مۇچ ساتقۇچى ئايالدىكى ئاجايىپ تىجارەت تاكتىكىسى
بىر كۈنى ئىشىك ئالدىدىكى مۇچ سېتىپ ئولتۇرغان ئايالغا قاراپ خىيال قىلىپ قالدىم: مۇچ سېتىشمۇ ئاسان ئەمەسكەن. مۇچ ئالىدىغانلار ئەڭ ئاۋۋال كېلىپلا، «مۇچىڭىز ئاچچىقمۇ؟» دەپ سورايدىكەن.
« ھەئە،ئاچچىق » دېسە،ئاچچىق يىيەلمەيدىغانلار كېتىپ قالىدىكەن. « ياق، ئاچچىق ئەمەس» دىسە ئاچچىق مۇچ ئالىدىغانلارنى قاچۇرۇپ قويىدىكەن...شۇنىڭ بىلەن ئۆزەمچە ئۇ ئايالغا ئەقىل كۆرسۈتۈپ:
ــ مۇچنى ئىككى دۆۋە قىلىپ قويۇپ، بىرسى ئاچچىق،يەنە بىرسى ئاچچىق ئەمەس دەپ سېتىڭ ــ دىدىم.
مۇچ ساتقۇچى ئايال ماڭا قاراپ كۈلۈپلا قويۇپ، گەپ قىلمىدى.
ئۇزاق ئۆتمەي بىر خېرىدار كېلىپ دەل شۇ سوئالنى سورىدى.مۇچ ساتقۇچى ئايال:« قېنىق رەڭلىكلىرى ئاچچىق، سۇس رەڭلىكلىرى ئانچە ئەمەس» دىدى. خېرىدار ئۆزىگە كېرەكلىكلىرىنى تاللاپ ئېلىپ كېتىپ قالدى. ئۇزاق ئۆتمەي يەنە بىرەيلەن كېلىپ ئوخشاش سوئالنى سورىدى. ئۇ ئايال:« ئۇزۇنلىرى ئاچچىق، قىسقىلىرى ئانچە ئەمەس» دەپ جاۋاپ بەردى.
بۇ خېرىدارمۇ ئۆزىگە كېرەكلىكىنى تاللاپ ئېلىپ كەتتى.
بىر دۆۋە مۇچتىن پەقەت قىسقا ۋە قېنىق رەڭلىكلىرىلا ئېشىپ قالدى. « ئەمدى نىمە دەركىن» دەپ خىيال قىلدىم ئىچىمدە. شۇ ئارىلىقتا يەنە بىر خېرىدار پەيدا بولدى. بۇ قېتىم مۇچ ساتقۇچى ئايال:« پوستى قاتتىقراقلىرى ئاچچىق، يۇمشاقلىرى ئانچە ئەمەس» دەپ جاۋاپ بەردى. ئۇنىڭ بۇ جاۋابىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا قول قويدۇم...
ئۇ ئايال بىردەمدىلا ھەممە مۇچلىرىنى سېتىپ بولۇپ قايتىشقا تەييارلاندى ۋە مېڭىش ئالدىدا ماڭا قاراپ:
« ئاباي سىز كۆرسەتكەن ئەقىلنى ھەممە كىشى بىلىدۇ. مېنىڭ سېتىش ئۇسۇلىمنى پەقەت ئۆزەملا بىلىمەن» دىدى.
توغرا-دە! ئۆزىمىز قىلىۋاتقان ئىشقا كۆڭۈل بۆلسەكلا چوقۇم ئۆزىمىزگە خاس بىر ئۇسۇل تېپىپ چىقالايمىز.
مىليون گۈل گۈزەللىك سالونى تەييارلىغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ipek تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-3 07:30 PM