ئۇيغۇر مەھلىسى
ئاپتورى : خەيرۇللا قۇربان ‹ بورتالا ›
زەپ چىرايلىق پۇراقلىق بوستان ئۇيغۇر مەللىسى ،
دىلغا ئارام ھاۋالىق سالقىن ئۇيغۇر مەللىسى ،
پەرزەنتلىرى ياراملىق پاكدىل ئۇيغۇر مەللىسى ،
گۈل گىياھسى جۇلالىق رەتلىك ئۇيغۇر مەللىسى ،
ئەزان توۋلار جاراڭلىق ، ئۆزلۈك ئۇيغۇر مەللىسى .
ھەر دوقمۇشتا خۇشچىراي تۇنۇش سىما چاقنايدۇ ،
بىر بىرىنى قوغلىشىپ ئۇماق بالىلار يايرايدۇ ،
ئۇيغۇر تىلىدا قۇشلارمۇ دىلغا ئارام سايرايدۇ ،
قانمىغاندەك ئۇيغۇرغا ئاي يۇلتۇزمۇ پاتمايدۇ ،
بۈك باراقسان باراڭلىق راھەت ئۇيغۇر مەللىسى .
ئېرىقلاردا ئاقىدۇ سۈزۈك سۇلار ئەجىرلىك ،
ھۆرمىتى بار ئىنساننىڭ بارچە دىلدا قەدىرلىك ،
ئەسلەپ ئۆتمۈش تارىخنى بوران چىقار قەھىرلىك ،
سۆيىنىدۇ بۇ يۇرۇتتىن سەھرا ياكى شەھەرلىك ،
بەزى ئۇچۇق تۇمانلىق سىرلىق ئۇيغۇر مەللىسى .
تەڭ توۋلايدۇ ناخشىنى تەڭ ئىشلەيدۇ ئېتىزدا ،
قېرىنداشلىق مىھرى بار بىر تال باشاق مېغىزدا ،
ئەسسالامنىڭ ھۆرمىتى ۋەئەلەيكۈم ئېغىزىدا ،
ئىجابەت بار تىلەك بار ، بىر ئاللاھدا خىزىردا ،
پاك ھايالىق ۋاپالىق ئۆمجان ئۇيغۇر مەللىسى .
نان سورىسا ھاجەتمەن ئايىمايدۇ جېنىنى ،
ھەقىقەتكە ئاتايدۇ ھەتتا ئىسسىق قېنىنى ،
ماياك قىلغان ئۆزىگە، ئۆتكۈر، تەۋپىق ئىزىنى ،
يۇرۇق قىلىش نىشانى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى ،
قىسمىتى كۆپ جاپالىق كۆركەم ئۇيغۇر مەللىسى .
تۆي – تۆكۈننىڭ ھۆرمىتى ئۇيغۇرلاردىن بىلىنەر ،
ئايۋان – ساراي ئۆيلىرى مىللى روھتا بىزىلەر ،
بولسا بىرەر ھازىدار بارچە يۈرەك ئىزىلەر ،
بەركەت خۇددى ئۈرۈكتەك مېھمان ئۈچۈن تۆكىلەر ،
سەۋرىسى بار ساپالىق رەڭدار ئۇيغۇر مەللىسى .
ئىسسىق تاماق سۇنىدۇ ، قۇلۇم – قوشنا ئۆزئارا ،
ئاغرىق سىلاق كۆپ ئەمەس داۋا بولغاچ ساپ ھاۋا ،
قىز – ئاياللار ھايالىق ھۆرمىتى بار ئەتىۋا ،
ئەركەكلىرى مەردانە ئەمەس تۇزگور ، بىۋاپا ،
ئۈزۈلمەيدۇ قانداشلىق ئۆتەڭ ئۇيغۇر مەللىسى .
ھېيىت – ئايەمدە پەتىلەپ ، يوقلاپ تۇرار مىسكىننى ،
پەرىشتىدەك كۆرىدۇ ئىشىك چىكىپ كىرگەننى ،
ساۋاق بىلەن تەربىيلەر يامان يولدا يۈرگەننى ،
قەدىرلەيدۇ ، قوللايدۇ ، شەرەپ بىلەن كۈلگەننى ،
ئادەملىرى ساۋاتلىق ، ئاۋات ئۇيغۇر مەللىسى .
بازارلىرى ئاۋاتتۇر قوغۇن – تاۋۇز ، چارۋىدا ،
مەنگەن سامان چىگىت بار ئاتقا قوشقان ھارۋىدا ،
لازىمەت بار مۇھتاج بار دېھقان ئاكام تاغرىدا ،
خۇشاللىق بار ھەسرەت بار ، ساپايىدا ، ناغرىدا ،
رەستىللىرى قايناغلىق قايناق ئۇيغۇر مەللىسى .
بۇ مۇخەممەستىكى مەھەللىسى دېگەن سۆزنى بۆرتالادا ‹‹مەھلىسى›› دەپ ئالغان.بوغۇم ئېتىبارى بويىچە مەھەللىسى دەپ ئالساق ئاھاڭدارلىق بۇزۇلىدىكەن.شۇڭا‹‹ مەللىسى›› دەپ تۈزىتىپ قويدۇق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-2 04:56 PM