ھەزىم قىلىش ناچارلىقنى داۋالاشتىن 6 رېتسىپ
بىزدە ‹‹ ياخشى تاماق ، ئېشىپ قالغۇچە يامان قورساق ئېتىلىپ كەتسۇن ›› دەيدىغان گەپ بار ، شۇنىڭدەك تۇرمۇشىمىزدا بەزى چاغلاردا بىلىپ - بىلمەي ئوخشىغان تاماقلاردىن ھەددىدىن زىيادە يېۋىلىپ سىڭدۈرەلمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس ئەلۋەتتە ، بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك ئۇلۇغ رامىزان كۈنلىرىدە قېرىنداشلىرىمىز كۈن كەچ بوپ قالغۇچە بەرداشلىق بىرەلمەسلىكتىن ئەندىشە قىلىپ تاماقنى ئادەتتىكى ۋاقىتتىن كۆپرەك ئىستىمال قىلىۋالىدۇ ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە سوغۇق يىمەك – ئىچمەكنى زىيادە كۆپ ئىستىمال قىلىدۇ ،بۇئەھۋالدا كۆپ قىسىم قېرىنداشلىرىمىزدائالاھىدەئەھۋاللار كۆرۈلمىسىمۇ ئاز ساندىكى بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزدا ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش كەم ماغدۇرلۇق ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ ، تۆۋەندە كۆپچىلىك بىلەن ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش كەم ماغدۇرلۇق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ئائىلىدە ئاددىي رېتسىپلار ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز؛
1-بۇغداي تالقىنى
[ماتېرىياللار] بۇغداي 30 گرام ئېلىنىدۇ .
[تەييارلىنىشى] بۇغداينى قازاندا ئوبدان قورۇپ ، تالقانلاپ كۈندەئۈچ ۋاق (رامىزاندا 2ۋاق بولسىمۇ بولىدۇ ) ، ھەر قېتىمدا 6 گرامدىن قايناق سۇبىلەن ئىچىلىدۇ .
[تەسىرى] ئاشقازاننى ياخشىلاپ تاماق سىڭدۈرىدۇ ، ھەزىم قىلىشنىڭ ناچارلىشىشى ، كۆپ تاماق سىڭدۈرەلمەسلىك مەيدە چىڭقىلىپ ئاغرىش ،قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
2-تېرىق كۇمىلىچى
[ماتېرىياللار] تېرىق ئۇنى،تۇزمۇۋاپىق مىقتاردا ئېلىنىدۇ .
[تەييارلىنىشى] تېرىق ئۇنىدا خىمىر يۇغۇرۇپ ، قارىئۆرۈك چوڭلۇقىدا كۇمىلاچ تەييارلاپ ، ھەر قېتىمدا 5~10 كومىلاچنى سۇدا ئوبدان پىشۇرۇپ ، مۇۋاپىق مىقداردىكى تۇز بىلەن كۈندە 2 قېتىم ، تاماقتىن بۇرۇن ئىستىمال قېلىنىدۇ .
[تەسىرى] ئاشقازاننى ياخشىلاپ ، تاماق سىڭدۈرىدۇ ، تال ،ئاشقازان ئاجىزلىقى ، ھەزىم قىلىشنىڭ ناچارلىشىشى ، ئىشتىھا تۇتۇلۇش ، ئىچى سۈرۈشقاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
3-دادۇرتالقىنى
[ماتېرىياللار] دادۇر 500 گرام ئېلىنىدۇ .
[تەييارلىنىشى] دادۇر ئىلمان سۇغا چىلىنىپ ئوبدان كۆپتۈرۈلگەندىنكېيىن ، پوستى ئېلىنىپ ، قۇرۇتۇلۇپ ، تالقانلىنىپ ، ھەر قېتىمدا 30~60 گرام تالقاننى قىززىق قايناق سۇغا سېلىپ ، مۇۋاپىق قارا شېكەر ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىچىلىدۇ.
[تەسىرى] ئاشقازان بىلەن تالنى ياخشىلاش رولى بار .
ئاشقازان – تال ئاجىزلىقى ، ھەزىم قىلىشنىڭ ناچارلىشىشى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
4-مۇرەككەپ يەرياڭىقى(خاسىڭ) شىرنىسى
[ماتېرىياللار] خاسىڭ مېغىزى ، ئۆرۈك مېغىزى ، سېرىق پۇرچاق ھەر بىرى 15 گرامدىن ئېلىنىدۇ .
[تەييارلىنىشى] يۇقارىقىلار سوقۇپ تالقانلىنىدۇ ، ئاندىن بىر چىنەسۇ قۇيۇپ ئوبدان قاينىتىپ ، كۈندە ئۈچ قېتىم قىزىق پىتى ئىچىلىدۇ .
[تەسىرى] بەدەندەقۇۋۋەت پەيدا قىلىش تەسىرى كۈچلۈك ، ئۆپكە تۇبىركۇليۇز ، تال- ئاشقازاننىڭ ئاجىزلىقى ، تاماق ھەزىم بولماسلىق ، ئورۇقلاش ، ماغدۇرسىزلىق ، قاتارلىقلارغامەنپەئەت قىلىدۇ . بولۇپمۇ كېسەلدىن كېيىنكى ماغدۇرسىزلىققا ئۈنۈمى ياخشى .
5-سەۋزە شىرنىسى
[ماتېرىياللار] سەۋزە 250 گرام ، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا .
[تەييارلىنىشى] سەۋزىنى ئۇششاق ياپىلاق توغراپ سۇدا قاينىتىپ سەۋزەئىزىلگەندىن كېيىن سەۋزىنى سۈزۈپ ئېلىپ سۈيى مۇۋاپىق مىقداردىكى تۇز ، ياكى قاراشېكەر بىلەن كۈندە 2~3 قېتىم خالىغان مىقداردا ئىچىلىدۇ .
[تەسىرى] تال ئاشقازاننى ياخشىلاپ تاماق سىڭدۈرىدۇ ،بالىلاردىكى ھەزىم قىلىشنىڭ ناچارلىشىشى ، ئىشتىھا تۇتۇلۇش ، مەيدە چىڭقىلىش ،قورساق ئاغرىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
6-قىزىلقوناق بوتقىسى
[ماتېرىياللار] قوي گۆشى 100 گرام ، قىزىل قوناق 100گرام ، تۇزمۇۋاپىق مىقداردا ئېلىنىدۇ .
[تەييارلىنىشى]قوي گۆشىنى مېغىز چوڭلۇقىدا تۆت بۇرجەك توغراپ ،قىزىل قوناق بىلەن بىرگە قاينىتىپ ، بوتقا تەييارلاپ تۇز - تەمى تەڭشىەلگەندىن كېيىن قىزىق پىتى ئىچىلىدۇ .
[تەسىرى] تال ۋە ئاشقازان ئاجىزلىقىدىن بولغان ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشى ، قورساقنىڭ مۇجۇپ ئاغرىشى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
ئەسكەرتىش ؛يۇقارىقى رېتسىپلار ماتىرىيالى ئاددىي ، ئەمەلىي سىناقلاردىن ئۆتكەن شۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ تورداشلارنىڭ خاتىرجەم ھالدا ئىشلىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز ، ئاخىرىدا بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تېنىنىڭ سالامەت ، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىنى تىلەيمەن .
مەنبە ؛ئۇيغۇر دوختۇر سالونىدىن ئېلىندى ، سالون ئىزدەش نومۇرى uydoctor .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. i: Q9 N8 N/ m/ v2 A- p