تۆتتاش يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 03:43 PM
تاپالمىساڭ ئەمدى ھوشۇڭنى،
تىرىك تۇرۇپ جىسمىڭمۇ ئۆلەر.
...
ماقۇل مەن تاپاي ئاكا ھوشۇمنى،
ئىللەت كەسمىسۇن ئەمدى پۇتۇمنى،
ئەمدى چىڭ تۇتۇپ يېڭىدىن ياشاي،
چوڭلاردىن قالغان ئېسىل ئۇدۇمنى.
قاراپ ماڭىمەن ھەربىر يولۇمنى،
يامان ئىشلارغا تىقماي قولۇمنى.
يۈرسەم گەر قايتا تاپماي ھوشۇمنى،
چوقۇم يارىدۇ توقماق تۇلۇمنى.
ماڭا يول كۆرسەت ھەم ئوبدان باشقۇر،
ئالمىغىن سەنمۇ قولۇڭغا ئاپقۇر،
شۇ پارلاق يولدا ياندىشىپ بىللە،
بولايلى ئاخىر دۇلدۇلدەك چاپقۇر.
قاملاشمىسىمۇ يېزىپ باقتىميا