مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2369|ئىنكاس: 5

(7)خوتەن قاشلىرىدىن ئۇيۇلغان بۇيۇملار جەمگاھى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2940
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3777 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 02:15:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

(7)خوتەن قاشلىرىدىن ئۇيۇلغان بۇيۇملار جەمگاھى


<< خوتەن قاشتىن ئۇيۇلغان گۈللەر>>

ئابلىكىم ئاۋۇت


تارىم ۋادىسىدىكى ئىنسانلار قەدىمىي تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلاپلا خوتەن قاشلىرىنى بايقىغان ۋە ئۇنىڭدىن تۈرلۈك شەكىللەردە پايدىلىنىشنى بىلگەن . ئۇزاق تارىخى دەۋىرلەردىن دەۋرىمىزگىچە  خوتەن قاشلىرى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ئىشلىتىلگەن ۋە ئىشلىتىش دائىرىسى كۈندىن-كۈنگە كېڭەيگەن دەۋرىمىزدە ھەم كېڭىيىۋاتىدۇ.لىكىن بىزنىڭ خوتەن قاش مەدەنىيىتىدىن خەۋەرسىز بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ئاددىي ھالدا ‹‹ خوتەن قاشلىرىنى پەقەت بۇت ئۇيۇشقىلا ئىشلىتىدۇ....›› دەپ قاراۋاتىدۇ ھەم قاشگەرلىك كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا باشقىچە كۆزدە قاراۋاتىدۇ. ئۇنداقتا خوتەن قاشلىرى راستىنلا بۇت ئويۇشتىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىلمەمدۇ؟




خوتەن قاشلىرى-تېببىي دورىگەرلىك،گىرىم بۇيۇملىرى،زىننەت بۇيۇملىرى،مەدەنىيەت بۇيۇملىرى،تۇرمۇش بۇيۇملىرى ،سوۋغات بۇيۇملىرى........قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلگەندىن باشقا يەنە تۇرمۇشىمىزنىڭ نۇرغۇن تەرىپىدە ئىشلىتىلگەن، ئىشلىتىلىۋاتىدۇ ۋە داۋاملىق ئىشلىتىلىش دائىرىسى كېڭەيمەكتە.



خوتەن قاشلىرى دىيارىمىزنىڭلا ئەمەس ،جۇڭگۇنىڭ داڭلىق ماركىسى.شۇنداقلا دۇنيادىكى تەبىئىي قېزىلما بايلىقلار ئىچىدە ئالدىنقى ئون تۈرلۈك بايلىقنىڭ بىرسى .دىيارىمىزدا خوتەن قاشلىرىنىڭ زاپاس مىقتارى خېلە سالماقنى ئىگەللەيدۇ.دەريالاردىن چىقىدىغان زىرە قاشلار تۈگەش باسقۇچىغا كېلىپ قالغان بولسىمۇ ،تاغلىرىمىزدىكى كان قاشلىرىنىڭ زاپاس مىقتارى ناھايىتى مول بولۇپ ئېچىپ پايدىلىنىشىمىزنى كۈتمەكتە. دىيارىمىزدا بۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپداشلارنىڭ سانىمۇ نەچچە يۈزمىڭغا يېتىدۇ.......



خوتەن قاشلىرى جۇڭگۇنىڭ نۆۋەتتىكى مەبلەغ سېلىش بازىرىدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتا بولماقتا.باھاسىمۇ تىك سىزىق ھالىتىدە ئۆسمەكتە .(مۇتەخەسىسلەرنىڭ دەلىلىگە ئاساسلانغاندا 1980-يىلدىن ھازىرغىچە خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى 1300ھەسسە ئۆسكەن ).


قانداق قىلىپ پەقەت دىيارىمىزدىنلا چىقىدىغان خوتەن قاشتىن ئىبارەت بۇ تەبىئىي بايلىق ئۈستۈنلىكىنى نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنىگە ئىگە كۆھكەنلىك(ئويمىچىلىق) ھۈنەر تېخنىكىمىز بىلەن ئورگانىڭ ھالدا بىرلەشتۈرۈپ ئىقتىسادىي ئۈستۈنلىككە ئېرىشتۈرۈپ خەلقىمىزگە ئامەت ئېلىپ كېلىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسى سالماقلىق بىلەن ئويلىشىدىغان جىدىدي ئىشلار جۈملىسىدىندۇر.



تور بېتىمىز خوتەن قاشلىرىنىڭ تارىختىكى ۋە دەۋرىمىزدىكى ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە پايدىلىنىش دائىرىسى بويىچە خوتەن قاشلىرىدىن ئۇيۇلغان بۇيۇملارنى ئۆز تۈرلىرىگە ئاساسەن تۈرلەرگە ئايرىپ ئاۋامغا سۇنىمىز.



تۆۋەندە تارىختا ۋە دەۋرىمىزدە ئىشلىتىلگەن ،قاشتېشىدىن ئويۇلغان گۈللەرنى

ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.















































































































سۈرەتلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<中国出土玉器全集>>

ناملىق ئالتە قىسىملىق كىتاب ۋە تور دۇنياسى


ئاپتۇر:ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

2014-يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنى

جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى




ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107508
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 166
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-6-7
ئاخىرقى: 2014-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 02:49:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى بوپتۇ ئاپىرىن سىزگە.....

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1641
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10965
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2223 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 03:22:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ تاشنى  قىزىقىش بىلەنلا قىممەت قىلۋەتتە ھە  كىشىلەر..........


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3541
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32442
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3762 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 03:27:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بەكمۇ نەپىس بۇيۇملاركەن ،
   قاش تىشىنى « باھاسى يوق مال ›› دەپ ئاتىشىدىكەن ، بۇ قاش تىشىنى ھەقىقى چۈشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ قاش تىشىغا بەرگەن باھاسى بولسا كىرەك

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72782
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3174
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 08:40:26 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتەن قاشتېشى دەپ ئاڭلىغان،قاش ئەمەس ، بەلكىم چالا ساۋاتتۇرمەن .

شۈكىرى ئاللاھ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 2200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19537
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5364 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 01:43:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىرايلىقكەن ، ئەمما ،لېكىن ،بىراق .....
  

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش