گۇناھكار مەن
رۇستەم قاراسۇ
گۇناھىمنى يازغان بەندىمەن،
پۇشايماندا قالغان بەندىمەن،
ھەق يولىدىن ئازغان بەندىمەن،
گۇناھكار مەن ئىگەم ئالدىڭدا.
شەيتان قىلسا ئەركىلەپ نازنى،
تەرىك ئەتتىم بەش ۋاق نامازنى،
ئىبادەتسىز كۈتتۈم قېش-يازنى،
گۇناھكار مەن ئىگەم ئالدىدا.
نەقى چۆشكەن زامان،ئىپپەتنىڭ،
قۇلى بولۇپ ئەيشى-ئىشرەتنىڭ،
ئۇيۇنچۇقى بولدۇم غەپلەتنىڭ،
گۇناھكار مەن ئىگەم ئالدىڭدا.
ۋىجدانىمغا يۈز كىلەلمەيمەن،
توۋا قىلدىم بىر كۈلەلمەيمەن،
ئۆز-ئۆزۈمنى كەچۈرەلمەيمەن،
گۇناھكار مەن ئىگەم ئالدىڭدا.
تۇنۇپ يەتتىم ھەقنى ئىماننى،
خار قىلمايمەن ئامانەت جاننى،
كەچۈر ئاللاھ مەندەك ناداننى،
گۇناھكار مەن ئىگەم ئالدىڭدا.
رۇستەم قاراسۇ 2014.6.26.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-26 03:41 PM