مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2286|ئىنكاس: 8

رەھمەت مۇئەللىم (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3013
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11655
تۆھپە نۇمۇرى: 759
توردا: 701 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 04:14:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                                          رەھمەت مۇئەللىم

                                                          ئاپتۇرش :ئارىش

                                                          مەنبە: ئۆز قەلىمىم

تۇنۈگۈنكى ئوۋلىغان ئوۋنىڭ ياخشىلىقىدىن تۈزۈكمۇ ئۇخلىماي بۈگۈن سەھەردىلا ئويغىنىپ كەتتىم، بۈگۈن شۇ ئوۋنى بىر تەرەپ قىلۋېتەيمۇ دېدىمغۇ يەنە كۆڭلۈم بازارنى تارتىپ تۇرىدۇ. بىر بىسىپ، ئىككى بىسىپ يەنە كونا جايىمغا كەلدىم، مۇشۇ كەمدە ئوۋ ئوۋلىماقمۇ بەك تەسلىشىپ كەتتى، كىمنىڭ يانجۇقىدا قانچىلىك پۇلىسى بارلىقىنى بىلمەكمۇ تەس، ئادەم بەزىدە بىرمۇنچە ۋاقىت ھەپلىشىپ ئاران قولغا كەلتۈرگەن ئوۋ بەزىدە كىرەكسىز چىقىپمۇ قالىدۇ، ياكى كىمنىڭ يانجۇقىدا پۇل جىق، پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىسى بار ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمىغان. لىكىن مەن بۇنىڭغىمۇ ياخشى ئامالدىن بىرنى تىپىۋالدىم، كوچا ئاپتوبۇسى بىكىتىگە بارىمەندە يىنىمدىن 5 يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى چىقىرىپ ئاكا-ھەدە ماۋۇ پۇلنى پارچىلاپ بىرەمسىلەر دېسەم بەزىلەر پارچىلاپ بىرىش ئۈچۈن يىنىدىن پۇلنى چىقىرىدۇ ياكى، پورتمالىدىكى پۇلنى ماڭا كۆرسىتىپ تۇرۇپ پارچىلاپ بىرىدۇ.
تۈنۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى، 50 نەچچە ياشلار ئۆپ-چۆرىسىدە،  كىيىملىرىنى ئاددىي، رەتلىك كېيگەن، ساقال-بۇرۇتلىرى سەل ئۆسۈپ قالغان بىر كىشى قىشىمغا كېلىپ ماشىنا ساقلاپ تۇراتتى، كۆزۈمنىڭ قۇيرىقىدا بۇ كىشىنى كۆزىتىشكە باشلىدىم، بۇ كېشى چوقۇم بۇ يەرلىك ئەمەس، باشقا يۇرتتىن كەلگەن مۇساپىر، لېكىن بۇ تۇرقىدا يېنىدا قانچىلىك بىر نەرسىسى بولاتتى، بولدىلا دېدىميۇ، لېكىن يەنىلا سىناپ بىقىشىقا ئۇرۇندىم. نەدىنمۇ ئويلىغان دەيسىز ئۇ ئادەمدە  قىپقىزىل ماۋزىدۇڭنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن پۇلدىن بىر تۇتام تۇراتتى، ئۇ ئادەم شۇ پۇللار ئارىسىدىن پۇرلۇشۇپ كەتكەن بىر يۈەنلىك پۇلدىن بەشنى ماڭا بەردى، پۇلنى قايسى يانجۇقىغا سالار دەپ كۆزۈم قولىدا. توۋا ماۋۇ ئادەمنى، پۇلنى بىر قول ياغلىقىغا يۆگەپ، چاپىنىنىڭ يان يانجۇقىغا سالماسمۇ، مانا ئوۋ دېدىم ئىچىمدە، يان يانجۇقىدىكى پۇلنى ئىلىش بىزدەك پىشقان  ئوغرىلار ئۈچۈن ھېچ قانچە گەپمۇ ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ يانجۇقىدىكى پۇل مىنىڭ يانجۇقىمدىكىدەكلا تۇراتتى.
ئاخشام خۇشاللىقىمدا تاماق يېمەي قۇرۇق ھاراقنى بولۇشىغا ئىچىپ مەس ھالەتتە ئۇخلاپ قاپتىمەن، ئەتىگەن ئورنىمدىن تۇرسام  ئېغىزىم قۇرۇپ، قورسىقىم ئىچىپ كەتكەن ئىدى، ناشتا قىلمايلا بىر تال تال تاماكىنى چەككەچ  ئاۋۋال ناشتا قىلۋالاي ئاندىن بۈگۈنكى ئوۋنىڭ غىمىنى قىلاي دېدىمدە ئۇدۇل شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئالدىدىكى ئاشخانىغا ماڭدىم، ئۇنۋېرسىتېتنىڭ دەرۋازسى ئالدىدا تۈنۈگۈنكى ئادەمنى ئۇچرىتىپ قالدىم، بۇ بايقۇش يىنىدىكى پۇلنى باشقىلارغا تاتقۇزۇپ قويۇپ قانچىلىك ئاچچىقى كەلگەندۇ، خوپ بولدى، شۇنداقمۇ بىخەستىلىك قىلغان بارمۇ، كېيىنكى قېتىم چوقۇم ئۇنداق قىلمايدۇ دېدىم ئىچىمدە.  ناشتا قىلىپ ياناشىمدا ئۇ يەنە شۇ يەردە تۇراتتى،  مەن بازارغا بىرىپ ئوۋ نىشانىنى تاپالماي چۈش بولدى، يەنە تاماق يىيىش ئۈچۈن ئۇنۋېرسىتىت ئالدىغا كەلدىم ھېلىقى كىشى يەنە شۇ يەردە تۇراتتى، توۋا ئۇنىڭ كۆرىشىدىغان ئادىمى نېمىشقا كەلمىگەندۇ دېگەنلەرنى ئويلىدىم، چۈشلۈك تاماق يەپ چىقسام ئۇ كىشى يەنە شۇ يەردە تۇراتتى. بۇ قىتىم مەن ئۇ كىشىنىڭ يىنىدىن ئۆتتۈم، ئۇ كىشى گەز باغلىغان كالپۇكلىرى بىلەن قولىدىكى زاغرا ناننى يۈتمەكتە ئىدى، زاغرا ناننى كۆرۈپ شۇ ھامان كىچىك ۋاقىتلىرىم كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئانام بىلەن دادام ئۆلۈپ كېتىپ ئاچام بىلەن ئىككىمىز يالغۇزلا قالغان ئىدۇق، مەن كىچىك، ئاچام كۈن بويى ئىتىزدا جاپالىق ئىشلەيتتى، ئىتىزدىن قايتىپ كىلىپ ماڭا تاماق ئىتەتتى، كۈنلىرىمىز ناھايىتى غۇربەتچىلىكتە ئۆتەتتى، ئاچام ئىتىزدىن كەپ بولغۇچە قورسۇقۇم ئىچىپ كۇكىراپ كېتەتتى، بىر قانچە تال شال ۋە بادرا بىلەن مىخلاپ ئېتىلگەن ئىشىكىمىزنى ئادەتتە ھېچكىممۇ چىكىپ قويمايتتى، ئىشىك ئىچىلسا ئاچام كەپتۇدەپ ئالدىغا يۈگرەپ چىقاتتىم، ئىشىك چىكىلدى مەن ئاچام كەلدى يۈگرەپ چىقتىم، لىكىن ئىشىك ئالدىدا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى قاسىم مۇئەللىم تۇراتتى،

- ھە شاكىچىك ئۆيدە باشقىلار يوقمۇ؟
- يوق دەپ جاۋاپ بەردىم.
- ئاچاڭچۇ؟
-ئېتىزدىن قايتىپ كەلمىدى.
- شاكىچىك، مەكتەپ يىشىغا يىتىپ قاپسەن، ئاچاڭغا دەپ قوي ئەتە سىنى مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرغىلى بارسۇن،
مەن ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ بىشىمنى لىڭىشتىم، شۇ ۋاقىتتا قورسۇقۇم بەكمۇ ئاچقان ئىدى، مۇئەللىم  قۇرۇپ كەتكەن لەۋلىرىمدىكى ئاپئاق گەزنى كۆرگەن چىغى ماڭا سومكىسىدىن بىر دانە زاغرىنى بىرىپ كىتىپ قالدى، شۇ ۋاقىتتا ئاشۇ زاغرا بەكمۇ تېتىغان ئىدى

كېيىن مەن باشلانغۇچنى چالا پۈتكۈزۈپلا مەكتەپتىن چىقىۋالدىم، ئاچاممۇ توي قىلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى، كېيىن مەن مەھەللىدىكى دوىستلىرىمغا ئەگىشىپ مانا بۇ قايتاق شەھەرگە كىلىپ، بۇ شەھەرنىڭ بىر پۇقراسىغا ئايلىنىپ كەتتىم.
مەن ئارقىمغا يىنىپ تاللا بازىرىدىن بىر بوتۇلكا مىنىرال سۇ ئىلىپ ھېلىقى ئادەمگە تەڭلىدىم،
ئۇ كىشى قولۇمدىكى بوتۇلكىنى كۆرۈپ،
- مەن ھەرقانچە نامرات بولساممۇ ئ ئەمگەكسىز، ئەجىرسىز كەلگەن نەرسىنى ئالالمايمەن بالام دېدى...

مەن بۇ گەپنى بۇرۇن بىر يەردە ئاڭلىغان ئېدىمغۇ، زادى نەدە ئاڭلىغان بولغىيتىم... ھە ئەمدى يادىمغا كەلدى. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدا قەلىمىم يوق، ساۋاقداشلىرىمنىڭ قەلىمىنى ئوغرىلىۋالغاندا ساۋاقداشلىرىم قاسىم مۇئەللىمگە ئېيتىپ قويغان ئىدى. مەن كۆڭلۈمدە ئەمدى مۇئەللىم مىنى نېمىلەرنى قىلۋېتەر دېگەنلەرنى ئويلىدىم. لېكىن ئىشلار ئۇنداق بولمىدى، مۇئەللىم مىنى سىرىتقا چاقىرىپ، بىشىمنى سىلاپ تۇرۇپ:

-      ئوغلۇم ا ئەمگەكسىز، ئەجىرسىز كەلگەن نەرسىنىڭ بەرىكىتى بولمايدۇ، بۇ نەرسە سىنىڭ قولۇڭغا قانچىلىك ئاسان كىرگەن بولسا قولۇڭدىنمۇ شۇنداق ئاسان چىقىپ كېتىدۇ، سىنىڭ ئېرىشىدىغىنىڭ بولسا پەقەت ئۆزۈڭنىڭ غورۇرى ۋە ۋىجدانىڭنى يوقىتىشلا بولىدۇ، ئوغۇل بالىنىڭ ئەڭ موھىم بايلىقى ۋىجدان ۋە غورۇر، ۋىجدان غورۇردىن ئايرىلغان ئادەمنىڭ دوسىتلىرى ۋە جەمئىيەتتە يۈز ئابرويى بولمايدۇ، ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدۇ.  ئادەم ئۈچۈن ئۆزى ئەمگەك قىلىپ، ئۆزى مېھنەت قىلىپ تاپقان نەرسىدىنمۇ ئارتۇق بەرىكەتلىك ۋە قىممەتلىك نەرسە بولمايدۇ، ماۋۇ قەلەمنى ساڭا بىرەي، بۇنىڭدىن كېيىن ئوغرىلىق قىلما بولامدۇ ئوغلۇم.

توۋا!  قاسىم مۇئەللىم ھەممە ئىشنى ئالدىن بىلگەندەك دەپتىكەنغۇ شۇ گەپلەرنى، مەن گەرچە ئوغرىلىق قىلىپ تۇتام-تۇتام پۇللارنى قولغا چۈشۈرگىنىمدە خۇشال بولغىنىم بىلەن ئىچىمدە قانچىلىك ۋىجدان ئازابىنى تارتقانلىقىمنى ئۆزۈملا بىلىمەن، مەن ئوغرىلىق قىلىپ قانچىلىك پۇل-دۇنيا جۇغلىدىم، ھەممىسىنى خەجلەپ تۈگىتىپ بولمىدىممۇ؟

— ئوغلۇم ساڭا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟

— ياق.

مەن ناھايىتى تىز ئۆزۈمگە قايىتتىم.

— ئاكا بۇ قۇتىدىكى سۇ تۇربىنىڭ سۈيى، پۇلغا سىتىۋالمىغان شۇڭا خاتىرجەم ئىچىۋەرسىلە.

بوۋاي قولۇمدىن بوتۇلكىنى ئىلىپلا بىر تىنىقتا ئىچىپ بولدى. خۇددى قولۇمدىكى ئاشۇ بىر بوتۇلكا سۇغا ئېھتىياجلىقلا بوپ قالغاندەك.

    ئوغلۇم، ئۆزۈڭ نېمە ئىش قىلىسەن؟

مەن بۇ كۈتۈلمىگەن سۇئالدىن سەل ھودىقىپ، نېمە دەپ جاۋاپ بىرىشنى بىلەلمەيلا قالدىم.

    ھە، مەن مەن شۇ ئۇنى-بۇنى قىپ دېگەندەك جان بېقىپ يۈرىمەنغۇ شۇ.

    قارىسام ياخشى بالىدەك قىلىسەن بالام، ئاللاھ ئەجرىڭنى بەرسۇن.

    رەھمەت.

    مەن شۇ گەپنى دەپ بولۇپلا ئارقىمغا بۇرۇلۇپ ئۇ بوۋايدىن 20 نەچچە قەدەم يىراقلىدىم-يۇ، يەنە قەدەملىرىم توختاپ قالدى.

مەندە بۇ ئادەمنى بۇرۇن بىر يەردە كۆرگەندە تۇيغۇ بارغۇ؟ زادى قەيەردە كۆرگەندىمەن، ئويلاشقا باشلىدىم، ئارقىمغا قارىدىم ئۇ كىشى مىنىڭ ئارقىمغا قارايدىغانلىقىمنى بىلگەندەكلا ماڭا تېكىلىپ قاراپ تۇراتتى، ئىككىمىزنىڭ كۆزى ئۇچرىشىپ قالدى، مەن بۇ تېكىلىشنى بۇرۇن بىر يەردە كۆرگەندەكلا، راست مەن بۇرۇن باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقاندا خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ماڭا تېكلىدىغان كۆزلەر شۇغۇ، ماڭا مېھىر بىلەن تېكىلگەن كۆزلەر شۇغۇ... قاسىم مۇئەللىم. تۇرغان جايىمدا تۇرۇپ قالدىم.

ئارقىمغا يېنىپ ئۇ كىشىنىڭ قېشىغا كەلدىم.

− ئاكا سىز بىرەرسىنى ساقلامسىز؟

− ھەئە، ساقلايمەن.

− ئۇ كىشى قاچان كېلىدۇ؟

− قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، بەلكىم بۈگۈن كېلەر ياكى ئەتە كېلەر.

− قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپمۇ ساقلامسىز؟

− شۇنداق، لېكىن ئۇ ھامان كېلىدۇ، مەن بىلەن كۆرىشىدۇ.

مەن ئاستا-ئاستا مۇئەللىمدىن يىراقلاشتىم، شۇ تاپتا كاللام گاراڭ ئىدى، قانداق قېلىشىم كېرەك، پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشىم كېرەكمۇ؟ قانداق ئۇسسۇلدا قايتۇرۇپ بېرىمەن، چاندۇرماستىن كېلىپلا يانجۇقىغا پۇلنى سېلىپ قويايمۇ يە، ياق بولمايدۇ، چوقۇم پۇلنى قولىغا تۇتقۇزۇپ خاتالىقىمنى تونۇيمەن، مۇئەللىم مىنى كەچۈرۋېتىدۇ. راست خاتالىقىمنى تونىشىم كېرەك، ئەمدى ھەقىقىي بىر ئىنساندەك، ھالال ئەمگەك قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ ھالال ئەمگەك مېۋەمگە ئېغىز تېگىشىم، غورۇر ۋە ۋىجدان بىلەن ياشىشىم كېرەك.

كېچىدىن بېرى شۇنداق ياخشى ئۇخلاپتىمەن، كېچىدىن كۆرگەن چۈشۈمدە يۇرتۇمغا قايتىپ دېھقانچىلىق قىلىپ مول ھوسۇل ئالغۇدەكمەن، مەھەللىمىزنىڭ توپلىق يوللىدا يۈگىرگەن پېتى كېتىپ بارغۇدەكمەن، مەھەللىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى ئۆستەڭدە باشلانغۇچتا بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىم بىلەن سۇغا چۈمىلىشىپ، سۇ چېچىشىپ ئويناۋاتقۇدەكمەن...

بۇنداق شېرىن، تاتلىق ئۇخىلىمىغىلى نە زامان، تېخى يادىمدىمۇ يوق، ئەتىگەندە مۇئەللىمدىن ئوغىرلىغان پۇلنى يانجۇقىمغا سېلىپ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئالدىغا كەلدىم، مۇئەللىم يەنە تۈنۈگۈنكى جايىدا تۇراتتى. مۇئەللىمنى كۆرۈشۈم بىلەن يۈرەكلىرىم گۈپىلدەپ سوقۇشقا باشلىدى، قىشىغا باراي دېدىيۇ، قەدەملىرىم ئېغىرلىشىپ كېتىپ باراتتى. شۇندىمۇ يەنە بارلىق غەيرىتىمنى يىغىپ مۇئەللىمنىڭ قىشىغا كەلدىم.

−بۈگۈن يەنە كەپسەنغۇ، ئىشىڭنى قىلماي.

− كەچۈرۈڭ مۇئەللىم.

بۇ گەپنىڭ ئېغىزىمدىن قانداق چىققانلىقىنى بىلمىدىم، ياق بۇ گەپ ئېغىزىمدىن ئەمەس يۈرىكىمدىن چىقىۋاتقان سۆز ئىدى.

− سىنى ساقلاۋاتقان ئىدىم ئوغلۇم، ئاخىر كەلدىڭ.

− مۇئەللىم مەن ئەمدى ياخشى ئادەم بولىمەن، ئەمدى ئوغرىلىق قىلمايمەن، ھالال ياشايمەن، بۇرۇن كېچىك چىغىمدا سىزنىڭ قىلغان نەسىھەتلىرىڭىزنى چۈشەنمەپتىكەنمەن، ھاياتىمدا ماڭا ياخشى يولغا قايتىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت، رەھمەت مۇئەللىم.

− ئۇنداق دېمە ئوغلۇم، ئەمەلىيەتتە دۇنيادا ئەسكى ئادەم بولمايدۇ، پەقەت شارائىت ۋە ئۇنىڭ ئارلاشقان دوسىتلىرى ئۇلارنى شۇنداق قىلىپ قويىدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ يۈرىكى گۆشتىن پۈتۈلگەن. خاتالىقىڭنى ھازىر تۈزەتسەڭمۇ كېچىكمەيسەن ئوغلۇم.

− مۇئەللىم سىز مىنى ئاللابۇرۇن تونۇۋالغانمۇ؟

− شۇنداق، تۈنۈگۈن كەلگەن ۋاقتىڭدىلا سىنى تونۇۋالغان ئىدىم.

− نېمىشقا ماڭا تونۇشلۇق بەرمەيسىز؟

− چۈنكى سىنىڭ مىنى ئىزدەپ كېلىشىڭنى بىللەتتىم.

− رەھمەت مۇئەللىم...

− قارا ئوغلۇم ئاۋۇ قۇياش چىققان تەرەپ بىزنىڭ يۇرتىمىز.

مەن قۇياش چىققان تەرەپكە قارىدىم، پارقىراپ چىققان قۇياش نۇرىنىڭ سېماسىدا يۇرتۇمنىڭ گۈزەل مەنزىرسى، بەرىكەتلىك قوينىنى كۆرگەندەك بولدۇم.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103791
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2014-2-19
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 06:02:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ھىكايىڭىز شۇنچىلىك تەبىئى ياخشى يىزىلىپتۇ ،يەنىلا يىزىقچقلىقىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ، بۇلسا  (ئوقۇتقۇچىنىڭ ‹‹بۇزۇق›› خوتۇنى)  دىگەن ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىنى يىزۋەتسىڭىز ياخشى بۇلاتتى ،ئۇ ئەسىرىڭىزگە چۈشكەن ئىنكاسلارنى تەپسىلى كۈردۈم ، يەنىلا ئىت قاۋاۋىرىدۇ كارۋان يۇلىغا مىڭىۋىرىدۇ دەپتىكەن ، باشقىلارنىڭ ئۇرۇنسىز پۇچەك ئىنكاسلىرىغا پەرۋا قىلماڭ .شۇ قالايمىقان ئىنكاس يۇللىغانلارنىڭ يىزىقچىلىقتا قابىلىيتى يۇق بۇلۇشى مۇمكىن ، ئەگەر ئىقتىدار بۇلسا قالايمىقان ئىنكاس يازماي سىزگگ مەدەت تىلىگەن بۇلاتتى . غەيرەتلىك بۇلۇڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107179
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 208
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2014-5-27
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 06:13:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز. ماڭا ھەممىدىن تەسىر قىلغىنى:
  «ئۇنداق دېمە ئوغلۇم، ئەمەلىيەتتە دۇنيادا ئەسكى ئادەم بولمايدۇ، پەقەت شارائىت ۋە ئۇنىڭ ئارلاشقان دوسىتلىرى ئۇلارنى شۇنداق قىلىپ قويىدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ يۈرىكى گۆشتىن پۈتۈلگەن. خاتالىقىڭنى ھازىر تۈزەتسەڭمۇ كېچىكمەيسەن ئوغلۇم»مۇشۇ بىر ئابزاس بولدى.


شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىدۇ، ھەر بىر ئادەم ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ ياخشى ئەمەللەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83171
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3366
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2012-7-29
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 07:32:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىككەن ، ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز . خېلى ۋىجدانلىق ئوغرىكەن بۇ.

ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىڭ ھامان سىنى ئىزدەپ كىلىدۇ.

مەن «قاشتېشى» شۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107304
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 759
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2014-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 08:49:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋوجون..............خوش بولاپ كىتەي باشقۇرغۇچىلار تېمىنى تۈزۈك بىر تەھرىرلەڭلا. قانداق گەپ بۇ . ماۋۇ ھىكايىنىڭ قۇر بېشىنى تاپالماي ساراڭ بولاي دېدىم مەن. تەھرىرلىگۈچتىن مەسىلە كۆرۈلدىمۇ ياكى تەھرىرلەشنى بىلمەمسىلە.

پەقەت مەنلا ھايات بولىدىكەنمەن قاشتېشى ھەرگىزمۇ تور ئىجادىيىتىنى توختىتىپ قويمايدۇ.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12440
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32514
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4495 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 09:05:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسىرلىك چىققان ھېكايىكەن....

ئوغرىلاردىمۇ ۋىجدان،غورۇر بولامدىغاندۇ؟....


ھېكايە سول تەرەپتىن باشلىنىپ  قاپتۇ،بولسا تەھرىرلەپ قويۇڭ....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 2140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2537
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1851 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 09:23:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  يېزىلغان ھېكايە بوپتۇ        سول تەرەپتىن باشلاپ يېزىپ     يېڭىلىق يارىتاي دەپسىز دە

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار

مۇھەببەت ئويۇنچۇق ئەمەس

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 265
يازما سانى: 1664
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14103
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 2029 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 12:49:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  يېزىلغان ھېكايە بوپتۇ................

ئەقىدا قىلدىم. ئارمان قىلدىم.ئارزۇ قىلدىم..بىلگەنلەرگە ئەقىدە  بولسۇن،بىلمىگەنلەر گە سەدىقە بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14417
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11227
تۆھپە نۇمۇرى: 654
توردا: 2475 سائەت
تىزىم: 2010-10-18
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 07:41:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە كۆڭلۈڭگە ئىنساپ بېرە !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش