مېھرىڭ بىلەن تاۋلانغاچ نېنىڭ
ياقۇپ ئىسمائىل قورۇلچى
ئانا قارا ياققان نانلىرىڭ
تالاشلاردا قالدى ئەل ئارا .
ناننى يىگەن كۈلۈپ قارايدۇ ،
يىمىگەننىڭ دىللىرى يارا .
مېھرىڭ بىلەن تاۋلانغاچ نېنىڭ ،
ئاتا قىلدى غۇرۇر ئىنسانغا .
مېھرىڭ بىلەن تاۋلانغاچ نېنىڭ ،
ئايلاندى ئۇ بۈيۈك داستانغا .
مېھرىڭ بىلەن تاۋلانغاچ نېنىڭ ،
كارۋانلارغا ھەمراھ سەپەردە .
سېنىڭ ھەققىڭ باردۇر ھەرزامان ،
نان يىگەنلەر قۇچقان زەپەردە .
بەختلىكمەن ، ئاڭلىغىن دوستۇم ،
ھەمراھ قىلغاچ ناننى سەپەردە .
ئانام بەرگەچ دائىما مەدەت ،
ئايلاندىم ھەم باتۇر قەيسەرگە .
مېھرىڭ بىلەن تاۋلانغاچ نېنىڭ ،
باتۇر قىلدى چىلىشتا مانا .
مەنمۇ ئەلگە بىر نان بولايچۇ ،
دۇئا بەرگىن ، ئەي جىنىم ئانا .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-3 06:47 PM