مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2421|ئىنكاس: 9

رازۋېدكا خاتىرىسى— سىرلىق ئۆيدىكى قاتىللىق دېلوسى (6) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 07:22:07 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دوختۇرخانا مىڭخەي ئالىي مەكتىپىگە ئەڭ يېقىن چوڭ دوختۇرخانا بولۇپ، لۈي يىشىننى جىددىي قۇتقۇزغان جايمۇ مۇشۇ شۇ ئىدى.

ئۇلارنىڭ بۇيەردىكى دوختۇردىن ئېرىشكەن جاۋابى شۇ بولدىكى، ئالدىنقى ئاي راستتىنلا چىڭ جوۋ ئىسىملىك ئوڭ قول بېغىشى ئېغىر يارىلانغان بىمار بولغانىكەن. ئۇنىڭ بېغىشىغا قىلغان ئوپراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولغان بىلەن ھازىرچە تېخى تولۇق ئەسلىگە كېلىپ بولالمايدىكەن.
دوختۇرنىڭ يەنە دېيىشىچە، ئۇنىڭ قولى تامامەن ساقىيىشى ئۈچۈن ئاز دېگەندە بىر ئاي، كۆپ دېگەندە ئۈچ ئاي كېتىدىكەن. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ قولىنىڭ ئەسلىگە قايتالماسلىق ئەھۋالىنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدىكەن. پەقەت ئۇ قالايمىقان ئىش قىلمىسىلا.

ئىشقىلىپ، چىڭ جوۋنىڭ ئوڭ قولى ھازىر ئېنىقلا ئەسلىگە كېپ بولالمىغان. ئوڭ قولىدا پىچاق تۇتۇشى ئاساسەن مۈمكىن ئەمەس. شۇڭا مۇنداقچە قىپ ئېيتقاندا، جىنياڭنىڭ گەپلىرىنىڭ ئىشەنچىلىكلىك دەرىجىسى يەنە بىر دەرىجە كۆتۈرۈلدى.

شۇنداق قىلىپ، ھازىر بېرىپ تەكشۈرمىگەن پەقەتلا ھېلىقى لىيەنخەي قاۋاقخانىسى قالدى، بىراق ھازىر ئۇنىڭ ئىشىك ئاچىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

ئەمدى نەگە بېرىش كېرەك؟
جى لىڭ گې يەنىلا ھېلىقى ئۇسۇل مۇسابىقىسىدىكى دۇنەنخەي نىڭ ھەمراھى جاڭ تىيەننى ئىزدەشنى توغرا تاپتى.

فاسەي جى لىڭ گې تەرىپىدىن قالايمىقان قاتراپ يۈرۈپ ئاللىبۇرۇن جىلە بوپ تۇرغانىدى. شۇڭا ئۇ بۇ چاغدا تاماكىسىنى چىشلەپ تۇرۇپ دېدى: «جىنياڭنى يالغان ئېيتمىدى دەپ بېكىتكەنىدىڭىزغۇ؟ بۇنىڭ يەنە سورىغىدەك نېمىسى بار؟ »

جى لىڭ گې نىڭ ئېيتىشىچە، بىخەتەرلىك ئۈچۈنمىش.



ئۇلار ۋاقىتلىق ئىش بېجىرىش ئورنىغا قايتىپ،چۈشتىن كېيىن دەرسى بولمىغان جاڭ تىيەننى توۋلاپ ئەكەلدى، ۋە، ئۇ قېتىملىق ئۇسۇل مۇسابىقىسىنىڭ ئىشىنى سورىدى.

جاڭ تىيەن ئۆزىنىڭمۇ بارغانلىقىنى، توك توختاپ قالغانلىق ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرىنچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

«دېدىمغۇ، بۇنىڭ سورىغىدەك نېمىسى بار؟ »دېدى فاسەي.

«دەرۋەقە ...—  جى لىڭ گې كەسكىنلىك بىلەن جاڭ تىيەننىڭ گەپلىرىنى خاتېرىلىۋالدى—  سىزمۇ مۇنداق دېسىڭىز، ئۇنداقتا خاتالىق يوق. جىن ياڭنىڭ ئېيتقانلىرى راستكەن. »

«نېمە ...ئۇ مۇسابىقىنىڭ دېلو بىلەن مۇناسىۋىتى بارمىكەن؟  »

«شۇنداق، چىڭ جوۋ نىڭ قولى يارىلانغان، ئادەم ئۆلتۈرۈشى مۈمكىن ئەمەس  .شۇڭا جىن ياڭ بىزگە سىزنىڭ ئۇسۇل ھەمرايىڭىز دۇنەنخەي نى دېگەنىدى  .ھازىر دۇنەنخەي دىن باشقا ھەممەيلەننىڭ جىنايىتى يەڭگىللىدى. »

  «ھە؟ مېنىڭ ھەمرايىم؟ دۇنەنخەي؟ »

  «ئىم؟ ئۇمۇسابىقىگە سىزمۇ قاتنىشىپتىكەنسىزغۇ؟ »

«مېنىڭ بارغىنىم راست. لېكىن ...مەن مۇسابىقىگە قاتناشمىغان تۇرسام. دۇنەنخەي نىڭ ھەمرايى قانداقسىگە مەن بولاي؟ »

بۇ گەپتىن ھەممەيلەن ھەيران قالدى.

زىددىيەت؟

«دۇنەنخەي نىڭ ھەمراھى سىز ئەمەسما؟ »

«ياق، مەن ئەمەس. »

«ئەمىسە كىم؟ »

جاڭ تىيەن ئويلانمايلا دېدى: «چوقۇم گې لىلى ! »



Act.03
فاسەي ئايرىلدى.
ئۇنىڭ دېيىشىچە جى لىڭ گې ئاز بولمىغان يىپ ئۇچىغا ئېرىشىپتۇ. شۇڭا قاتىلنى ئاسانلا تاپالامىش.

«بىراق سىز بىر ئادەم ئۆيگە قايتسىڭىز نېمىش قىلىسىز؟ — دېدى جى لىڭ گې—  كەچتە لىيەنخەي قاۋاقخانىسىنى ئاچقاندا مەن مېھمان قىلاي. »

«بىھاجەت. مەن ئەزەلدىن ھاراق ئىچىدىغان چاغدا ساقچى سىياقىدا ياسىنىپ ھەقسىز ئىچىمەن. »

«سىز بىز ساقچىلارنىڭ پۇقرالار كۆڭلىدىكى ياخشى نەزىرىنى بۇزۇۋەتمىسىڭىز قانداق؟ »

«بوپتۇ ئەمىسە. »
ئۇ قوشۇلدى. لېكىن ئۇ ھازىر بېرىپ مىياۋزىنى چىن چىمىڭ چاقىرىپ ئەپ چىقىپ كېتىشتىن ئىلگىرى  ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شۇنداق قىلىپ جى لىڭ گې يەنىلا ئۇنى ئەپ قالالمىدى  .

ئۇ مېڭىشتىن ئىلگىرىكى جى لىڭ گې ئۇنىڭغا يەنە ۋەزىپە تاپشۇرۇپ قويدى، يەنى، قايتىپ بارغاچ چىڭ جوۋ بىلەن ئەھۋاللىشىپ بېقىش.
ئۆزى بولسا جاڭ تىيەننى داۋاملىق سوراق قىلىشقا چۈشتى ...

فاسەي گەرچە چىڭ جوۋ نى سوراق قىپ كېلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنى ئەھمىيەتسىز ھېس قىلىپ، دەرسى يوق مىياۋزىنى چاقىرىپ بىللە ئويناپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ كەچ كېلىشنى قارار قىلدى. چۈنكى ئۇ چاغدا مېھمان قىلىدىغانلار بار ئەمەسمۇ.

ئۇ قىزلار ياتاق بىناسى ئالدىغا بېرىپ، چىرايى ئەنسىزلىككە تولۇپ كەتكەن مىياۋزىنى كۆرۈپ، ئاندىن ئۇ مەسىلىنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى ھېس قىپ يەتتى.

«مىياۋزى، چىڭ جوۋ نەدە؟—  فاسەي قارارىنى ئۆزگەرتكەنىدى —  ئۇنى جايلاپلىۋېتەي.»

مىياۋزى بېشىنى چايقاپ، پەقەتلا ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى قىياس قىلدى. بەلكىم مەكتەپ جەنۇپ تەرەپتىكى ئوغۇللار ياتىقىدىمىكىن.

جەنۇپ تەرەپتىكى؟ فاسەينىڭ ئېسىدە، چىن چىمىڭنىڭ ياتىقىمۇ شۇيەردە.

«ئۇ كىچىك تەپتىش سەن بىلەن بىللە ئەمەسما؟ ئاڭلىسام چۈشتە ئايرىم كۆرۈشۈپتىكەنسىلەر. (يۆخۈي قىپتىكەنسىلەر)»دېدى فاسەي.

مىياۋزى دەرھال ئۇنىڭ دەرسكە كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ، چۈشتىكى ئۇ ئولتۇرۇشنىڭ پەقەتلا ئۇچرىشىپ قالغانلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.

«ھەقىچان ئۇ پېيىڭغا چۈشكەندۇ. تۈنۈگۈن كەچتىلا ئۇنىڭ ساڭا كۆزىنىڭ چۈشكەنلىكىنى پەملىگەنتىم— دېدى فاسەي قولىنى ئۇنىڭغا ئۇزىتىپ—  تېلفونىڭنى ئەكىلە.»

مىياۋزى يانفونىنى فاسەيگە بەردى. فاسەي ئۇنى ئىككى  بېسىپلا چىن چىمىڭنىڭ تېلفون نومۇرىنى تاپتى، ۋە، بىر تەرەپتىن تېلفون ئۇرغاچ بىر تەرەپتىن دېدى: «قارا مانا، نومۇس قىلغىدەك نېمىسى بار.»

مىياۋزى يۈزلىرى قىزارغىنىچە ئىشنىڭ فاسەي ئويلىغاندەك ئۇنداق ئەمەسلىكىنى، ئەگەر ئوغۇللارنىڭ ئۆزىنى بىچارە كۆرۈپ ئاندىن ئۆزى بىلەن بىللە ئوينىماقچى بولغان بولسا ئۆزىنىڭ ھەرگىزمۇ قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«خاتىرجەم بول. ئۇ ھەرگىزمۇ سېنى بىچارە ھېس قىلمايدۇ— دېدى فاسەي تېلفوننى تۇتۇپ تۇرۇپ— چۈنكى ئۇ سەندىنمۇ ئۆتە بىچارە ...ۋەي؟ ۋەي؟ نېمانداق يېرىم كۈندە ئالىسەن؟ »

چىن چىمىڭنىڭ دەرۋەقە تېلېفوننى شۇنچە ئۇزاقراق ئالغان. چۈنكى ئۇ ھەيرانلىق ئىچىدە. نېمىلا بولمىسۇن گەپ قىلالمايدىغان مىياۋزى دەرس ۋاقتىدا تېلېفون ئۇرسا ...

«ۋاي بولدى ئوقۇما — دېدى فاسەي ئالدىرىتىپ— بۇياققا چىقە! »

«بولمايدۇ...دەرس ئۆتۈۋاتىدۇ...چىقالمايمەن ...»
چىن چىمىڭنىڭ ئاۋازى بەكلا تۆۋەن بولۇپ، قارىماققا ئېنىقلا ئۈستەل ئارىسىغا بېشىنى تىقىپ تۇرۇپ تېلفون ئالغانىدى.

«نېمە ئۇ دەرس ئۆتەۋاتىدۇ، ئۆتمەيۋاتىدۇ دېگەن. تېز چىقىپ ئەمەلىي مەشىق قىل—  دېدى فاسەي سەل جىلە بولغىنىچە— ساڭا ۋەزىپە بېرىمەن. ئۇ ئەسقاتماس دەرسىڭگە قارىغاندا ئەھمىيىتى چوڭ. »

چىن چىمىڭ نېمە ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى، فاسەي ئۇنىڭغا چىڭ جوۋنى جايلاش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

«مەن بىلەن مىياۋزى ئىككىمىز سېنى قوغدايمىز »دەپ يەنە تەكىتلەپ قېتىپ قويدى فاسەي. ئېنىقكى ئۇ «سېنى قوغدايمىز» ئەمەس، «مىياۋزىمۇ مۇشۇ يەردە» دېمەكچى ئىدى.

«چىڭ جوۋنى جايلايمىز؟ »

«ھەئە. ياتىقىڭ بىريەردىكەنغۇ»

«چىڭ جوۋ ئۇ ...بۇيەردە تۇرسا ...»

«ھە؟ »چىن چىمىڭنىڭ دېيىشىچە، چىڭ جوۋ ھازىر ئۇنىڭ بىلەن بىر سىنىپتا ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلاۋېتىپتۇ. ئۆزى ئەڭ ئارقا رەتتە ، چىڭ جوۋ بولسا ئالدىدىن ساناشقا بەشىنچى رەتتە ئىكەن.
«ئۇنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ »سورىدى فاسەي  .

«ھازىرغىچە بېشىنى تۆۋەن قىپ تۇرىدۇ. يەنە يىغلاۋاتقان چىراي...»

«بوپتۇ. قېنى ئۇنىڭ يەنە قانچىلىك ياسىنالايدىغىنىنى بىر كۆرەي» .



تەلىيىگە، ئۇلارنىڭ كەلگەن ۋاقتى دەل ئارام ئېلىش ۋاقتى بولۇپ، فاسەي سىنىپقا ئاسانلا كىرىپ كەتتى.
مۇئەللىم مەغرۇر پېتى كىرىپ كەلدى...يەنە ئون مىنۇت ئۆتۈپ كەتتى  چىن چىمىڭ  مىياۋزىنىڭ تېخىچە زەن قويۇپ ئاڭلاۋاتقىنىنى، فاسەينىڭ دەرۋەقە بولالمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ دېدى :«راستلا زېرىكىشلىكمىكەن؟ بۇ يەرگە زادى نېمە قىلغىلى كەلگىنىڭلارنى پەقەت چۈشىنەلمىدىم.»
«ساڭا دېدىمغۇ— دېدى فاسەي جاۋابەن—چىڭ جوۋنى جايلىغىلى كەلدۇق. »
«لېكىن دەرىستىن چۈشۈشكە يەنە خېلى ۋاقىت بار تۇرسا»
«سىنىڭچە دەرستىن چۈشكەندە ئۇنى يەنە جايلىغىلى بولارمۇ»
ھە؟!
فاسەي نېمە دېمەكچى؟ ئەجىبا چىڭ جوۋ ساقچىلار ئارىسىدا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويغان فاسەيگە قارىتا ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرىۋاتامدۇ؟
«توغرا— دېدى فاسەي ئۇنىڭغا جاۋابەن—ئۇنى ياساشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى دەل ھازىر» .
چىن چىمىڭ دەماللىققا چۈشىنەلمىدى. ھازىر دېگەن دەرس ۋاقتى تۇرسا، قانداقسىگە ...؟
دەل مۇشۇ چاغدا فاسەي كۈتىۋاتقان پۇرسەت ئاخىرى يېتىپ كەلدى. مۇنبەردىكى ئوقۇتقۇچى ئارقا سەپتە ئولتۇرغان ئۇلارغا قاراپ قاپاقلىرىنى تۈرۈپ تۇرۇپ «ئاۋۇ نەچچىڭلار!  گەپ قىلماڭلار! يا گېپىڭلار بولسا ئۈنلۈكرەك دەڭلار! »دېدى.
چىن چىمىڭ دەرھال بېشىنى ئىچىگە تىقتى. ئەمما فاسەي ئۇنداق قىلمىدى. ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىرىگە پىسەنت قىلماستىن چىن چىمىڭدىن سورىدى: «ھەي، سىنىپ ئىچىدە تاماكا چېكىشكە بولمايدۇ ھە؟ »
چىن چىمىڭ بېشىنى لىڭىشىتتى ۋە ئۇنىڭغا گەپ قىلماسلىق توغرىسىدا ئىشارەت قىلدى. فاسەي ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماستىن يەنە دېدى «قاملاشمىغان»  
بۇ سۆز نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى - دە، باشلىرىنى بۇرۇشۇپ ئارقاسەپتە ئولتۇرغان فاسەيگە قاراشتى. ئەلۋەتتە، مۇئەللىممۇ ئۇنىڭغا ئالىيىپ قاراۋاتاتتى. بىراق فاسەي بىپەرۋا ھالدا ئۆزىنى سەل تىكلەپ قويۇپ يەنىلا ئىككى پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇراتتى.
«ساۋاقداش! ئەگەر دەرس ئاڭلىمىسىڭىز باشقىلارنىڭ دەرس ئاڭلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەڭ! »دېدى مۇئەللىم قاتتىقراق پوزىتسىيەدە.
«ئۇنداق ئەمەسقۇ— دېدى ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ سەل كېرىلگەندەك قىلىپ— ئۆزىڭىز (گەپ بولسا ئۈنلۈكرەك قىلىڭ )دېدىڭىزغۇ؟ شۇڭا ئۈنلۈك دېدىم» .
بۇ سۆزدىن سىنىپتىكى ئويناۋاتقانلارنىڭمۇ نەزىرى ئۇنىڭغا چۈشتى.
«مەن دېمەكچى - دېدى مۇئەللىم قولىدىكى كۆرسەتكۈچ تاياقنى كۆتۈرۈپ - دەرسكە مۇناسىۋەتلىك قانداق پىكىرىڭىز بولسا ئۈنلۈك دېسىڭىز بولىدۇ! »
«ھە— دېدى فاسەي ۋە دوسكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ دېدى— مۇئەللىم، بايىقى سوئالنى خاتا ئىشلىدىڭىز»
خاتا؟ نەرى خاتا؟
چىن چىمىڭ دوسكىغا قارىدى. لېكىن ھېچقانداق خاتالىقنى بايقىمىدى.
مۇئەللىم ئۇنىڭدىن نەنىڭ خاتا بولغانلىقىنى سورىدى. ئۇ جاۋابەن «تازا ئېنىق ئېسىمگە ئالالمىدىم. قايتا تەكرارلاپ بېرەلەمسىز »دېدى.
چىن چىمىڭ چۈشەندى. فاسەي ئەسلا دەرس ئاڭلىمىغان!
مۇئەللىم بىرئاز سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن قوشۇمىسىنى تۈرۈپ مۇنبەرگە قاراپ ئىككى قەدەم ماڭدى، چىرايىدا بولسا بىرخىل زېرىكىش تەرىقىسىدىكى ئىپادە ئەكىس ئېتەتتى.ئۇ بىرنى ئۇھسىنغاندىن كېيىن كەيپىياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن «بولىدۇ. ئۇنداقتا ياخشى ئاڭلا. ئاندىن نەنىڭ خاتا بولغانلىقىنى ماڭا كۆرسىتىپ بەر. بولىدىغاندۇ؟ لېكىن كۆرسىتىپ بېرەلمىسەڭ بۇيەردە قالايمىقانچىلىق تېرىماي سىنىپتىن چىقىپ كەت» دېدى.
«بولىدۇ— دېدى فاسەي— ئەگەر سىز راستتىنلا خاتا سۆزلىگەن بولسىڭىزچۇ؟ »
مۇئەللىم يەنە بىرئاز سۈكۈت قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ سۆزىگە جاۋاب بەرمەستىن بايىقى مىسالنى قايتا سۆزلەشكە باشلىدى. خۇددى ئۆزىچە سۆزلىگىنىدىن قىلچە خاتالىق چىقمايدىغاندەك.
«ياخشى ئاڭلا! بۇ بىر قەدىمكى لوگىكىلىق مەسىلە— دېدى مۇئەللىم— قوشنا ئىككى كەنت بار. بىرى راستچىللار كەنتى،  يەنە بىرى يالغانچىلار كەنتى. راستچىللار كەنتىدىكىلەر پەقەت راست گەپلا قىلىدۇ،يالغانچىلار كەنتىدىكىلەر پەقەت يالغان گەپلا قىلىدۇ. ھازىر سەن راستچىللار كەنتىگە ساياھەتكە بارماقچى. مېڭىپ - مېڭىپ بىر ئاچا يول ئېغىزىغا كەلدىڭ،ئەمما قايسى يولنىڭ قايسى كەنتكە تۇتىشىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن . بۇ جايدا ھېچقانداق يول تاختىسى يوق. دەل مۇشۇ چاغدا چاغدا سەن بىر كەنت ئاھالىسىگە ئۇچراپ قالدىڭ. لېكىن ئۇ ئادەمنىڭ زادى  راستچىللار كەنتىنىڭ ياكى يالغانچىلار كەنتىنىڭ ئادىمى ئىكەنلىكىنى بىلمەيسەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئۇ ئادەمدىن  پەقەت بىرلا سوئال سوراش ئارقىلىق قايسى يولنىڭ قايسى كەنتكە تۇتىشىدىغانلىقىنى ئايرىشىڭ كېرەك. »
بۇ سوئال دەرۋەقە كونا ھەم ئاددىي بولغاچقا فاسەي خوشياقمىغان تەلەپپۇزدا دېدى «مۇشۇنداقمۇ ئاددىي سوئالنى ..»
«ئۇنچە ئاددي دېمىگىن، بۇ دەرس دېگەن لوگىكىلىق تەھلىل. تەھلىل بولغاندىكىن بەك مۇرەككەپ سۆزلەپ بەرسەم بولمايدۇ. بولمىسا سەن چۈشىنەلمىيسەن. ئۇنىڭدىن سىرت مەن سەندىن بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى سورىغىنىم يوق. جاۋابنى ئاللىبۇرۇن دوسكىغا يېزىپ قويدۇم. مېنىڭ سوراۋاتقىنىم، مەن قايسى جاينى خاتا سۆزلىدىم؟ »مۇئەللىم بىر تېنىقتا مۇنۇلارنى دەپ بولۇپ، فاسەينىڭ ئۆزىگە جاۋاب بېرىشىنى كۈتۈپ تۇردى.
دوسكىدا سوئالنى جاۋابى يېزىقلىق بولۇپ، بۇ سوئالنى يېشىشتىكى مۇھىم ھالقا ئۆزىنىڭ لوگىكىسىدىن ئەمەس بەلكى باشقىلارنىڭ لوگىكىسىدىن ئىكەنلىكى ئىدى. ناۋادا ئۇراستچىللار كەنتىنىڭ ئادىمى بولسا، پەقەت راست گەپلا قىلىدۇ. ئېنىقكى ئۇلاردىن سوراش تولىمۇ ئاددي. لېكىن يالغانچىلار كەنتىنىڭ ئادەملىرى پەقەت يالغان گەپلا قىلىدىغان تۇرسا،بۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ بۇچاغدا بۇ ئىككى كەنتتىكىلەرنىڭ لوگىكىسىدىن پايدىلىنىش كېرەك. يەنى بۇ ئىككى خىل ئەھۋالغا ئورتاق ماس كېلىدىغان جاۋاب تېپىش كېرەك.
مۇئەللىمنىڭ يازغان جاۋابى بولسا—— ھېلىقى ئادەمدىن پەقەتلا «قايسى يول ئارقىلىق سىزنىڭ كەنتىڭىزگە بارغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭ» دەپ سورىسىلا كۇپايە.
چۈنكى، ناۋادا ئۇ راستچىللار كەنتىنىڭ ئادىمى بولسا، راستچىللىق بىلەن كەنتىگە تۇتىشىدىغان يولنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئەگەر ئۇ يالغانچىلار كەنتىنىڭ ئادىمى بولسا، چوقۇم يالغان گەپ قىلىدۇ (ئۆز كەنتىگە تۇتاشمايدىغان يولنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ )، شۇڭا يەنىلا راستچىللار كەنتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
شۇڭا ئۇمەيلى قايسى كەنتنىڭ ئادىمى بولسۇن، قايسى يولنىڭ راستچىللار كەنتىگە، قايسى يولنىڭ يالغانچىلار كەنتىگە تۇتىشىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز.
چىن چىمىڭ ئويلىدى، مۇنداق كونا سوئاللارنى ئۇ تولا ئۇچراتقان. ئېنىقكى بۇيەردە ھېچقانداق خاتالىق يوقتە!  ئۇ بېشىنى بۇراپ سەۋىرسىزلىك بىلەن فاسەيگە قارىدى. چۈنكى ئۇ ئەمدى فاسەينىڭ مۇئەللىم تەرىپىدىن چىقىرىتىلىۋېتىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەنىدى.
ئۇ مىياۋزىدىن قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى سورىدى. ئەمما مىياۋزى ئۇنىڭغا قاراپ پەقەت كۈلۈپلا قويدى. قارىماققا پىسەنت قىلمىغاندەك تۇراتتى. بۇنىڭغا فاسەينىڭ بىرنى سوغۇق كۈلۈشى قوشۇلۇپ، چىن چىمىڭنى چۆچۈتىۋەتتى. ئەجىبا فاسەي راستتىنلا خاتالىق تېپىپ چىقالىدى؟ مۈمكىن ئەمەستۇ ؟
مۇنبەردىكى مۇئەللىم ئۇنى ئالدىراتتى:«ساۋاقداش! زادى نەدە خاتالىق بار؟ بولسا چوقۇم تۈزىتىمەن! »
چىن چىمىڭمۇ فاسەينىڭ نېمە دەيدىغانلىقىغا تەقەززا بولۇپ تۇراتتى.
فاسەي يانچۇقىدىن تاماكا چىقارماقچى بولدى - يۇ، بۇ جايدا چېكىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ بولدى قىلدى - ۋە ئورنىدىنمۇ تۇرماي ئۆزىنى سەل رۇسلىۋېلىپ سۆزلەشكە باشلىدى:«مۇئەللىم، ئەگەر سىز مۇنداق سورىسىڭىز ئېرىشكەن جاۋاب تولۇق 100%لىك بولمايدۇ. »
مۇئەللىم كۈلۈپ قويۇپ ئېيتتى «قانداقسىگە؟ »
«ئەگەر ئۇ راستچىللار كەنتىنىڭ ئادىمى بولسا دەرۋەقە سىزگە راستچىللار كەنتىنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. لېكىن ئۇ يالغانچىلار كەنتىنىڭ ئادىمى بولسا،  سىزگە راستچىللار كەنتىنى  كۆرسىتىپ بېرىشى ناتايىن» .
«ھا ھا ھا ....— مۇئەللىم قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى— سېنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭ يالغانچىلار كەنتىنىڭ ئادىمى بولسا قەستەن جاۋاب بەرمەمدۇ؟ »
«ياق» دېدى فاسەي بارمىقىنى چىقىرىپ. ئۇ ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغان كۆپچىلىككە سوئالنىڭ ئالدىنقى شەرتىنى تەكىتلەپ دېدى «سىز راستچىللار كەنتىگە ساياھەتكە بارماقچى. مېڭىپ مېڭىپ بىر ئاچا يول ئېغىزىغا كەلدىڭىز. بۇ يولنىڭ بىرى راستچىللار كەنتىگە، بىرى يالغانچىلار كەنتىگە تۇتىشىدۇ. لېكىن سىز پەرق ئېتەلمىدىڭىز، شۇنداققۇ؟ »
«توغرا»
«سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندىمۇ تېخىچە چۈشەنمىدىڭلارما؟ »
«ھە؟! »
فاسەي بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىنكاسىنىڭ تولىمۇ ئاستا ئىكەنلىكىنى پەملىگەچ ئەتراپدىكىلەرگە قاراپ قويدى. لېكىن ئەتراپدىكى ھەممەيلەنمۇ ئوخشاشلا قىزىققاقلىق بىلەن ئۇنىڭ سۆزىنىڭ داۋامىنى كۈتۈپ تۇراتتى. ئەلۋەتتە، چىن چىمىڭمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى.
«ھېچقايسىڭلار بىلمىدىڭلارما؟ نەرىڭلار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى؟—  دېدى فاسەي تولىمۇ ئېچىنغان قىياپەتتە— ئەگەر مۇشۇنداق تەھلىل قىپ كەلسەك بۇ جايدىكى يول جەمئىي ئۈچ بولمامدۇ؟! »
ئۇنىڭ مۇنداق دېيىشى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى چۈشىنىپ يەتتى. بۇ يەردە راستچىللار كەنتى ۋە يالغانچىلار كەنتىگە تۇتىشىدىغان يولدىن باشقا يەنە بىر يول مەۋجۇت. ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنىڭ كەلگەن يولى!
ئەگەر قارشى تەرەپ راستلا راستچىللار كەنتىنىڭ ئادىمى بولسا ئۇ ھەقىقەتەن راستچىللار كەنتىگە تۇتىشىدىغان يولنى كۆرسىتپ بېرىدۇ. ئەگەر ئۇ يالغانچىلار كەنتىنىڭ ئادىمى بولسا ئۇچاغدا ناتايىن. بۇچاغدا ئۇنىڭ ئىككى خىل جاۋاپ بېرىش ئېھتىماللىقى بار. بىرى راستچىللار كەنتىگە تۇتىشىدىغان يولنى كۆرسىتىش، يەنە بىرى بولسا دەل بىز مېڭىپ كەلگەن يولنى كۆرسىتىش. بۇخىل ئەھۋال ئاستىدا بىز يەنىلا يولنى پەرق ئېتىشكە ئامالسىز قالىمىز. شۇڭا مۇئەللىمنىڭ جاۋابى بويىچە سورىساق ئۇنىڭ توغرا بولۇش ئېھتىماللىقى ...
«تۆت سەن ئۈچ» دېدى فاسەي يەنە.
«ھە، سەن ئۆزۈڭنىڭ كەلگەن يولۇڭنى قوشۇپ تەھلىل قىپسەن. ئۆزۈڭگە بىر ئورۇن قالدۇرۇپ قويۇپسەن— دېدى مۇئەللىم— لېكىن مۇنداق تەھلىل قىلساق بۇ سوئال يېشىمسىز بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ »
فاسەي يەنە بىرنى كۈلۈپ قويۇپ دېدى «كىم شۇندق دەيدۇ؟ »
«ھە؟ سەن يېشەلەمسەن؟ »
چىن چىمىڭ فاسەينىڭ بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. دېمىسىمۇ شۇنچە يىللاردىن بۇيان ھېچكىم بۇ نۇقتىغا دىققەت قىپ باقمىغان تۇرسا! بىراق فاسەي بۇ نۇقتىغا دىققەت قىپلا قالماستىن ھەتتا جاۋابىنىمۇ چىقىرىپ بوپتۇ.
«جاۋابى مۇنداق، ئۇنىڭدىن <قايسى يوللار سىزنىڭ كەنتىڭىزگە تۇتاشمايدۇ؟ >دەپ سوراش كېرەك»
مۇئەللىم ئۈندىمىدى. سىنىپدىكى بارچە ساۋاقداشلارمۇ ئۈندىمىدى. ھەممىسى كۆزلىرىنى پارقىرىتىشىپ بۇ «بىپەرۋا» مۇئەللىمنىڭ دوسكىدىكى جاۋابنى ئۆزگەرتىشىگە قاراپ تۇرۇشتى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
پەرى + 50 ئۇتۇق تىلەيمەن

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12390
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32438
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 10:08:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايام ئىپتىخاردا ئوقۇغان ئىدىم..........


جاپا چېكىۋاتىسىز...

تەرجىمىنىڭ سۆز -جۈملىلىرى بەك چۈشىنىشلىك،راۋان چىقىۋاتىدۇ.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 10:34:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە بەك ئېسىل چىقىۋاتىدۇ ،،،داۋامىغا تەشنامىز

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103572
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 181
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2014-2-14
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 12:09:18 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئپتىخارنىڭ تور ئادرىسى لازىمتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 12:28:31 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فاسەي ھەقىقەتەن قابىليەتلىككەن داۋامىغا تەشنابىز …ھەقىقەتەن ياخشى تەرجىمە قىلۋاتىسىز
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شرئەلى118 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-3 12:30 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 12:28:32 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شرئەلى118 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-3 12:30 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 01:19:17 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2014-7-2 10:08 PM
بايام ئىپتىخاردا ئوقۇغان ئىدىم..........



مۇشۇنداق ۋاقىت ئۇزارغانسىرى مېنىڭمۇ سەۋىيەم ماس قەدەمدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولسا كېرەك.
كاللىنىمۇ كۆپ ئىشلەتسە ئېچىلىدۇ ئەمەسمۇ.

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 01:21:33 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاقنار يوللىغان ۋاقتى  2014-7-2 10:34 PM
رەھمەت سىزگە بەك ئېسىل چىقىۋاتىدۇ ،،،داۋامىغا تەشنامى ...

قوللاپ كېلىۋاتقىنىڭىزغا چىن دىلىمدىن تەشەككۈر.
داۋامىنى ئاللاھ خالىسا ئەتە سىزلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىمەن.

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 01:21:46 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاقنار يوللىغان ۋاقتى  2014-7-2 10:34 PM
رەھمەت سىزگە بەك ئېسىل چىقىۋاتىدۇ ،،،داۋامىغا تەشنامى ...

قوللاپ كېلىۋاتقىنىڭىزغا چىن دىلىمدىن تەشەككۈر.
داۋامىنى ئاللاھ خالىسا ئەتە سىزلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىمەن.

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101904
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1171
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2014-1-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 06:15:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچى بىلەن تۇتۇشۇپ كەتتىغۇ بۇ!
رەھمەت ، داۋامىغا قارايمىز ئەمىسە

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش