ئامەتلىرىڭ تۇرماس شامالدەك
تۆتتاش
كىبىرلىرىڭ چىقسا لىۋىڭگە،
سايەڭ بولۇر تەنھا بىر ئۆمۈر.
تامچە بۇلۇپ قەلبىڭگە كۆز ياش،
ياغار مەڭگۈ ئەستىلىك مۆھۈر.
دۇنيا شۇنداق ئېيتىدۇ ناخشا،
كىم كەتمىگەن سەپەرگە بىر كۈن.
ئامەتلىرىڭ تۇرماس شامالدەك،
تەكەببۇردىن چىقارساڭ تۈتۈن.
تۇزۇپ كىتەر چىكەلمەي ئىشىك،
ئەل قەلبىگە قونمىغان شامال.
چۆللۈكلەردىن ۋايسىغان دەريا،
دولقۇنىدىن تاپالماس كامال.
سۆيگەچ قىرغاق يالپۇز شىۋىرلاپ،
ئېتەكلەردە تۇرار بوي سۇزۇپ.
ئاۋام ئۈچۈن كەتكەن ھاياتنىڭ،
كېمىلىرى كەتمەس بۇزۇلۇپ.
2014-يىل 27-ئىيۇن
توقسۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-28 12:51 AM