مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3131|ئىنكاس: 17

رازۋېدكا خاتىرىسى— سىرلىق ئۆيدىكى قاتىللىق دېلوسى (7) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 05:57:15 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىياۋزى كۈلدى، قارىماققا ئۇ فاسەينىڭ ئامالى بارلىقىنى ئاللىبۇرۇن پەملەپ بولغاندەك قىلاتتى.

«بولدى، دەرسىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى »دېدى ئوقۇتقۇچى. بىراق ئۇ ئەمدى مۇشۇنداق دەپ تۇرۇشىغا، فاسەي ئۇنىڭ گېپىنى يەنە بۆلىۋەتتى: «ئالدىرىماي تۇرۇڭ مۇئەللىم. مېنىڭ گېپىم تېخى تۈگىمىدى. »

«سەن يەنە نېمىش قىلماقچى؟ »

فاسەي ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ، تولىمۇ سوغۇق ئاۋازدا ئېيتتى: «مەن سىزنىڭ خاتالىقىڭىزنى تېپىۋالدىم، شۇڭا ئەمدى سوئال سوراش نۆۋىتى ماڭا كەلگەندۇ. »

مۇئەللىم بىرنى ئۇھسىنىپ قويدى، ھەمدە ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى. نېمىلا بولمىسۇن ئوقۇغۇچىنىڭ سوئال سورىشى ئىنتايىن نورمال ئىشقۇ.

«نەزىرىيە پەقەت قىززىمايدىكەن، بىز بىر ئەمەلىي مىسال تەھلىل قىلايلى. بىر دانە تولىمۇ تەس ھەم ئەمەلىيەتچانلىقى يۇقىرى مەسىلىدىن بىرنى»

«ھېچقىسى يوق. قېنى سورا. مەن جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمەن. »

«بىر ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى. »

ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى؟

بۇ گەپ ئېغىزدىن چىقىشىغا سىنىپتىكى  ھەممە ئوقۇغۇچىلارنىڭ  دىققىتى بىردەمدىلا يىغىلدى. بەزىلىرى قورقسا، بەزىلىرى قىزىقىۋاتاتتى.

ئەڭ بەك ھەيران قالغىنى بولسا يەنىلا چىن چىمىڭ ئىدى، ئەجەبا فاسەي بۇيەردە تۈنۈگۈنكى ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنى سورىماقچىمۇ؟
مىياۋزى ئۇنىڭغا ئەنسىرىمەسلىكنى، فاسەينىڭ دەرس ۋاقتىدا چىڭ جوۋنى سوراق قىلىشقا ئامالى بارلىقىنى بىلدۈردى. چۈنكى ئادەتتە يالغۇز سورىسا ماسلىشىپ بەرگىلى ئۇنىمىغان بىلەن، سىنىپتا كۆپچىلىكىنىڭ ئالدىدا سورىسا ئۇنىڭ ماسلاشماي ئامالى يوق - دە.

شۇڭا فاسەي پەقەت دەرس ۋاقتىدىلا ئىشلىتىشكە بولىدىغان بىر ئورا كولىماقچى. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ بۇ ئورا ئارقىلىق چىڭ جوۋنى ياۋاشلىقچە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئېيتقۇزۇشقا ئىشەنچى كامىل.

بۇ چاغدا چىڭ جوۋ بىلەن ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان دوستلىرىمۇ بېشىنى بۇرىشىپ فاسەيگە قاراشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە چىڭ جوۋنىڭ ئاغزى ھەممىدىن چوڭ ئېچىلىپ قالغان بولۇپ، فاسەينىڭ تۈنۈگۈنكى ساقچىلار بىلەن بىللە تۇرغان ھېلىقى ئادەم ئىكەنلىكىنى تونۇپ قالغاندەك قىلاتتى.

ئېنىقكى، ئۇ شۇتاپ قاتتىق جىددىيلىشىۋاتىدۇ. مۇقەررەركى، فاسەي سوئالىنى سوراپ بولغاندىن كېيىن ئۇ تېخىمۇ بولالمايدۇ.

فاسەي بۇ چاغدا مۇئەللىمگە مۇنداق بىر سوئال چىقاردى: قاراڭغۇ كېچە، بىر چىرىغى يورۇق ئۆي ئىچىدە 22 ئادەم بار.ئەڭ ئوتتۇرىدا بىر قىز، ئۇنىڭغا ئىككى - ئۈچ قەدەم كېلىدىغان جايدا ئۈچ ئوغۇل ئۇنى چۆرىدەپ تۇرىدۇ. قالغان 17 قىز بۇلارنى چۆرىدەپ تۇرىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى بىرەيلەن بولسا مەيدان سىرتىدا تۇرىدۇ.
مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئادەملەرنىڭ كۆرۈش دائىرىسى ئىچىدە ھېچنىمىنى كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئەتراپ تۇيۇقسىز قاراڭغۇلۇققا چۆمۈپ كېتىدۇ. قىزلار قاتتىق چىرقىرايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئاۋاز ئاڭلىغىلى بولمايدۇ. كېيىن ئۆي ئىچى قايتا يورىغاندا، ئەڭ ئوتتۇرىدىكى قىزنىڭ ئۆلۈپ قالغانلىقى، باشقىلارنىڭ ئاساسەن جايىدىن تۈزۈك مىدراپ باقمىغانلىقى بايقىلىدۇ.

«مۇئەللىم، سىز كىمنى قاتىل دەپ قارايسىز؟ »

مۇشۇنداقلا قاتىلنىڭ كىملىكىنى تاپماقچى بولسا، بېرىلگەن شارائىتلار يېتەرلىك بولماس، دەپ ئويلىدى چىن چىمىڭ. مۇئەللىممۇ بىرئاز ئويلانغاندىن كېيىن كۆپچىلىككە قاراپ جاۋابەن ئېيتتى: «يەكۈن چىقارغىلى بولمايدۇ. ھەممە كىشىنىڭ قاتىل بولۇش ئېھتىمالى بار. سېنىڭ بەرگەن نۇقتىلىرىڭ  بەك ئازكەن. كۆپچىلىك، سىلەرچىچۇ؟ »

  «ياق، ياق، يەنە يوشۇرۇن نۇقتىلار بار. پەقەت سىز بۇ ئومۇمىي مەيداندىن باشلاپ تەھلىل قىلىپ ، مۇھىم نۇقتىنى چىقىرالىسىڭىزلا مەن سىزگە تېخىمۇ كۆپ يىپ ئۇچى دەپ بېرىمەن — دېدى فاسەي يەنىلا سوغۇق قىلىپ—  چۈنكى بىز قاتىلنىڭ كىملىكىنى بىلىمىز. »

ئۇ قاتىلنىڭ كىملىكىنى بىلىدۇ؟
چىن چىمىڭ ھەيران قالدى. مۈمكىن ئەمەستۇ؟
بۇيەردە پەقەت مىياۋزىلا فاسەينىڭ ئورا كولاۋاتقىنىنى بىلەتتى. ئۇ چىن چىمىڭغا چىڭ جوۋنىڭ ئىپادىسىنى كۆزىتىشنى جىكىلىدى.

دەرۋەقە، چىڭ جوۋنىڭ قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ كەتكەنىدى. ئۇ ئېنىقلا بۇنى تۈنۈگۈنكى دېلو، ساقچىلار قاتىلنى تېپىپ بوپتۇ، دەپ ئويلاپ قالدى!

«ئۇنداقتا مۇشۇنداقلا باشلايلى— دېدى ئوقۇتقۇچى ئامالسىز— ئېنىقكى، ئۆي ئىچى قاراڭغۇلۇققا چۆمۈپ كەتكەن بولسا، ئۇنداقتا ئۆلگۈچىنى چۆرىدەپ تۇرغان ئۇ ئۈچەيلەننىڭ گۇماندارلىق ئېھتىمالى ئەڭ چوڭ. چۈنكى ئۇلار ھەركەتلەنمەكچى بولسا ئۇلارنى توسىدىغان ئادەم يوق. »

«ياخشى، ياخشى، بۇ بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزغا ئوخشاش بولدى» دېدى فاسەي چاۋاك چېلىپ تۇرۇپ.

«توختاپ تۇرۇڭلار! »
چىڭ جوۋ مۇشۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

چىن چىمىڭ بىلەن مىياۋزى، چىڭ جوۋ نىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئىككىيلەن ئۇنىڭدىن چۆچۈپ كېتىشتى.

«سىلەر قاتىلنىڭ كىملىكىنى بىلىپ بولدۇڭلار؟! تېز دەڭلارچۇ! »

ئۇنىڭ چىرايى جىددىي تۈس ئالغان بولۇپ، بىر قولى بىلەن ئۈستەلگە تىرىنىپ تۇراتتى.

ئېنىقكى، فاسەينىڭ بۇيەردە پەيدا بولغىنىنى كۆرگەن ئۇ پەقەت ئىككى خىللا ئويلايدۇ—  يا ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن، يا بولمىسا تۇتقىلى.

«ھەي، ئۇنى كىم ئۆلتۈرۈپتۇ؟ »

فاسەي جايىدا ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا خىيالىيلا جاۋاب قايتۇردى: «... نېمە ئالدىرايسەن؟ مۇئەللىممۇ تېخى تەھلىل قىپ بولالمىسا ساڭا نەدىن كەلگەن نۆۋەت بۇ»

«ماڭا تېز ئېيتىپ بەر! كىمكەن؟ ئۇنى كىم ئۆلتۈرۈپتۇ؟ »

«ساۋاقداش! — دېدى بۇچاغدا  مۇئەللىم چىڭ جوۋ غا قاراپ— ھازىر دېگەن دەرس ۋاقتى. بىز  بۇنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەھلىل قىلساق بولىدۇ. بىراق بۇ دەرىجىدە ھاياجانلىنىش بىھاجەت. ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلولىرى ھەقىقەتەنمۇ سىرلىق، سىزنىڭ قاتىلنىڭ كىملىكىنى بىلىشكە نېمىشقا مۇنچە  ئالدىرىغانلىقىڭىزنى مەن توغرا چۈشىمەن، بىراق بۇنى ئالدىرىماي تەھلىل قىلساق تېخىمۇ مەنىسى بولىدۇ. »
قارىماققا مۇئەللىم ئۇنى راستتىنلا فاسەينىڭ چىقارغان سوئالى دەپ ئويلاپ قالغان بولسا كېرەك.

«ھەي، قاتىلنىڭ كىملىكىنى ھازىرلا دېسەك بۇنىڭ يەنە نېمە قىززىقى قالىدۇ» فاسەي يەنە قەستەن ئۇنى تېرىكتۈرىۋاتاتتى.

سىنىپ ئىچى بىردىنلا «شۇ ئەمەسمۇ» «مۇنداق تەھلىل قىلايلى» ...دېگەندەك غۇلغىلىغا چۈشتى. ئېنىقكى، سىنىپتا تۈنۈگۈنكى دېلو ئەھۋالىنى بىلىدىغانلار تايىنلىق بولغاچقا، چىڭ جوۋ نىڭ نېمىشقا مۇنداق بوپ كېتىدىغانلىقىنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغانلار يوق دېيەرلىك ئىدى .

«بىراق ...مەن.   مەن .. »چىڭ جوۋ دەماللىققا نېمە دېيىشى كېرەكلىكىنى بىلەلمىدى.

«ساۋاقداش، بۇدەرىجىدە ئالدىراپ كەتكەن بولسىڭىز، ئەمىسە بۇ دېلو ئەھۋالىنى سىز مۇلاھىزە قىپ بېقىڭ .پەقەت ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلسىڭىزلا كىمنىڭ قاتىللىقىنى تاپالايسىز.بىز سىزنىڭ مۇلاھىزىڭىزنى ئاڭلايمىز. »

ئاقىۋەتتە سىنىپتىكى ھەممەيلەننىڭ كۆزى چىڭ جوۋغا چۈشتى.

چىن چىمىڭمۇ چۈشىنىپ يەتتى، ھەجەپ چوڭ كولىغان ئورىكەن بۇ ...

«...ئەڭ ئاۋۋال، بىر ئوغۇلنىڭ قاتىل بولىشى مۈمكىن ئەمەس— دېدى ئۇ—  ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قىز دوستۇنى ئۆلتۈرىشى مۈمكىن ئەمەس ...»

سىنىپتىكىلەر دەماللىققا چۈشىنەلمىدى. نەدىن چىقىپ قالغان ئاشىقلارغا بۇ ئەمدى؟

«تېز خاتېرىلە! »فاسەي چىن چىمڭغا پەس ئاۋازدا جىكىلىپ قويدى.

«ھە؟ ھە، ھە! »

چىڭ جوۋ داۋاملىق سۆزلىمەكتە: «شۇڭا ئەڭ گۇمانلىقى ئۇنىڭ قېشىدىكى قالغان ئىككى ئوغۇل. »

«مۇئەللىم بىلەن تەھلىلىڭ ئوخشاشكەنغۇ» دېدى فاسەي.

«بىراق، ئۇلارمۇ قاتىلغا ئوخشىمايدۇ— دېدى چىڭ جوۋ يەنە—  ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل ئۆزىنى مۇشۇنداق ئاسان بايقىلىپ قالىدىغان ئورۇنغا قويمايدۇ ..»

بۇ نۇقتىنى ئۇ مۇئەللىمگە قارىغاندا چوڭقۇرراق تەھلىل قىلدى.

«بىراق ئۇلارنى يەنىلا ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ ...  ئۇ 17 قىز ئادەم ئۆلتۈرمەكچى بولسا چوقۇم ئۇ ئۈچ ئوغۇلنىڭ قېشىدىن ئۆتۈشى كېرەك. قاراڭغۇلۇقتا ئۇلارغا ئۈسۈپ سېلىش ئېھتىمالى چوڭ. »

ئېيتقانلىرى ئورۇنلۇق.

«ئۇنداقتا سىرتتىكى ئادەم ...ياق، توغرا ئەمەس، ئۇنداق بولسىمۇ ئادەمگە ئۈسۈپ سالىدۇ. شۇڭا قاتىل ...ياق، توختاپ تۇرۇڭلار! »

«نېمە بولدى؟ »

چىڭ جوۋ تۇيۇقسىز ئېيتتى: «قاتىل ئۆلگۈچىنى چاقىرىپ ئالدىغا ئەكېلەلەيدۇ. مۇنداق بولغاندا باشقىلارغا ئۈسۈپ قالمايدۇ! »

«ھە ....»

ھەممەيلەن ھەيران قالدى.

بۇ قىياسمۇ بەك كۈلكىلىك بوپ كەتتىمۇ نېمە؟ قاتىلنىڭ ئالدىغا ئۆزى بېرىپ ئۆلگەندىن كېيىن جايىغا يەنە ئۇچۇپ بېرىپ قالدىمۇ؟

«ئىم! قاتىلنىڭ چوقۇم ئامالى بار! »

كۆپچىلىك چۈشەندى. ئۇ رازۋېدكا ھېكايىسى توقۇغىلى تۇرۇپتۇ.

فاسەي تولۇقلاپ قېتىپ قويدى: «باشقا ئالاھىدە ئىش ئەمەس، پەقەت ئاددىيلا مېڭىپ بېرىپ، ئۆلگۈچىگە پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈپلىۋەتكەن. ھازىرقى مەسىلە قانداق ئۆلتۈرگەنلىكىدە ئەمەس كىمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىدە! .بولدىلا، چىڭ جوۋ، سەن كىمدىن گۇمانلىنىسەن؟ »

«بەي مۇئەللىم!— دېدى ئۇ—  پۈتۈن ئۇسۇلنى ئۇ تەييارلىغان، شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش مەيدانىنى بېكىتەلەيدۇ! »

سىنىپتا چىن چىمىڭ، مىياۋزى بىلەن فاسەي دىن باشقا ھېچكىم ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقىنىنى چۈشەنمىدى.

فاسەي ئۇنىڭدىن ياندۇرۇپ سورىدى: «ئۇ خىل سەپ شەكلىدە ئۇ قانداقسىگە ئادەم ئۆلتۈرەلەيدۇ؟ سەۋەبىچۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆينىڭ قاچان  قاراڭغۇلىشىدىغىنىنى بىلەلەمدۇ؟ قايسى ئورۇندا ، قايسى قەدەمدە بولىدىغىنىنى بىلەلمەيدۇ. »

«شۇڭا ھەممە سەپ شەكلى بىلەن  ئۇسۇل قەدىمى ئاساسەن ئۆزگىرىپ باقمىغان! گەرچە مەن ئۇنىڭ نېمىشقا ئۇنى قەستلەيدىغىنىنى بىلمىسەممۇ، دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن بەي مۇئەللىم ئادەتتىكىگە ئوخشىماي قالدى! ئۇ بەي مۇئەللىم زادى قاتىلمۇ ئەمەسمۇ؟ مەن ئۆزۈمنىڭ تەھلىلىنى دەپ بولدۇم! ماڭا قاتىلنىڭ كىملىكىنى دەپ بەر! »

«سەن بۇلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەھلىل قىلدىڭمۇ؟ »

«مېنىڭ كاللام ياخشى ئىشلىمەيدۇ. بۇلارنى ماڭا ئويلاتقۇزما!  بۇدېگەن سىلەر ساقچىلارنىڭ قىلىدىغان ئىشىغۇ! »

«بوپتۇ، ساڭا دەپ بېرەي» .

جاۋابى چىقتى؟
مۈمكىن ئەمەستۇ؟ فاسەي ئۇنى قانداق بىلدى؟

«قاتىل— دېدى فاسەي— ئىشىكنىڭ قېشىدا تۇرغان بىر قىز. »

چىڭ جوۋ ئۇزاق ئويلانغاندىن كېيىن چۆچۈپ كەتتى.
«قاتىل ....ئۇ؟ »

«ھەئە. »

«سەن  قاتىلنى ..گې لىلى  دېدىڭما ؟ ...ئۇنىڭ ئۇنداق قىلىشىدا نېمە سەۋەب باركەن ؟ »

«بۇمۇ ...»فاسەي گەدىنىنى قاشلىدى  .

«نېمىشقا؟ راستلا شۇمىكەن؟ »

فاسەي بوينىنى قارىپ تۇرۇپ سۆزلىدى: «سەن نېمە گې لىلى  دەپ جۆيلۈۋاتىسەن  ...سەۋەبىنى مەن نېمە بىلەي؟ »

«ئەمىسە، سىلەر زادى نېمىنى تەكشۈردۈڭلار؟ »

شۇنداق قىلىپ فاسەي سوئالنىڭ جاۋابىنى ئاشكارىلىدى: قاتىل ئىشىككە يېقىن جايدىكى بىر قىز. چۈنكى ئۇ قىز ۋىكلىيۇچاتېلغا ئەڭ يېقىن. ئادەم قەستلىمەكچى بولغاندىكىن، ئۇ ئاۋۋال چىراغنى ئۆچۈرۈۋېتىپ ئاندىن بېرىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ، جايىغا قايتىپ كېلىپ چىراغنى يورۇتقان .

جاۋابى مۇشۇنداق ئاددىي.

بۇ جاۋابدىن مۇئەللىم بىلەن ساۋاقداشلار شۇنچىلىك رازى بولمىدى.

نېمىلا بولمىسۇن، بۇمۇ فاسەي ۋاقىتلىق ئويلاپ چىققان تېتىقسىز جاۋاب تۇرسا.

«سەن نېمە دېمەكچى؟!— دېدى چىڭ جوۋ ۋارقىراپ— تۈنۈگۈنكى ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس ئىدىغۇ! »

«سەن زادى نېمىگە ھاياجانلىنىۋاتىسەن؟— دېدى فاسەي ھەيران بولغان قىياپەتتە— نېمە تۈنۈگۈن؟ تۈنۈگۈن بىر ئىش بوپتىما؟ »

توغرا، فاسەي پەقەتلا بىر تېپىشماق توقۇدى خالاس.

ئۇ تا توك توختىدى دېمىدى، ئۇلارنى ئۇيەردە ئۇسۇل ئوينىدى دېمىدى.ئەلۋەتتە، ئۇ يەنە ساقچىلارنى تۈنۈگۈنكى قاتىلنى تاپتى دېگەن گەپنىمۇ قىلمىدى.

«بۇ تېپىشماقنىڭ جاۋابى ئەسلى بەك قىززىقتى، ھەرخىل جاۋابلارنى ئاڭلىغىلى بولاتتى. ئەمما ھەممىسىنى بۇزۇۋەتتىڭ. »دېدى فاسەي چىڭ جوۋ غا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103753
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 159
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 755 سائەت
تىزىم: 2014-2-18
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 06:53:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قېتىم تازا كولدۇرلاتتى بۇ فاسەي
  جاپا چېكىۋاتسىز ... كۆپ تەشەككۈر ئەجرىڭىزگە

ئىنشائاللاھ غەلبە قىلغۇچىمەن !

ئىلى ـ دىيار

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81012
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4033
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-6-3
ئاخىرقى: 2014-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 06:56:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-126481-1-1.htmlبۇ  تىما  نىمە  ئۇچۇن  تەستىقلانمايدۇ  ،   ما   مىسرانىم  مۇنبىرنىڭ  قۇرغۇچىسىنىڭ  تىلفۇن  نۇمۇرنى   بىلدىغانلار  دەپ  بىرىڭلار   ،  
مىسرانىم  مۇنبىرىنىڭ   مەسئۇلى    ماڭا  بىر  تىلفۇن  قىلسىڭىز  ياكى  نۇمۇرىڭىزنى  قالدۇرسىڭىز   مۇھىم گەپلەر  بار   13999397027
QQ图片20140703182754.jpg


ئىلى ـ دىيار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105113
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 429
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 243 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 07:23:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tetanek يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 06:56 PM
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-126481-1-1.htmlبۇ  تىما  نىمە  ئۇچۇن  تەستىقلا ...

www.iptihar.net/bbs   

بۇ مۇنبەرگە يوللاڭ .بۇ مۇنبەردە ئادەم سانى سەل ئاز بولغان بىلەن ھازىر ئەڭ ئالقشقا ئىرىشۋاتقان .ھەم ئەڭ قىززىۋاتقان مۇنبەر

www.iptihar.net/bbs



  ئىپتىخار مۇنبىرى  سىلەرنى قارشى ئالىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28035
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6929
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2536 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 07:28:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا بۇ ھىكايىنىڭ خەنزۇچە ئىسمىنى ياكى ئادىرىسىنى دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن . كۈندە نەچچە ئون قېتىم كىرىپ ئاخىرىنى ئوقۇغۇم كىلىپ پەقەتلا چىدىمىدىم . خاپا بوماي دەپ بەسىڭىز بوپتىكەن .

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12395
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32447
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4458 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 07:34:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما فاسەينىڭ كاللىسىنىڭ ئۆتكۈرلىكىگە بەكمۇ قايىل بولدۇم....



كۆپ جاپا چېكىۋاتىسىز...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ.

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96923
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 799
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 893 سائەت
تىزىم: 2013-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 07:57:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىمۇ ؟ماۋۇ تېمىڭىزغا خىزمىتىم سەل ئالدىراش بۇلۇپ قېلىپ ئىنكاس يازالمىدىم .شۇنداقتىمۇ ماراپ يۈرۈپ ئىز قوغلاپ ئۇقىۋاتىمەن.مەن بۇرۇنلا ئېيتقانغۇ مۇشۇنداق رازۋىدكا دىلولىرىغا ئامراق دەپ .بۇ فاسەينىڭ قاقباشلىقىغا بەكلا قايىل مەن.سىزمۇ ئالدىراشتۇرسىز بەلكىم.لىكىن مەندەك ئۇقۇرمىنىڭىزنى دەپ بولسىمۇ تىز _ تىز يوللارسىز .

ھاياتتا كۈلۈپ يۈرگەن بەخىتسىزلەرنى،يىغلاپ يۈرگەن بەخىتلىكلەرنى ئۇچرىتىش مۇمكىن.ئىنساننى بەخىتلىك ياكى بەخىتسىز دەپ ئايرىماق قىيىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97733
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1469
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 600 سائەت
تىزىم: 2013-9-9
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 08:34:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىززىقىپلا قالدىم بۇ ئەسەرگە ،داۋامىنى تىزراق يوللىغان بولسىڭز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 09:17:56 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
towa807 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 07:28 PM
ماڭا بۇ ھىكايىنىڭ خەنزۇچە ئىسمىنى ياكى ئادىرىسىنى دەپ  ...

侦讯记录

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101904
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1171
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2014-1-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 12:35:16 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە، ئەسلى نىمە ئوقۇتقۇچى بىلەن ئېتىشىپ كېتىدىكىن دىسەم ئەسلى ئورا كولاۋېتىپتىكەندە....
كىيىنكى بۆلىمى بەكراق قىزىيدىغان ئوخشايدۇ
رەھمەت. جاپا چەكتىڭىز.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش