مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2231|ئىنكاس: 14

ئەسلىمە(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 16520
تۆھپە نۇمۇرى: 1618
توردا: 3662 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 04:36:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                                 ئەسلىمە

                                                  (ھېكايە)

                                              پەرھات جەمشىت

ــ بىرگە بېرىپ كېلەيلى!

ــ مەن بارماي،ئۆزىڭىز بېرىپ كېلىڭ.ــ بارساممۇ ھېچكىمنى تۇنۇمايمەن.دېىدى ئالىمنىڭ خوتۇنى.ئالىمغا شۇنداق قىلىپ ئۇ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن رېستۇرانغا يول ئالدى.يول بويى ئۇنىڭ خىيالى ساۋاقداشلار بىلەن كۆرۈشمىگىنىمىزگە ئۇزۇن يىللار بولدى،ئۇلار مېنى تونارمۇ؟دېگەندەك خىياللار بىلەن رېستۇرانغا كېلىپ قالغانلىقىنى سەزمەيلا قالدى.توينىڭ باشلىنىدىنىغا خېلى ۋاقىت بار ئىدى.ــ قارىمامدىغان بالدۇر كېلىۋالغىنىمنى،ئۇ ئىچىدە پىچىرلىغىنىچە رېسترۇرانغا كىرىپ كەتتى،ۋاقىت بولغاندىن كېيىن پەلەمپەي بىلەن چىقاي دېگىنىچە، يەنە شۇ تېگى چىقماس خىياللار بىلەن بەند بولۇپ زالغا كىردى.زالدا ئادەم ئانچە كۆپ ئەمەسدى.

توي ئىگىسى مەيدىسىگە قىزىل گۈل تاقىغان ھالدا يېنىدا گۈللەرنى تاقىشىپ ئولتۇرۇشقانلار بىلەن قانداقتۇر بىر مەسىلە توغرىسىدا پاراڭغا چۈشكەندى.ئالىمنىڭ كىرىشى بىلەن ھەممەيلەن گويا توك سوقۇۋېتىشكەندەك دەرھال ئورنىدىن تۇرۇشتى، ۋىجىككىنە كەلگەن توي ئىگىسى ، مەيدىسىگە قىزىل گۈل تاقىۋالغاندى  ئۇ ئالىمنىڭ كىرىۋاتقنىنى كۆرۈپ:

ــ كېلە ساۋاقدېشىم،كېلە دېگىنىچە ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى،ئارقىدىنلا بىرنەچچەيلەن دۈررىدە ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.ــ بۇياق مېنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدېشىم،ئالىم بولىدۇ،ساۋاقداشلىرىم بار ئۈستەلگە باشلاڭلار! دىدى كۈلۈمسىرىگەن قىياپەتتە،شۇنداق قىلىپ ئۇ ئوڭ قول تەرەپتىكى بىر ئۈستەلگە باشلاندى .ئۈستەلدە چاچلىرىغا ئاق سانجىغان بىر نەچچە ئەر –ئايال ئولتۇرۇشقان بولۇپ ئۇلار قىزغىن پاراڭغا چۈشكەندى. ئۇلار ئالىمنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.سالام-سائەتتىن كېيىن.ئارىدىن بىرى:

ــ سەن ئالىممۇ ؟دېىدى ھەيرانلىق بىلەن .

ــ شۇنداق،مەن شۇ دېىدى جاۋابەن ئۇ .شۇنۇڭ بىلەن  ئۇلار قايتىدىن كۆرۈشۈكە بەشلىدى.

ــ قارا بۇنى تونۇدۇڭمۇ دېگىنىچە ئۇ يېنىدا ئولتۇرغان ئىگىز بوي بىرنى كۆرسەتتى.ئالىم لام –جىم دىيەلمەي تۇرۇپلا قالدى.ــ مەن قۇربان ھوشۇر بولىمەن،بۇياق ئېدىرىس،بۇاياق بۇرھان،بۇياق سەمى،بۇايق ئالەيە،بۇياق نۇرگۈل بولىدۇ.مانا ئادەم دېگەن ئۆلمىسىلا كۆرۈشىدغان گەپ ئىكەن .

ــ شۇنداق بالىلىرىمىزنىڭ تويىدا بولسىمۇ ئۇچرىشىشقا نىسىپ بوپتۇ دېىدى بۇرھان ھاياجېنىنى باسالماي.

-ئالەيە بىلەن  سېنى كۆرمىگىنىمىزگە ئۇزۇن يىللار بولغاندى.دېىدى قۇربان.ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن قايتا كۆرۈشۈش باشلاندى.ئالىمنىڭ كۆزى شۇ تاپتا بىر نوقتىغا تىكىلگەن پېتى  قېتىپ قالدى.

  باشلانغۇچنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ، قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدى.سوغۇق نەشتىرىنى ئايىماي سانجىيتى،ئەتىگەندىن بېرى ياغقان قار توختايدىغاندەك ئەمەسدى،يولدا مېڭىشمۇ قىيىن بولۇپ،قېلىن قار بالىلارنىڭ پىيمىسىنىڭ قوونجىدىن كىرىپ كېتىۋاتاتتى، كونىراپ كەتكەن ئەمما پاكىزە چىبەرقۇت چاپنىنىڭ ياقىسىنى كۆتۈرگەن،ئالىم ، ئالىيەبىلەن  قەدەمدە بىر تېيلىپ دېگۈدەك، ئۆز ئارا قول تۇتۇشۇپ مىڭ مۇشەققەتتە ئالغا ئىلگىرلەيتتى.ئۇلار چوڭ يولدىن ئۆتۈپ تار كوچىغا كىرىشىگە،يۈزلىرى قاسماقلىشىپ كەتكەن،قۇلاقچىلىرى يىرتىق، سەكسەن يېرىگە ياماق چۈشكەن كىرلىشىپ كەتكەن كونا چاپىنىنىڭ بېلىدىن،قارا يىپ بىلەن باغلىغان،پىيمىلىرىغا ياماق سېلىنغان  بىر بالا ئۇلارنىڭ يولىنى توستى:

ــ سەن نېمە قىلماقچى دېدى ئالىم.

ــ ئۇنىڭ ئۇكىسى تۈنۈگۈن مېنىڭ نۇرۇمنى ئېلپ قاچتى . مەن ئاشۇ نۇرنى،ئۇنىڭدىن ئالىمەن.

ــ نېمە دەيسەن ئاداش نۇرۇڭنى ئۇكىسى ئېلىپ قېچىپتۇ ئەمدى سېنىڭ «تېرىققا كۇچۇڭ يەتمىسە ،ئۇر پالاڭ» نى دېگەندەك،نۇرۇڭنى ئىنىسىدىن ئالاماي قىز بالىدىن ئالىمەن دېگىنىڭ نېمىسى دېىدى ئالىم .

ــ ئۆتە بولمىسا ئەدىپىڭنى بېرىمەن،ھېلىقى بالا   ئالىمغا ھۆرپەيدى بىراق ئالىم ئۇنى توسۇۋالدى،شۇنداق  قىلىپ ئىككىيلەن مۇشتلىشىپ كەتتى،بىر ھازادىن كېيىن ھېلىقى بالا.ــ ئاكامنى چاقىرىپ سېنى ئۇرغۇزمايدىغان بولسام،دېگىنىچە ئۆيى تەرەپكە يۈگۈرگىنىچە كىرىپ كەتتى،ئالىم مەغرۇرانە قىياپەتتە ساۋاقدېشىنىڭ قولىدىن يىتىلىگىنىچە قايقالارغىدۇر غايىپ بولدى...

ۋاقىت بىلىنمەي يورغۇلاپ،كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر نەچچە يىل ئۆتتى،ئۇلار مانا ئەمدى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسلىرى  بولۇپ قېلىشقان.بويلىرى ئۆسۈپ ،ئاۋازلىرىدىمۇ بەلگىلىك ئۆزگىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغاندى.بۇرۇتلىرى ئەمدىلا خەت تارتقان18 -ياشلار19چامىسىدىكى بىرى، گۆش دۇكىنى ئالدىدا ۋېلىسپىتكە يۆلەنگىنىچە خىياللار دېڭىزىغا شۇڭغۇغان ھالدا بىر نوقتىغا تىكىلگەن قىياپەتتە تۇراتتى،بىر ھازادىن كېيىن گۆش دۇكىنىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدىكى دەرۋازا ئېچىلىپ17-18ياشلار چامىسىدىكى،ئاددى ھەم يارىشىملىق كىيىنگەن چاچلىرىنى ئۇششاق ئۆرۈۋالغان بۇغداي ئۆڭ بىر قىزچاق چىىقىپ كەلدى .ئالىم  ۋەلىسپىتىنى  مىنگىنىچە ئاستا قىزغا يېقىنلاشتى:

ــ خېلى بولدى سېنى ساقلاۋاتقىلى دېىدى- ئۇ قىزغا يېقىنلاپ كېلىپ.

ــ كىمنىڭ ۋەلىسپىتىنى مىنىۋالدىڭ؟سورىدى قىز دەرھاللا.

ــ ئۆزۈمنىڭ دېىدى ئالىم  ۋەلىسپىتتىن چۈشكەچ.

ــ داداڭ ئېلىپ بەردىما؟

ــ شۇنداق.

ــ نېمە ماركىلىق؟

ــ «كەپتەر»ــ قېنى ئارقامغا مىنگىشە ماڭايلى!

ــ قوشنىلار كۆرۈپ قالسا سەت بولىدۇ.

ــ ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟

ــ سەن ۋېلىسپىتىڭنى مىنىپ كوچا دوقمۇشىدىن ئۆتۈپ مېنى ساقلا ئاندىن كېيىن مىنگىشەي،بولامدۇ؟

ــ مەيلى ئەمىسە،ئۇ ۋېلىسپىتنى مىنگەن پېتى يۈرۈپ كەتتى.قىز ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قويدى.ئىككىيلەن مەكتەپكە كەلگەندە ساۋاقداشلار تېخى تولۇق كېلىپ بولالمىغاندى.ئىككىيلەننىڭ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىشىگە،پاراڭلىشىپ تۇرغان بىر نەچچە ساۋاقدىشى دۈررىدە كېلىپ بۇ ئىككىيلەننى ئورۇۋېلىشتى.

ــ ئوغۇللار ۋوي! ئالىم  داداڭ ۋېلىسپىت ئېلىپ بېرىپتۇ-دە،قاچان ئېلىپ بەردى،مىنىشنى قاچان ئۆگەندىڭ؟دىيىشسە،قىزلار سەن يېڭىلا ۋېلىسپىت ئۆگەنگەن ئالىمنىڭ ۋېلىسپىتىگە مىنگىشىشتىن قورقمۇدۇڭمۇ؟

ئۇ تېز مىنەلەمدىكەن؟دۆڭدىن چىققۇچە سېنى سۆرىيەلمەي قىينالغاندۇر ھەرقاچان ؟ساۋاقداشلىرى ئۇلارنى ئورۇشىۋېلىپ بىر قاتار سۇئاللارغا كۆمۈۋېتىشتى. ئۇلارنىڭ بۇ ئىككىيلەنگە مەستلىكى كېلىشەتتى.

شۇ كۈندىن كېيىن  كۈندە دېگۈدەك ئىككىيلەن ۋېلىسپىتلىك كېلىدىغان بولدى. ئالىم بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ  ئالىيەگىمۇ ۋېلىسپىت مىنىشنى ئۆگىتىپ قويدى.شەنبە كۈنى ئىككىيلەن مەكتەپتىن يېنىپ باغچىغا كىرىدى.ئۇلار مەجنۇن تاللار سايە تاشلاپ تۇرىدىغان ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇشتى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە قىزغىن پاراڭلاشتى.قىز تۇيۇقسىز ئالىمدىن  ئەگەر كەلگۈسىدە  ئىككىمىز بىرگە بولالمىساق قانداق قىلىسەن؟دەپ سورىدى.

ــ ئاغزىڭنى ئۈشۈتۈپ نېمانداق گەپ قىلىسەن دېىدى، ئالىم تېرىكىپ.

ــ مەسىلەن دەيمەن دېىدى قىز كۈلۈمسېرىگەن ھالدا.

ــ ئەگەر شۇنداق بولىدىغان بولسا مەن مەڭگۈ توي قىلمايمەن دېىدى قەتئىيلىك بىلەن ئالىم جاۋابەن.

ــ قارا ئانچىكى چاقچاق قىلىپ قويسام دېگەن گېپىڭگە، قىز شۇنداق دېگىنىچە .ئالىمغا  يۆلەندى.ــ سەن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرەمسەن؟سورىدى قىز.

ــ شۇنداق،ـــ سەنچۇ ؟سورىدى قىزدىن ياندۇرۇپ.

ــ بەرمەيمەن.

ــ نېمىشقا؟ئۆيدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە،دادامنىڭ خىزمىتى ئەسلىگە كەپتۇ،ئورنىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز دەيدۇ.قىز شۈكلەپ كەتتى.

ئالىم ئۇلۇغ-كىچىك تىنىۋالغاندىن كېيىن.سەن ئۆيۈڭدىكىلەرگە يېلىنىپ باقمىدىڭمۇ؟سورىدى قىزدىن.

ــ يېلىنمىدىمىكىن دەمسەن؟مەن ئۇلارغا تولۇق 1-يىللىققا چىققاندىن تارتىپ يېلىنىپ كېلىۋاتىمەن،قىز شۇنداق دېگىنىچە كۆزلىرىگە ياش ئالدى.

كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما!يەنە يېلىنىپ باق دېدى ئالىم  قىزنى باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ.

ئۇلار باغچىدىن چىققاندا،تۈن پەردىسى كەڭ يېيىلغاندى.يىگىت قىزنى ۋېلىسپىتنىڭ ئارقىغا ئېلىپ  ھەش-پەش دېگۈچە كۆزدىن غايىپ بولدى...

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىمۇ ئاخىرلاشتى ئالىم ،ۋاقتىنچە قۇرۇلۇشقا بېرىپ ئىشلىدى.بۈگۈن ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ ئالىيەنىڭ مەھەللىسىگە كېلىپ گۆش دۇكىنىنىڭ ئالدىدا،ھېلىقى دەرۋازىنىڭ ئېچىلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈشكە باشلىدى،دەرۋازا ئېچىلغان بولسىمۇ بىراق ئۆزىگە تونۇش ھېلىقى سايىدىن ئەسەر يوق ئىدى.شۇنۇڭ بىلەن ئۇ دۇكان ئالدىدا ئويناۋاتقان بىر كىچىك بالىنى ئۇلارنىڭ قوروسىغا كىرگۈزدى،ئۇزۇن ئۆتمەي چىرايلىققىنا ياسىنىۋالغان قىز چىقىپ كەلدى.ئۇلار كوچا دوقمۇشىدىن ئۆتۈپ ۋېلىسپىتكە مىنگەشكىنىچە كېتىپ قېلىشتى.ئۇلار  كونا جايغا يېتىپ كەلگەندە، سۈزۈك ئاسماندا سانسىزلىغان يۇلتۇزلار جىمىرلاشقا باشلىغاندى

ئۇلار  يۇلتۇزلىرىغا قاراپ بەختلىرىنى ئىزدەشكە باشلىدى.ئالىيە تۇيۇقسىزلا:

ــ ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن مېنى ئۇنتۇپ قالارسەنمۇ؟دېىدى يىگىتكە.

ــ نېمىشقا ئۇنتۇپ قالغۇدەكمەن.

ــ چۈنكى سەن ئەمدى چوڭ زىيالى بولىسەن .

ــ مەن نېمىلا بولۇپ كېتەي سىنى  پەقەت ئۇنتۇپ قالمايمەن.ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىشىغا قىز ئاستا ئۇنىڭغا يۆلەندى.شۇ تاپتا ئۇ ئۆز ئىختىيارىنى يىگىتىگە تاپشۇرغاندى. ئالىم قىزنىڭ لېۋىگە لېۋىنى تەككۈزشى بىلەن قىزنىڭ پۈتۈن ھۇجۇدىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان، بىر خىل سېزىم پەيدا بولۇشقا، بەدەنلىرى گويا سىماپتەك ئېرىشكە باشلىدى...

ئىككىيلەن ۋېلىسپىتكە مىنگەشكىنىچە مەھەللىگە يېتىپ كەلدى.

ۋېلىسپىت يىنىك تورمۇزلىنىشى بىلەن  قىز ۋەلىسپىتتىن لىككىدە چۈشتى،ئىككىيلەن خۇشلۇشۇپ تۇرۇشىغا قارشى تەرەپتىن بىرى ئېتىلىپ كەلدى-دە:

ــ بۇندىن كېيىن بۇ مەھەللىگە دەسسىگۈچە بولما!ئەگەر يەنە كېلىدىغان بولساڭ جېنىنىڭنى ئالىمەن،ھارىمى دېگىنىيچە ئالىمنىڭ   ياقىسىدىن ئالدى.

ــ كەلسەم نېمە بوپتۇ، سېنىڭ نېمە كارىڭ .

ــ ماڭا گەپ ياندۇرغۇدەك بولدۇڭما ۋوي ھارىمى –ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ئالىمنى بىر مۇشت سالدى.

ــ بولدى قىل ئاداش،مەن ساڭا چېقىلمىسام نېمە قىلغانغا بۇنچىلىك قىلىپ كېتىسەن؟

ــ تېخى بىزنىڭ مەھىللىدىكى قىزلارنى كەلتۈرگىدەك بولدۇڭما؟ دېگىنىچە يەنە مۇشت بىلەن بىر نەچچىنى سالدى.ئالىممۇ بوش كەلمىدى.كېلىشتۈرۈپ باش بىلەن بىرنى ئۇرۇۋىدى خۇددى:«ياندۇرۇپ ئۇرغان ياغ تېتىپتۇ»دېگەندەك ھېلىقى بالا يەرگە دۈملا چۈشتى.

ــ بولدى قىلىڭلار!بولدى،ئالىم سىز تېز كېتىڭ،قىز  ئالىمنى چەتكە تارتتى،شۇ ئەسنادا ھېلىقى بالا ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە ئېتىلىپ كەلدى .

بولدى قىلىڭ، بىزنىڭ ئىشىمىزغا ئارىلاشماڭ !قىز شۇنداق دېگىنىچە ئۇنىڭ ئالدىنى توسماقچى بولدى.

ــ ئۆتە بۇياققا! ھېلى بىكار ئۆيۈڭدىكىلەرگە دەيمەن،ھوي نومۇسسىز.ئۇ قىزنى ئىتتىرىۋېتىپ ئالىمغا ئېتىلدى،ۋە قولىدىكى پىچاقنى شىلتىدى.

ئالىم  چەبدەسلىك بىلەن سولغا بىر قەدەم  داجىپ پىچاقتىن ئۆزىنى قاچۇردى،بىراق پىچاق ئۇنىڭ ئوڭ بېلىكىگە تەگدى.قىز چاقماق تېزلىكىدە كېلىپ ئالىمنى مەھكەم قۇچاقلىۋالدى.

ــ ئەمدى ئىككىنچى بۇ مەھەللىگە كەلگۈچە بولما! بولمايدىكەن جېنىڭنى ئالىمەن ،ئۇ پىچىقىنى تۇتقىنىچە تار كوچىغا كىرىپ كەتتى...

ئالىم بىر ھەپتىدىن ئارتۇق ياتاقتا ياتتى، يارىسىمۇ ساقايدى،بىراق ئوڭ بىلىكىدە پىچاق ئىزى قالغاندى.

     قۇياش پاتتى،رەڭگارەڭ كەچكى شەپەق نۇرى ئاستا-ئاستا خىرەلەشتى.زىنىمننى بارا-بارا قاراڭغۇلۇق قاپلاپ ھەش-پەش دېگۈچە تۈن پەردىسى يېيىلدى.پويىز ۋاگوزالدىن قوزغۇلۇش سېگىنالىنى بەردى.قىزنىڭ يىگىتىدىن ئايرىلغۇسى كەلمەيتتى،گويا بۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقى كۆرۈشۈشى بولۇپ قالىدىغاندەك توختىماي كۆز يېشى قىلاتتى.مانا پويىز مېڭىشقا تەمشەلدى.قىز كۆز چاناقلىرىنى قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن يەڭگىل سۈرتكەندىن كېيىن.

ــ خەير-خوش ئاللاھقا ئامانەت،بېرىپلا خەت يېزىڭ دېدى چىرايىغا قايتىدىن كۈلگە يۈگۈرتۈپ.

ــ چوقۇم يازىمەن سىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ مېنى ساقلاڭ،ئاللاھقا ئامانەت!

ئۇ مەكتەپكە يېتىپ كېلىپ ئورۇنلۇشۇپ بولغاندىن كېيىن،ئالدى بىلەن سۆيگىنىگە خەت يازدى.ئۇنىڭ تىرىشچان ،خۇش پېئىللىقى ھەممىنى قايىل قىلدى.بولغاي ئوقۇتقۇچىلىرىدىن تارتىپ ساۋاقداشلىرىغىچە ئۇنى قەۋەتلا ياخشى كۆرۈپ قېلىشتى،ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان قىزلارمۇ ئاز ئەمەس بىراق.ئۇلار ئۇنىڭغا بۇ توغۇرلۇق سۆز ئېچىشقا پېتىنالمايتتى.ۋاقىت بىلىنەر بىلىنمەي بىر مەۋسۈملۈك ئوقۇش ئاخىرلىشىشقا ئازلا قالدى.ئالىم تېزراق يۇرتىغا قايتىشنى ئارزۇ قىلاتتى.تۇيۇقسىز بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۇ بىر پارچە سلامخەت تاپشۇرۇپ ئالدى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ يۈرەكلىرى تېپچىكلەپ قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەكلا قىلاتتى.ئۇ كونۋېرتنى مەيدە يانجۇقىغا مەھكەم سالغاندىن كېيىن ياتاققا كىرىپ كەتتى. ياتاققا كىرىپ خەتنى ئوقۇشقا باشلىدى.

سۆيۈملۈكۈم كەچۈرۈڭ،ماڭىمۇ ئامال يوق،چوڭلارنىڭ سۆزىنى چىققىلى بولمايدىكەن.خەتنى ئوقۇپ شۇ يەرگە كەلگەندە ئالىمنىڭ كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ بېشى قېىيىشقا باشلىدى.ئاھ خۇدا !ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلىدى.

قىشلىق تەتىلگىمۇ قۇيىۋېتىلدى،يۇرتىغا كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسىگە ئۇ ئالىيەنىڭ مەھەللىسىگە يول ئالدى.گۆش دۇكىنىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قىيپاش ئۇدۇلدىكى دەرۋازىغا تەلمۈرۈشكە باشلىدى،ۋاقىت ئۆتمەكتە،تونۇش سايە چىقايمۇ دىمەيتتى.پىشنغا يېقىن دەرۋازىدىن ئورۇققىنا ئاق پىشماق بىر قىز چىقىپ كەلدى،ئۇ دەل ئالىيەنىڭ سىڭلىسى ئىدى.ئالىم ئاستا قىزنىڭ يېنىغا كەلدى،ئالىمنىڭ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقنىنى كۆرگەن قىز كۈلۈمسېرىگەن قىياپەتتە قەدىمىنى توختاتتى.

ــ ياخشى تۇردىڭىزمۇ ئالىم ئاكا!

ــ خۇداغا شۈكرى.

ــ ئۆزىڭىزچۇ مەنمۇ ياخشى،ــ ھەدەمنى ئىزدەپ كەلدىڭىزغۇ دەيمەن.قىز ئالىمغا تىكىلگىنىچە سورىدى.

ــ ھەئە.

ــ ماڭغاچ پاراڭلىشايلى!دادام كۆرۈپ قالمىسۇن.مەن ئالدىنقى كۈنى ھەدمنىڭكىگە بارغاندىم.ئۇ«ئالىم ئاكاڭ تەتىلدە قايتىپ كېلىپ چوقۇم مېنى ئىزدەيدۇ.مەن بولغان ئىشلار توغۇرلۇق خەت يازغاندىم.بىراق ئۇ ئىشەنمىدى، سەن ھەر كۈنى دەرۋازىدىن چىقىپ بىر قاراپ باق.ئەگەر ئۇ كېلىپ قالسا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپ بەر دېگەندى»شۇڭا مەن سىرتقا چىقىشىم.ــ سىز ئىچكىرىگە كېتىپ ئانچە ئۇزۇن بولمىغاندى.بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كەلسەم ھەدەم چاچلىرى چۇۋۇلغان ھالداھوجرىسىدا ئولتۇرۇپتۇ،مەن چوڭلارنىڭ ھەدەمنى نەۋرە ئاكامغا ياتلىق قىلىمىز دەپ تۇرۇۋالغانلىقىنى ئاڭلىدىم.قۇلۇم-قوشنا،ئۇرۇغ-تۇغقانلار ئارىغا چۈشتى.ھەدەم ئۆلۈۋالىمەن دەپمۇ باقتى،نېمە ئامال دەيسىز شۇ جاھىل دادام بىلەن ئانامنىڭ دېگىنى دېگەن بولۇپ كەتتى.شۇنۇڭ بىلەن ھەدەم توي قىلدى،تويدىن كېيىن بۇ ئۆيگىمۇ كەلمەيدىغان دادام-ئاناملار بىلەنمۇ پاراڭلاشمايدىغان بولۇۋالدى.

ئاكا سىز ئەمدى ھەدمنى ئۇنتۇپ كېتىڭ!ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدىن خاپا بولماڭ،قىزنىڭ كۆز چاناقلىرى نەملەشتى.ئالىم ئۇنىڭ بىلەن خۇشلىشىپ ئىچىدە ئالىيەگە بەخىت تىللىگەچ ئۆيىگە قايتتى.

كۈچلۈك مۇزىكا ئاۋازىدى ئالىمنىڭ تازا پەرۋاز قىلىۋاتقان خىيال بۈركۈتلىرىنى پەرۋاز رېستۇرانىدا،قاياقلارغىدۇر ئۇچۇرىۋەتتى.ئۇ چۆچۈپ ئەسلىگە كەلدى-دە،ئەتراپقا قارىدى، بەزى ساۋاقداشلار لەرزان مۇزىكىغا جۈر بولۇشۇپ تانسىغا چۈشكەن يەنە بەزىلىرى قىزغىن پاراڭغا چۈشكەندى.ئالىيەنىڭ بېشىنى سەل تۆۋەن سالغان ھالدا،ئۆزىنىڭ ئوڭ بىلىكىدىكى ھېلىقى يارىغا سەپ سېلىۋاتقانلىقىنى سەزدى.بىراق ئۇنىڭ يۈرىكىدىكى يارىنى ھېچكىم سىزەلمەيتتى –ئەلۋەتتە.

ــ كۆرۈشمىگىنىمىزگىمۇ ئۇزۇن بوپتۇ دېىدى ئالىم كۆپچىلىككە.

ــ شۇنداق مېنىڭ سەن بىلەن كۆرۈشمىگىنىگە 34يىل بولدى،دېىدى ئالىيە كۈلۈمسېرىگەن ھالدا.

ــ شۇنداق 34يىل.ئالىم ئۇلۇغ –كىچىك تىنىپ قويدى.تويمۇ ئاخىرلاشتى ئۇلار بىر-بىرىگە بەخىت –ئامەت تىللەشكىنىچە خۇشلاشتى.تۇنجى سۆيگىنى كىممۇ ئۇنتۇيالىسۇن دەيسىز؟!

34يىل بۇرۇنقى شېرىن ئەسلىمە پەرۋاز رېستۇرانىدا قالدى ئىېھ!تۇنجى سۆيگۈ!ياشلىقتىكى شېرىن ئەسلىمىلەر ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پادىشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-26 05:11 PM  


دۇنيادا ئەۋلادلارنىڭ مۇھتاجلىققا قېلىشىدىن قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق،شۇ سەۋەبلىك پەرزەنتلەرنى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم...

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10515
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 05:46:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىسقا  فىلىم قىلىپ ئىشلەپ باقسىمۇ بولغۇدەك
ياخشى يىزىلىپتۇ

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4395
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 996 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 05:58:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا ياخشى يېزىلىپتۇ،پادىشا ئەپەندىم،زادى مىكرو ھېكايىلەرگە ئۇستا!
بۇ ھېكايىڭىز ھەممىمىزنى ئەسلىمىلەر قوينىغا ئېلىپ كىردى.

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

مەن «قاشتېشى» شۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107304
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 761
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2014-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 06:37:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنجى سۆيگۈ مەڭگۈ يۈرەك قېتىمىزدا ساقلىنىدۇ، ھەرقېتىم ئۇچراشقاندا ياكى ئەسلىگىنىمىزدە تۇنجى سۆيگۈ قالدۇرغان ئىزلار ئېچىشىدۇ. بىزنى شېرىن خىياللار ئەسلىمىلەر قوينىغا غەرىق قىلىدۇ.
ھىكايە ژانىرى بولسا چۆچەكلەرگە ئوخشاشلا كىشىدە چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرۇپ مەلۇم دەرىجىدە تۇرمۇش، تەجىربە شۇنداقلا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى تىكلىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

پەقەت مەنلا ھايات بولىدىكەنمەن قاشتېشى ھەرگىزمۇ تور ئىجادىيىتىنى توختىتىپ قويمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105713
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 531
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2014-4-5
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 07:47:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق تەسىرلىك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96232
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2396
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 457 سائەت
تىزىم: 2013-7-22
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 07:52:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخىشى يېزىلىپتۇ.......
لىكىن مەن ھەرقانداق قىز-يىگىتنى تويدىن بۇرۇن مۇھەببەتلەشمىسىكەن دەيمەن،پاكىز تۇرىق،پاك ھېسسىياتى بىلەن بىرىگە ئۆمۈرلۈك يولداش بولسا نىمىدىگەن ياخىشى-ھە؟! بۇنداق بولغاندا بۇ ھېكايىگە ئوخشاش قانداقتۇر  34يىل بۇرۇنقى مۇھەببىتىنى ئەسلەپ يۈرمەي،ئۆزىنىڭ ھەقلەپ نىكاھىغا ئالغان ئايالىغا ساداقەت كۆرسىتەلەيدۇ،قىز تەرەپمۇ ھەم شۇنداق.
ئىشقىلىپ پاكلىققا ھېچنىمە توغرا كەلمەيدۇ......

كۈنلەر ئۆتۈۋاتىدۇ كۈتۈۋاتىمەن، ئۆتكەن كۈنلەر كۈتكەندەك ئەمەس، كۈتكەن كۈنلەر كەلگەندەك ئەمەس.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5637
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1386 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 08:16:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىيەنى ئالغان نەۋرە  ئاكىسى توي كىچىسى ئالىيەنىڭ قىز ئەمەسلىكىنى بىلەلمەپتۇ-دە!

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12725
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31729
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4657 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 09:19:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2014-6-26 08:16 PM
ئالىيەنى ئالغان نەۋرە  ئاكىسى توي كىچىسى ئالىيەنىڭ قىز ...

ئالىيەنىڭ قىز ئەمەسلىكىنى سىز بىلىۋالدىڭىزما؟..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-26 09:20 PM  


مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107522
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 80
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2014-6-8
ئاخىرقى: 2014-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 09:42:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىكرو فىلىم قىلىپ ئىشلىسىمۇ بولغىدەك . بەك تەسىزلىك كەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3999
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 617 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 11:24:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايىنى ياخشى يىزىپسىز چۇقۇم بۇنى قىسقا فىلىم قىلىپ ئىشلەش كېرەك ئىكەن....

مېھرىماھ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش