-بۇ يىل ئاپرىلنىڭ باشلىرىدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى شۆبە سەنئەت مەكتىۋى ئۈچۈن ئالاھىدە خوشاللىق بولدى. ئۇسسۇل كەسپىنىڭ 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسى مەھلىيا ياقۇپ بۇ يىللىق سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق ئۇسسۇل كۆرىكىگە قاتنىشىپ، ياش-ئۆسمۈرلەر تۈرى بويىچە ئەڭ ئالىي ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى! –دېگەن خۇش خەۋەر بىردەمدىلا مەكتەپنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا تارقالدى.
ئادەتتە مەدەنىيەت دەرىسلىرىنى ئۆگىنىش، ئېنگىلىزچە ئۆگىنىش، ئۇسسۇل مەشىق قىلىش، كۈنلىرىنى ئالدىراشلىق بىلەن ئۆتكۈزىۋاتقان مەھلىيا ئۇستازىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئاساسىي مەشىق ماھارىتىنى بېرىلىپ ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونىمىزدىن كورىيەگە تاللىنىپ ‹‹ جۇڭگو-كورىيە ياش ئۆسمۈرلەر دوستلۇق ئەلچىسى ›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن مەھلىيا ياقۇپ مۇسابىقە ھەيئىتىنىڭ سىنگاپوردىكى ئۇسسۇل كۆرىكىگە قاتنىشىش تەكلىپىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ قەۋەتلا خۇش بولۇپ كەتتى.
مەڭنىساخان ئانا قىزىنىڭ چىنە ئۇسسۇلى تولىمۇ نەپىس ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوينايدىغان ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، سىنگاپوردىكى بۇ مۇسابىقىدا قىزىنى چىنە ئۇسسۇلى ئويناشقا دەۋەت قىلدى. مەھلىيا ئۇسسۇلنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەسىپي ئۇسسۇلچىلارغا ئوخشاش بېشىغا بەش چىنىنى قويۇپ چۆگىلەش ھەركىتىگە مەزمۇن قوشتى.
ئۇلارنىڭ بوشاشماي مەشىق قىلىشى بىلەن مۇسابىقە ۋاقتىمۇ ئاخىرى يېتىپ كەلدى. 2014-يىلى 1-ئاينى 19-كۈنى مەھلىيا ئاپىسى بىلەن سىنگاپورغا بېرىپ ئەتىسىلا مۇسابىقىغا قاتناشتى. سىنگاپوردىكى بۇ مۇسابىقىنىڭ دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ، مۇسابىقە جۇڭگو، تايلاند، پاكىستان، ھىندىستان، سىنگاپور، شاڭگاڭ، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەت ۋە ئورۇنلار قاتناشقان بولۇپ، رىقابەت شۇنچىلىك كەسكىن، كۈچلۈك ئىدىكى ھەرقايسى دۆلەت كوماندىلىرىدىن كەلگەن ماھىرلارنىڭ ھەممىسى مۇنتىزىم تەربىيە كۆرگەن، ناخشا-ئۇسسۇلدا دۇنيا چىمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن دۆلەت كوماندا ئەزالىرى ئىدى. لېكىن مەھلىيا بولسا يېڭى ھەۋەسكاربولۇپ، زىلۋا، ئېگىز بويلىرى ئۇسسۇلغا خۇيمۇ ياراشقان يېقىملىق، زېرەك، چاققان قىز ئىدى. ئۇنىڭ ئۆگەنگەن ئېنگىلىزتىلى بولۇپمۇ باھالىغۇچىلار ئارىسىدا مۇھىم رول ئوينىغانىدى. ئۇ مۇسابىقە قائىدىلىرىنى چۈشىنىپ ماڭدى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىمۇ مەھلىيانىڭ ئىنكاسىمۇ ناھاي تېز بولدى. ئىنچىكىلىك بىلەن كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەنگەن ئەتلەس كۆڭلەكلىرى شۇنچىلىك سالاپەتلىك رەڭدار ئىدىكى، مەھلىيا سەھنىگە چىقىپ ‹‹ چىنە ئۇسسۇلى ›› نى ئۇدارغا چۈشۈرۈپ، چىۋەرلىك بىلەن ئوينىدى. مەھلىيا گەرچە ئەڭ ئاخىرىدا سەھنىگە چىققان بولسىمۇ ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ماھىرلارنى يېڭىپ، نومۇر پەرقىدە ئەڭ ئالدىغا ئۆتتى. مەھلىيا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا شاڭخەي بالىت ئۇسسۇل مەكتىپىدىن كەلگەن ماھىر بىلەن چىمپىيونلۇقنى تالاشتى، شاڭخەي كەسپىي ماھىرى ئورۇنلىغان ‹‹ كىچىك ئاققۇلار ›› ئورۇنداش ۋە بەدىئىي جەھەتتە يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشتى. باھالىغۇچىلارمەھلىيا ئورۇندىغان ‹‹ پار-پۇر ئەتتىرگۈل ›› ئۇسسۇلىنى جەلىپ قىلىش كۈچى يۇقىرى، يېڭىلىق كۆپ، قەدىمىيلىككە ئىگە دەپ قارىدى، بىر ئازدىن كېيىن باھالىغۇچىلار باش قوشۇپ پىكىرلەشكەندىن كېيىن شاڭخەي ماھىرىنى چىمپىيون، مەھلىيانى بولسا چىمپىيوندىن بىر دەرىجە يۇقىرى تۇرىدىغان ‹‹ ئەڭ ئالي مۇكاپات ›› قا ئېرىشتى دەپ ئېلان قىلدى.
بىز مەھلىيا ياقۇپنىڭ 2014-يىلى سىنگاپور خەلقئارا سەنئەت كۆرىكىدە ‹‹ ئەڭ ئالىي مۇكاپات ›› قا ئېرىشكەنلىنى ئاڭلاپ ئۇنى زىيارەت قىلىش ئىستىكىدە يوقلاپ باردۇق. ئۇ جىددى مەشىقتە ئىكەن، مەڭنىساخان ئانا بىزنىڭ كەلگىنىمىزنى كۆرۈپ، مۇسابىقە جەريانىنى ھاياجان بىلەن سۆزلەپ مۇنداق دېدى:- بىز ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇلنىڭ قەدرىنى بىلەيدىكەنمىز، مەن قىزىمنىڭ ئالغان نەتىجىسىدىن رازى بولدۇم، ئويلىسام چۈشۈممىكىن دەپ قالىمەن، مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، سىنىپ مەسئۇلى ئاينۇر ئەسقەر ۋە ئۇسسۇل يېتەكچىسى گۈلمىرە ھامۇت ھەمدە مەكتەپ رەھبەرلىرىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.
كونىلاردا ‹‹ ئەجرىنىڭ تېگى ئالتۇن ›› دېگەن ھېكمەتلىك سۆزى بار، تالانتلىق ئۇسسۇل چولپىنى مەھلىيا ياقۇپ بىز سىزنىڭ كەلگۈسى ئىجادىيەت ۋە ئوقۇشىڭىزغا زور مۇۋاپپىقىيەتلەر تىلەيمىز، يەنىمۇ تىرىشىڭ!
ئابدۇۋەلى ئابدۇراخمان خەۋىرى، فوتۇسى
مەنبە:
http://uygur.chinabroadcast.cn/7466/2014/06/17/1349@489028.htm