پەلسەپە ساۋاتلىرىدىن خاتىرە مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
1.پەلسەپىدىكى مەزھەپلەر: بىرمەنبەچىلىك(ماددا ۋە روھنىڭ بىرلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ) ئىككى مەنبەچىلىك(ئاخىرى ئىدىئالىستىك بىرمەنبەچىلىككە قايتىدۇ) بىرمەنبەچىلىك يەنە ئىككىگە ئايرىلغان: بىرى،ماتېرىيالىزم(ئىنكاس نەزەرىيسىدە چىڭ تۇرىدۇ) يەنە بىرى،ئىدىئالىزم(ئەزەلىيەت نەزەرىيسىدە چىڭ تۇرىدۇ) ماتېرىيالىزم باسقۇچ جەھەتتىن قەدىمكى ساددا ماتېرىيالىزم ۋە يېقىنقى دەۋىر مېتافىزىك ماتېرىيالىزمى(بۇ ئالدىنقى ئىككىسى قوشۇلۇپ كونا ماتېرىيالىزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ)،ھازىرقى زامان دېئالىكتىك ماتېرىيالىزم دەپ ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنگەن. تەرەققىيات قارىشى بويىچە دىئالىكتىكا ماتېرىيالىزمى،مېتافىزىكا ماتېرىيالىزمى دەپ ئايرىلغان. تارىخ قارىشى بويىچە ماتېرىيالىستىك تارىخ قارىشى،ئىدىئالىستىك(ئۈزۈلكېسىل بولمىغان ماتېرىيالىزملىق) تارىخ قارىشى دەپ ئايرىلغان. 2.پەلسەپە بىلەن كونكېرت پەنلەرنىڭ مۇناسىۋىتى
3.پەلسەپە،دۇنيا قاراش،مىتودولوگىيە ـــ بۇ ئۈچىنىڭ مۇناسىۋىتى پەلسەپە –ئەقلىي بىلىش،ئۇ دۇنيا قاراشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى خۇلاسىلەيدۇ.دۇنيا قاراش –ھېسسىي بىلىشقا تەۋە.دۇنيا قاراش مىتودولوگىيەنى بەلگىلەيدۇ ۋە ئىپادىلەيدۇ. پەلسەپىدىكى: ئىككى خىل سۇبىستانسىيە قارىشى-ماتېرىيالىزم،ئىدىئالىزم ئىككى خىل تەرەققىيات قارىشى – دىئالىكتىكا،مېتافىزىكا تۈپتىن قارشى دەپ قارالغان ئىككى خىل پىكىر يولى – ئىنكاس نەزەرىيسى،ئەزەلىيەت نەزەرىيسى ئىككى خىل تارىخ قارىشى – ماتېرىيالىزملىق تارىخ قارىشى،ئىدىئالىزملىق تارىخ قارىشى 4.سۇبيېكتىنىڭ ئۇبيېكىتلىشىشى ۋە ئۇبيېكىتنىڭ سۇبيېكىتلىشىشى ئەمەلىيەت جەريانىدا بۇ خىل قوش يۆنىلىشلىك ئۆزگىرىش يۈزبېرىدۇ.سۇبيېكىتنىڭ ئۇبيېكىتلىشىشىدا: ئادەم مۇھىتنى ئۆزگەرتىدۇ،سۇبيېكىتنىڭ ئىدىيسىنى،ئېھتىياجىنى ئۇبيېكىتنىڭ ئېھتىياجىغا ئايلاندۇرىدۇ. ئۇبيېكىتنىڭ سۇبيېكىتلىشىشىدا:مۇھىت ئادەمنى ئۆزگەرتىدۇ،ئۇبيېكىتنىڭ ئالاھىدىلىكى،خۇسۇسىيتى،سۇبيېكىتنىڭ ئالاھىدىلىكى،خۇسۇسىيتى ۋە بىلىشىگە ئايلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش:
يۇقىرىقى مەزمۇنلار"ماركىسىزملىق پەلسەپە"خاتىرىسى بولۇپ،پەلسەپەگە قىزىقىدىغانلارنىڭ بۇ باشلانغۇچ ساۋاتلارنى سېلىشتۇرۇپ پايدىلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىش مەقسىدىدە تورغا يوللاندى. تەنقىدى مۇئامىلە قىلىنغاي!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-1 11:19 PM
|