مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3803|ئىنكاس: 15

ھاقارەتلەنگەن دىلنىڭ نىداىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104902
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 08:23:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sy_53205451798.jpg

ھاقارەتلەنگەن دىلنىڭ نىداسى
(بىر تورداشنىڭ ئىنكاسىغا جاۋاپ)

بۈگۈن رامىزانغا 3بولغان قۇتلۇق كۈندە،ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بىزنى مۇسۇلمان قىلىپ ياراتقانلىغىغا ھەدەتسىز ھەمدى-سانا بولسۇن.رامىزاندىن كىرگەندىن بىرى ئازاتلىققا چىققاندەك ئەركىن بولۇپ ، روھى ۋە جىسمانى جەھەتلەردىكى ھاردۇقلىرىم بىراقلا چىقىپ يىنىكلەپ قالغان ئىدىم.بېسىم بولمىسا بىر نەرسە يېزىشمۇ تازا خوش ياقمايدىكەن، جاراھەتلەنگەن دىللىرىمنى رامىزان باھانىسىدا-ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن داۋالاپ ساقايتىۋالماقچى بولۇپ،رامىزاننى بولسىمۇ جىم چىقىرىۋالاي دىسەممۇ تورداشلىرىم مىنى ئىختىيارىمغا قويمايدىغاندەك قىلاتتى.
ئۈرۈمچىنىڭ ئەمگەك كوچىسىدا “ئاچچىق چىقىرىش كۇلۇبى”دەپ ،بىر ئورۇن قۇرۇلغىلى خېلى يىللار بولدى.بۇ خىلدىكى روھى بېسىم يىنىكلىتىش、 ئاچچىق چىقىرىش تۈرىدىكى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، تەرەققى قىلغان چوڭ شەھەرلەردە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەن.بۇ ئاساسەن چىقىم-ھەققىنى تۆلەپ بىرىپ ئۆي-جاھازلارنى چېقىپ كۆڭلىنى ئېچىش、تىللاپ- ۋاقىراپ كۆڭلىنى ئېچىش 、 مۇشلاپ ھەركەت قىلىپ روھى بېسىمنى يىنىكلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ،ھازىرقى زامان كىشىللىرى دۈچ كىلىۋاتقان روھى –پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى داۋالاپ ساقايتىشنى مەقسەت قىلغان.دەۋەقە ھازىر ئادەملەر تۇرمۇش بېسىمىنىڭ يۇقۇرلىغىدىن بېسىم چىقىرىدىغان جاي تاپالماي،قالايمىقان خالىغان يەردە بولۇپمۇ توردا ئاچچىق چىقىرىۋېلىشنى، باھاسى ئەرزان ئىشەنچلىك ئۇسۇل دەپ قارىسا كىرەك.ھىس قىلىشىمچە ھىچگەپتىن-ھىچگەپ يوق زەھەردەك گەپلەر بىلەن، ئورۇنسىز باشقىلارنى چېقىۋالىدىغان ئەھۋال ئەتراپىمىزدا ئېغىرلاپ قالغاندەك قىلاتتى.بىر تورداش مۇنداق بىر ئىنكاس يوللاپتۇ،تۆۋەندە شۇ يوللانغان ئىنكاسنى ئەسلى مەزمۇنى بويىچە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن:“ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ، قانۇن ئەپەندىم ياخشمۇسىز ؟مۇشۇ توردا ئۇچۇردا ، چ چ دا ، تىلفۇندا باشقىلارنى ھاقارەتلىگەن كىشىلەرگە قانۇندا قانداق جازا قوللىنىدۇ ، مۇشۇنداق قەبىھ ئەھۋاللارغا ئۇچرىساق قايسى ئورۇنلارغا خەۋەر ھەم ئىنكاس قىلساق بولىدۇ . مۇشۇ توغرلۇق ئەتراپلىق بىر تېما ئەۋەتكەن بولسىڭىز ، يىقىندىن بۇيان مەۋھۇم دۇنيا بولغان ئىنتىرنىتتا ئادەمنىڭ يۇركى تىترۈگۈدەك ، ھەتتا زىمىن تىترۈگۈدەك باشقىلاردىن ھاقارەت ئاڭلاپ كەتتىم .ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن قېرىندىشىم!”
مەن بۇ ئىنكاسنى كۆپ ئويلاندىم.بۇ قانۇن بىلەن ئەخلاقتىن ئىبارەت، ئىككى چوڭ كاتوگۇرىيەگە چېتىلىدىغان مەسىلە بولغاچقا ،قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بىرىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىدى.شۇنداقتىمۇ بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى رەت قىلغىم كەلمەي،قۇلۇمدىن كىلىشىچە تىرىشىپ جاۋاپ ئىزدەپ باقتىم.بۇ نىڭغا ئۇدۇللا بىرنىمە دىيىشكە توغرا كەلسە،تازا تولۇق ھەم ئۆلچەملىك بولمايتى.شۇڭا بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەخلاق نىمە؟ قانۇن  نىمە؟دىگەننى يورۇتۇپ بىرىش كىرەك ئەلۋەتتە.ئەخلاق دىگىنىمىز -كىشىلەرنىڭ  جەمىيەتتىكى ئىجتىمائى ھادىسىلەرگە بولغان ياخشى-يامان باھا-پىكرى بولۇپ،ئابروي-ئىناۋەت قاتارلىق ئىنساننىڭ مەنىۋى ئىھتىياجىنى يېقىلغۇ قىلىدىغان كىشىلىك تۇرمۇش ھەركەت مىزانىنى بىز ئەخلاق دەپ ئاتايمىز.مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەخلاق-ئىنسان ئۆزىنىڭ نۇرمال ھاياتى پائالىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ،ئىستىخىيىلىك يوسۇندا ئېلىپ بارغان ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ھەركىتىنى كۆرسىتىدۇ.ئادەم يالغۇز بىر ئارالدا ھايات كەچۈرسە ئەخلاققا ئىھتىياجى چۈشمەيدۇ،پەقەت خوتۇن–باللىرى ئاۋۇپ ھەرقايسىنىڭ ئۆزىگە خاس ھايات ئىھتياجى  پەيدا بولۇشقا باشلاپ ،بىر-بىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش يۈزىسىدىن ئەخلاقنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.
ئەخلاق مەيدانغا كەلگەندىن كىيىن ،قارىسا ئارىسىدىن بىتتى –يېرىم قۇلاق كەستىللىرى چىقىپ قېلىپ ،ئۇنى قاتتىقراق جازالىمىسا گەپ كار قىلماي قالدى.قانداق قىلىش كىرەك؟ شۇنىڭ بىلەن جازالايدىغان ئەسلىھەلەر مەيدانغا كىلىشكە باشلاپ،ئاۋال ئۇنى تاماق بەرمەي 、گۇناھىنى ۋاقىتلىق سولاپ قويۇپ 、توۋە قىلدۇرىدىغان سولاقخانا لازىم بولدى.كىيىن ئادەم ئاۋۇغانسىرى جازانىڭ تۈرلىرى كۆپەيدى、ساقچى –ئەسكەر باقمىسا بولمىدى 、قۇراللار مەيدانغا كەلدى 、ھۆكۈمىرانلار پەيدا بولمىسا بولمىدى. شۇنداق قىلىپ كىشىلەرنىڭ قانۇنغا ئىھتىياجى چۈشۈپ، قانۇن مەيدانغا كەلدى. قانۇن- ھۆكۈمىرانلار(كۈچلۈكلەر) بىكىتكەن، مەجبۇرلاش ۋاستىللىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان  ئىجتىمائى يولدۇر.قانۇن دەسلىۋىدە پەقەت گەپ ئاڭلىمىغان پاتاڭ قۇلاقلارنى، ئۇچۇقداغ قويۇش ئۈچۈنلا مەيدانغا كەلگەن.  
ئۇنداقتا قانۇن بىلەن ئەخلاقنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ كىشىلەرنىڭ قىلمىشىنى ئەخلاق ئۈنۈملىك چەكلىيەلمىگەندە،قانۇننىڭ چەكلەش رولى ئوتتورىغا چۈشىدۇ.ئىنكاستىكى ھاقارەت مەسلىسىگە كەلسەك:ئادەتتىكى ساغلام بىر ئادەمنى بىر ئىككى ئېغىز تىللاپ قويسىڭىز ،ھىچنىمە بولۇپ كەتمەسلىگى مۇمكىن. لىكىن تەلىيىڭىز ئوڭ كەلمەي  قېلىپ ،ئۇقۇشماسلىقتىن بىرەر مەشھۇر ئەرباپنى ياكى داڭلىق چولپاننى ھاقارەت قىلىپ سېلىپ، يۈزىنى چۈشۈرۈپ قويسىڭىز باھاسى بەك يۇقۇرى بولۇپ كىتىپ تۆلىيەلمەسلىگىڭىز مۇمكىن.ھاقارەت قىلغىنىڭىز ئويلىمىغان يەردىن ،ئاجىز –مېيىپ、 قان بېسىم、 يۈرىگى ئاجىز ئادەملەر بولۇپ قالسا ،ھاقارەتكە چىدىماي قىلىپ سالامەتلىگى ناچارلىشىپ دوختۇرغا كىرىپ قالسا،بارلىق دوختۇر چىقىملىرىنى باۋشاۋ(ئاتچوت)قىلمىسىڭىز بولمايدۇ.ناۋادا مەن 《تۇخۇمنىڭ ھىكايىسى》دىگەن يازمامدا دىگەندەك ،ئادەتتىكى تۇخۇم مۇئەييەن شارائىتقا ئىگە بولسا يەنى 25 قەۋەتتىن چۈشۈپ كەتسە ئادەم ئۆلتۈرەلىگەندەك،ئادەتتىكىچە تۇيۇلغان بىر ئېغىز سۆز باشقىلارنى ئۆلتۈرۈپ قويۇشىمۇ مۇمكىن.ياق دىمەڭ!بۇ دۇنيادا مۇمكىن ئەمەس! دىگەن سۆز پەقەت دۆتلەرنىڭ ئاغزىدىنلا چىقىدۇ.ناۋادا شۇ بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئادەم ئۆلسە،قانۇن بويىچە خۇن داۋاسى بولۇپ قالسا ۋە ئۆلۈم تۆلەم پۇلىنى شۇ ھاقارەت قىلغۇچى نوچى ئۈستىگە ئالىدۇ ئەلۋەتتە.مەن توردا مەخپى تۇرسام دىمەڭ ، ئاللاھقا ھىچقانداق نەرسە مەخپى ئەمەس.بۇنداق ئىشتىن خۇدا ساقلىسۇن! ئەگەر خۇن داۋاسى چىقىپ قالسا ،جاۋاپكارنى تاپماق بىردەملىك ئىش !
مۇنبەرگە يوللىنىدىغان ماقالە بەك مۇكەممەللىكنى قوغلىشىپ كەتسە ،قىزىق يېرى قالمايدىكەن .شۇڭا مۇشۇ يەردە توختاتسام ،قالغىنىنى ئورتاق تولۇقلاپ كەتسەك قانداق دەيسىلەر؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-2 09:55 AM  


قانۇن بىلەن ئويناشما !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14977
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2784 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 01:16:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
《تۇخۇمنىڭ ھىكايىسى》دىگەن يازمامدا دىگەندەك ،ئادەتتىكى تۇخۇم مۇئەييەن شارائىتقا ئىگە بولسا يەنى 25 قەۋەتتىن چۈشۈپ كەتسە ئادەم ئۆلتۈرەلىگەندەك،ئادەتتىكىچە تۇيۇلغان بىر ئېغىز سۆز باشقىلارنى ئۆلتۈرۈپ قويۇشىمۇ مۇمكىن.ياق دىمەڭ!بۇ دۇنيادا مۇمكىن ئەمەس! دىگەن سۆز پەقەت دۆتلەرنىڭ ئاغزىدىنلا چىقىدۇ.
بۇ گېپىڭلنى كۆرەپ ،«ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسىە»دە جۇگىلياڭنىڭ ھېلقى بىر مەمەدان ئاقىلنى «سەن قېرى دەللە ،نۇمۇسسز ئىككى يۈزلىمىچى مۇناپىق .....»دەپ بىرمۇنچە تىللاپ بىر ئېغىز گەپ قىلشقا پۇرسەت بەرمەي ئۆلتۈرۈپ قويغنى كۆزئالدىمغا كېلىپ قالدى
گەرچە رىئاللقتا بىر كىشنى تىللغانغا ئۆلۈپ قاپتۇ دەپ ئاڭلىمىغان بولساممۇ بىراق ئالىي مەكتەپتە بىر ساۋاقدشىمىز ئاچچىق يۇتۇۋېىلپ ھوشىدىن كەتكەندە ،تىللاپ ئادەم ئۆلتۈرگىلى بولدىغنىغا ئىشنىپمۇ قالغانىدىم .
لېكىن مېنىڭ يۈزۈم بەك قېلىنمۇ يا باشقىلار مېنىڭ ئاجىزلىقىمنى تېپىپ گەپ قىلالمامدۇ مۇشۇ ۋاققىچە بىرەر كشىنىڭ قاتتىق گېپىدىن ئېچىم ئاچچىق بولغىدەك ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ باقمىدىم

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96232
يازما سانى: 378
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1595
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 321 سائەت
تىزىم: 2013-7-22
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 10:20:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
babur99 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-2 01:16 AM
《تۇخۇمنىڭ ھىكايىسى》دىگەن يازمامدا دىگەندەك ،ئادەتتىك ...

باشقلار تېخى سىزنىڭ ئاجىزلىقىڭىزنى بايقاپ تۇرۇپ زەربە بىرىپ باقماپتۇ.......

كۈنلەر ئۆتۈۋاتىدۇ كۈتۈۋاتىمەن، ئۆتكەن كۈنلەر كۈتكەندەك ئەمەس، كۈتكەن كۈنلەر كەلگەندەك ئەمەس.......

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44632
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15792 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 01:54:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

مەۋھۇم دۇنيانىڭ ئاق بەتلىرنى ، ئىنساننىڭ ئەڭ قىممەتلىك بولغان پاك ئانىسىنى شىپى قىلىپ قەبىھ تىلللار بىلەن ھاقارەتلىگەن ئىنسانلارغا جانابى ئاللاھ ھىدايەت بەرسۇن !
باشقىلارننى ھاقەرەتلەش ئارقىلىق ھوزۇر ئالدىغان ، قان - قىنىغا سىڭىپ كەتكەن روھىي زەىئىپلىكى بىلەن تىلى سېسىپ كەتكەن بەندىلەرگە رەببىم ئاللاھ ئىنساپ تەۋپىق ئاتا قىلسۇن !  

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97020
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4779
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 598 سائەت
تىزىم: 2013-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 02:12:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىيما ئىگىسىنىڭ پىكىرىگە مەن قوشۇلىمەن!شۇنداق ئىشلار مەۋجۇت!بولۇپمۇ مۇنبەرلەردە.ئاپتۇر ئوتتۇرىغا قويغاندەك قالايمىقان ئىنكاس يازىدىغانلار،باشقىلارنى ھاقارەتلەيدىغانلار ئۆز كۆڭلىدە مىنى تاپالمايدۇ ياكى ھىچنىمە قىلالمايدۇ دەپ ئويلايدۇ،بىرەر قانۇنىي دەۋا كىلىپ چىقسۇن قېنى!شۇ چاغدا ئۆزىنىڭ نەقەدەر ئاشكارە ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ.

سەن يىغلىغاندا كۈلگەنلەرنىڭ ھالىغا ئەتە قاراپ باق!

مەن «قاشتېشى» شۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107304
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 759
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2014-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 03:21:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلاردىن ئازار يىگەندە، ھاقارەتكە ئۇچرىغاندا پۇتبولىمنى ئېلىپ، ئايىغىمنى كىيىپ، بىرە پۇتبول مەيدانى ياكى ئىگىزرەك بىر تامنى تېپىۋېلىپ توپنى بۇلىشىچە تېپىپ ئاچچىقىمنى چىقىرۋالىمەن. ياكى بولمىسا تېلىفۇننىڭ ، چ چ نىڭ، ئۈندىدارنىڭ، مۇنبەرنىڭ ئۇچۇر كۆزىكىگە تازا تىللاپ، ئاچچىقىمنى چىقارغۇچە بىر نىمىلەرنى يېزىۋېتىپ، قايتا بىر ئوقۇۋېتىپ ئاندىن دەرھال ئۆچۈرۋېتىپ ، پەقەت رەھمەتلا دېگەن سۆزنى يوللاپ قويىمەن.
ئاچچىقنى يۈتىۋېلىش بەكلا خەتەرلىك.
ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئىشقا ئۇچرىغاندا قانۇندىن پايدىلانساق بولىدۇ ئەلۋەتتە.

پەقەت مەنلا ھايات بولىدىكەنمەن قاشتېشى ھەرگىزمۇ تور ئىجادىيىتىنى توختىتىپ قويمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20073
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5943
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3505 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 06:03:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇندىن قانداق پايدىلىنىسىز ؟ ھازىر دەل شۇنى دەۋاتىدۇ ، قانۇن پاكىت دەيدۇ ، بۇنىڭغا پاكىت تېپىپ دەۋايىڭىزنى ئاقتۇرۇپ بولغۇچە ،خەقنىڭ تىللىغىنىدىنمۇ ئارتۇق ئازاپ تارتىۋېلىشىڭىز مۈمكىن ،ياكى سىز قانۇننى تىللاپ قويىسىز خەق سىزنى تىللىغاندىن بەكرەك ...

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12401
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32459
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4462 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 08:27:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ساپاسىز،ئەخلاقسىز كىشىلەر مەۋھۇم دۇنيادا باشقىلارنى ھاقارەت قىلىدۇ....

بىر قىسىملار بار مېنى ھېچكىم كۆرمەيدۇ،ھېچنىمە قىلالمايدۇ دەپ  باشقىلارنى ھاقارەتلەيدىغان...


ھەممىنى بىلىپ ،كۆرۈپ تۇرغۇچى اللاھ ئىگەم بار.....


دىل ئازاردىن خۇدا بىزار....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107221
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 365
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2014-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 09:44:18 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
allah hammini korup turidu

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105932
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 189
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 282 سائەت
تىزىم: 2014-4-11
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 11:00:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
babur99 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-2 01:16 AM
《تۇخۇمنىڭ ھىكايىسى》دىگەن يازمامدا دىگەندەك ،ئادەتتىك ...

‏«ھۆرمەت قىلساڭ، ھۆرمەت تاپارسەن»، «سەن باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى خالىساڭ،باشقىلارغا سەن شۇنداق مۇئامىلە قىل» دەيدىغان ھېكمەتلەر بار.
‏سىز باشقىلارغا ھۆرمەت قىلغاچقا، پىكىرىڭىزنى ئوتتۇرغا قويغاندا قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى بەكرەك ئويلىغاچقا باشقىلارمۇ سىزگە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان ، « نىمە تېرىساڭ، شۇنى ئالىسەن» دەيدۇ ئەمەسمۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش