چاي قۇيدى،  نىمە يەيسىز دىدى , يەيدىغاننى دىدىم  ,ئەمما قىزنىڭ چىررايىغا قەتتى قارمىدىم . قارىغۇدەك سەبرىممۇ يوقتى. ئاۋۇ ئىككى چۆچەكنىڭ بىرسىدە ئۇنىڭ نەزرىدىكى قىز ئۇنىڭ دىگۈندەك چىقمىغان ،   ئەمما ئۇنىڭ قەلبىدىكى قىممەت قارشىنىڭ  بوشاڭ،   ئاجىزلىقىدىن  ئۇ  قىممەت قارشىنى بۇزۇپ تاشلاپ يېڭى قىممەت قارشى ئورناتقان،  ۋە نەپسىنىڭ يولىنى باسقان .  ئەمما مەن كۈچلۈك قىممەت قارشىغا ئىگە ئادەم ئوخشايمەن . يەنىلا ئۈزەمنى يۇقىتىپ قويمىدىم. گەرچە تۇنجى ياشلىق قەدىمىدە ئازراق ئازغان بولساممۇ ئاساسىم مىنى ساقلاپ قالدى .  تۇرۇپ قىزنىڭ نادانلىقىغا ئېچىنىمەن ...قىز ھەر ھالدا ئۇزۇن پاكىز كىينەتتى . ئەمما پەقەت دادىسىدىن قورقۇپ كىينىدىغان چېغى .  ئۇ تۇرۇپ بەردى !!! تۇرۇپ بەردى !!!! ئۇ قىز ياشلىقتىكى تەشنالىقنى مەندىن ئۈتە بېسىقتۇرالمىغان،   ھايۋانى قەلبىنى باشقۇرۈممىغان قىزكەن ... ( سىلە نىمىلا دىمەڭلا  مەن يات جىنىسقا تەلپۈنۈشنى ھايۋانىي نەپسى دەۋالدىم،   ئۇ  ئىگىسىگە بولغىنى ياخشى، ئەۋۋەل) .  يەنە تۇرۇپ ھېلىقى ئاداشقا ئاچچىقىم كىلىدۇ ،   يۈزىنى دانە خورەك باسقان،  چۇقى يۈز،  ئاغزى يۇغان ( ماڭا شۇندا كالالامپاي كۈرۈندى)   بىر نىمىكەن،   ئۇ قىز قانداقمۇ بۇ سەت گۇينىڭ ئۈزىنى تۇتۇپ سىلىشىغا يول قويغاندۇ؟؟؟  . ئەمما ياشلىقتا شۇنداق تەشنالىق باركەن، ھەممىلا ئادەم بۇنى ئىتراپ قىلمايدۇ،  ئەمما يۇشۇرۇن ناشايان ئىشلارنى قىلىپ يۈرىۋېردۇ ( شۇڭا  قىزلىق ئوپراتسىيەسى قىلدىغان جاي جىق بولسا كىرەك) .   بۇ تەشنالىقنىڭ پەقەتلا ئاز قىسىم ئادەم كونتىرول قىلالايدىكەن .
      ئۇ قىزغىمۇ گۇناھ قويمىدىم،  بۇنىڭغىمۇشۇ ... ئۇلار ئىككىسى چوڭ بوپقالدى،   مەنمۇ ئاران باشقۇرۋاتقان بۇ كۈڭۈلنى ئۇلار مۇ باشقۇرالماپتۇ  ( راستىنى دىسەم  بېشىدا تازا تىللىدىم ئىككىسىنى، روھىم سەل بېسىققاندىن   كىيىن يۇقاردا يازغان ھىسياتقا كەلگەن،   مەن تىللىغان گەپلەرنى ئېغىزغا ئېلىش تەس) . تۇيۇقسىز ئاللاھ  ئىسىمگە كەلدى،   ئەپۇ سوردۇم ... ئاندىن رەھمەت ئېيىتتىم ...
       ئەگەر ئۇ ئاداش قىزنىڭ قولىدىن تارىتمىغان بولسا ،   ئۇ قىز  ئۇ ياشلىق ھىسياتىدا  ئۇ سەت ئاداشنى تاشلاپ مەندەك ھەر ھالدا كىلىشكەننى تاللىشى مۇتلەق ( چۈنكى ئۇ قىزدا ئەر كىشىگە زىيادە تەلپۈنۈش باركەن،   ئۇ قىزنى ھاجىمنىڭ قىزى دەپ سەل تۈززۈكلىرى  ئېغىز ئاچالماپتۇ مىنىڭچە  ). راستىللا  مەن چۈشۈمدە كۈرۈپ  ساراڭلارچە ئاشىق بولمىسام ئۇ قىزغا خەت يازمايتىم.  دۇكان ئارىپ توي قىلىشنى ئويلاشقاندا مەھەللىمىزدىن ئەڭ ئەخلاغلىق قىزنى ئىزدەپلا،  توي قىلاتتىم.  نەزرىمدە ھەممە مۇسۇلمان قىزلار ئوخشاش كۈيۈمچان،  مۇھەببەتلىك،  ( مەن ئۇنىڭ قەلبىنى ئۇتالىساملا...)   ئۇ قىز تەشنالىقتا تۇنجى ئېغىز ئاچقان يىگىتكە ياق دىمەپتۇ.   ئۇ قىزنىڭ بەلكىم ئەتراپىدىكىلەرنى كۈرۈپ دورىغىسى كىپ كالغاندۇ،  ياكى ....... ئىشقىلىپ بوغۇلۇق مۇشۇ  ...
       مەن ئاللاھقا دۇئا قىلدىم:" ئى ئاللاھ  بۇزۇقچىلىقتىن ساقلىغىن،   ئۇلارنى ھەم بۇزۇقچىلىقتىن ساقلا،  بەختىنى بەرگىن "   دەپ يۇشۇرۇن دۇئا قىلدىم ( شۇ چاققىچە بۇنداق قارشى تەرەپكە دۇئا قىلىشنى ھىكايىلەردىكى تۇقۇپ چىىش دەپ قارايتىم،   ئەمما تۇرمۇشتا تۇنمىغان  مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرگە ھەرخىل  بەخىت، قولايلىق تىلەش بەك كۆپ ئىشكەن) ۋە تاماقنى يەپ بولۇپ چىقىپ كەتتىم.   شۇندىن ئىتىۋارەن  بۇنداق  ئاللاھ خالىمايدىغان ئىشتىن يېراق بولدۇم . مەن پەقەت ھىكايەمنى قىسقارتىپ دەپ بەردىم،    تۇرمۇش راسلا بەكلا ئۈمچۈك تورىسىمان.  ئەسلى ھىكايەم تۈرمىدىن قېچىشتەك نۇرغۇن تۇسالغۇلاردىن بۈسۈپ ئۈتۈشكە تولغان.   مەسلەن ئۇستامنىڭ چاڭگىلى ... پۇل مەسلىسى ..كىيمىمنى ئالماشتۇرۇپ  خەت بىلەن پۇلنى كونا كىيىمدە ئۇنتۇپ قېلىپ ئاشخانا ئالدىغا بېرىپ يانجۇقنى ئاختۇرۇپ كەينىمگە قاراپ ئۇقتەك چاپقانلىقىم ....
       مەن پەقەت سىلەرگە ئاشىقلىقنى،  يەنە كىلىپ چۈشىدە كۈرۈپ ئاشىق بولۇشنىڭ مەۋجۇتلىقىنى سۆزلەپ بەرمەكچى،   سىلەر ھەرگىز چۈشىدە كۈرۈپ ياخشى كۈرۈپ قېلىشنىڭ قېلىشنىڭ جاپاسىنى بىلمەيسىلەر ... بىر كۈرۈپ كۆڭلى چۈشتىمۇ دەيمىز , ئۇلارمۇ نەچچە كۈندە ئۇنتۇلۇپ كىتىدۇ.   چۈشىدە كۆرسە كىسەل بوپ قالدىكەن كىشى...
          ئامرىكا ئارمىيەسى چۈش مەشىقى ئېلىپ بېرىشنى سىناق قىلۋاتىدۇ.  ئەگەر مۇۋاپىقىيەت قازانسا  ئەسكەرلەرنىڭ ئىديەسىنى،  تەن قۇرلىشىنى بىردەمدە ئۆزگەرىتكىلى بولىدۇ. قىيىن ھەركەتلەر چۈشىدە سىناق قىلىپ،   ئو ڭىدا بىمالال قىلالايدۇ،  مەشىق كەتمەيدۇ،  ۋاقىت تىجەيدۇ ( ئەمما تەس جۇمۇ ،  بەلكىم مۇمكىن ئەمەستۇ)  . راس,  راستىنلاراس,   چۈش يېرىم دۇنيا بوپ قالىدۇ بەزىدە. ھازىر روھى ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق باشقىلارغا تىز يۈگۈرۈشنى ,كۆزنى يۇمۇپ كارۋاتتا ياتقۇزۇپ،  كاللىسىدا  تىز يۈگرەۋاتقاننى تولا ئويلىتىپ سىناق قىلغاندا راستىنلا ئۇلارنى يۈگۈرۈتكەندە يۈگۈرۈش تىزلىكى ئاشقان. خىيالىدىكى ئىشنى ئوڭىدا مەن بۇرۇن تولا قىلغان دىگەن خىيال بىلەن قىلۋەتكەن.   غايىۋى كۈچ ئۇنى ئۈزىگە ئىشىنىشكە چاقىرغان.   بۇ چۈشنىڭ ئىلھامىدىن تۈۋەنرەك ئىلھام تېخى .
       چۈش ھەممىدىن  بەك يامانكەن . بەزىلەر تەپەككۇر قىلالمايدۇ،   ئويلىيالمايدۇ،  تەسەۋۇر قىلالمايدۇ.  يۈگۈرگەننى ئويلا دىسە ھەتتا ئويلىيالمايدۇ . ئەمما چۈش كۈرۈپ قالسا بۈلەك ئىشكەن.  چۈشىدە ئۇ   15   D      ( ئۈچ ئۆلچەملىكتىن ھالقىغان   15 ئۆلچەملىك رىياللىق ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ھالقىغان)  تەپەككۇرغا ئىگە بولدىكەن .چۈشنى بوش چاغلىماڭلار , مىنىڭ ھىكايەمگە ھەم ئىشنىڭلار .  چۈشىدە ئاشىق بولۇش  ئاشۇنداق ئاجايىپ . بەلكىم بەزى پىسخىلوگلارلا ماڭا ئىشەنسە كىرەك ....
        ھەممىڭلارنىڭ بۇزۇچلىلىقتىن،  سەت ئىشتىن ساقلىنىشىڭلارغا دۇئاداشمەن ... مىنىڭ ھىكايەم يەنە قايتىلانغۇسى ,خۇددى ئۇلارنىڭ ھىكايىسىنى مەن قايتىلىغاندەك ....

           تۈگىدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-5 03:47 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107179
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 208
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2014-5-27
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 04:11:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە ھىكايىنىڭ باش قىسمى ياخشى چىققان، لىكىن ئاخىرىدا ئامرىكىنىڭ چۇش مەشىقىنى ئارلاشتۇرۇپ، ھىكايىنى چۇشۇنىكسىز قىلىپ قويۇپسىز.   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107179
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 208
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2014-5-27
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 04:46:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ۋاي  قىزچاق،   كەشكىچە مۇھەببەت ھىكايىسى يازدىكەن سىز،   يا مۇسۇلماننىڭ دۇنياسى ئەمەس،   بەزىدە ئارام ئېلىش بىرنەرسە يېزىشتىن ياخشى جىمۇ،   تەجرىبەمگە تايىنىپ دەېاتىمەن،  ئادەم  مۇھەببەت دەيدۇ،   مۇھەببەت نىمە؟؟؟    ئۇدىگەن تەشنالىق  مۇھەببەت توي بىلەن مۇكەممەللىشىدۇ،   توي  يوق مۇھەببەت  زىنانىڭ  بۇۋا مۇمىسى ،   خوتەنلىككە بۇ جەھەتتە كۆپ سۆزلەش لايىق ئەمەس مىنىڭچە،   ئارام ئېلىڭ،   مۇھەببەت ئۇقۇمىنى تولا ئويلىسىڭىز ئازغۇنلۇققا بىلمەي كىرىپ لىتىسىز ...  تەشنالىق ئادەمنى ساراڭ قىلغۇسى   بۇنى ئىنكار قىلغان ئادەم ساراڭلىقنىڭ بىرىنجى قەدىمىنى بېسىپ بولغان ...
بۇ ئىنكاس ئىسىڭىزدە بار بولۇشى مۇمكىن، بۇ سىزنىڭ پىروزەنىڭ «گۇلۇمسەن»دىگەن ئەسىرىگە يازغان ئىنكاسىڭىز. سىزنىڭ يازغان ئەسىرىڭىز زادى قانداق ئەسەر، يا مەن چۇشىنەلمىدىممۇ، شۇڭا قېرىندىشىم باشقىلارغا ئالدىراپ باھا بەرمەيلى.  

يەنە «مەن ئۇچىنچى شەخىس»دىگەن ئەسىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ. ھەقىقەتەن جەمىيەتتىكى ناچار ئىشلار ھەقىقى ئەكىس ئەتتۇرۇلۇپتۇ. دىمىسىمۇ جەمىيەتتە ئۇنداق ئادەملەر كۆپ(مەيلى قىز، ياكى ئوغۇللار بولسۇن). لىكىن بەزى يەرلىرى بەك ئوچۇق بولۇپ كىتىپتۇ. ئۇ ئەسەرلىرىڭىزنى ھەرخىل جىنىستىكىلەر، چوڭلارمۇ، كىچىكلەرمۇ كۆرىدۇ، مىنىڭچە بىزنىڭ ئەدىبىياتىمىز تېخى ئۇ دەرجىدە تەرەققى قىلمىدى. ئېشىپ كەتكەن بولسا كەچۇرۇڭ......بۇ پەقەت تەكلىپ، ھەرگىزمۇ پىكىر ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3574
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 524 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 05:54:13 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
SanUqun0198 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-5 04:46 PM
ۋاي ۋاي  قىزچاق،   كەشكىچە مۇھەببەت ھىكايىسى يازدىكەن س ...

ھەئە مەن يازغان،   ئۇ قىزچاق كىچىككەن،   شۇڭا  يازماڭ  ئارام ئېلىڭ دىدىم  ....  مىنىڭ ھىكايەمنى ئۇقۇپسىز،  قانداق ئادەملىكىمنى ئۈزىڭىز بىلۋېلىڭ،  بەزىدە ھىچنىمە يازاممايدىغان ئۇقاپلا ئولتۇردىغان بىلمەيدىغان چۈشەنمەيدىغان ئادەم بوپقاسامچۇ؟؟  دەيمەن،  ئەمما بەزى بۇزۇچچىلىقلارغا چۈمۈلۈپ چىقىپتىمەن،    بۇدا قېتىم  كىشلىك قاراشنىڭ مۇھىملىقىنى ئىشەنىچنىڭ مۇھىملىقىنى ھىكايىگە قۇشۇپ سۆزلىمەكچى ئىدىم،  قارىغاندا ئاجىز كىپ قاپتىمەن،   ھەم ئىنساننىڭ ئۆزگىرىشچان دۇنياسىنى جىجاپ باقتىم   
ئۇ قىزغا بەكلا بالدۇر بۇ ھەقتە ئويلىنىپ قالغانلىقىنى دىگەنتىم،   بىر يېزىپ بولۇپ  نىمىشقا يازغاندىمەن،   ياخشىكەن دەپ قويسامچۇ؟  ياكى ئىنكاس يازمىسامچۇ مۇ دىدىم،  بەزىدە ئىلھاملاندۇرۇشمۇ ياخشى   ئەمما مىنىڭچە يەنىلا ئارام ئالسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3574
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 524 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 05:55:10 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ،،  مەن ئۈچۈنجى شەخىسنى يازغۇم يوقتى،   ئەمما ئىنسان بولغان بىز بەك رەزىللىشىپ كەتتۇق،  دايىم يۇشۇرىمىز،  مەن ئۇنىڭدا شۇ رەزىلنىيىتىمىزنى باشقىچە يول بىلەن ئۈزىمىزگە دەپ بىرىپ باقتىم "   يازغىنىمدىن نۇمۇس قىلىمەن،   جەننەتتىلا قۇرۇق سۆز  تالاش تاتىش بوممايدىكەن    ،    ئازرۇلىرىم قەغەزدە قالدى   تۇرمۇشۇمدىن ئىزدەيمەن،   بەزىدە  مەخسەتلە ئېنىق چىقماي قالغاندۇ،    رىغبىتىڭىزگە رەھمەت بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   .0102 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-5 06:01 PM  


ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12717
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31708
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4646 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 12:13:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹مەن››نىڭ ئىچكى ھېسياتى،‹‹چۈش››كۆرگەندىن كېيىنكى ھەركەتلىرى ياخشى تەسۋىرلىنىپتۇ.....

قىسمەن يېتەرسىزلىكلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا خېلى ياخشى چىقىپتۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ ھېكايىڭىزنى.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3574
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 524 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 12:55:38 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2014-7-6 12:13 AM
‹‹مەن››نىڭ ئىچكى ھېسياتى،‹‹چۈش››كۆرگەندىن كېيىنكى ھە ...

بۇ دىگەن راس بولغان ئىش،   ئەسلى  ھىكايە دەپ يازماي ھىكايەم دەپ يازغان   ئەخلاتخانىغا تاشلىۋەتتى،  ئازراق ئىملا ئوڭلاپ ھىكايە دەپ يېزىپ   قويدۇم ،    راس ... شۇڭا چۈشنىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىپ ئامرىكا چۈش مەشىقىنى دىدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103753
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 159
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 755 سائەت
تىزىم: 2014-2-18
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 12:37:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەزىل نەرسىلەرنىڭ كۆپ تەسۋىرلىنىشى كۆپ كۆرىلىۋېرىشى ئاخىر بېرىپ شۇ خىل خاتالىققا كۆنۈپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، بۇنداق بولىۋەرسە ئەسلىدە كۈچىنى كۆرسىتىشكە تېگىشلىك گۈزەللىك ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ . رەزىللىكمۇ كىشىلەر نەزىرىدە ھېچقانچە بىلىنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ .
__ئويغانغاندىن كېيىن
مەن ھەرقانداق ئەسەردە مۇشۇ قاراشتا ...« بۇ ئەسەرنىلا كۆزدە تۇتمىدىم ،  باشقا ئەسەرلەردىن مىڭ ياخشى  ، لىكىن ئىنكاسىم توغرا كىپ قالدى ،  تېما ئىگىسى خاپولاپ كەتسە ئۆچۈرۋەتسە بولىدۇ » بۇنداق ئەسەرلەنى باشقىلانى ئىبرەت ئاسۇن دەپ ياكى ھازىرقى جەمئىيتىمىزنى ئەكىس ئەتتۇرلۈپ يېزىلىدىغاندۇ  لىكىن، جەمئىيەت قانچىلىك بۇزۇلۇپ كەتسۇن مەن بۇندا ئەسەر يېزىشقا قارشى . «ئەمىلىيەت بولسىمۇ»
«سەن ئەسكى ، سەن يالغانچى ، ئاق -كۆك » دەپ بىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ ، بەلكى بارچە مېھرىبانلىق ، سەمىمىيلىك ، گۈزەللىك بىلەن شۇ كىشىگە تەسىر كۆرسەتكىلى قەلبىدە كىچىككىنە بولسىمۇ تەۋرىنىش ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ .
مەسىلەن _ نىكاھسىز مۇھەببەتتىن ئازار يىگەنلەر ، ناشايان ئىشلار بىلەن كۈن كەچۈرىدىغانلا ، يەنە مۇشۇنداق ھەر خىل كىشىلەرگە شۇ ناچار ئىشلانى تەسۋېرلەپ يېزىپ بەرسەك«گەرچە ئەمىلىيەت بولسىمۇ ، ھەم ئۇنى يازسا ئىبرەت ئالىدىغاندىن قىزىقىدىغان كۆپ بوپ كىتىدۇ دەپ ئويلەيمەن »  مەندىن باشقىمۇ باركەنغۇ دەپ ئويلايدۇ ... بەزىللىرى تېخىمۇ چۈشكىنلىشىدۇ ... ئەكسچە بولغاندا ئىمانلىق كىشىللىرىمىزنىڭ ھاياتى، ئىسلامنى ھەقىقى چۈشىنىپ ياشىغان كىشىنىڭ ئوي - پىكىرى يېزىلسا ، بەخىتلىك تۇرمۇشى يېزىلسا ، مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ھۇزۇرى يېزىلسا يامان يولدا دەككە- دۈككىدە يۈرىيدىغانلادا، شۇ ئەسكىلىكلىرىدىن  زېرىككەنلەردە شۇ ئېسىل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش بولىدۇ قىزىقىش بولىدۇ ...
شۇڭا قەلەم تەۋرەتكۈچىلەرنىڭ ئىبرەت دەپلا جەمئىيتىمىزدىكى ناچار ئىشلانى يېزىشىنى خالىمايمە ...
«تېما ئىگىسى ئىنكاسىم بۇ تېمىڭىزغا ماس كەلمىدى بىلىمە،،،،  لىكىن يەنە بىر تېمىڭىزغا ماس كەلگىدەك

ئىنشائاللاھ غەلبە قىلغۇچىمەن !

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3530
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32415
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3753 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 02:31:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      « بىر كۆرۈپ ئاشىق بولغان » نى ئاڭلىغان ، چۈشىدە كۆرۈپ ئاشىق بولغاننى « سىھىرلىك ئالما » دىگەن كىنودا كۆرگەن

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40480
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3986
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 04:58:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Isil yazma buptu, bulupmu tesewwur eqil-paraset urghup turidiken. Men künda eqil meshiqi qilsammu bunchilik ünümge érishelmigendek his qilimen özümni......

www.begmurad.wix.com/yaqupjan
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش