جىننىڭ تەسىرلىك سۆزلىرى 2014-6-23 17:20 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (7.3 KB)
(تەرجىمە ئەسەر)
ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئەلەم بىلەن تاماكا چىكىۋاتقان ئەنىۋەرنڭ دادىسى ئۆي ئىچىدىن ئەنىۋەرنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ كۆڭلى بۇزۇلدى.
بىراق كەنىتتىكىلەرنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن نىڭ ئازابىغا چىدىمىسا بولمايتتى.بالىنىڭ تىنىگە كىرىۋالغان بۇ كىچىك جىننى چۇقۇم قوغلىۋېتىش كىرەكتە...
،ئۇزاق ئۆتمەي ئەنىۋەرنىڭ ئاۋازى بېسىقتى ،تامنى سىلاشتۇرۇپ ئاران كىلىۋاتقان ئەنىۋەرنىڭ ئانىسى پاتەمخان ئانىنىڭ چىرايى تاتىرىپ ،ئۈستى -بېشى چىلىق تەرگە چۆمۈ لۈپ كەتكەنىدى...
-دادىسى چاققان سىز كىرىپ قاراپ بېقىڭە!ئەگەر بۇكىچىك ئەرۋاھ ئوغلىمىزنى يەنە قويۋەتمىسە ،ئۇ بۈگۈن كىچىدىن ئۆتەلمىگۈدەك!
ئەنىۋەرنىڭ دادىسى ئۆيگە ئېتىلىپ كىردى ۋە ئوغلىنىڭ جىمجىت ،بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي،كۆزىنىمۇ ئاچماي ياتقانلىقىغا قاراپ يۈرىكى ئېچىشتى.
ئەنىۋەرنىڭ دادىسى ئوغلىغا ھەمرا بولۇپ،زىناقلىرىغا چۈشكەن ياشلىرىنى سۈرتكەچ، ئۆزىنىڭ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى بىرئەرۋاھ بىلەن بىللەياشىغانلىقىنى ئويلاپ قورقتى.بىراق بۇ كىچىك ئەرۋاھنىڭ ھېچكىمگە زىيان يەتكۈزمىگەنلىكى ،ھەركۈنى ئۆزىگە :دادا دادا، دەيدىغانلىقىنى ئويلاپ ئىچى ئاغرىپمۇ قالدى...
بارا-بارا قاراڭغۇ كىرىپ تۇيۇقسىز كەلگەن مۇدھىش شامال شامنى ئۆچىرىۋەتتى،ئۇ ھېلىقى كىچىك ئەرۋاھنىڭ
كەلگەنلىكىنى سەزدى...
-مەن سىزنى شۇنچە يىلدىن بېرى دادا دەپ چاقىرغان تۇرسام ،بۈگۈن ماڭا قول سېلىشقا قانداق چىدىدىڭىز؟
دېدى ئۇ كۆزلىرىنى بىچارىلەرچە ئۇنىڭغا تىكىپ.بوۋاي قورقۇپ تۇرسىمۇ زور غەيرەتكە كېلىپ،
-بالام !بىلىمەن،سەن يەر ئاستىدا شۇنچە ئۇزاق يېتىپ ئۇۋالچىلىق تارتتىڭ.داداڭ چوقۇم ساڭا تۇلۇقلاپ بېرىدۇ،بىراق سەن روھقا تەۋە ،ئىنسانلار ئارىسىدا ئۇزاق تۇرساڭ بولمايدۇ.ئوغلۇمنى قۇيىۋەتكەن بولساڭ،ئۇ تۇغۇلۇپ ھازىرغىچە ئۆز دادىسىنىڭ چىرايىنىمۇ كۆرۈپ باقمىدى.
-مەن ئىزچىل ئۇنىڭ ئورنىدا سىزگە ھەمرا بولدۇم،ئەجىبا بۇلارمۇ يەتمەمدۇ؟ مېنىڭ ھەتتا ئاناممۇ، داداممۇ يوق،مەنمۇ ئۇلارنى كۈرۈپ باقمىغان.مەن دائىم ئەنىۋەرنىڭ ئانىسىنى ئۆز ئانامدەك كۈرۈپ ،ھەركۈنى ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ بېرىمەن،ھەمرا بۇلىمەن،بىراق ئۇ ماڭا پىسەنتمۇ قىلمايدۇ.
-مەن...
-دادا، سىز چۇقۇم بۇ يەردە قېلىپ ماڭا ھەمرا بۇلىشىڭىز كىرەك،مەن شۇ چاغدىلا ئەنىۋەرنى قۇيىۋېتىمەن.ئۇ خاتىرجەم ياشايدۇ،ئۇ چاغدا مەنمۇ دادىسى بار ئەرۋاھ بۇلىمەن،باشقا ئەرۋاھلارمۇ مېنى دادىسى يوق دەپ بوزەك قىلالمايدۇ،قۇشۇلامسىز؟
-ماقۇل،سەن ئەنىۋەرنى قۇيىۋەتسەڭلا،مەنمۇ قېشىڭغا بېرىپ ساڭا دادا بۇلاي!
-ئەمىسە شۇنداق كىلىشتۇق،مەن ئەنىۋەرنى ئەسلىگە كەلتۈرەي، سىزمۇ گېپىڭىزدىن يېېنىۋالماڭ ئەمىسە!
تاڭ تېخى سۈزۈلمىگەنىدى.ئەنىۋەر كۆزىنى ئاستا ئېچىپ ،جىمجىت ياتقان دادىسىى چاقىردى.
-دادا!
ئەنىۋەرنىڭ دادىسى كۆزىنى ئېچىپ بەش يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئوغلىنىڭ دادا دېگىنىنى ئاڭلاپ ھاياجاندا يۈرىكى يېرىلىپ كىتەيلادېدى...بىراق ئۇ ھېلىقى كىچىك ئەرۋاھ بىلەن قىلىشقان ۋەدىسىنى ئۇنۇتمىغان ئىدى.
ئۇئوغلىغا :سەن يېتىپ تۇر،ئوغلۇم،مەن چىقىپلا كىرەي :دەپ تاپىاپ قۇيۇپ كۈزى قىيمىغان ھالدا ئىشىككە ماڭدى.پۇتى تېخى ئىشىكتىن ئاتلىمىغان دادا ،كىچىك جىننىڭ يىغلامسىراپ تۇرۇپ
-دادا، ئەمدى سىزنى كىلىپ ماڭا ھەمراھ بول دىمەيمەن،پەقەت سىز مېنى ئۆز ئوغلىڭىز قاتارىدا كۈرۈپ ماڭا قەبرە تېشى ياساپ قويسىڭىز ،مېنى پات-پات يوقلاپ،مىۋىلەردىن ئالغاچ كەلسىڭىزلا بولدى.مېنىڭ دادام يوق ،بۇنى دەپ ئەنىۋەرنىمۇ دادىسىز قويسام بولمايدۇ دە!،دىگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىدى...
شۇنىڭدىن باشلاپ ئەنىۋەرنىڭ ئۆيىنىڭ yيان تەرىپىدىكى قەبرىستانلىقتا يىڭى بىر قەبرە كۆپەيدى،بىرەسى ئەنىۋەرنىڭ دادىسىدىن بۇ كىمنىڭ قەبرىسى دەپ سورىسا ، ئۇ:ئوغلۇمنىىڭ،مېنىڭ ئۆز ئوغلۇمنىڭ ! دەپ جاۋاپ بېرەتتى...