مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5975|ئىنكاس: 26

مەريەم ئەھەتنىڭ ‹‹ئاھ،قىزىم ››رومانى نەشىردىن چىقتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1358
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51017
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9840 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 11:56:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  پىشقەدەم مائارىپچى،ئىجتىھاتلىق ئەدىبە مەريەم ئەھەت ئاپپاينىڭ
<<ئاھ ،قىزىم>>رومانى نەشىردىن چىقتى



   نېمەتلىك،دىيارىمىز كورلىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن،ئۆمرىنى مۇشۇ گۈزەل نەشپۈت يۇرتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سەرپ قىلغان پىشقەدەم مائارىپچى،ئەقىدىلىك ئەدىبە مەريەم ئەھەت خانىم يازغان،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىقتىن بۇيانقى،بولۇپمۇ پارتىيىنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش،ئېچىۋىتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى بېشىدىن كەچۈرگەن ئەگرى-توقاي تۇرمۇش مۇساپىسى چىن ۋە يارقىن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن نادىر رومان-<<ئاھ ،قىزىم>>شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى ۋە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 12300تىراژدا نەشىر قىلىنىپ بازارغا سېلىندى.


رەسىم ھەققىدە چۈشەنچە:ئەدىبە مەريەم ئەھەت ئاپپاي ئىجادىيەت ئۈستىدە.


رەسىم ھەققىدە چۈشەنچە:ئەدىبە مەريەم ئەھەت ئاپپاينىڭ نەشىردىن چىققان روماننىڭ مۇقاۋىسى.

  ئاپتۇر مەريەم ئەھەت ئاپپاي 1945-يىلى 9-ئايدا كورلىنىڭ قوشئېرىق يېزىسىدا مائارىپچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى كورلىدا تاماملىغاندىن كېيىن،1958-يىلى سابىق شىنجاڭ 2-دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىگە ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىنغان.1961-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بۈگۈر،كورلا رايۇنلىرىدا ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ،تۈمەنلىگەن ئۆسمۈرلەرنىڭ سەبى،يۇمران قەلبىگە ئىلىم-مەرىپەت ئۇرۇقىنى چاچقان.1995-يىلى پىنسىيەگە چىققان.
   مەريەم ئەھەد ئاپپاي ئەسلىدىلا بىر ياخشى ئەدەبىي مۇھىتقا ۋە ئەۋزەل تەربىيلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە تىرىشچان ئەدىبە بولۇپ،ئۇ ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا كۆپلىگەن شېئىر،نەسىر ۋە ئەدەبىي ئوبزۇرلارنى ئېلان قىلغان.2000-يىللارنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە،ئۇ پەۋقۇلئاددە بىر پۇرسەتتە دوستلىردىن كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان بىر ھايات پاجىئەسىنى ئاڭلاپ ھاياجانىنى باسالماي قالىدۇ.دوستلىرىنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن دەسلەپتە ئاڭلىغان ھايات قىسمەتلىرىنى ھېكايە قىلىپ يېزىپ چىقىدۇ.بىراق،بۇ ھېكايىسى ئۆزىگە بەكلا ئاددىي،تەمى سۇس،مۇقامى تۆۋەن تۇيۇلۇپ قالغاندىن كېيىن قايتا-قايتا پىشىقلاپ ئىشلەش ۋە يېڭى دېتاللار بىلەن بېيىتىش ئاساسىدا ئۇنى ھەجىمى خېلىلا چوڭ پوۋىستقا ئايلاندۇرىدۇ.كېيىن،ئۇ يەنە يازغۇچىلار ۋە مۇتەخەسىسلەردىن پىكىر ئېلىپ،ئۇلارنىڭ پىكىر -تەۋسىيىلىرى بىلەن تەكرار-تەكرار پىشىقلاپ ئىشلەپ ئەسەرگە بىر قانچە تارىخىي دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،يېزا ۋە شەھەر تۇرمۇشى ئورگانىك گىرەلەشتۈرگەن،ۋەقەلىكلىرى بىر قەدەر مول،ئىدىيىۋىلىكى چوڭقۇر،ھەجمى خېلىلا زور رومان قىلىپ قايتا يېزىپ چىقىدۇ.بۇ جەرياندا ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن چىدىغۇسىز ئازاپلىق كەچمىشلەر ۋە نى-نى سەۋدالارمۇ ئۇنى بۇ ئېغىر مەنىۋى ئەمگەكتىن رايى يېنىپ قالمايدۇ.
  مەريەم ئەھەت ئاپپاي بۇ روماننى 2007-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ رەسمىي يېزىشقا باشلايدۇ.دەسلەپكى ئورگىنالى2010-يىلى قولىدىن چىقىدۇ.ئۇ نەشرىيات تەھرىرلىرىنىڭ تەكلىپ-تەۋسىيىلىرىگە ئاساسەن،يەنە 2012-يىلغىچە بۇ روماننى قايتا-قايتا ئۆزگەرتىپ ۋە پىشىقلاپ ئىشلەپ،شۇ يىلى 12-ئايدا <<شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادى ئەسەرلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت خەنسۇ يېزىقلىرىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆز-ئارا تەرجىمە -نەشىر قىلىش قۇرۇلۇشى>>تاپشۇرىدۇ.نىھايەت،ھالال ئەقىدە ۋە ئەجىر-مېھنەت قەدىر -قىممىتىنى تېپىپ،بۇ رومان 2014-يىلى 1-ئايدا نەشىردىن چىقتى ۋە كورلا دىيارىدىكى شىنجاڭ شىنخۇا 2-باسما زاۋۇتىدا 12300تىراژدا بېسىلىپ بازارغا سېلىندى.


رەسىم ھەققىدە چۈشەنچە:ئوڭدىن سولغان قاراپ:1.مارشال2.مەريەم ئەھەت3.ئابلىمىت مۇھەممىدى ئاقيولى
  پىشقەدەم مائارىپچى،ئىزدىنىش روھى كۈچلۈك ئەدىبە،جاپاكەش ئانىنىڭ يۈرەك قېنى بىلەن يېزىلغان <<ئاھ،قىزىم>>ناملىق بۇ رومان ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.مەريەم ئەھەت ئاپپاينىڭمۇ ھاردۇقى چىققاندەك بولدى.شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز بۇ ئەقىدىلىك باغۋەنننى چىن كۆڭلىمىزدىن سەمىمىي قۇتلۇقلايمىز.ئۇنىڭغا سالامەتلىك،خاتىرجەملىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمىز.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ نەچچە يىل يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ يېزىپ چىققان<<ئاھ،قىزىم>>ناملىق روماننىڭ بارلىق ئوقۇرمەنلەر سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئىسىل كىتابلارنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشىغا ئىشىنىمىز.

قەلەم تەۋرەتكۈچى:مارشال
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچ.


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Azizim + 2000 ماختاشقا تېگىشلىك
musilina + 200 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 2200   باھا خاتىرىسى

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12389
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32435
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 12:17:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىشقەدەم مائارىپچى،ئىزدىنىش روھى كۈچلۈك ئەدىبە مەريەم ئەھەد ئاپپاينىڭ بۇ رومانىنىڭ نەشىردىن چىققانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە تېنىگە سالامەتلىك،ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن......

مەريەم ئەھەد ئاپپاينى بىزگە تونۇشتۇرغان سىزگىمۇ ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.....

بۇ ھەدىمىزنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالسىمۇ ،قىلچە بوشاشماستىن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمىدىم.....

بۇ تېمىىڭزغا ‹‹نادىر››دېگەن باھانى بەردىم....

بۇ روماندىن  چوقۇم بىرنى سېتىۋالىمەن..


مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101964
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 957
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 12:17:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ مىنىڭ ھازىرلا ئۇقۇغۇم كىلىۋاتىدۇ بۇ كىتابنى   مەريەم ئاپپاينىڭ تىنىنىڭ سالامەت ئومرىنىڭ ئۇزۇن بۇلىشىنى تىلەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97760
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1780
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 336 سائەت
تىزىم: 2013-9-11
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 12:20:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرىيەم ئاپپاينىڭ ھاردۇقى چىقىپتۇ، بۇبارەك بولسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1034
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3721
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 956 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 12:21:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تۇغۇلمىغان ۋاقىتلاردىكى ۋەقەلىكلەر ئىكەن ،قېنى بىر كۆرۈپ چىقاي .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10848
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2208 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 12:52:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاقىت چىقىرىپ كىتاپخانىغا بېرىپ كەلسەم بولغۇدەك.........   


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100234
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 886
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 12:53:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلغان بولسا چوقۇم ياقتۇرۇپ ئوقۇشقا ئىرىشىدۇ ،ئەكىسچە بولسا ئەكسىچە بولىدۇ شۇ.

ئۆچكە جاڭگال  چۇشەيدۇ ،توخۇ داڭگال..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14965
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 01:01:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەريەم ئاپپايغا ئاللادىن سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن .

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47402
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4124
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 584 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 02:01:19 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەدىبە دىگەن گەپنى تۇنجى ئاڭلاۋاتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 755
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 652 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 02:28:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتابخۇمارلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ، نادىر ئەسەر بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن……

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش