مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5634|ئىنكاس: 15

چىڭگىزخاننىڭ قاشتېشى مۆھىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 616
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2977
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3819 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 12:35:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

چىڭگىزخاننىڭ قاشتېشى مۆھىرى



ئابلىكىم ئاۋۇت  





قەدىمىي تاش قورال دەۋرىدىن باشلاپلا قاشتېشى جۇڭگۇلۇقلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا ھەمرا بۇلۇپ كەلگەن.قاشتېشى پادىشاھ ۋە شاھ جەمەتىنىڭ شاھانە بۇيۇملىرىنى ئۇيۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىباھا گۈھەر سۈپىتىدە ھۇقۇقنىڭ،مەرتىۋىنىڭ،ئىسىلزادىلىكنىڭ.....سىموۋلى بولۇپ كەلگەن.جۇڭگۇ تارىخىدىكى تۇنجى پادىشاھ چىن شىخۇاڭ قاشتېشى مۆھۈر ئىشلەتكەندىن باشلاپ قاشتېشى مۆھۈر پادىشاھلىقنىڭ سىموۋلى بۇلۇپ كەلگەن.چىن شىخۇاڭدىن كېيىنكى دەۋرىدىكى پادىشاھلارمۇ مۇشۇ ئەنئەنىنى سىجىل ساقلاپ كەلگەن بولۇپ ،جۇڭگۇ تارىخىدىكى مەشھۇر ئىمپىراتۇر چىڭگىزخانمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولالمىغان ھەم قاشتېشى مۆھۈر ئىشلەتكەن.



105451k88zkmm2m1fkzvfk.jpg




105456qe2nkek7rq21aaka.jpg








2009 -يىلى  بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت مىراسلىرى تەتقىقات جەمىئىتى ئىچكى مۇڭغۇل خۇخۇت شەھىرىدە ، يوقاپ كەتكىنىگە 700 يىلدىن ئاشقان چىڭگىزخاننىڭ قاشتېشى مۆھىرىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان ئەجدىرھا باشلىق مۆھۈرنىڭ پۈتكەنلىكىنى ئەل-جامائەتكە ئېلان قىلدى.


ئاپتۇر:ئۇيغۇر قاشتېشى تورىدىن


جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى


2014-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى


پايدىلانغان مەنبە:بەيدۇ تورى





ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 616
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2977
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3819 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 12:46:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

(6)خوتەن قاشلىرىدىن ئۇيۇلغان بۇيۇملار جەمگاھى

(6)خوتەن قاشلىرىدىن ئۇيۇلغان بۇيۇملار جەمگاھى







<< خوتەن قاشتىن ئۇيۇلغان پۇللار>>

ئابلىكىم ئاۋۇت



تارىم ۋادىسىدىكى ئىنسانلار قەدىمىي تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلاپلا خوتەن قاشلىرىنى بايقىغان ۋە ئۇنىڭدىن تۈرلۈك شەكىللەردە پايدىلىنىشنى بىلگەن . ئۇزاق تارىخى دەۋىرلەردىن دەۋرىمىزگىچە  خوتەن قاشلىرى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ئىشلىتىلگەن ۋە ئىشلىتىش دائىرىسى كۈندىن-كۈنگە كېڭەيگەن دەۋرىمىزدە ھەم كېڭىيىۋاتىدۇ.لىكىن بىزنىڭ خوتەن قاش مەدەنىيىتىدىن خەۋەرسىز بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ئاددىي ھالدا ‹‹ خوتەن قاشلىرىنى پەقەت بۇت ئۇيۇشقىلا ئىشلىتىدۇ....›› دەپ قاراۋاتىدۇ ھەم قاشگەرلىك كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا باشقىچە كۆزدە قاراۋاتىدۇ. ئۇنداقتا خوتەن قاشلىرى راستىنلا بۇت ئويۇشتىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىلمەمدۇ؟






خوتەن قاشلىرى-تېببىي دورىگەرلىك،گىرىم بۇيۇملىرى،زىننەت بۇيۇملىرى،مەدەنىيەت بۇيۇملىرى،تۇرمۇش بۇيۇملىرى ،سوۋغات بۇيۇملىرى........قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلگەندىن باشقا يەنە تۇرمۇشىمىزنىڭ نۇرغۇن تەرىپىدە ئىشلىتىلگەن، ئىشلىتىلىۋاتىدۇ ۋە داۋاملىق ئىشلىتىلىش دائىرىسى كېڭەيمەكتە.





خوتەن قاشلىرى دىيارىمىزنىڭلا ئەمەس ،جۇڭگۇنىڭ داڭلىق ماركىسى.شۇنداقلا دۇنيادىكى تەبىئىي قېزىلما بايلىقلار ئىچىدە ئالدىنقى ئون تۈرلۈك بايلىقنىڭ بىرسى .دىيارىمىزدا خوتەن قاشلىرىنىڭ زاپاس مىقتارى خېلە سالماقنى ئىگەللەيدۇ.دەريالاردىن چىقىدىغان زىرە قاشلار تۈگەش باسقۇچىغا كېلىپ قالغان بولسىمۇ ،تاغلىرىمىزدىكى كان قاشلىرىنىڭ زاپاس مىقتارى ناھايىتى مول بولۇپ ئېچىپ پايدىلىنىشىمىزنى كۈتمەكتە. دىيارىمىزدا بۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپداشلارنىڭ سانىمۇ نەچچە يۈزمىڭغا يېتىدۇ.......





خوتەن قاشلىرى جۇڭگۇنىڭ نۆۋەتتىكى مەبلەغ سېلىش بازىرىدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتا بولماقتا.باھاسىمۇ تىك سىزىق ھالىتىدە ئۆسمەكتە .(مۇتەخەسىسلەرنىڭ دەلىلىگە ئاساسلانغاندا 1980-يىلدىن ھازىرغىچە خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى 1300ھەسسە ئۆسكەن ).



قانداق قىلىپ پەقەت دىيارىمىزدىنلا چىقىدىغان خوتەن قاشتىن ئىبارەت بۇ تەبىئىي بايلىق ئۈستۈنلىكىنى نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنىگە ئىگە كۆھكەنلىك(ئويمىچىلىق) ھۈنەر تېخنىكىمىز بىلەن ئورگانىڭ ھالدا بىرلەشتۈرۈپ ئىقتىسادىي ئۈستۈنلىككە ئېرىشتۈرۈپ خەلقىمىزگە ئامەت ئېلىپ كېلىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسى سالماقلىق بىلەن ئويلىشىدىغان جىدىدي ئىشلار جۈملىسىدىندۇر.



تور بېتىمىز خوتەن قاشلىرىنىڭ تارىختىكى ۋە دەۋرىمىزدىكى ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە پايدىلىنىش دائىرىسى بويىچە خوتەن قاشلىرىدىن ئۇيۇلغان بۇيۇملارنى ئۆز تۈرلىرىگە ئاساسەن تۈرلەرگە ئايرىپ ئاۋامغا سۇنىمىز.





تۆۋەندە تارىختا ئىشلىتىلگەن ،قاشتېشىدىن ئويۇلغان  پۇللارنى

ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.


خەن سۇلالىسى


113142uj4z88jkmc8z4j9u.jpg



ئالتە بەگلىك


1131422fcs52j0ss09ij4c.jpg


چىڭ سۇلالىسى


1131431z1y1clolgwwr3ee.jpg


1131432zg1c2gr9k8s39p0.jpg



غەربىي خەن سۇلالىسى



113147sshvpqqo3ddmmd5p.jpg






سۈرەتلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<中国出土玉器全集>>


ناملىق ئالتە قىسىملىق كىتاب



ئاپتۇر:ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى


2014-يىل 6-ئاينىڭ 20-كۈنى


جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى






ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11478
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 1709 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 05:05:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز ۋۇشىدا قاشتىشى سودىسى قىلىدىكەنسىز دە

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.

مەن «قاشتېشى» شۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107304
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 761
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2014-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 05:09:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە، چىڭگىزخانمۇ دەل مۇشۇ قاشتېشىدىن تامغا ياسىتىپ ئىشلىتىپتىكەندە.

پەقەت مەنلا ھايات بولىدىكەنمەن قاشتېشى ھەرگىزمۇ تور ئىجادىيىتىنى توختىتىپ قويمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97022
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 430
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-8-16
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 05:48:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاشتېشېنىڭ شاھىدۇر خوتەن قاشتېشې

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80903
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4840
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2012-6-1
ئاخىرقى: 2015-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 06:03:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۆھۈر ئىشلىتىشنى چىڭگىزخان ئۇيغۇرلاردىن ئۈگەنگەن،تاتاتۇڭانى تۇتىۋالغان چاغدا قوينىدىن مۆھۈر چىققان شۇ باھانە بىلەن چىڭگىزخانغا مۆھۈرچى بوپ ئىشلىگەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47402
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4144
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 590 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 06:16:04 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر يەردە قاشتىشى بىر يەردە قاش؟؟ نىمە گەپلەر ئاكا بۇ؟ قاشتىشى دەپ يازسىڭىز ئىقىم مىقدارى جىق كىتىدۇ دەپ قىسقارتىۋاتامسىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1003
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3365
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 06:24:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن نەچچە يىل پۇل ساھەسىدە يۇرۇپ ئەجەپ قاشتېشىدا ئويۇلغان پۇللارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىماپتىكەنمەن....

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1003
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3365
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 06:25:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن نەچچە يىل پۇل ساھەسىدە يۇرۇپ ئەجەپ قاشتېشىدا ئويۇلغان پۇللارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىماپتىكەنمەن....

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99236
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 523
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-11-4
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 05:51:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
TAXNAI2 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 06:25 PM
مەن نەچچە يىل پۇل ساھەسىدە يۇرۇپ ئەجەپ قاشتېشىدا ئويۇل ...

    قاشتېشىدا ئىشلەنگەن ياكى ياسالغان پۇللار بار.
    قانچە خىل پۇللارنىڭ بارلىقىنى، قايسى پادىشا، قايسى يىللاردا ئىشلەتكەنلىگىنى ئېنىق بىلمەيمەن. ئەمما مەن 1995- يىللىرى قاشتېشىدا ئىشلەنگەن قېلىچ شەكىللىك 2 تال بۇل كۆرگەن.
    شۇ ۋاقىتتا ئۇ بۇلنى سېتىۋالغۇچى دانىسىنى 200 سومدىن ئالدىم دېگەن. مەن قانچە پۇلغا ساتىسەن دەپ شۇنچە چىڭ تۇتسام پەقەت گەپقىلغىلى ئۇنىمىغان ئىدى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش