1. خوتەن ۋىلايىتى قارىقاش ناھىيەسى قاراساي بازىرى باغچى كەنتىدىكى تۇرسۇن نىياز بىلەن روشەنگۈل ئاخۇننىيازغا نىسبەتەن 5 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ئاجايىب ئەھمىيەتلىك بىر كۈن بولدى. چۈنكى دەل شۇ كۈنى ئۇلارنىڭ تويى بولىدىغان كۈن ئىدى.
2. يىگىت چىرايلىق ياسىنىپ، قولىدا چىرايلىق گۈللەرنى تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ بولغۇسى ئايالىغا بۇ گۈللەرنى تەقدىم قىلماقچى بولدى، شۇ دەقىقىلەردە يىگىت ناھايىتى جىددىيلىشىپ كەتكەن بولۇپ، پات-پاتلا يېنىدىكى كىشىلەرنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ قوياتتى.
3. ناغرا دۇمباق، سوناي ئاۋازى چىقىشى بىلەن تەڭلا قوشنا خۇلۇملار ۋە شۇ ئەتراپتىكى كىشىلەر تېزلا تۇسۇننىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يىغىلىشىپ، يىگىتنى مۇبارەكلەشتى. قىز كۆچۈرگىلى كەلگەن سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا گىتتار چېلىۋاتقان بىر نەچچە يىگىت باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە ئالاھىدە تارتىپ تۇراتتى.
4. توي كۆچۈرگىلى كەلگەنلەر يول بويى كۈلكە چاقچاق، ناخشا ئۇسسۇل بىلەن مېڭىشتى، يولدا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارغا قارىشىپ قالدى، يولدا بەزىلەر توي ماشىنىسىنى توسىۋېلىپ، توي يىگىتى بىلەن بىرگە ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناشتى.
5. توي كۆچۈرىدىغان ۋاقىت توشتى، ئاجايىب ياڭراق سوناي ئاۋازى بىلەن تەڭ توي ماشىنىلىرى ئورنىدىن قوزغىلىشىپ، قىزنى كۆچۈرۈپ كەلگىلى ماڭدى.
6. پۈتۈنلەي يېڭى گۈللەر بىلەن بېزەلگەن ماشىنىنىڭ باش تەرىپىگە يۈرەك سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، نۇرغۇن كىچىك دوستلارنى ئۆزىگە جەلب قىلىۋالدى.
7. ماشىنا، موتسىكلىتتىن تەشكىل تاپقان قىز كۆچۈرۈش قوشۇنى مۇزىكا ئەترىتىنىڭ سازلىرىغا ئەگىشىپ، ھەيۋەتلىك ھالدا يولغا چىقتى.
8. توي كۆچۈرۈش ماشىنىسىنى توسۇش، بۇ توي مۇراسىمىدىكى بىر ئۆرۈپ ئادەت. تۇرسۇننىڭ ئاكا ئىنىلىرى ئاجايىب خوشال ۋە مەردانە قىياپەتتە ئۇسسۇل ئويناپ، توي ماشىنىسىنى توسىۋالغۇچىلارنى سېتىۋالدى.
9. يىگىت مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا قىزنى توي ماشىنىسىغا چىقاردى.
10. يىگىت قىزغا نىكاھ ئوقۇلدى.
11. كېلىنچەكنىڭ ئىشىكتىن كىرىشىگە ئەگىشىپ، توي مۇراسىمىدىكى قىزغىن كەيپىيات يۇقىرى دولقۇنغا چىقتى.
12. بىرسىنىڭ ئاجايىب كاتتا توي قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئادىل مۇختار دوستلىرى بىلەن بىرگە بۇ تويغا كەلدى.
13. كۆپچىلىكنىڭ ياردىمى بىلەن تۇرسۇن نىيازنىڭ كىچىك ھويلىسى ئىنتايىن خوشال كەيپىياتقا تولدى.
14. بىر قىزچاق كېلىنچەكنىڭ يۈزى يېپىلغان ياغلىقنى ئېلىۋەتتى.
15. گۈزەل كېلىنچەك روشەنگۈل ئاخۇننىياز
16. يىگىت بىلەن قىزنىڭ توي خېتى.
17. تويغا قاتنىشىۋاتقان كىچىك دوستلار
18. دوست يارەنلىرى بۇ بىر جۈپ ياشقا بەخت تىلەپ قىلغان سوۋغا سالاملار