|
|
|
|
ESPN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كاكا 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئورلاندو شەھىرى كۇلۇبى بىلەن ئىككى يىللىق توختام ئىمزالايدىكەن، 7-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كېيىن رەسمىي ھالدا ئامېرىكا بىرلەشمىسىدىكى توپخۇمارلار بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشى پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، كاكا ئالدىنقى يىلى يازدا مىلانغا قايتىپ كەلگەن. نەتىجىدە برازىلىيە كوماندىسىنىڭ ترېنېرى سىكىلارى ئۇنى دۆلەت كوماندىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزمىدى. مىلاندىمۇ ئانچە يامان ئەمەس تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما مىلاننىڭمۇ نەتىجىسى تازا كۆڭۈلدىكىدەك ياخشى بولمىدى، مىلان كىلەركى پەسىللىك ياۋروپا مۇسابىقىسىدىن خوشلاشتى، شۇڭا كاكا ئاخىرى مىلاندىن ئايرىلىشنى قارار قىلغان. نۆۋەتتە يۆتكىلىش ئىشى ئاساسى جەھەتتىن پۈتۈپ بولغان. ESPN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كاكا 7-ئاينىڭ 1-كۈنى سەيشەنبە كۈنى توختامغا ئىمزا قويىدىكەن، ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، 7-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئورلاندو شەھىرى كۇلۇبىدا سالامەتلىك تەكشۈرتىدىكەن، چۈشتىن كېيىن توپخۇمارلار بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
ئىتالىيەنىڭ«ئاسمان تەنتەربىيەسى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىلاننىڭ رەئىسى گالىيانى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى كاكانىڭ ئاتىسى بىلەن تېلفوندا كۆرۈشۈپ، ئىككىسى دۈشەنبە كۈنى يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ كاكانىڭ كۇلۇبتىن ئايرىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ئىشلارنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىدىغانغا كىلىشىپ قويغان.
كاكا ئورلاندو شەھىرىگە قوشۇلغاندىن كېيىن، ئىجارە شەكىلىدە برازىلىيە بىرلەشمىسىدىكى سان پاۋلو كۇلۇبىدا يېرىم يىل توپ تىپىشى ئېھتىمالغا يېقىنكەن. نۆۋەتتە ئورلاندو شەھىرى كۇلۇبى بىلەن سان پاۋلو كۇلۇبى يۆتكىلىش سودا ئىشى توغرىسىدا سۆبەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈپ قالغان، پەقەتلا كاكانىڭ ئاتىسى ئوغلىنىڭ مائاشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
1982-يىلى تۇغۇلغان كاكا سان پاۋلونىڭ مەشىق بەزىسىدىن تەربىيەلىنىپ چىققان. مىلانغا قوشۇلۇشتىن ئىلگىرى كاكا سان پاۋلو كۇلۇبىدا ئۈچ پەسىلدە 125 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 47 توپ كىرگۈزگەن. 2003-يىلى مىلانغا قوشۇلغان، 2003-يىلدىن 2009-يىلغىچە كاكا مىلاندا ئالتە پەسىلنى ئۆتكۈزۈپ، 270 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 95 توپ كىرگۈزگەن، كېيىن 2009-يىلى كاكا يۇقىرى باھادا ئىسپانىيەنىڭ خان مادىرىد كۇلۇبىغا قوشۇلغان، ئەمما مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى كۆپ بولماي ئىپادىسى مۆلچەردىكىدەك ياخشى بولمىغان، تۆت پەسىلدىن كېيىن قايتىدىن ھەقسىز مىلانغا قايتىپ كەلگەن.
|
|
|
|
|
|