مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7567|ئىنكاس: 39

پۇل ئېلىش ماشىنىسدىن پۇل ئالغاندا توك توختاپ قالغان ئەھۋالدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 2131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2504
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1838 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 05:40:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     پۇل ئېلىش ماشىنىسدىن پۇل ئالغاندا  توك توختاپ قالغان ئەھۋالدا                                   5-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە، بانكىنىڭ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن پۇل ئالماقچى بولغان ئەر بانكا كارتىسىنى شۇنداق سېلىشىغا توك توختاپ قېلىپ كارتىنى چىقىرالماي قالدى. بانكىنىڭ مۇلازىمەت مەركىزىگە تېلېفۇن قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلغاندا قارشى تەرەپ يېرىم كېچىدە نەق مەيدانغا بېرىپ قارشى تەرەپنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىشكە ئۇنىمىدى، شۇنىڭ بىلەن پۇلىنىڭ ئوغرىلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن ئەر كېچىچە يوغان بىر قۇلۇپنى سېتىۋېلىپ كېلىپ بانكا ئىشىكىنى ئېتىۋېلىپ پۇلىنى قوغدىدى، بىراق ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى ساقچىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچىرىدى.
يۇتىۋېلىنغان بانكا كارتىسىنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئەر دەرھال بانكا ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش كۆزنىكىنىڭ ئىشىكىنى ئېتىۋالدى
5-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچ سائەت ئوندىن ئاشقاندا، ليۇخې شەھىرىدىكى ۋاڭ فامىلىلىك ليۇخې شەھىرى لۇخۇجياڭ سودا سارىيىنىڭ يېنىدىكى بىر بانكىنىڭ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن پۇل ئالماقچى بولۇپ، كارتىنى شۇنداق سېلىپ تۇرۇشىغا بۇ يەرنىڭ توكى توختاپ قالغان ھەم بانكا كارتىسى ماشىنىنىڭ ئىچىدە قېلىپ قالغان، ئۇ باشتا بۇلاڭچىلارغا ئۇچىرىغان ئوخشايمەن دەپ قورقۇپ كەتكەن، كېيىن توك توختاپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال بانكىنىڭ مۇلازىمەت مەركىزىگە تېلېفۇن قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلغان، چۈنكى شۇ كۈنى كېچىسى جىددى پۇل ئىشلەتمەكچى بولغاچقا بەك ئالدىراپ قالغان ئىدى. بىراق بانكىنىڭ مۇلازىمەت مەركىزىدىكى خادىم بۇ يېرىم كېچىدە بېرىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئاۋارىچىلىق دەپ قاراپ ئەتە ئەتتىگەن بېرىپ ھەل قىلىپ بېرىشىنى، بانكا كارتىسىدىكى پۇلنىڭ يوقاپ كەتمەيدىغانلىقىنى، خاتىرجەم بولۇپ قايتىپ كېتىشىنى ئېيتىپ تېلېفۇننى قويۇۋەتتى.
بىراق ۋاڭ فامىلىلىك كارتىسىدىكى پۇلدىن يەنىلا خاتىرجەم بولالماي سىرتىدىكى بىر دۇكاندىن يوغان قۇلۇپنى سېتىۋېلىپ كېلىپ بۇ بانكىنىڭ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش مەركىزىنىڭ ئىشىكىنى ئېتىۋالغان. ئۇ شۇندىلا خاتىرجەم بولۇپ ئۆيىگە قايتىپ كەتمەكچى بولغان، ئۇ مېڭىش ئالدىدا بانكا ئىشىكى ئالدىغا ئېسىپ قويۇلغان تىجارەت ۋاقتىنى كۆرۈپ بانكىنىڭ چۈشتىن بۇرۇن توققۇزدىن باشلاپ چۈشتىن كېيىن بەشكىچە ئېچىلدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئەتىسى ئەتتىگەندە توققۇزدا كېلىپ بانكا ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىشنى، شۇنداق قىلغاندا ھەم بانكا كارتىسىدىكى پۇلنى ساقلاپ قالغىلى ھەم بانكا خادىملىرىنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ قايتىپ كەتكەن.
ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن ئەر ئۆزىنىڭ بانكا ئىشىكىنى ئېتىپ قويغانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئۇخلاپ قالدى
ئەسلىدە ئادەتتە خىزمىتى جاپالىق بولغان ۋاڭ فامىلىلىك ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ جىددى پۇل لازىم بولۇپ قالغان بولغاچقا نەچچە دوستىغا تېلېفۇن قىلىپ ئىشلىتىدىغان پۇلنى تەقلەپ قويۇپ، يېرىم كېچىدە ئاندىن ئۇخلاپ قالغان. ئۇ بەك چارچاپ كەتكەن بولغاچقا ئۆزىنىڭ بانكا ئىشىكىنى تاقاپ قويغانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ قاتتىق ئۇخلاپ قالغان.
5-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تاتلىق چۈش كۆرۈپ ئۇخلاپ ياتقان ۋاڭ فامىلىلىك ساقچىلارنىڭ تېلېفۇنىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ بانكا ئىشىكىنى تاقاپ قويغانلىقىنى ئەسكە ئالغان. ئۇ دەرھال بېرىپ بانكا ئىشىكىنى ئېچىپ ئۆزىنىڭ بانكا كارتىسىنى ئېلىۋالغان. بانكا خادىمىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئەگەر مۇشۇنداق توك توختاپ قېلىپ بانكا كارتىسى ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنسى ئىچىدە قالغان ئەھۋال ئاستىدا ھېچقانداق ئەنسىرىمەسلىكىنى، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا توك توختاپ قالغانلىقتىن كىرگۈزۈپ بولغان مەخپىي نومۇر ئۆزلىكىدىن ئىناۋەتسىز بولىدىكەن، شۇڭا قەتئىي ئەنسىرىمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
گەرچە ۋاڭ فامىلىلىك ئۆزىنىڭ بانكا كارتىسىدىكى پۇلدىن ئەنسىرەپ بانكا ئىشىكىنى تاقاپ قويغان قىلمىشى گەرچە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولمىسىمۇ بىراق بانكىنىڭ نورمال تىجارىتىگە تەسىر يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ساقچىلاردىن تەنقىد ئاڭلىغان.
ۋاڭ فامىلىلىكمۇ ئۆزىنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ بەك چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ بانكا خادىملىرىدىن كەچۈرۈم سورىدى.            
                                    مەنبە : زامانىۋى تېز خەۋەر گېزىتى     

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98590
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2013-10-9
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 10:41:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  تىما ئەكەپسىز  رەخمەت

قانداق  ياشىشىڭ  ئۈزەڭگە باغلىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3766
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 963 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 11:31:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىمۇ بىلىۋالايلى، ياخشى مەزمۇنكەن .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7433
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 601 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 11:50:53 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇلۇپ سېلۋالغىنىنى كۆرەڭ ئەمدى توۋا

زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104157
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2014-2-26
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 12:11:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداق كارتامنى يۇتۇۋالدى، بىر نېمنى چاينىۋالدى دېسە بانكا خىزمەتچىلىرى يېقىنمۇ يولىمايدۇ...
ماۋۇ ماشىناڭلار 500 كوينى ماڭا جىق بېرىۋەتتى دەپ باقسۇنا،،، بەش مىنۇتتا كېلىدۇ... كەلگەندە ئاندىن بولغان ئەھۋالنى چۈشەندۈرسىمۇ بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2128
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 655 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 12:34:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەھۋالدا كىرگۈزگەن مەخپى نومۇرمۇ ئىناۋەتسىز بولۇدىكەندە……
ئادەتتە كارتىنى يۇتۇۋالسىغۇ ، ۋاقتىدا بانكىغا خەۋەر قىلىش بەك مۇھىمكەن.
بەزىدە كارتىدىن پۇل ئېلىش مەشغۇلاتى تاماملىنىپ، بىراق پۇل قىسىلىپ قېلىپ چىقمايدىغان ئىشمۇ بولۇدىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4583
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 12:44:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ياخشى تىمىنى يوللاپسىز، رەھمەت.

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1600
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10873
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2210 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 12:50:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئەھۋاللار كۆپ جۇمۇ.............  مەنمۇ بىر ۋاقىتتا جىددى پۇل ئالماقچى بۇلۇپ كارتىنى سېلىپ ئەمدى پارولنى باساي دەپ تۇرسام مەشخۇلات مەغلۇپ بولدى دىگەن خەت چىقماسما...  كارتىنى ئېلۋالاي دەپ كارتا چىقىرىش كونۇپكىسىنى باسسام كارتا چىقماي تۇرۋالدى... بىر ئاز ساقلىسام  كارتىنى يۇتىۋالدى، ئامال يوق  بانكا خادىملىرنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردۇم،

قىززىق يېرى شۇكى  قاراپ تۇرسام ئاشۇ ماشىنىدىن پۇل ئالىمەن دەپ كارتىنى سالغانلا كىشىنىڭ كارتىسىنى يۇتىۋەتتى بىردەمدىلا 4 ئادەمنىڭ كارتىسى يوق بولدى....   بانكا خادىملىرى ئىشقا چۈشكەندە بولغان ئەھۋالنى دىسەك ئۇلار كارتىنى ئېلىپ بەرگەن ئىدى.......


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83171
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3366
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2012-7-29
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 12:59:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ ياخشى قىپتۇ مەن بولساممۇ شۇنداق قىلاتتىم .

ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىڭ ھامان سىنى ئىزدەپ كىلىدۇ.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12414
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32477
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4473 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 01:02:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمە دېگەن قاپ يۈرەك بۇ ۋاڭ دېگەن،قورقماي تۇرۇپ بانكىنى تاقاپ قويغىنىنى.....  

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش