(نەسىر)
قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن
دۇكان ئارىلاپ كېتىۋاتاتتىم.كەينىمدىلا بىرىنىڭ [ئاداش بۇ قېتىمقى ئاياللار بايرىمىدا ئانامغا نىمە ئېلىپ بەرسەم بولار؟] دىگەن سۆزى قۇلىغىمغا كىرىپ قالدى.
-شارپا ئىلىپ بەرمەمسەن ؟ھازىر بۇ خىلدىكى شارپىلار چوڭ ئاياللار ئارىسىدا مودا بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.
-ئۇنى بۇلتۇرقى ئانىلار بايرىمىدا ئېلىپ بەرگەن ئىدىم .
-ئۇنداق بولسا مايكا ئىلىپ بەر.
-ۋاي-ۋۇي ئانامنىڭ مايكىلىرى بەك كۆپ.
-ئەمىسە پۇلنىلا بەرمەمسەن خالىغان نەرسىسىنى ئىلىۋالسۇن.
-شۇنداق قىلسام بولارمۇ؟
مەن بۇلارنىڭ سوھبىتىنى ئاڭلاپ تۇيۇقسىزلا كوڭلۇم بۇزۇلۇپ ،كوزلىرىم نەملەشتى . [ھەي، شۇتاپتا ئانام يېنىمدا بولغان بولسا ،ئۇنى قولتۇقلاپ چىقىپ ئۆزى ئەڭ ياخشى كورىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بەرگەن بولسام] دىگەنلەرنى ئويلاپ ئېغىر ئۇھ تارتتىم شۇ ھامان ئانامنىڭ كۈلۈپ تۇرغان چىرايى كۆزئالدىمدا نامايەن بولدى .دىلىمنى بىر خىل تەسۋىرلىگۇسىز ھاياجان چۇلغاپ ،قەلبىم يامغۇردا قالغان گۈل ياپراقلىرىدەك تىترەپ كەتتى.خىيال قۇشلۇرۇم مېنى ئانامنىڭ ھارارەتلىك قۇچىغىدا ئەركىلىتىشكە باشلىدى.توغرا مەنمۇ نۇرغۇنلىغان بەختىيار بالىلارغا ئوخشاش ئانامنىڭ ئاپپاق سۇتىدەك ئاق قەلبىدىن نۇر ئېمىپ ساغلام چوڭ بولدۇم .ئادەمنىڭ بالىلىق دەۋرى راستتىنلا ئاجايىپ بولىدىكەن .ئانىلار خۇددى بىز ئۈچۈنلا يارالغاندەك ئۇلارنى تۈگىمەس غەلۋىلىرىمىز بىلەن قىينايدىكەنمىز مەنمۇ ئانامغا ئەركىلەيتتىم ،بوتنايتتىم،تەلىۋىم قاندۇرۇلمىسا قاپاقلىرىمنى سۇزۇپ ،تۇمشۇقلىرىمنى ئۇچلاپ ،ئۇنىڭغا چالۋاقايتتىم. ئۇكۈلۈپ تۇرۇپ ھەر ئاماللار بىلەن مېنى بەزلەيتتى ،تەلىۋىمنى قاندۇراتتى.مەن ئۇنىڭ نىمىشقا خاپا بولمايدىغانلىغىغا ھەيران بولاتتىم .ئۇنىڭ كوزلىرىدىن دائىم [بارلىغىم پەرزەنتلىرىمگە بېغىشلانغان ]دىگەن ئوتلۇق نىدانى كۆرگەندەك بولاتتىم.ئانامنى پەقەت بىزنىڭ ھالىمىزدىن خەۋەر ئېلىشقىلا، بىزنى كۈتۈشكىلا يارالغاندەك ھىس قىلاتتىم .بەزى چاغلاردا ئۇ مېھرىبانلىق بىلەن بېشىمنى سىلاپ ئولتۇرۇپ تۈگىمەس خىياللارغا غەرق بولاتتى .
يىللار بىر-بىرىنى قوغلاپ ،ئانامنىڭ ئاشۇ نۇر يىغىپ تۇرىدىغان كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ ،ئاپپاق ،سۈزۈك يۈزلىرىنى يول-يول قورۇقلار قاپلىغاندىلا مەن ئۇنى چۈشەنگەندەك بولدۇم .كۆزلۈرۈم ئۇنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا نىمىشقىدۇر خىجىللىق ھىس قىلىدىغان ،يۈرىگىم ئازاپلىق ئىڭرايدىغان بولۇپ قالدى.بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى ،ھازىر مەنمۇ ئانا بولدۇم. كونىلار ، [ئانىنىڭ قەدرىگە بالا تاپقاندا يىتىسەن ]دەپ توغرا ئېيتقان ئىكەن.مەن ئانا بولغاندىلا ئانا بولۇشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىغىنى ھىس قىلدىم ،بالىنى بىر پارچە گۆشتىن يورۇق دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىپ، قاتارغا قوشقۇچە ئانا بولغۇچى يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە زور مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى لازىمكەن، بالىلارغا پەقەت ياخشى ئانا بولۇشلا كۇپايە قىلمايدىكەن ،بەلكى ئۇلارنىڭ دوستى، سىردىشى ،ئۇستازى بولۇشقا توغرا كېلىدىكەن،مەن بۇلارنى تونۇپ يەتكەندە بولسا ئانامدىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتتىم.مانا ئىككى قىش،ئىككى ياز ئۆتۈپتۇ ئانام بىزنى تاشلاپ ھەممە كىشى بېرىشقا مەجبۇر بولىدىغان ،توۋلىساق ئاڭلىمايدىغان يەرگە كەتتى.(ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي) شۇنچە يىللاردىن بېرى ئانامغا نىمەقىلىپ بېرەلىدىم ؟ھەتتا ئۇنىڭغا بايراملىق ئالغان مايكىنى بېرىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمىدىم.چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئىككىمىزنىڭ ئارلىغىنى قاتمۇ-قات تاغلار ئايرىپ تۇراتتى.[مەن كۆيەمەن بالامغا،بالام كۆيەر بالىسىغا]دىگەندەك مەن بالا دەردىدە يۈرگەن كۈنلەردە ئانامدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالدىم....-ئوھۇش پۇلنىلا بېرەيچۇ، نىمە ئالسا ئېلىۋالمامدۇ؟،- مەن خىياللار قاينىمىدىن شۇڭغۇپ چىقىپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم ھەم جىددى تەلەپپۇزدا ئۇنىڭغا،-ئانىڭىزغا پۇلىڭىز كېرەك ئەمەس قېرىندىشىم،يېنىغا بېرىڭ،ئۇنىڭغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇڭ،سىزگە بۇ پۇرسەت بار سىز يەنىلا بەختلىككەنسىز،-دىدىمدە كۆزلىرىمدىن ئېتىلىپ چىقىش ئالدىدا تۇرغان ياشلىرىمنى يوشۇرۇپ ئارقىمغا بۇرۇلدۇم،كەينىمدىن ئۇلارنىڭ [كاللىسى چاتاقمۇ نىمە]دىگەن سۆزلىرىگە ئېغىر خۇرسىنىش بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇپ،خۇددى بىرى يەرگە مىخلاپ قويغاندەك ئېغىرلىشىپ كەتكەن قەدەملىرىمنى تەستە يۆتكەپ ئويگە كەلدىم.يولبويى يەلكەمنى گويائېغىر بىر تاش بېسىۋالغاندەك ناھايىتى بىئارام بولدۇم.ئىشىكتىن كىرىپلاكۆزۈم كومپىيوتىرىمنىڭ ئالدىدا تۇرغان تېلىفۇنغا چۈشتى.-ئانا بۇ مەن ،بايرام كىلىپ قاپتۇ ،بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن .يېنىڭىزدا بولۇپ بايراملىق بىرەر نەرسەئېلىپ بېرەلمىدىم.خۇدا بۇيرۇسا ئىۋەرتىپ بېرىمەن.
-ۋاي جېنىم بالام نىمە دەيدىغانسىز؟ مانا مۇشۇ تېلىفۇنىڭىز،تىلىفۇندىن ئاڭلىنىۋاتقان (ئانا) دىگەن ئاۋازىڭىز مەن ئۇچۇن ئەڭ چوڭ سوۋغات .سىلەر بىلەن ساق-سالامەت دىدار كورۇشۇپ بىر داستىخاندا جەم بولۇش مەن ئۇچۇن بايرام .ماڭا بىر نەرسە ئىۋەرتىمەن دىمەي شۇ پۇلغا بالىلار خوشال بولىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىڭ،-كوزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياشلار قۇيۇلۇشقا باشلىدى.ئىھ، ئانا، جېنىم ئانا سەن ھەر قېتىم تېلىفۇن ئالغىنىمدا مانا مۇشۇنداق دەيتتىڭ،ھەر بىر دەقىقىدە ئەنە شۇنداق مېنىڭ ،بالىلىرىمنىڭ غېمىنى يەيتتڭ شۇنچە يىراقتا تۇرۇپ ،مېنى ۋە بالىلىرىمنى ئويلايتتىڭ، شۇتاپتا سېنى قانچىلىك سېغىنغىنىمنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن،شۇ تاپتا يېنىڭغا ئۇچۇپ بېرىپ سېنى چىڭ قۇچاقلاپ ،سەھرانىڭ ساپ ھىدى سىڭگەن تىنىقلىرىڭنى پۇرىۋالسام،تونۇردىن يېڭىلا قومۇرغان سۇتلۇك توقۇچىڭدەك قىزىللىغىنى يوقاتمىغان چىرايلىق يۈزۈڭگە،مېھرىبانلىق يېغىپ تۇرغان مۇلايىم كۆزلىرىڭگە يىنىش-يىنىشلاپ سۆيىۋالسام،مەن ئۇچۇنمۇ ھەر قانداق بايرامدىنمۇ ئارتۇق بايرام بولاتتى ئەمەسمۇ ئانا؟ئەگەر يەنە مۇمكىن بولغان بولسا شۇ سوغىنىڭ ئورنىغا ئۆزۈمنى ئىللىق باغرىڭغا ئاتقان بولسام،يەنە،يەنە.... شۇ تاپتا قانچىلىغان پەرزەنتلەر ئانىلىرىنى خوشال قىلىش ئۈچۈن بەس-بەستە قىممەت باھالىق كىيىملەرنى سېتىۋىلىش ئۇچۇن ئالدىراۋاتقاندۇ؟قانچىلىغان ئانىلار بالىلىرىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئىشىكلەرگە تەلمۇرىۋاتقاندۇ؟ قانچىلىغان پەرزەنتلەر ئانىلىرى ئۈچۈن ئالى رىستۇرانلاردا ھەرخىل قورۇمىلارنى بۇيرۇتىۋاتقاندا، شۇ ئانىلار ئۆز قولى بىلەن تەييارلىغان تاماقلارنى باللىرى بىلەن دەرقەمتە ئولتۇرۇپ يىيىش ئۈچۈن ساقلاۋاتقاندۇ؟
ئانا ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئىنسان .ئۇباللىرىنىڭ بەرگىنى بىلەن ئەمەس ،ئوزىگە قاراپ كۇلگىنى بىلەن پەخىرلىنىدۇ.باللىرىنىڭ پۇلى بىلەن ئەمەس ئامانلىغى بىلەن قانائەتلىنىدۇ.ئارىمىزدا ۋاپادار پەرزەنتلەرمۇ ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە،ئەمما ئانىنىڭ قەدرىگە يەتمەيۋاتقانلارمۇ،ئانىنى ماددى ئىھتىياج بىلەنلا رازى قىلىشنى ئويلاۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس.ئانا بىز ئۇچۇن نىمىلەرنى قىلمىدى ؟بىز نىمىلەرنى قىلىپ بەردۇق؟ بىز باللىرىمىز دىن دىلىمىز ئازار يىگەندە ،ئانىلىرىمىزغا قىلغان قوپاللىقلىرىمىزنى ئويلىدۇقمۇ –يوق؟باللىرىمىز ئۈچۈن شام كەبى ئېرىپ تۈگەۋاتقاندا،بىز ئۈچۈن كۆيگەن ئانىلىرىمىزنى يوقلىدۇقمۇ-يوق؟
-ئانا بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن،-قىزىمنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى مېنى خىيالدىن ئويغاتتى.ئۇ قولىدا بىر دەستە گۈلنى تۇتقان ھالدا ماڭا قاراپ كۇلۇپ تۇراتتى،ئانا نىمە بولدىڭىز؟ تېلىفۇننى تۇتۇپ بۇ يەردە قېتىپ تۇرۇپ قاپسىزغۇ،يىغلاپسىزغۇ ئانا،-مەن قىزىمنىڭ سوئاللىرىغا دەماللىققا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلەلمەي ،- رەھمەت قىزىم ،-دىگىنىمچە گۇلنى ئالدىم ۋە قىزىمنى يېتىلەپ ئانامنىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتى ئالدىغا كەلدىم .-ئانا بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن،ياتقان جايىڭىز جەننەتتە بولسۇن،ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن.مىنى كەچۇرۇڭ ،نادانلىغىمنى كەچۈرۈڭ،-دىيەلىدىم ئارانلا.كۆزلىرىمدىن سىرغىپ چۈشكەن ئىككى تامچە ياش قولۇمدىكى ئەتىرگۇل ئۈستىدە شەبنەم ھاسىل قىلدى.
2014-5-20-كۇنى. قاراماي