مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1609|ئىنكاس: 18

ئەي رامىزان بەركەت ئېلىپ كەل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103400
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2346
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 354 سائەت
تىزىم: 2014-2-10
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 10:50:17 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن.(بەقەرە سۈرىسى 185-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:رامىزان كەلسە جەننەتنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىدۇ.
(بۇخارى)

ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمدىن: "ئى رەسۇلۇللاھ! مېنى ئاللاھ ماڭا پايدىسىنى يەتكۈزىدىغان بىر ئىشقا بۇيرۇسىلا"دەپ تەلەپ قىلغاندا، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ((روزا تۇتقىن، چۈنكى ئۇ مىسلىسىزدۇر.


ئەي رامىزان بەركەت ئېلىپ كەل،
سەن بىزلەرگە رەھمەت ئېلىپ كەل.
سېنىڭ بىلەن يايرار دىلىمىز،
مۆئمىنلەرگە جەننەت ئېلىپ كەل.

نازىل بولغان سەندە قۇرئانىم،
كامىل بولغاي سەندە ئىمانىم.
سەن يولدۇرسەن جەننەت نىشانىم،
ئەي رامىزان بەركەت ئېلىپ كەل.

باغلىنىدۇ سېنىڭدا شەيتان،
ئاجىز تەنگە بولسەن دەرمان.
سەن رەببىمدىن بۇيرۇلغان پەرمان.
ئەي رامىزان غەيرەت ئېلىپ كەل.

سەن ھوزۇرسەن مۆئمىن تېنىگە،
كۈچ قۇۋۋەتسەن ئاجىز جېنىگە.
ئېلىپ بارسەن رەببىم يېنىگە،
ئەي رامىزان رەھمەت ئېلىپ كەل.

سېنىڭدە بار مىڭدىن ياخشى كۈن،
بىباھادۇر ھەر كېچە ھەر تۈن.
ئىبادەتتە بولمىز ھەر كۈن،
ئەي رامىزان جەننەت ئېلىپ كەل.

كۈتتى سېنى مۆئمىنلەر بىر يىل،
تەلمۈرىمىز يولۇڭغا ھەر يىل.
سېنىڭ بىلەن سۆيۈندۇ بۇ دىل،
ئەي رامىزان ھىممەت  ئېلىپ كەل.

بولار سەندە دۇئا ئىجابەت،
بىز قىلمىز رەبگە ئىتائەت.
چېقىلمىسۇن بىزگە زارارەت،
مۆئمىنلەرگە نۇسرەت ئېلىپ كەل.

سەن بىزلەرگە بەركەت ئېلىپ كەل،
رەببىمىزدىن رەھمەت ئېلىپ كەل،
ئاجىزلارغا نۇسرەت ئېلىپ كەل.
ئەي رامىزان جەننەت ئېلىپ كەل.

ئاپتور: ئەبۇ غازى

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!!!
ئىشلىتىش ھوقۇقى بالىق مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ.!!!

2014-6-8يەكشەنبە.
(سۈزۈك سۇ.) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-26 12:24 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105624
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 114
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2014-4-3
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 12:28:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئاللاھ تىېخىمۇ ياخشى  ئىلھاملارنى بەرسۇن ئەبۇ غازى
قېرىندىشىم....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 12:59:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
رامىزان روزىسىنى پاكلاپ، پاك ھالداتۇتۇش توغرىسىدا

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: كىم روزا تۇتۇش جەريانىدا يالغان سۆزلەشنى، يالغان گۇۋاھلىقنى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنى تەرىك ئەتمىسە، ئۇ كىشىنىڭ تائام، شاراپ، يىمەك – ئىچمەكلىرىنى تەرىك ئېتىشىدە ئاللاھنىڭ قىلىچە ھاجىتى يوق. (يەنى يالغان سۆزلىگەن كىشىگە روزا يوق، گۇناھ – مەئسىيەتنى كۆپ قىلغان كىشىگە روزا يوق، مەنىۋىي سۇنىدۇ، ماددى ۋە مەنىۋى تەرەپتىن روزا تۇتۇش لازىم). ئەھمەد، بۇخارى، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى توپلىغان، سەھىھ.

ئائىشە، ئۇممە سەلەمەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى رامىزاندا، ئەھلىدىن جۇنۇپ ھالەتتە سۈبھى تاپاتتى، (يەنى ئايالىدىن جۇنۇپ ھالەتتە رامىزان كۈنلىرىمۇ سۈبھى يۈرۈپ قالاتتى،) ئاندىن غۇسلى قىلىپ، يۇيۇنۇپ، روزا تۇتىۋېرەتتى. مالىك، بەيھەقى،بۇخارى،مۇسلىم،كىيىنكى تۆت كىتاب توپلىغان، سەھىھ. (بۇ سەھىھ ھەدىسدىن، جۇنۇپ ھالدا تاڭ ئېتىپ، سۈبھى يورۇپ قالسا، ياكى يۇيۇنۇش بىلەن تاماق يىيىشكە ۋاقىت قىستاپ قالسا، تاماق يىۋىلىپ ئاندىن يۇيۇنۇپ، غۇسلى قىلىپ، روزا تۇتىدۇ، ئەگەر يۇيۇنغاندا سۈبھى يورۇپ قالسا، تاماق يىمەي، زوھۇرلۇقسىز تۇتىدۇ، سۈبھىدىن كېيىن تاماق يىيىش، رامىزاندا ھارام بولىدۇ، يۇيۇنۇش بولسا، دۇرۇستۇر، ئامال بار سۈبھىدىن بۇرۇن تاماق يەپ يۇيۇنۇپ تۇتۇش لازىم، بۇ ئەۋزەل.


ئىبنى ئابباس  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىھرام باغلاقلىق ھالەتتە قان ئالدۇراتتى،رۇزا تۇتۇقلۇق ھالەتتىمۇ قان ئالدۇرغان ئىدى. بەيھەقى، بۇخارى،مۇسلىم توپلىغان، سەھىھ.


ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: كىم روزىدار تۇرۇپ، ئۇنتۇپ قېلىپ، يەپ – ئىچىپ سالسا، ئۇ روزىسىنى كامىل تامام قىلىۋەرسۇن، ئاللاھ ئۇ كىشىگە تاماق بېرىپتۇ، شاراپ بېرىپ سۇغۇرۇپتۇ، (روزىسى بۇزۇلمايدۇ، چۈنكى ئۇنتۇپ قالغان دە!). ئەھمەد، بەيھەقى، بۇخارى،مۇسلىم، ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ.


ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ؛بىر چاغدا بىز  رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتۇق،تۇيۇقسىز بىر كىشى كىلىپ؛ ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى! مەن ھالاك بولدۇم دىدى، رەسۇلۇللاھ:ساڭا نىمە ئىش بولدى؟ دىدى، ئۇكىشى: مەن رامىزاندا رۇزىدار ھالەتتە ئايالىم بىلەن جىنسى ئالاقە قىلىپ قالدىم دىدى، رەسۇلۇللاھ: سەن ئازاد قىلىدىغانغا بىر قۇل تاپالامسەن؟ دىدى، ئۇكىشى: ياق تاپالمەيمەن دىدى،  رەسۇلۇللاھ: سەن كەينى –كەينىدىن ئۇزۇلدۇرمەي، ئىككى ئاي رۇزا تۇتالامسەن؟ دىدى، ئۇكىشى: ياق تۇتالمايمەن دىدى،  رەسۇلۇللاھ:سەن 60 مىسكىننى بىر ۋاق تويغۇزغىدەك تاماق تاپالامسەن؟ دىدى، ئۇكىشى: ياق تاپالمەيمەن دىدى،  رەسۇلۇللاھ: ئۇنداق بولسا ئولتۇرۇپ تۇرغىن دەپ، خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ تۇردى، بىزمۇ شۇ ھالەتتە تۇرۇپ تۇردۇق، ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە چوڭ بىر زەنبىل سۇۋەتتە خورما كەلدى، رەسۇلۇللاھ: باياتىن سوئال سورغۇچى قېنى؟ دىدى، ئۇكىشى؛ مانا مەن دىدى، رەسۇلۇللاھ: بۇنى ئېلىپ سەدىقە قىلغىن دىدى، ئۇكىشى؛ ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى! مەن بۇنى مەندىنمۇ پەقىر كىشىگە سەدىقە قىلامدىم؟، اللھ بىلەن قەسەمكى، مەدىينىنىڭ ئىككى ساي ئارىسىدا، مىنىڭ ئۆي ئەھلىمدىنمۇ پەقىرراق بىرەر ئۆي ئەھلى يوقتۇر دىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم  ئېزىق چىشى كۆرۇنۇپ قالغىچە كۈلۈپ كىتىپ؛ ئۇنداق بولسا، بۇنى سەن ئەھلىڭگە تاماق قىلىپ بەرگىن  دىدى. بۇخارى،مۇسلىم بىر لىككە كەلگەن.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن، ھەقىقەتەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى رامىزاندا روزا تۇتۇقلۇق تۇرۇپمۇ سۆيىۋىرەتتى، ھەتتا تىلىنى شورايتتى، ئەبۇ دااۋۇد خاتىرلىگەن، شەيخ ئىمام مۇھەممەد ناسرۇددىن ئەلبانى رەھمەھۇللا بۇ ھەدىسلەرنى تەكشۈرۈپ، زەئىپ دىگەن،تىلىنى شۇرىماي سۆيگىنى سەھىھ.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، ھەقىقەتەن بىر ئەر، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن روزا تۇتقۇچى، ئايالى بىلەن قۇچاقلاشسا بولامدۇ؟ دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا رۇخسەت بەردى، يەنە بىرسى كېلىپ سورىۋىدى، ئۇنى توستى، رۇخسەت قىلغىنى قېرى كىشى ئىدى، توسقىنى بولسا ياش ئىدى. ئەبۇ داۋۇد توپلىغان، ئەلبانى زەئىپ دىدى،


ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن:ھەرقانداق بىركىشىگە ئۇ روزىدار ھالەتتە ياندۇرۇپ قۇسۇش غالىپ كېلىپ، شارىتتىدە گېلىدىن بىرەر نەرسە چىقىپ كەتسە، ئۇ كىشىنىڭ ئۈستىگە روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىش يوق، ئۆزى قەستەن ياندۇرۇپ، قۇسقان كىشى قازاسىنى قىلىدۇ. ھاكىم، تۆت كىتاب توپلىغان، سەھىھ.

مەئدانۇن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ؛ ماڭا ئەبۇدەردائى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ؛ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياندۇرۇپ قۇسۇپ سېلىپ، ئىپتار قىلىۋەتكەن ئىدى دەپ ھەدىس سۆزلەپ بەردى، كىيىن مەن دەمشەق مەسجىدىدە سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئۇچراپ قېلىپ؛ ماڭا ئەبۇدەردائى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياندۇرۇپ قۇسۇپ سېلىپ، ئىپتار قىلىۋەتكەن ئىدى دەپ ھەدىس سۆزلەپ بەردى، بۇ راستمۇ؟ دىسەم، ئۇماڭا: ئەبۇدەردائى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ راست سۆزلەپتۇ، شۇچاغدا مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە (ئاغزىنى يۇيۇش ئۈچۈن)تاھارەت سۇيىنى قۇيۇپ بەرگەن ئىدىم دىدى.ئەبۇداۋۇد،تىرمىزى،دارىمى.


ئامىر ئىبنى رەبىيئەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ روزا تۇتقان ھالدا مىسۋاك سالغىنىنى ھېسابلاپ بولالمىغۇدەك كۆرگەن ئىدىم. تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد توپلىغان، ئەلبانى زەئىپ دىگەن.لىكىن رامىزاندا مىسۋاك سالسا، دۇرۇس بۇلىدۇ.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، بىركىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كىلىپ: مىنىڭ كۆزۇم ئاغرىپ قالدى، مەن رۇزا تۇتقان ھالەتتەتۇرۇپمۇ،(يەنى رامىزاندا) كۆزۇمگە سۈرمە تارتسام بۇلامدۇ؟ دىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم؛ھەئە بۇلىدۇ دىدى. تىرمىزى توپلاپ، ئىسنادى كۈچلۇق ئەمەس دىدى.

ساھابىلارنىڭ بەزىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ؛ مەن (مەدىينە بىلەن مەككە ئارلىقىدىكى)ئەرەج دىگەن جايدا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قاتتىق ئۇسسۇزلۇقتىن ياكى ھاۋانىڭ قاتتىق ئىسسىپ كەتكەنلىكىدىن  رۇزىدار ھالەتتە ئۇستىگە سۇ قۇيغىنىنى كۆرگەن ئىدىم . ئىمام مالىك توپلىغان سەھىھ.

سەۋبان،شەدداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمدىن، رامىزاننىڭ 18-كۈنى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مىنىڭ قولۇمنى تۇتقان ھالدا،ئىككىمىز بەقىيئ دىگەن جايغا كەلسەك، بىركىشى قان ئالدۇرىۋاتقان ئىكەن، ئۇنى كۆرۇپ مۇنداق دىگەن: قان ئالغان ۋە قان ئالدۇرغان كىشى ھەر ئىككىلىسى ئىپتار قىلغان بولۇپ، روزىسى سۇنۇپ كېتىدۇ. ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە، نەسەئى،دارىمى، ھاكىم، تىرمىزى توپلىغان، سەھىھ، ئەلبانى بۇ ھەدىس مۇتىۋاتىر دىگەن، شۇنداق مەرتىبىسى مۇتىۋاتىرغا يەتكەن يەنى ئەڭ ئىشەنچىلىك، قۇرئان بىلەن تەڭ تۇرىدىغان، تانسا كاپىر بولىدىغان بارلىق جايلاردىن بارلىق كىشىلەردىن كۆپ كىشىلەردىن سۆزلەنگەن ھەدىستۇر، تىرمىزى مۇنداق دىگەن: ئالىملار بۇ ئىشنى مەكرۇھ دېدى، لېكىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەججەتۇل ۋىدادا ئىھرام باغلاقلىق، روزا تۇتقان ھالدا قان ئالدۇرغان ھەدىسى بىلەن رۇخسەت قىلغانلار كۆپ دىگەن، تىرمىزى 705 – ھەدىستە تەپسىلاتى باردۇر.ئەبۇداۋۇتتىمۇ رۇخسەت قىلىنغان ھەدىس بار.شەيخ ئىمام مۇھيىسسۇننە ؛بەزىلەر بۇئىشقا رۇخسەت قىلغاندۇر، قان ئالدۇرۇش ئىپتارغا سەۋەب بۇلۇپ قالىدۇ، قان ئالدۇرغۇچى ئاجىزلايدۇ، قان ئالغۇچىنىڭ ئىچىگە نەرسە كىرىپ كىتىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ دىگەن.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: كىم رامىزان ئىيىدا بىر كۈن رۇخسەتسىز كىسەلمۇ بولماستىن روزا تۇتماي تاماق يىۋەتسە، ئۇ زامان – زامانلاپ روزا تۇتسىمۇ ئادا تاپمايدۇ، ئەھمەد، تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە، دارمى خاتىرلىگەن، بۇخارى، بۇ سۆزنى بابدا تىما قويغان ئۇ مۇنداق دىگەن، بۇ ھەدىسنىڭ راۋىيسى ئەبۇتتۇسنىڭ بۇنىڭدىن باشقا بىرمۇ ھەدىسى يوق، شەيىخ ئەلبانى بۇ ھەدىس زەئىپ دىگەن،

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: نۇرغۇن روزا تۇتقۇچىلار باركى، ئۇلار ئۈچۈن روزىسىدىن پەقەت، ئاچ، ئۇسسۇز قالغاندىن باشقا نىسىۋە، ئەجىر يوق، ئۇلار ئاچ، ئۇسسۇز قالغىنى قالغان. نۇرغۇن قىيامدا تۇرۇپ،ناماز ئوقۇغۇچىلار باركى، ئۇلارنىڭ كېچىلىك قىياملىرىدىن پەقەت، ئۇيقۇسىزلىق، ھارغىنلىقدىن باشقا نەرسە يوق. «يەنى نىيەت، ئىخلاسى يوق، تائام ھارام بولسا، ئەمەلنى كۆيدۈرسە، رىيا قىلسا شۇنداق بولىدۇ» ئىبنى ماجە،دارىمى توپلىغان، سەھىھ. ئىبنى ئۆمەر، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: نۇرغۇن كېچىلىرى قىيامدا تۇرغۇچىلار بار، ئۇنىڭ نىسىۋىسى قىيامدىن پەقەت ئۇيقۇسىزلىقتۇر، نۇرغۇن روزا تۇتقۇچىلار باركى، ئۇلارنىڭ نىسىۋىسى روزىدىن پەقەت ئاچ، ئۇسسۇز قېلىشتۇر، (يەنى رىيا قىلىپ، ئەمەللىرىنى كۆيدۈرۈپ، غەيۋەت قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ھەققىنى ئېلىۋېلىپ، ئازار بېرىپ، نىسىۋىسى تۈگەيدۇ) تەبرانى، ئەھمەد، ھاكىم، بەيھەقى توپلىغان، سەھىھ.

ئەبۇ سەئىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئۈچ ئىش رۇزا تۇتقۇچىنى ئىپتار قىلدۇرىۋەتمەيدۇ، قان ئالدۇرۇش، ياندۇرۇپ قۇسۇپ سېلىش، ئىھتىلام يەنى چۇشىدىكى جىنسى مۇناسىۋەت. تىرمىزى توپلىغان .مەنىسى سەھىھ.

سابىتۇلبەنانىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ؛ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن سىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىسىدا، رۇزىدار كىشىنىڭ قان ئالدۇرۇشىنى ياقتۇرمامتىڭلار؟ دەپ، سورالدى، ئۇ: ياق، ياقتۇراتتىق، لىكىن  ئاجىزلاپ كىتىشىنىڭ جەھتىدىن ياقتۇرمايتتۇق دىدى. بۇخارى.

ئىمام بۇخارى  رەھ   مۇنداق دەيدۇ؛ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رۇزىدار ھالەتتىمۇ قان ئالدۇراتتى، ئاندىن كىيىن رۇزىدار ھالەتتە قان ئالدۇرۇشنى تەرىك ئىتىپ، كېچىسى قان ئالدۇراتتى.

ئەتائ رەھ   مۇنداق دەيدۇ؛ رۇزىدار كىشى ئاغزىنى چايقاپ، ئاندىن ئاغزىدىكى سۇنى تۇكۇرۋەتسە، ئۇنىڭ شالىسىنىڭ زىيادە بۇلىشى، شالىسىنى يۇتىشى، ئاغزىدا قېلىپ قالغان سۇنىڭ يۇقى ئۇنىڭ رۇزىسىغا زەرەر يەتكۇزەلمەيدۇ، رۇزىدار كىشى سەنۇبەر، پىستەق دەرىخىنىڭ يىلىمىنى چاينىمايدۇ، ئەگەر ئۇنى چايناپ، شالىسى زىيادە بۇلسا، ئۇنى يۇتىۋەتسە، مەن ئۇكىشىنى ئىپتار قىلغان بۇلىدۇ دىمەيمەن، لىكىن ئۇنىڭدىن چەكلىنىدۇ. ئىمام بۇخارى  باب تەرجىمىسىدە خاتىرلىگەن.



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2913
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 01:30:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رامىزاننىڭ بەرىكەت ئىلىپ كېلىدىغانلىقى ھەق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104740
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 939
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2014-3-12
ئاخىرقى: 2014-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 01:37:35 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رازى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 1053
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2649 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 01:56:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر قىرىندىشىم ، ياخشى تېما يوللاپسىز ..ساقلىۋلالاي ..

پىلدىن بۈيۈك پىل ئوۋچىسى بار . ـــــــــــــــــــ بۆرىلەر ۋادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107234
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 103
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 02:02:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏ ياخشى تېما ئىكەن ،ئاللا رەھمەت قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106019
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 248
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2014-4-14
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 03:27:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1794
يازما سانى: 653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10641
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 341 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 03:31:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم

شاھ زاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 744
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3833
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 03:55:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما يوللاپسىز.سىزگە اللاھ رەھمەت قىلسۇن ئىنشا اللاھ.

مېھرىماھ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش