قۇزغۇن كۈلدى بۇلبۇل باغىدا،
بۇلبۇل كۆيدى ھىجران داغىدا.
بىت–چىت بولۇر رەزىللىك ھامان،
ئادالەتنىڭ يۈكسەك تاغىدا.
62.
شات بولغۇسى كۆڭلۈڭ بازاردا،
ئويغا پاتار قەلبىڭ مازاردا.
مۇھەببەت بەر يارەنلىرىڭگە،
يۈرمە ئەسلا جىدەل–ئازاردا.
63.
پىتنىڭ ئەسكىسى چاقىدۇ چىم–چىم،
ئىتنىڭ يامىنى چىشلەيدۇ جىم–جىم.
گۇلدىرى كۆپتۇر ئۆتكۇنچى كۆكنىڭ،
يامغۇر دەھشىتى ياغىدۇ سىم–سىم.
64.
دۇنيا گۈزەل سانسىز جان بىلەن،
ساناپ بولماس ئۇنى سان بىلەن.
ئۆچمەنلىكنى ئورا كېپەنگە،
يۇيۇپ بولماس قاننى قان بىلەن.
65.
بىرى ئۇچار،بىرى پىيادە،
بەزىلەرنىڭ رىسقى زىيادە.
قۇچاقلىغىن ھاياتنى مەھكەم،
باغلاپ دوستۇم سەنمۇ ئىرادە.
66.
كۆيمەس كۆتەك پور بولۇپ قالما،
كۆزى ئوچۇق كور بولۇپ قالما.
ئۆز ئاناڭدىن يۈز ئۆرۇپ بۈگۈن،
ئەل ئاغزىدا خور بولۇپ قالما.
67.
گۈزەللىكنى سۆيۈپ پاھ دەيمەن،
رەزىللىكنى كۆرسەم ئاھ دەيمەن.
ماختاپ كەتمە شەھەرلىرىڭنى،
ئۆز يۇرتۇمنى ئادىل شاھ دەيمەن.
68.
بۇلبۇللارغا قالماستىن سورۇن،
قاقىلدىدى باغلاردا قۇزغۇن.
قاراڭغۇدۇر ئاينىڭ ئونبېشى،
ھايات تۇرماس بىر ئىزدا تۇرغۇن.
69.
قەدىمىڭنى مەردانە چامدا،
دىلخانەڭنى سۆيگۈدە قامدا.
خالى ئەمەس نۇقساندىن كىشى،
ئىللىتىڭنى ھەر كۇنى يامدا.①
70.
قاچسا ئۇيقۇ چۈشمۇ كېتىدۇ،
ھارسا كىشى ئىشمۇ كېتىدۇ.
پەسىللەرگە ھەم باردۇر نۆۋەت،
باھار كەلسە قىشمۇ كېتىدۇ.
71.
پەخىرلەنگىن مىللىتىڭ بىلەن،
ياشا گۈزەل خىسلىتىڭ بىلەن.
يىللار ساقلاپ تۇرمايدۇ سېنى،
خوشلاش ئەمدى ئىللىتىڭ بىلەن.
72.
ئەي قېرىنداش پاتماي تېرەڭگە،
ۋاپاسىزلىق قىلدىڭ جۆرەڭگە.
ئىچكەن ئېشىڭ زەھەر بولۇپتۇ،
ھازازۇلنى باشلاپ تۆرەڭگە.
73.
ئەمگەك سۆيۈپ ياشار تېرىمچى،
پەداز بىلەن ئۆتەر گىرمچى.
ئوق يىلاندىن ئالغانمۇ تەلىم؟
ئادەم چېقىپ تويماس چېقىمچى.
74.
دوستلۇق دىگەن ھاياتقا ھوزۇر،
ئىزدەپ يۈرمە ئۇنىڭدىن قۇسۇر.
يوقالغاندا ئارىدا ئىشەنچ،
دوستلۇق گۈلى بىمەھەل توزۇر.
75.
ئاشنا بىلەن مودا ماشىنا،
بەزىلەرگە بولدى كاشىلا.
نەپسىڭگە قۇل بولماي ئەي كىشى،
دىيانەتنى دىلغا قاچىلا.
76.
دىل بېغىدا بولغاچ شەيدالىق،
ياشايدىكەن كىشى ھەمرالىق.
بۇ ئۆمۈرنىڭ سەپىرىدە ھەم،
ھەممەيلەنگە باردۇر تەنھالىق.
77.
ھەركىمگە بار كۇندۈز ھەم زاۋال،
ياخشىلارغا قىلمىغىن ئۇۋال.
ئەل–ۋەتەنگە نىمە بەردىم دەپ،
ھەر كۈنى قوي ئۆزۈڭگە سۇئال.
78.
دەريا بويىنى بويلاپتىمەن،
كۈندە تاماشا ئويناپتىمەن.
ئويلاپ باقسام ئەۋلادلىرىمغا،
ئەپسۇس ھېچنەرسە قويماپتىمەن.
79.
ئەي ئازاپ سەن ئاشما ھەددىڭدىن،
دىللار زار–زار بولدى قەھرىڭدىن.
يالماۋۇزدەك بولساڭمۇ سۈرلۈك،
پۈكۈلىسەن ھامان قەددىڭدىن.
80.
رەزىللىكنى قىلساڭ دەھشەتلىك،
ھېچكىم سېنى دىمەس شەپقەتلىك.
سۆيگۈ بىلەن بولغىن قېرىنداش،
بولاي دىسەڭ ئەلدە ھۈرمەتلىك.
مەنبە:ئۆزۈم.