مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4261|ئىنكاس: 40

رازۋېدكا خاتىرىسى— سىرلىق ئۆيدىكى قاتىللىق دېلوسى (3) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 01:40:21 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  فاسەي بۇ يەردە نېمىش قىلىدۇ؟!
  «تونۇش ئادەم بولغاندىكىن ...ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭغا گەپ تېپىپ بېرىپ بولالمىغاندىكىن ...كىرگۈزىۋەتتىم...»دېدى فاسەينىڭ يېنىدا تۇرغان ساقچى خادىمى جى لىڭ گې غا چۈشەندۈرۈپ.
  بۇ چاغدا فاسەي يەنىلا ئىشىككە يۆلىنىپ، بىر قولىدا تاماكا تۇتقان پېتى ئالدىرىماي سۆزلىدى : «ھەقىقىي قاتىلمۇ مۇنداق گەپنى ئاڭلىسا ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ پەلىيىنى ئاشۇنداق تەكشۈرىدۇ. ئاندىن پەلىيىنىڭ ساقلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن سىلەرنىڭ ئۇنى ئالداۋاتقىنىڭلارنى ئۇقىدۇ ياكى راستلا بىر بىچارىدىن بىرسىنىڭ پەلىيىنىڭ يىپى تارتىشىپ قالغان بولسا ئۇنىڭغا تېخىمۇ بوپ بېرىدۇ. ھەرگىزمۇ بېشى ئىششىپ پەلىيىنى تاشلىۋەتمەيدۇ. كىچىك تەپتىش، نېمانداق  ئەخلەت ئورا بۇ.»
  چىن چىمىڭ دەررۇ ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى، جى لىڭ گې بولسا ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ بۇرۇنلا بۇ ئورىدا مەسىلە بارلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتقاچ، فاسەيدىن بۇيەردە نېمىش قىلىدىغانلىقىنى سورىدى.
  «مەن بۇ يەرگە سىڭلىمنى ئالغىلى كەلگەن—  دېدى فاسەي تاماكىسىنى قاتتىق شورىۋېتىپ—  ئۇنىڭ بىلەن مەشىقتىن كېيىن بىللە چاي ئىچكەچ، قارت ئويناشقا كېلىشىپ قويغان. كىم بىلسۇن ھەقاسىڭلىنىڭ نەدىكى ئىشنى قىلىۋاتقىنىڭلارنى» .
  «سىزنىڭ سىڭلىڭىز؟ »
  «ھە، مىياۋزى.»
  ئۇ ئىككەيلەن ئەمدىلەتىن مىياۋزىنىڭ ئاللىبۇرۇن فاسەينىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلىپ تۇرغىنىنى بايقىدى  .
   «مىياۋزى ...سىزنىڭ سىڭلىڭىزما....»
   جى لىڭ گې ھەيران قالدى. چىن چىمىڭ بولسا چۆچۈپ كەتتى.
  «بۇنىڭ ھەيران قالغىدەك نېمىسى بار؟ مەن بۇرۇنلا سىڭلىمنى ئۇسۇل فاكۇلتېتىدىن دېگەنغۇ. سىلەر ھەر قانچە بولسىمۇ سىڭلىمنى قاتىل دەپ يۈرمىگەنسىلەر ھە؟ »دېدى فاسەي.
  جى لىڭ گې دەررۇ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى، يەنە تېخى مىياۋزىنىڭ ئىپادىسىنىڭ شۇنداق ياخشى بوپ بەرگەنلىكىنى، جىددي ئەھۋال ئاستىدا شۇنداق ئېغىر - بېسىق تۇرۇپ، ساقچىلارغا شۇنداق چوڭ ياردەم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
  «ئۇنداقتا ياخشى— دېدى فاسەي مىياۋزىنىڭ قولىدىن تارتىپ— سېنى ساقلىغىلى يېرىم كۈن بولدى، جۈرە. »
  «ھەي!— جى لىڭ گې دەرھال ئۇلارنىڭ ئالدىنى توستى— بەزى گەپلەرنى تېخى سورپ بولالمىدۇق! »
  «ھە؟— فاسەي ئۇنىڭدىن سەل غەيرىلىك ھېس قىلدى— مىياۋزى يا قاتىل بولمىسا، سورايدىغان نېمە گەپ باتتى  يانا؟ »
  «ئۇمۇ بايا نەق مەيداندا تۇرسا! بىز ئۇنىڭدىن يەنە نەق مەيدان  ئەھۋالىنى سورىمىساق بولمايدۇ! »
  فاسەي تاماكىسىنى يەنە بىرنى شورىغاندىن كېيىن ئېيتتى: «بولدى قىلىڭلار. ھېچنىمە دېگۈزەلمەيسىلەر. سىلەر بايا ئۇنىڭدىن سوئال سورىغاندا ئۇ بىرە ئېغىز گەپ قىلدىمۇ؟ »
  مىياۋزى دەرۋەقە ھېچنەرسە دېمىدى. بىراق فاسەي نېمە دېمەكچى؟
  «ئېنىقلا تۇرمامدۇ. مىياۋزى بىرە ئېغىز ئۈندىمەي پەقەتلا قول ئىشارىسى قىلسا، سىلەر بۇنىڭدىن قىياس قىلىپمۇ چىقىرالمامسىلەر؟— دېدى فاسەي ئۇھسىنىپ— مىياۋزى ئۇ بىر گاچا (تىلى تۇتۇق) ».
  ئەسلى بىر گاچا قىزكەندە ...
  جى لىڭ گې بىلەن چىن چىمىڭ تېخى ئۇنى جىددىيلىشىپ ئاغزىغا گەپ كەلمىگەن چېغى دەپ گۇمان قىپ يۈرۈپتۇ. فاسەينىڭ سىڭلىسىنىڭ گاچا قىز ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولغىيدى.
  مۇنداق ئويلاپ كەلسەك، فاسەينىڭ كۈنىمۇ ھەقىقەتەن تەسكەن جۇمۇ.
  «سىلەر يا گاچىلار تىلىنى بىلمىسەڭلار، بولدى سورىمايلا قويۇڭلار. —  دېدى فاسەي. ئۇ يەنە بۇيەردە گاچىلار تىلىنى ئۇقىدىغان ئادەمدىن پەقەتلا ئۆزى بىلەن ئۇدۇلدىكى سىنىپتىكى ۋېن ۋېن دېگەن قىزلا بارلىقىنى تەكىتلەپ قويدى.
  جى لىڭ گې بۇ چاغدا ساقچىلارغا مىياۋزىغا قەغەز - قەلەم ئەكېلىپ بېرىشنى بۇيرىدى  .بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن فاسەينىڭ ئىچى سىقىلدى: «زادى قاچاندا تۈگەيدۇ؟ »
  «ئامال يوق. »دېدى جى لىڭ گې. بۇ دېگەن خىزمەت ئىشىمىش. مىياۋزى بىرنېمىلەرنى بىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەسمىش، شۇڭا ئۇنىڭدىن چوقۇم سوئال سوراش كېرەكمىش.
  بۇنى ئاڭلىغان فاسەينىڭ ئىچىپ تېخىمۇ سىقىلدى دە، قولىدىكى تاماكا قالدۇقىنى ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىۋېتىپ سۆزلىدى: «بولدى، بولدى. مىياۋزى قول ئىشارىسى قىلىۋەسۇن ، مەن تەرجىمە قىپ بېرەي. تېزراق بولاسىلە، سوراپ بولغاندىن كېيىن كەتسەك بولىدىغاندۇ؟ »
  «مىياۋزىغا سىز مەسئۇل بولىسىز، شۇنداققۇ— دېدى جى لىڭ گې—  ئۇ چاغدا بولىدۇ»

شۇنداق قىلىپ، ئىشىكنىمۇ ئەتمەي سوراق باشلىنىپ كەتتى.
  فاسەي بىلەن مىياۋزى چىن چىمىڭنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇردى،   جى لىڭ گې يەنىلا خاتېرىلەشكە مەسئۇل بولدى. بىراق بۇ قېتىم چىن چىمىڭنىڭ تىلى بىر ھازاغىچە گەپكە قولاشمىدى. چۈنكى بىرىنچىدىن ئۇ مىياۋزىنىڭ فاسەينىڭ سىڭلىسى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى، ئىككىنچىدىن بولسا، شۇتاپتا فاسەي ئۇنىڭ ئالدىدىلا ئولتۇرسا ...
شۇتاپتا ئۇ ئېسىگە كەلگەندە، فاسەي ئاللىبۇرۇن ئىككى پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ، سەۋىرسىزلىك بىلەن ئولتۇرۇۋاتقان ئىدى.

«سىز...سىز ئەينى چاغدا كۆرگەنلىرىڭىزنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ »سورىدى چىن چىمىڭ.
  مىياۋزى قول ئىشارىسى قىلىشقا باشلىدى. فاسەي بولسا ئەگىشىپلا تەرجىمىگە چۈشتى: «ئۇنىڭ دېيىشچە ئۇلار يەتتە يېرىمدىن تارتىپ مەشىق قىلىشقا باشلاپتىكەن...ئۆيدە جەمىي 22 ئادەم بار ئىكەن. ئىزچىل ئۇسۇل  مەشىق قىپتۇ. ئانچە پىششىق بولمىغاندىكىن ئارىلىقتا بىر قېتىم دەم ئاپتۇ. »

  شۇتاپ ئاللىبۇرۇن يېرىم كېچە بوپ بولغان، پۈتۈن بىنا تىمتاسلىققا تولغان. شۇ سەۋەبدىن فاسەينىڭ ئاۋازى تولىمۇ ئۈنلۈك ئاڭلىنىۋاتاتتى. شۇ سەۋەب جى لىڭ گې ئۇنىڭغا ئۇنچىلىك يۇقىرى سۆزلىمەسلىكنى، سىرتتا يەنە  كەيپىياتى تۇراقسىز كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى، ئاڭلىسا ئانچە ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. بىراق فاسەينىڭ جاۋابى يەنە ئۆزگىچە—  ئاڭلىسا ئاڭلىمامدۇ، ئىشقىلىپ سىڭلىسى قاتىل بولمىغاندىكىن، گەپ بولسا تېزراق سوراپ تۈگەتسۇن.

چىن چىمىڭ ئامالسىز ئۇلاپ سورىدى: «ئۇنداقتا دېلو يۈز بەرگەندە، يەنى توك توختىغان چاغدا ...سىز نېمىلەرنى ئاڭلىدىڭىز؟ »
  فاسەي يەنە تەرجىمە قىلدى «مەن ئۇلارنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. »
  باشتىكى بىرقانچە قىزمۇ شۇنداق دېگەن، ئۇ چاغ راستلا قىيا - چىياغا توشۇپ كەتكەن.
  «...ئەينى چاغدا جەمىي 15 ئادەم چىرقىرىغان. »
  بۇ گەپتىن  بۇ ئۆيدىكىلەر ھاڭ - تاڭ پېتى تۇرۇپ قالدى.
  15 ئادەم، سىنىپتىكىلەرنىڭ ئۈچ دىن ئىككىسىدىن كۆپرەك كىشى ... چىرقىرىغان؟
  مىياۋزى ئۇلارنى ئاڭلاپ پەرق ئېتەلىدى؟

  بۇ چاغدا يەنىلا فاسەي گەپ ئاچتى: «ھەقاسىڭلار نېمىگە مۇنچە ھاڭۋاقىسىلەر؟ سىڭلىم گاچا بولغاندىكىن ئاڭلاش ئىقتىدارى چوقۇم ئالاھىدە بولىدۇ - دە! »
  «مىياۋزى!—  دېدى جى لىڭ گې دەرھال—  15 ئادەمنىڭ چىرقىرىغىنىنى سىز جەزىملەشتۈرەلەمسىز؟ مۇنداقچە ئېيتقاندا، توك توختىغاندا چىققان ئاۋازنىڭ ھەممىنى ئاڭلىدىڭىز؟ »
  مىياۋزى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتقاچ، داۋاملىق قول ئىشارىسى قىلدى. فاسەي يەنە تەرجىمە قىلدى: «ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئاۋازى بەك تۆۋەن چىققانلارنى ئېسىدە تۇتالماپتۇ. »
  «ئۇنداقتا ئاسانلاشتى - دېدى چىن چىمىڭ— مىياۋزى ئۇ 15 ئادەمنىڭ چىرقىرىغىنىنى شۇنچە ئېنىق ئېسىدە تۇتالىغان بولسا، ھازىر ھېلھەم پەرق ئېتەلەيدۇ. »
  بۇ گەپكە، مىياۋزى بېشىنى لىڭشىتتى  .جى لىڭ گې بولسا چوڭقۇر بىرنى تىندى.
  15 ئادەمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم دېگەنلىك ...
  بۇنىڭغا تايىنىپلا 15 جىنايەت گۇماندارىنىڭ گۇماندارلىقىنى ئېلىپ تاشلىغىلى بولىدۇ - دە!

قاتىل ئالدىنالا توك توختىغان چاغدا قاتىللىق قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن بولسا، توك كەتكەن ئۇ ۋاقىت ئىچىدە ھەرگىز چىرقىرىمايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت ئۇ يەنە مىياۋزىنىڭ مۇنداق ئالاھىدە ئاڭلاشقا ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ باقمىغان بولغىيتتى.

  ئەگەر مىياۋزى ئۇ 15 كىشىنى پەرق ئېتىپ بېرەلىسە ...

  بۇ چاغدا ئۆيدىكى ھەممەيلەن ئوخشاشلا مىياۋزىغا قاراپ تۇرۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا ئۇ تىنماي قول ئىشارىسى قىلماقتا، فاسەي يەنىلا تەرجىمە قىلماقتا. فاسەينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ چاغدا چىرقىرىغان كىشىلەرنى توۋلاپ ئەكىرىپ بۇ يەردە قايتا بىر چىرقىراتسا، ئۇلارنى مىياۋزى پەرق ئېتىپ بەرگۈدەك. ھەممىسى تەڭ چىرقىرىسا پەرق ئېتىپ بولالمايدىكەن.

  «ناھايىتى ياخشى، چىرقىراپ باققانلار بىر - بىردىن كىرىپ قايتا ئورۇنداپ بەرسۇن  مىياۋزى، سىز تەپسىلىي ئاڭلاڭ، زادى كىم چىرقىرىماپتۇ شۇنى ئايرىڭ  »دېدى جى لىڭ گې.
  كېيىنلا ساقچى خادىمى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا يۇقىرى ئاۋازدا ئۇقتۇرۇش قىلدى: «توك توختىغان شۇ دەقىقە ئىچىدە، ساۋاقداش مىياۋزى چىرقىرىغان 15 ساۋاقداشنىڭ ئاۋازىنى ئېسىدە تۇتۇۋاپتۇ. شۇ چاغدا توۋلىغان ساۋاقداشلار بىر بىرلەپ كىرىپ ساۋاقداش مىياۋزىغا ئاۋازىڭلارنى تونۇتۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار گۇماندارلىقىڭلارنى تاشلىغىلى بولىدۇ. »

بۇ گەپنىڭ چىقىشى بىلەن، سىنىپتىكى بىر قىز دەررۇ ئورنىدىن سەكرەپ قوپتى: «مەن چىرقىرىغان، مەن چىرقىرىغان!  مېنىڭ ئاۋازىم ئەڭ ئۈنلۈك چىققان! »

شۇنداق قىلىپ ئۇ بىرىنچى تەكشۈرۈلگۈچى بولدى. كىچىك سىنىپ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن چىن چىمىڭ ئۇنىڭغا ئادەم قورقۇتمىغان ئاساستا بىرنى چىرقىراشنى ئېيتتى.
  گەرچە ئۇ قىز بۇنىڭدىن سەل نومۇس قىلسىمۇ، يەنىلا بايىقى ئەھۋالنى دوراپ ئۈنلۈك بىرنى چىرقىرىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن سىنىپتىكى ھەممەيلەن مىياۋزىغا قاراپ تۇرۇشتى.

مىياۋزى كۆزىنى يۇمۇپ بىرئاز ئويلانغاندىن كېيىن، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ باش بارمىقىنى چىقاردى.
  فاسەي تەرجىمە قىلىپ باش بارماقنىڭ pass(ئۆتۈش) نى  بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  «بولدى، سىز ئايرىلسىڭىز بولىدۇ» دېدى جى لىڭ گې ئۇ قىزغا قاراپ.

  ئۇقىز خۇشاللانغىنىچە سىنىپتىن چىقىپ كەتتى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن باشقىلار دەررۇ كىچىك سىنىپ ئىشىكى ئالدىغا دۆۋىلىشىپ ھەتتا ساقچىلارنىمۇ دەماللىققا نېمە قىلارىنى بىلدۈرمەي قويدى. كېيىن ئۇلارنى ئاخىرى مەجبۇرىي ئۆچرەتكە تىزدى.

  ئۇلار بىر - بىرلەپ سىنىپ ئىچىگە كىرىپ، بىر بىرىنىڭ كەينىدىن pass غا ئېرىشىپ چىقىشىپ كېتىشتى.
شۇنداق قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، سىنىپ ئىچىدە پەقەتلا 7 ئادەم قالدى.
بۇ يەتتەيلەن بولسا بەي مۇئەللىم، چىڭ جوۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئوغۇل، ئۈچ قىز. ئەۋلۋەتتە ، ۋېن ۋېنمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى.

  ھازىرغىچە جەمىي 13 ئادەم ئۆتۈپ بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىز.

ۋېن ۋېن سولغا قاراپ، ئوڭغا قاراپ، ھېچكىمنىڭ چىقماي ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە بۇ كىشىلەردىن ئۆزىگە ئوخشاش نومۇسچاندىن قانچىسىنىڭ بارلىقىنى پەملەپ، بىر ھازاغىچە ئويلانغاندىن كېيىن ئاخىرى كىچىك سىنىپقا كىرىپ، ئۆزىنىڭمۇ چىرقىرىغانلىقىنى ئىقرار قىلىشنى توغرا تاپتى.

«ۋېن ۋېن، ئەسلى سەنمۇ چىرقىرىغانما؟ »دېدى فاسەي قەستەن ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ.
  «سەن كۈلگۈچى بولما! »دېدى ئۇ بويۇن قاتتىقلىق قىلىپ. ئەگەر گۇماندارلىقىنى  تاشلىۋېتىدىغان ئىش بولمىسا ئۇ ھەرگىز ئېتراپ قىلمىغان بولاتتى  .
  «ھە ~ قېنى كېلە  كېلە، تېزدىن بىرنى ئورۇنداپ بېرە» دېدى فاسەي يەنە چاۋاك چالغاچ ئوغرىلىقچە كۈلۈپ.
  «سەن ....»گەرچە ئۇنىڭ شۇنچە ئوغىسى قاينىغان بولسىمۇ يەنىلا ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن توۋلىدى «ۋايجان! »
  مىياۋزى بۇنىڭغا يەنىلا باش بارمىقىنى چىقاردى.
  فاسەي يەنە تەرجىمىگە چۈشتى: «ۋاي، مىياۋزى سېنى ئۆتەلمىدى  دەيدۇ. ئاۋازىڭ بەك بوم  چىقىپ قالدى. قايتا توۋلا ! »
  «ئۆتەپ بارە! كىم ئۆتەلمىدى  دەيدۇ؟—  ۋېن ۋېن ئەلۋەتتە باش بارمىقىنىڭ ئۆتتى دېگەنلىكىنى بىلەتتى— جەمىي چىرقىرىغان كىشى 15 بولسا، مېنى قوشسا ئەمدى 14 بولىدۇ تېخى. يەنە بىرسىچۇ؟ ئوغۇللاردىن ھېچكىم چىرقىرىمىغانمىدۇ؟ »
  مىياۋزى قول ئىشارىسى قىلدى.
  فاسەي تەرجىمىگە چۈشتى: «ئىم، بەلكىم ئۆلگۈچىنىڭ ئاۋازى بولسا كېرەك. ئەگەر يەنە ھېچكىم كىرمىسە ئۇنداقتا ئۆلگۈچىنىڭ ئاۋازى بولىدۇ. ھەرقانچە بولسىمۇ مىياۋزى ئۇ ئۆزى چىرقىرىمايدۇ. »
  «ئىم؟ »ۋېن ۋېن تۇرۇپلا بىر غەيرىلىكنى بايقىغاندەك بولدى.
  «نېمە بولدى؟ »سورىدى فاسەي ئۇنىڭدىن.
  «توغرا ئەمەسقۇ!—  دېدى ۋېن ۋېن يۇقىرى ئاۋازدا فاسەيگە قاراپ—  مىياۋزىنىڭ بايا دېگەنلىرى بىلەن سېنىڭ دېگەنلىرىڭ  ئەسلا ئوخشىمايدىغۇ، نېمە قالايمىقان تەرجىمە قىپ يۈرۈيسەن؟ »

بۇ گەپتىن جى لىڭ گې چۆچۈپ كەتتى.
  فاسەي بولسا جاۋاب قايتۇرماستىن سوغۇق بىرنى كۈلۈپ قويۇپ تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇردى.

  مىياۋزى قول ئىشارىسى قىپ ۋېن ۋېن بىلەن بىرھازا پاراڭلاشقاندىن كېيىن،ۋېن ۋېن قاتتىق چۆچۈپ كەتتى: «نې ...نېمە؟! مىياۋزى ، سەن .. . سەن....سەن بايا توك توختىغاندا ھېچنىمە ئاڭلىمىغانتىم دېدىڭما؟ »

مىياۋزى تىلىنى چىقىرىپ قويۇپ، ئۇنىڭ ھەممىسىنىڭ فاسەينىڭ قالايمىقان تەرجىمە قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئامالسىز ماسلىشىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

  «بۇ، بۇ زادى نېمە ئىش؟! »دېدى جى لىڭ گې جىددە پوزىتسىيەدە.

«ھا ھا ھا ...—  فاسەي قاقاقلاپ كۈلگەندىن كېيىن چىن چىمىڭغا قاراپ ئېيتتى—  كىچىك تەپتىش، ئۆگىنەلىدىڭمۇ يوق؟ ھەقىقىي ئورا دېگەننى مانداق كولايسەن! »
ئۇ دەپ بولۇپ سىنىپ ئىچىدىكىلەرنى بىر بىرلەپ ساناپ چىقتى.
«جىنايەت گۇماندارىدىن 6 سى قاپتۇ. »

جى لىڭ گې لا  ئەمەس، سىنىپتىكى ھەممەيلەن ئۇنىڭغا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنىلا جى لىڭ گې بۇنىڭ فاسەينىڭ كولىغان ئورىسى ئىكەنلىكىنى ئەڭ ئاۋۋال چۈشۈنۈپ يەتتى.

  ئەڭ ئاۋۋال، فاسەي مىياۋزىنىڭ سۆزىنى ئەسلا جايىدا تەرجىمە قىلمىغان. چۈنكى بۇ ئۆي ئىچىدە پەقەت ئۇلا مىياۋزىنىڭ قول ئىشارىسىنى چۈشىنىدۇ. شۇڭا ئۇ مىياۋزىنىڭ دېگەنلىرىنى تولۇق ئۆزگەرتىپ، ئۆز خاھىشى بويىچە مۇنداق سوراق جاۋابىنى چىقارغان.

  ئەمەلىيەتتە مىياۋزى ئەسلا 15 كىشىنىڭ چىرقىرىغىنىنى ئاڭلاپ باقمىغان. ئۇ «15 ئاۋاز» دېگەن پەقەتلا فاسەي توقۇغان يالغان گەپ خالاس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قەستەن ئادەم سانىنى مۇشۇنداق كۆپ دېگەن.

  ئۇ يەنە مەقسەتلىك ئىشىكنى چوڭ ئېچىپ قويۇپ ئۇدۇل سىنىپتىكى ھەممەيلەنگە ئۇلارنىڭ دېئالوگىنى  ئاڭلاتقان. مەقسىدى بولسا قەستەن قاتىلنى مىياۋزىنىڭ ئاڭلاش  ئىقتىدارىغا ئىشەندۈرۈش.

  چۈنكى قاتىلنىڭ نەزىرىدە فاسەينىڭ تەرجىمە قىلغىنىنىڭ ھەممىسى راست گەپلەر.

ئاندىن كېيىن ساقچى خادىمى چىقىپ كۆپچىلىكىنى  چىرقىراشقا ئۈندىگەن. مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا قاتىل ھەرگىزمۇ بىرىنچى بوپ كىرىشكە پېتىنالمايدۇ. چۈنكى ئۇ مىياۋزىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، مىياۋزى تۇنجى بوپ كىرگەن قىزغا باش بارمىقىنى چىقىرىپ pass قىلىدۇ.

ئەگەر مىياۋزى باش بارمىقىنى بىر قېتىم چىقىرىدىكەن، ئۇنداقتا قاتىلنىڭ نەزىرىدە ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئىقتىدارى راست بولغان بولىدۇ. شۇڭا راستتىنلا توۋلىغانلار  ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن بۆسۈشۈپ كىرىشىدۇ. ئەمما قاتىل بولسا كىرىشكە پېتىنالمايدۇ.
چۈنكى ئۇ مىياۋزىنىڭ «سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىمىغان» دېيىشىدىن قورقىدۇ. ئەگەر دەپلا قالسا تۈگەشكىنى شۇ.
  
شۇڭلاشقا كىرگەنلا كىشىنىڭ ھەممىسىگە مىياۋزى passبېرىدۇ (ئۆتكۈزىۋېىدۇ) .ئەمما قاتىل بولسا سىنىپ ئىچىدە ياۋاشلىق بىلەن جىنايىتىنى ئارتىپ قويىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ بىر - بىرلەپ ئازلىشىغا قاراپ ئولتۇرىدۇ.

«ئەڭ ئاخىرىدا سىنىپتا قېپقالغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ۋارقىرىمىغانلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىگۇناھلارمۇ، قاتىلمۇ بار، شۇنداقمۇ فاسەي—  دېدى جى لىڭ گې—  سىز بىزنىمۇ قوشۇپ ئالداپسىز. »

فاسەي بېشىنى لىڭشىتتى.

«توغرا ئەمەستۇ—  دېدى چىن چىمىڭ گەپ قىستۇرۇپ—  ئەگەر قاتىل راستلا توۋلىغان بولسىچۇ؟ ئۇنداقتا ئۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا جىنايىتىنى يۇيىۋالغان بولمامدۇ؟ »

فاسەي جاۋابەن چۈشەندۈرۈپ ئېيتتى: «توۋلاپ باققان قاتىل بۇيەرگە كىرىشكە تېخىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇ مىياۋزىنىڭ ئاڭلاش  ئىقتىدارىنى بەك قالتىس دەپ ئويلايدۇ. شۇڭا ئاۋازىدىكى ئەسىزلىكتىن چاندۇرۇپ قويۇشتىن قورقۇپ توۋلاپ باققان بولسىمۇ توۋلىمىغان كىشى بولىۋېلىپ سىنىپتا ئولتۇرىۋالىدۇ. »
فاسەي سۆزلىگەچ ئاغزىدىكى ئىسنى پۈركۈپ، سىنىپتا قېپ قالغان ئالتەيلەنگە قاراپ خۇددى قاتىلغا جەڭنامە سۇنغاندەك قىپ دېدى: «شۇنداقمۇيە؟ قاتىل جاناپلىرى؟ »

شۇتاپتا چوڭ سىنىپ ئىچىدە بىر مۇئەللىم، ئۈچ ئوغۇل ، ئىككى قىز قالغانىدى.

فاسەينىڭ بۇ گېپى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ۋەھىي سېلىۋەتتى.

گۇماندارلارنىڭ سانى دەرۋەقە ئادەمنى چۆچۈتىدىغان سۈرئەتتە ئازايدى.

پەقەت ساقچىلارنىلا ئالداپ قىلتاق قۇرغان قاتىل، تەرجىماننىڭ ساقچىلارنى قوشۇپ ئالداپ بىرتەرەپ قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان بولغىيتتى.

بىراق، كېيىنكى بۇ ئالتە ئادەم ئىچىدىن راستتىنلا قاتىلنى تېپىپ چىققىلى بولارمۇ؟

ھەقىقىي قىيىن سوئال تېخى ئەمدى باشلانغانىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12545
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8897
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 986 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 03:43:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى يولىسىڭىز ئىغىر كۆرمەي خەۋەر قىلىۋىتىڭە

يالغۇز

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5073
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1266 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 04:06:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنىم،پەقەتلا ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن بۇ رازۋېتكا خاتىرىسىنى.........بۇ بىر بۆلەك ئىچىگە كىرىپلا كېتىپتىمەن ئەمەسمۇ؟
باشتىن باشلاپ بىر ئوقۇپ باقاي ئەمدى......

سالامەتلىك مۇھىم ئىنىم خېلى ياخشى بوپقالغاندەك تۇرامسىز؟،چارچاپ قالماڭ،،تەنلىرىڭىزگە ئاللاھتىن شىپالىق تىلەيمەن.......

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ھەقىقەت رەھىمسى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12923
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8675
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 1726 سائەت
تىزىم: 2010-10-6
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 04:20:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھې ھې ھې ئەتىگەن تۇغاننىڭزى قارا ئولتغغىنىم بىكا بومماپتۇ ھە ھەنىم بولسا

ئەخلاق دىلدا ئەمەس ھەركەتتە ئىپادىلەنسە ئاندىن ھەقىقىي ئاخلاق بولىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 04:43:59 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۈتىمىز …

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 04:44:00 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۈتىمىز …

مەن «قاشتېشى» شۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107304
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 759
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2014-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 05:21:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرجىمە قىلۋاتامسىز  ياكى يېزىۋاتامسىز ۋە ياكى بار ئەسەرنى ئۇرۇپ يوللاۋاتامسىز؟
تەرجىمە قىلغان بولسىڭىز ئەسەر تەرجىما قىلىش ئاسان ئەمەس، ياغان بولسىڭىز چوقۇم قانۇن ساھەسىدە ئىشلەيسىز ياكى قىزىقىسىز. بار ئەسەرنى يوللىغان بولسىڭىز چوقۇم بۇنىڭ تەربىيى ئەھمىيىتى بار دەپ ئويلىدىڭىز. چۈنكى بىر ئەسەرلى مەيلى تەرجىمە قىلسۇن، يازسۇن بۇنىڭغا نۇرغۇن ئەجىر كىتىدۇ، كوم پىيوتىر ئالدىدا تۇرۇپ بىر ئەسەرنى ئۇرۇپ يوللىماقمۇ ئاسان ئەمەس.
داۋامىغا تەشنامىز.

پەقەت مەنلا ھايات بولىدىكەنمەن قاشتېشى ھەرگىزمۇ تور ئىجادىيىتىنى توختىتىپ قويمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101904
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1171
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2014-1-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 05:31:50 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ ئويىغىلىنىمغا يېقىنلاشتى!  قاتىل ئوقۇتقۇچى ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ« ئوغۇل دوستى» .
چۈنكى سۇئال سوراق، قاتىللىق ۋەقەسى يۈزبېرىش ئالدى كەينىدىكى ئەھۋاللارنىڭ ھەمممىسىدە تىلغا ئېلىنغان كىشى ئىسملىرى ئىچىدە ئىككىسى گۇماندارلىقتىن ساقىت قىلىندى .
يەنە ئىككىسى تېىخچە گۇماندار ھالەتتە.
قالغان ئىسمى ئاتالمىغان گۇماندارلارنىڭ جىنايەتچى بوپ چىقىشى  ئاساسەن يوق گەپ!

فاسەي دىگەن قاقۋاش نەدىنمۇ ئۆگەنگەن بولغىيتى ئورا كولاش ھىيلىسىنى ، قارىغاندا بۇ فاسەي جۇگۇلىياڭنىڭ پۇشتىدىن بولسا كېرەك.   (  قاتتىق كۈلگەن چىراي ئىپادىسى).

ئۈمىدۋار بول ئاي !

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 675
يازما سانى: 1268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13739
تۆھپە نۇمۇرى: 771
توردا: 1330 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 05:35:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇشۇنداق رازۋىتكا ھېكايىسىنى ئۇقۇشقا بەكلا ئامراق .

گۈزەللىك ئۈستىگە پاكلىق قوشۇلسا ، قەنت ئۈستىگە ھەسەل سۈركىگەندەك بولىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101904
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1171
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2014-1-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 06:07:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەراست  جاپا چەكتىڭىز.  رەھمەت  
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنامدۇ ياكى تېما شەكىلدە يوللىنامدۇ؟؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش