مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 17430|ئىنكاس: 62

ئۇيغۇر ئاشىقلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 05:45:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر ئاشىقلارنىڭ سىرلىق تۇرمۇشىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش



سورىمىغىن نەدىن كەلدىڭ دەپ،
يۇرت-ماكانىم يىراق-يىراقتا.
چۈنكى مەن بىر سەرگەردان ئاشىق،
لاۋىلدايدۇ يۈرەك پىراقتا.

---داڭلىق ناخشىچى فېي شىياڭنىڭ ناخشىسىدىن ئۈزۈندە.

2009-يىلى يازدا، مەن شىنجاڭدا بىر خاتىرە فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىغا ئەگىشىپ زىيارەت قىلدىم. سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى 25 يىلدىن بۇيانقى جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى  ياشايدىغان جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ تۇرمۇشىنى سۈرەتكە ئېلىپ خاتىرە قالدۇرغان ئىدى.  ئۇلار ئەسلىدىنلا يېقىنلىشىش تەس بولغان بۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى داۋاملىق سۈرەتكە ئېلىپ، خاتىرە قالدۇرۇپ سىرتقى دۇنياغا ئۇلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلىنى بىلدۈرمەكچى بولغان ئىدى. بۇ فىلىم تېخى ئاشكارە قويۇلمىغاچقا، مېنىڭ بەزى سۈرەتلەرنى تەمىنلەشكە ئىلاجىم بولمىدى، شۇڭا كۆپچىلىكتىن ئەپۇ سورايمەن.---ئەسلى ئاپتور ئېلاۋىسى.

قارا بۆكەن مۈڭڭۈزىنىڭ ئاستى-ئۈستى، ئوڭ-تەتۈرىگە بېكىتىلگەن مېتال ھالقىلارنىڭ «جالدىر-جۇلدۇر›› قىلىشى بىلەن ساپايىنىڭ ئاۋازى ياڭرىدى، يالىڭاچ بەدىنىگە جەندە ئورۇۋالغان ئاشىق مەمەت سىدىق ئۆزىنىڭ مەستانە دۇنياسىغا جۆر بولدى...... لى تيەنجاڭ كامېرانى ئۇنىڭغا توغرىلاپ، بۇ ئاشىقنى سۈرەتكە ئېلىشقا باشلىدى.

شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شۇنداق بىر توپ ئالاھىدە تۇرمۇش شەكلىنى ساقلاپ قالغان كىشىلەر بار، ئۇلار يۆتكۈلۈپ تۇرۇپ ناخشا ئېيتىدىغانلار، دىنغا مەستانە بولغانلار. ئېقىپ يۈرۈش، تىلەمچىلىك قىلىش، ناخشا ئېيتىش ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، ئۇلار مازايى-ماشايىقلارنى ماكان قىلغان. ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئاللاھ يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇيغۇرلار ئۇلارنى ئاشىقلار دەپ ئاتايدۇ.

ئۇلار ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تۇرمۇشىنى ساقلاپ قالغاندىن باشقا، ئۇچىسىغا غەلىتە كىيىملەرنى كىيىدۇ، كىشىلەر بىر قاراپلا ئۇلارنىڭ يىراقتىن كەلگەنلىكىنى بىلەلەيدۇ ، بۇ ئارقىلىق ئۇلار باشقىلارغا بەلگە بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ كوپىنچىسى ھەر خىل رەڭدىكى پارچە-پۇرات رەخلەردىن قۇراپ تىكىلگەن كۇلاھ-جەندە كىيىپ يۈرىيدۇ، بەزىلىرى يالىڭاچ بەدىنىگە قۇراق يەكتەك كىيىۋالىدۇ، ئۇلار مۇشۇنداق كىيىنگەندە ئاندىن ئۆزىنى كامالەتكە يەتكەن دەپ قارايدۇ. قىش كۈنلىرى قوي تېرىسىنى بەدىنىگە ئورۇۋالىدۇ، ئەزەلدىن ھىم كىيىملەرنى كىيمەيدۇ.

بىز مەمەت سىدىقنى تۇنجى قېتىم خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيە چاقا يېزىسىدا ئۇچراتتۇق، ئۇ 1988-يىلى ئىدى. ئالدىمىزدىن بىر ئات ھارۋىسى چىقىپ كەلدى، ھارۋىدىكى بالىلار يالىڭاچ ئىدى، يەنە بىر ئايالمۇ بار بولۇپ، ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىدى. لى تيەنجاڭ ئاپىراتنى ئۇلارغا توغرىلاپ سۈرەتكە ئېلىشقا تۇتۇش قىلدى، بىراق ھارۋىدىكىلەر رەت قىلىپ، سۈرەتكە ئېلىشقا يول قويمىدى.

مازارلارنى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا يەنە ئۇلارنى ئۇچرىتىپ قالدۇق، بۇ قېتىم ئۇلار بىزنى يەكلىمىدى، چۈنكى ئۇلار بىزنى تونۇۋالغان ئىدى. گۇرۇپپىمىز ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى سۈرەتكە تارتتى، بىز ئۇلارغا دائىم سوۋغا-سالام، پۇل-پىچەك بېرىپ تۇرغاچقا، ئۇلار ئاستا-ئاستا سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىغا يېقىنلاشتى.

مەمەت سىدىق، سامپۇلا يېزىسىدىكى بىر دىھقان، ئىككى ساپايىنى بىرلا ۋاقىتتا چالالايدۇ، بەزىدە ئوغلى ساپايا چالسا، ئۆزى دۇتتار چالىدۇ، ئۇ جىيا يېزىسىدىكى ئىمام مەسۇم بازىرىغا دائىم بېرىپ تۇرىدۇ، ۋەلسىپىت مىنسە بىر سائەتتىلا يېتىپ بارالايدۇ، چۈنكى ئۇ ئۇ يەردە تاۋاپچىلارنىڭ سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، پۇل، قۇرۇق يەل-يىمىش، نان... ئىشقىلىپ نېمىلا بولسا ئېلىۋېرىدۇ، چۈنكى ئىسلام قائىدىسىدە ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ %25 مۇلكىنى سەدىقە بېرىشى كېرەك ئەمەسمۇ.

2003-يىلى قىشتا مەمەت سىدىق ئىككى ئوغلى، ئىككى كېلىنى ۋە نەۋرە-چەۋرىلىرىنى ئېلىپ ئۈچ ئات ھارىۋىلىق مازار ئارىلاشقا يولغا چىقتى، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى نىشانى نىيە دەرياىسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى بىر چوڭ مازارلىق ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى گۇرۇپپىمىز ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە ئۇلار يولغا چىقىپ بولغان ئىدى، بىز يېرىم كۈن كېچىكىپ قاپتۇق. قولۇم-قوشنىلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن بىز ئۇلارنى قوغلاپ مېڭىپ، لوپ ناھىيە بازىرىغا 30 كىلومېتىر قالغان جايدا يېتىشىۋالدۇق، مەمەت سىدىق ئائىلىسىدىكىلەر يول بويىدىكى بىر جايغا ئورۇن سېلىپ، شۇ يەردە قونماقچى بولغان ئىدى.

قار ئەمدىلا توختىغاچقا، سىرىتنىڭ ھاۋاسى نۆلدىن تۆۋەن 10 نەچچە گىرادۇسقا چۈشۈپ قالغان ئىدى، مەمەت سىدىققا نىسبەتەن بۇنچىلىك سىناق ھېچنىمىگە ئەرزىمەيتتى، ئۇ ئادەتتە ئۆيىدىمۇ ھويلىسىغا ئورا كولاپ ئۆزىنى ‹‹كۆمۈپ›› ياتىدىغان تۇرسا. بۇنداق بولغاندا ‹‹تۇپراققا تېخىمۇ يېقىنلىشالايدۇ››دە. مانا بۇ نۇرغۇن ئاشىقلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلى.

ئىككىنچى كۈنى مەمەت سىدىق ئائىلىسىدىكىلەر چىرا ناھىيىسىدىكى بىر يېزىدا قوندى، ئۈچىنچى كۈنى كېرىيە ناھىيىسىگە يېتىپ باردى. ئاندىن نىيە ناھىيىسىدىكى بىر مازارلىقتا ئۈچ كۈن تۇردى، ئۇلار يول بويىدىكى چوڭ- كىچىك ئالتە مازارنى ئارىلىدى، ئۇلارغا ھەر بىر مازارلىقنىڭ يولى بەش قولدەك ئايان ئىدى.

ئورما مەزگىلى يېتىپ كەلدى، مەمەت سىدىق ئائىلىسىدىكىلەر خامانلىق يېنىدىكى مازارنى ماكان تۇتۇپ، بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ قالدى، ئوغۇللىرى خامانلىقمۇ-خامانلىق يۈرۈپ كەپسەن (بۇرۇن خامانلىقتا بۇغداي تىلىگۈچىلەر كەپسەنلەر دەپ ئاتالغان) تىلىدى، ھەتتا سامانمۇ ئالدى، چۈنكى ئاتقا سامان بولمىسا بولمايتتى.

خوتەن ۋىلايىتىدە مەمەت سىدىققا ئوخشاش داڭلىق ئاشىقلارنىڭ كەلگىنىنى كۆرگەن ھامان يەرلىكلەر ئۇلارغا سەدىقە بېرىدۇ، بەزى چاغلاردا قول ئىلكىدە بارلار بىرەر قوينىمۇ سەىدىقە قىلىۋېتىدۇ، ئەمما ئۇلار قوينى ئۆلتۈرمەي ئۆيىگە ئېلىپ كېتىدۇ. سەدىقىگە تايىنىپ جان بېقىش ئۇلارنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبىئى ھېسابلىنىدۇ، مەمەت سىدىقنىڭ ئوغۇللىرى دادىسىنىڭ ئورۇنلارشۇرۇشى بپيىچە ئۆيمۇ-ئۆي بېرىپ سەدىقە تىلەيدۇ، بۇغداي بېرىدىغانلارمۇ، نان بېرىدىغانلارمۇ، بىدە-سامان بېرىدىغانلارمۇ چىقىپ تۇرىدۇ. بەزىدە ئوغۇللار تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەلۇم نەرسىنى تەلەپ قىلىدۇ، مۇسۇلمانلار ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ.

مەمەت سىدىقنىڭ يوغان ھويلىسىدا قاتار كەتكەن ئۆيلەر بار، تېلېۋىزورمۇ بار تېخى، ئاڭلىشىزچە، ئۇ قەلەندەرچىلىككە تايىنىپ 40-50 مىڭ يۈەن تاپقانىكەن، بۇ پۇل ئاشىقلارغا نىسبەتەن خېلى چوڭ بايلىق ھىسابلىنىدىكەن، ئۇلار بۇنى قان تەر بەدىلىگە كەلگەن پۇل، بانكا ئشەنچلىك ئەمەس، دەپ قارىغاچقا، ئەزەلدىن بانكىدا ساقلىمايدىكەن، ئۆيىدىن چىققاندا چەندازىسىنى بېلىگە تۈگۈپ يۈرىيدىكەن، ئۇ بىر قېتىم كەنت ئەتراپىنى ئايلىنىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلسە، ئۆيىدىكى پۇلىنى ئوغرى ئاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئىشقا چىداپ تۇرالماي، ئۆيىدىكى نەرسىلەرنى ئەسەبىيلەرچە ئۇرۇپ-چېقىپتۇ. سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى ئەلى ئىسىملىك يەنە بىر ئاشىقنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئەلى 200 مىڭ يۈەن پۇلنى بانكىدا ساقلىماي، يەرنى كولاپ كۆمۈپ قويغاچقا، ئۇنىڭ پۇلىنىمۇ ئوغرى ئاپتۇ، ئۇ بۇ ئىشنى قوبۇل قىلالماي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋاپتۇ.

ئاشىقلارنىڭ تەڭدىن تولىسى يەككە-يىگانە ھەركەت قىلىدۇ، خوشنىلار بىلەن ناھايىتى ئاز باردى-كەلدى قىلىدۇ، خەق نىمە دىسە دىمەمدۇ، ئۇلارنىڭ نىمە كارى. لېكىن مەمەت سىدىق باشقىلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئانچە-مۇنچا پاراڭلىشىپ قويىدۇ، ئىسلام دىنىنىڭ نىمىشقا شەرققە تارقىلالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى، رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ ئىسمىنىڭ مەنىسىنى  دەبدەبىلىك دىنىي ئىبارىلەر بىلەن چۈشەندۈرۈپ كېتىدۇ، تېخى.

ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئاشىقلار سىياسىيغا پەقەتلا قىزىقمايدۇ، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس مەنىۋى ئېتىقادى بولىدۇ، لېكىن مەمەت سىدىق ئۇنداق ئەمەس. ئۇنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى دائىم تېلېۋېزوردا دىيىلگەن ئۇچۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئۇ تېخى باشقىلارنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ قويىدۇ،  گۇرۇپپا باشلىقى لى تيەنجاڭ ئۇنىڭ كېسەل كۆرۈش جەريانىنى تولۇق سۈرەتكە ئېلىۋالغان:  ئاۋال كېسەلنى سۆرەپ ئەكىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا سۇ چاچىدۇ، ئاندىن دۇرۇت ئوقۇپ، پاختا كۆيدۈرۈپ ھۈرىدۇ، ئاخىرىدا ئەگرى تاياق بىلەن كېسەلنىڭ بەدىنىگە ئۇرىدۇ، ھەرقانداق كېسەلنى داۋالاشنىڭ پەقەت مۇشۇنداق بىرلا جەريانى بولىدۇ.

ئاشىقلارنىڭمۇ سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىغا پايدىسى تېگىپ تۇرىدۇ. بىر قېتىم مەمەت سىدىق سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىكتە يۇرۇڭقاش بازىرىغا تەۋە قاشتاش دەرياسىدىكى بىر مازارغا بارماقچى بولىدۇ، ئاۋال گۈرۈپپىنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ بىر مەھەل ماڭغاندىن كېيىن، ئىشەك ھارۋىسىغا ئالمىشىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا چىقىم ۋە ۋاقىتنى تىجەپ قالغىلى بولاتتى. بۇنىڭدىن بۇرۇن مەمەت سىدىق سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىغا ئۆزىنى تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ پىچان ناھىيىسىدىكى بىر جىلغىغا ماشىنا بىلەن ئاپىرىپ قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى، ئەمما سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى خىراجەتنىڭ چەكلىك، ۋاقىتنىڭ قىسلىقىنى ئېييتقاندا مەمەت سىدىق سەل خاپا بولۇپ قالىدۇ، كېيىن ئۇ گۇاڭجۇۋغا ئاپىرىپ قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى ‹‹بولىدۇ، شارائىت يار بەرسە سېنى چوقۇم بىللە ئېلىپ كېتىمىز›› دەپ بەزلەپ قويىدۇ.

بۇ ئويدە مەمەت سىدىقنىڭ گېپى ھىساب، ئۇ بىرنى بىر دەيدۇ، ھەرگىز ئىككى دىمەيدۇ، گەپنى بىر قېتىم دەيدۇ، ھەرگىز ئىككى قېتىم دىمەيدۇ. ئۇ چوڭ كېلىنىنى ئانچە ياقتۇرمىغاچقا، دائىم ئوغلىغا خوتۇنىڭنىڭ خېتىنى بەر دەپ تۇرۇۋالىدۇ، ئوغلى ئۇنىماي تۇرۇۋالغاچقا، مەندىن يۈز ئۆرۈدى، دەپ ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ، چوڭ ئوغلى بىلەن كېلىنى باشقا جايدا تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. مەمەت سىدىق مەھەللىسىدىكىلەرگە ‹‹ئۇ ئاشىقلارنىڭ ئادىتىگە ھۆرمەت قىلمىغاچقا، ئۆيدىن ھەيدەپ چىقاردىم›› دەپ قويىدۇ.

سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى جەمئى بەش ئاشىقنى سۈرەتكە ئالدى، مەمەت سىدىق ئەڭ بۇرۇن ۋە ئەڭ كۆپ سۈرەتكە ئېلىندى، يەنە بىر ئاشىقنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى رەتلىك بولۇپ، ساقىلىنى پاكىز قىرىپ يۈرەتتى.

ئاشىقلار ئوتتۇرىسىدا جاپا مۇشەققەتنى تەڭ تارتىش مەسئۇلىيىتى بولىدۇ، بولمىسا پالانى ئاشىق پوكونى ئاشىقنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغان دەپ ئۇنى ئارىغا ئالمايدۇ.

ئاشىقلار بەزى چاغلاردا مازارلىقتا توپلۇشۇپمۇ قالىدۇ. سارىس تارقالغان ھېلىقى يىلى يۇرۇڭقاش بازىرىدا مەمەت سىدىق بىلەن ئەلى ئۇچرۇشىپ قالىدۇ، ئىككەيلەن پۇخادىن چىققۇچە ناخشا توۋلىۋالىدۇ. ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىمدا 7-8 ئادەم بىر يەرگە توپلىشىۋالىدۇ.

ئاشىقلار يىغىلىشىدا گۈلخان كەم بولسا ھەرگىز بولمايدۇ، ئۇلار ئوتنى ناھىيىتى چوڭ بىلىدۇ، ئۇلار ئوتنى ئۆزىگە تۇتېم قىلغان. ئۇلار گۈلخاننى چۆرىدەپ تۆر-پەگا بويىچە رەتلىك ئولتۇرىدۇ، ئۇلار ئوتتىن ئىسسىقلىق ۋە يورۇقلۇق ئالىدۇ، نېشىنى بولىشىغا تارتىپ سۇنايلىنىپ ياتىدۇ. خوشى تۇتۇپ كەتسە بولىشىغا ۋاقىراپ ناخشا ئېيتىدۇ، ئۇلارنىڭ ناخشىلىرىدا ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ ئېلېمېنتلىرىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاشىقلارنى سۈرەتكە ئېلىشتىكى مەخسەتلىرىنىڭ بىرى، ‹‹بىز ئۇلارنى مۇقام مەدەنىيىتىنىڭ نۇقتىسىدىن تۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىۋاتىمىز›› دەيدۇ لى تيەنجاڭ چۈشەندۈرۈپ.

ھەر بىر ئاشىقنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەركەت دائىرىسى بولىدۇ، بۇ دائىرە قانداق بېكىتىلگەن؟ ئۇلار بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىشنى خالىمىدى. لېكىن ئۇلار ئەزەلدىن ‹‹چېگرا ھالقىپ كەتمەيدۇ››، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىشمۇ بولمايدۇ. مازارلارنىڭ ھەممىسى قۇملۇقتا بولىدۇ، مازار بولغانكەن، بىر يىلنىڭ ھەرقانداق مەزگىلىدە تاۋاپچىلار بولىدۇ،  تاۋاپچىلار بولغانكەن، سەدىقە بولىدۇ. شۇڭا مازارلار ئاشىقلارنىڭ مۇھىم پائالىيەت سورۇنى، تاۋاپنىڭ يۇقۇرى پەللىسى بولغان پەيشەنبە كۈنىدە ئادەم ئەڭ كۆپ بولىدۇ، ئوخشىمىغان مەزگىلدە تاۋاپچىلارنىڭ سانىمۇ ئوخشىمايدۇ، بۇ خۇددى جەنۇبىي جوڭڭودىكى بۇدخانا سەيلىسىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بۇرۇن مازار خۇددى بازارغا ئوخشاشلا قىزىپ كېتەتتى، نېمە ئىزدىسە شۇ تېپىلاتتى، ھازىر نۇرغۇن سەۋەبلەر بىلەن خېلى جىمىپ قالدى.

ئاشىقلارنىڭ ھەركىتى خۇپىيانە بولىدۇ، ناھىيىتى ئاز ساندىكىلىرى سىرتتىكىلەر بىلەن  ئالاقىلىشىدۇ، ئاشىقلارنىڭ تۇرمۇش شەكلى ۋە رېتىمىنى سىرىتتىكىلەر ئاسانلىقچە ئىگىلىيەلمەيدۇ. سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى ئاشىقلارنىڭ كېچىلىك پائالىيىتىنى سۈرەتكە ئالالمىدى، ئۇلار كېچىلىك پائالىيىتىنى ئەزەلدىن ناھايىتى مەخپى تۇتىدۇ، گۇرۇپپىمىز كۈندۈزلىك پائالىيەتنىمۇ تىڭ-تىڭلاپ يۇرۇپ بەك تەستە تاپقان ئىدى.

سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى 60 نەچچە ياشلىق قېرى ئاشىقنى ئەگىشىپ يۈرۈپ سۈرەتكە ئالغان ئىدى، ئۇ بۇلتۇر ئۆلۈپ كەتكەندە كېچىكىپ خەۋەر تاپقاچقا، دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشالمىدۇق. گەرچە بىز ئۇلارنىڭ ئۇرۇغ-تۇققانلىرىنى دائىم يوقلاپ تۇرساقمۇ، ئۇلار بىزگە يەنىلا خەۋەر قىلماپتۇ. تۇرمۇش قايتىلانغان بىلەن بىز ئۈچۈن قالتىس كۆرۈنۈش قايتىلانمايدۇ-دە. ‹‹ئەمدى قانداق قىلىشىمىزنى بىلمەيمىز›› دىدى لىتيەنجاڭ. ئەمدى ئۇلار تۇرمۇشىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى سۈرەتكە ئالغىلى بولمايدۇ، تۇرمۇشتا خوش بولىدىغان ۋە مەيۈسلىنىدىغان چاغلار بولىدۇ، سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى ئۈچۈنمۇ شۇنداق.

ئاشىقلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خوشاللىقنى تەرك ئەتكەن، شۇڭا ئۇلار دائىم گۇرۇپپىمىزغا ئاچچىقلايدۇ، ئۆزلىرىگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بىزنىڭ ‹‹يېپىشىۋېلىشىمىزنى›› ياقتۇرمايدۇ، كامېرا توغرىلانغان ھامان بىئاراملىق ھىس قىلىشىدۇ. چۈنكى يېزا كادىرلىرى ئۇقۇپلا قالسا، ئۇلارغا ئاۋارىچىلىق دىگەن شۇ. مەيلى قانداق سەۋەپلەر بولمىسۇن، ئۇلار زادى ھەمكارلاشمايدۇ، شۇڭا گۇرۇپپىمىز سۈرەتكە ئېلىپ بولۇپلا ئايرىلىشقا تەييار تۇرىدۇ. قانداق قىلغاندا كامېرانىڭ مەۋجۈدلىقىنى ئۇلارغا بىلىندۈرمەسلىك سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ھەر قېتىم سۈرەتكە ئېلىشتىكى ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقى ھېسابلىنىدۇ.
106858_2011021318483714OUk_thumb.jpg


ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ساپايىنى جاڭشىتىپ ناخشا توۋلاۋاتقان ئاشىقلار. (سۈرەتنىڭ كېلىش مەنبىئى ‹‹پامىر›› ژورنىلى)

ئەسكەرتىش: بۇ بىر تەرجىمە ئوچېرىك، ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ سەۋرىچان بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

‹‹غەربتە قۇياش›› بلوگىدىن تەرجىمە قىلىندى.

ئەسلىدىكى ئۇلانمىنىڭ مەنبىئى:http://blog.cz001.com.cn/index.php/106858/viewspace-1162292.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-3 08:56 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100776
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 09:06:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۋال ساقلىۋالاي.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12435
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32507
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4492 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 10:11:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كىچىك ۋاقتىمدا كۆپ كۆرەتتىم بۇنداق ئاشقلارنى...

ھازىرمۇ بارمىدۇ مۇشۇنداق ئاشقلار...؟

چۈشىنىشلىك تەرجىمە قىپسىز،ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر..

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 12:55:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇنى يازغان  كىشى  ئۆشرە ، زاكات ، سەدىقە ، ھەدىيە ...............قاتارلىقلارنى يەنە ئاشىق، دىۋانە ................قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قۇيۇپتۇ . يەنە بىرى ، ئىسلامدا %25 مال - مۇلۇكنى سەدىقە قىلىدۇ دەپتۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس . ئۇقۇرمەنلەرنىڭ بۇنى توغرا چۈشىنىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26265
يازما سانى: 1254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12353
تۆھپە نۇمۇرى: 567
توردا: 7709 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 01:25:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىدا دىيىلگەن ئاشىقلار سۈرەتتىكى ساپايى تۇتقان ئادەملەرنى دىمەكچى بولسا ئونداقتا ئۇلار سۇپا ئىشانلارنى دىمەكچى بولسا كىرەك.

ھايات +كۈرەش دىمەكتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 01:34:52 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
albax يوللىغان ۋاقتى  2014-7-4 12:55 AM
بۇنى يازغان  كىشى  ئۆشرە ، زاكات ، سەدىقە ، ھەدىيە ........ ...


40/1 …   2.5%بولاتتى ، بىر چىكىت چۈشۈپ قالغان چېغى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شرئەلى118 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-4 01:35 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101952
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1043
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 10:07:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساپايى بىلەن ورۇندىغان ناخشىلار بولسا يوللاپ قويۇڭلار....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21530
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8464
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 10:19:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرجىمىنى ناھايىتى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك قىلىپسىز، تەرجىمان سىزدەك بولسا بولىدىكەن ئەسلى.

ئىگىلىك 100 سالونىنىڭ قوشۇۋېلىش ئادرېسى: IGILIK100

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106090
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 573
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 179 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 10:57:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹بەخىتسىز سەئىدىيە›› دېگەن كىتابتا بۇ ئاشىقلار توغۇرلۇق مەزمۇن سۆزلىندۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50844
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 237
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 645 سائەت
تىزىم: 2011-8-7
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 12:55:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇلارنىڭ ناخشىسى مۇڭلۇق ئىكەن، مىللى مەدەنىيەتنىڭ بىر تەركىبى قىسىمى، شۇڭا قالايمىقان ئىنكاس يازماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش