مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4295|ئىنكاس: 24

ئەلكۈن: قىتئەلەر ئارا قاناتلانغان كۈي - سەنۇبەر تۇرسۇن (2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106450
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 410
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2014-4-27
ئاخىرقى: 2014-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 08:31:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 a0 w4 t3 n2 s. r# Z+ i. qقىتئەلەر ئارا قاناتلانغان كۈي - سەنۇبەر تۇرسۇن  (2)

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 [: h0 i* t! \) X4 T4 O/ E# D

            ئەزىز ئەيسا ئەلكۈنبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 Z7 D- ~/ I1 o" D4 \$ y- Y1 {
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 \! u* D7 F+ O6 l& w3 h; w3 S

ئۇيغۇرنىڭ ئىپتىخارلىق سەنئەتكارى سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ 2014- يىلى11-مايدىن 19- مايغىچە غەربىي ياۋروپانىڭ لوندون، پارىس ۋە ۋېنىس قاتارلىقشەھەرلىرىدە ئېلىپ بارغان سەنئەتسەپىرى ھەققىدە

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 c! S, ]: _/ }7 s

"مۇزىكابارلىق ئەقىل ۋە پەلسەپە ئىلىملىرىدىنمۇ يۇقىرى تۇرىدۇ"

-لۇدۋىگ ۋەن بېتخوۋىن ) گېرمان كومپوزىتور ۋە مۇزىكانت(

تىلىگەن بەندىسىنىئاللاھ  قۇرۇق قول قويمايدۇ.  مەن 2009- يىلى ۋەتەنگە بارغاندا سەنۇبەر تۇرسۇن2008- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان "قاناتلانغان كۈي– سەنۇبەر تۇرسۇن" ناملىق ناخشا-مۇزىكا نوتا كىتابىنى ئۆز قولى بىلەن ئىمزايېزىپ ماڭا تەقدىم قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خەلقىمىزنىڭ قاناتلىنىۋاتقانكۈيچىسى مېنىڭ ھەر ۋاقىت دىققىتىمنى تارتىپ كەلدى. 2013- يىلى يانۋاردا سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ ناخشىلىرى ئاساسىدائىتالىيەدە “ئارزۇ” ناملىق بىر CD پلاستىنكىسى نەشر قىلىنىپ ئارىدىن ئانچە ئۇزۇنئۆتمەي سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر مۇزىكانتلىرىتۈركىيەنىڭ كونىيا شەھىرىگە سەنئەت سەپىرىگە ئاتلاندى. شۇنىڭدىن كىيىن مەنخەلقىمىز سۆيگەن سەنئەتكار، قاناتلانغان كۈيچىنىڭ تۇنجى قېتىم چەتئەللەردەقازانغان مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئاساسىدا "قىتئەلەر ئاراقاناتلانغان كۈي- سەنۇبەر تۇرسۇن" ناملىق ماقالىنى يېزىپ ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلغان ئىدىم."خۇدابەردى تىلىسە خۇدا ياق دېمەس" دېگەندەك قاناتلانغان كۈيچى قىتئەلەرئارا كېزىشكە باشلىدى.... سەنۇبەر تۇرسۇن ياۋروپانىڭ كلاسسىك شەھەرلىرىدە ئۇيغۇركۈيلىرىدىن قانات ياساپ پەرۋاز قىلدى!

دەقىقە مىنوتلارنى،كۈنلەر ھەپتىلەرنى قوغلىشىپ دېگەندەك بۇ ئالدىراش كۈنلەر ئۆز يولى بويىچەئۆتۈۋۋەردى. مەن بىر ئايلار ئىلگىرى "سەنۇبەرتۇرسۇننىڭ ياۋروپا سەنئەت سەپىرى" ناملىق يازمىنى يېزىپ، ئوقۇرمەنلەرنى بۇ ئەھمىيەتلىكسەپەردىن ئاز-تولا خەۋەردار قىلغان ئىدىم. كېيىنچە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتبېرىدىغانلىقىم توغرىسىدا ۋەدىمۇ قىلغان.  مانا بۈگۈن ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپتۇ. ئالدىراڭغۇۋاقىتتا ھېچ گۇناھ يوق، بۇ ۋاقىت ئوغرىسىنى ئەيىبلىسەكمۇ ئاتقان تاڭلار، ئاققانسۇلار قايتىپ كەلمەيدۇ- دە!

شۇنداق قىلىپ مەنلوندوننىڭ ھاياتنى ئالدىغا سېلىۋالىدىغان بۇ ئاي، بۇ كۈنلىرىدە جان بېقىشھەلەكچىلىكىدە تىرمىشىۋاتقان پەيتلىرىمدىن بىر ھەپتە ۋاقتىمنى چىقىرىپ ئەزىزانەۋەتەندىن كەلگەن سەنۇبەر تۇرسۇن قاتارلىق سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقامۇۋەققەت بولدۇم. بۇ تېپىلغۇسىز پۇرسەتلەردە خەلقىمىز سۆيگەن سەنئەتكارلىرىمىزبىلەن بىرگە بولۇپ، ھال-مۇڭداشتىم، لوندون ۋە پارژنىڭ تار كوچىلىرىنى، ھەشەمەتلىكخان سارايلىرىنى بىللە كەزدىم .... يات ئەللەرنىڭ سەھنىلىرىدە ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭگۈزەللىكىگە، ئىنسان قەلبىنى مەھلىيا قىلالايدىغان سېھىرلىك كۈچىگە مەدھىيەئوقۇلۇپ ئۇرۇلغان ئالقىش چاۋاكلىرىغا گۇۋاھچى بولدۇم. مەنمۇ قوشۇلۇپ قولۇم تالغۇچەچاۋاكلىرىمنى ئۈزۈلدۈرمىدىم...... ئىشقىلىپ ئۆز چامىمنىڭ يېتىشىچە سەنئەتكارلىرىمىزنىڭبۇ قېتىمقى ياۋروپا سەپىرىدە ياردەمدە بولالىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى ئىلھاملاندۇردۇم.

نەچچە سائەتلەپ كەچتەتېلېۋىزور كۆرۈپ، راھەتلىنىپ، سۇنايلىنىپ يېتىشتىن ۋاز كېچىپ، ۋاقتىمنى سەرپ ئېتىپيېزىۋاتقان بۇ يازماممۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئۇيغۇرنىڭ رەڭگارەڭھايات كەچمىشلىرى قاتارىدا بىر پارچە ئوقۇشلۇق بولۇپ قالغۇسى. توغرا، ئىنسان تارىخىبۇرۇندىن تارتىپلا قەلەم تۇتقانلار تەرىپىدىن يېزىلىپ كىلىنگەن بىر ھەقىقەتتۇر.ئەگەر بىر خەلق قەلەم تۇتۇپ ئۆز تارىخىنىڭ ھەر بىر بېتىنى يېزىپ قالدۇرالمايدىكەن،شۇ خەلقنىڭ ئەۋلادلىرى كېيىنكى زامانلاردا باشقىلار يېزىپ بەرگەن چىنلىق ۋەساختىلىق ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن ئازغۇن تارىخنى ئۆگىنىدۇ، ئاددىيسى ئۆزئەجدادلىرىنىڭ تارىخىي چىنلىقىنى، ئەينى بىر دەۋرنىڭ رېئاللىقىنى تېپىش ئۈچۈنمۇنەچچە يۈز يىللاپ ئىزدىنىشىگە توغرا كېلىدۇ.... يەنە كېلىپ يېزىلىدىغان تارىخنىڭچوڭ ياكى كىچىك بولۇشى، باتۇرلۇق ياكى ئىشق-مۇھەببەت توغرىسىدا بولۇشى ياكى قانلىقئۇرۇشلار، بالايى ئاپەتلەر توغرىسىدا بولۇشى ۋەياكى مەزمۇنىنىڭ مول بولۇش –بولماسلىقى تارىخنىڭ ئۈزىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، چۈنكى تارىخنىڭ ئادەملەرتەرىپىدىن يېزىلغان قىسمى ناھايتى ئاز بۇلىدۇ، ئېچىلمىغان، بىلىنمىگەن تەرەپلىرىكۆپ بۇلىدۇ. يەنە كىلىپ تارىخنى قەلەم بىلەن يېزىپ ئۇنىڭ ھەقىقىي ئەسلىيقىياپىتىنى بىلگىلى بولمايدۇ. تارىخ – سوبېكتىپ خاھىش ۋە تەسىردىن خالى چىنلىقئاساسىدا يېزىلسا، ئۇنىڭ رولى بىر خەلقنىڭ مۇئەييەن بىر شارائىتتىكى سىياسىي،ئىجتىمائىي ھايات كۆرۈنۈشىنى كۆز ئالدىڭىزدا ئەينەكتەك كۆرسىتىپ بېرەلىگەنبولىدۇ...تۈنۈگۈنىنىڭ ئىلمىي ئاتىلىشى تارىخ، ئۇ سىز ئارقىڭىزدا قالدۇرغان بارلىقۋاقىتلارنىڭ ئومۇمىي ئاتلىشى. ئۇنىڭ ئىسىمنى بىز شەخس نوقتىسىدىن سىلىقلاشتۇرۇپ"ئۆتكەن كۈنلەر" دەپمۇ ئاتايمىز.

ئۇنداقتا ئۆزگېپىمىزدىن سۆز باشلايلى. سەنۇبەر تۇرسۇن خانىم يېتەكچىلىكىدىكى "سەنۇبەرتۇرسۇن 2014- يىللىق ياۋروپا سەنئەت سەپىرى" پائالىيىتى 2014- يىلى 11- مايلوندوندىن باشلىنىپ، پارىژدا داۋاملىشىپ، ئىتالىيەنىڭ سۇ ئۇستى شەھىرى ۋېنىستا 19-ماي زور ئۇتۇقلار بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.  سۆيۈملۈك سەنئەتكارىمىز، قىتئەلەر ئاراقاناتلانغان كۈيچى سەنۇبەر تۇرسۇن خانىم، غېجەك ئۇستازى ئابدۇكېرىم ئوسمان، تەمبۇرئۇستازى مىجىت يۇنۇس ئاكىلاردىن تەشكىل قىلىنغان بۇ ئۈچ كىشىلىك سەنئەت توپىئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناخشا-مۇزىكا سەنئەت دۇردانىلىرىنى ياۋروپانىڭ سەھنە ۋە ئالىيبىلىم يۇرتلىرىدا يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ، ئۇيغۇر خەلقىگە زور دەرىجىدەشان-شەرەپلەر كەلتۈردى.

ئايرودرومدامېھمانلارنى كۈتۈش

بۈگۈنكى دۇنيادادۆلەتلەر ئارىسىدىكى چېگرالارنى باشقۇرۇش شۇنداق قاتتىقكى، چېگرالاردىن ئىناۋەتلىكپاسپورت ۋە ۋىزا رەسمىيىتى بولمىسا ئادەملەرلا ئەمەس، ھەتتا يۈك –تاقلارمۇئۆتەلمەيدۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا بۇ دۇنيادىكى جانلىقلار ئىچىدە ئادەملەر ئەڭ بىچارەبولسا كېرەك. چۈنكى بىر چۆل تورغىيى چېغىدىمۇ ئۇ دۆلەت چېگراسىدىن بۇ دۆلەتچېگراسىغا پەرۋاسىزلا ئۇچۇپ كېتىۋېرىدۇ ئەمەسمۇ؟!

بىر يىلدىن بۇيانداۋاملاشقان، سەنۇبەر تۇرسۇن خانىم يېتەكچىلىكىدىكى ئۈچ ئۇيغۇر سەنئەتكارنى"سەنۇبەر تۇرسۇن 2014- يىللىق ياۋروپا سەنئەت سەپىرى" پائالىيىتى نامىداغەربىي ياۋروپاغا ئېلىپ كېلىش خىزمىتى ئاگاخان فوندى بىلەن لوندۇن ئۇنىۋېرسىتىتەرىپىدىن بىرلىكتە باش قوشۇپ ئىشلەش ئارقىلىق مۇۋاپىقىيەتلىك ئاياغلاشتى. مۇنداقدېيىشىمدىكى سەۋەب لوندون دۇنيا سەنئەتنى ئەڭ كۆپ نامايان قىلىدىغان، دۇنيادىكىھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ سەنئەت قىممىتىگە ئۆزگىچە ئېتىبار ۋە ھۆرمەتكۆرسىتىدىغان، كوپ مەدەنىيەتلىك دۇنيا سەنئىتىنىڭ يۇلتۇزلىرى ھەر ۋاقىت پارلاپتۇرىدىغان شەھەرلەرنىڭ بىرىدۇر. ئافېرىقانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى فىرانسۇزچەسۆزلەيدىغان، ئىپتىدائىي قەبىلىدىن كىلىپ چىققان قارا تەنلىك بىر توپسەنئەتكارلارنىڭ لوندونغا كىلىپ سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشى،  بۇ خىلدىكى سەنئەت پائالىيتىنىڭ يىلدا بىر ئىككىقېتىم ئېلىپ بېرىلىشى نورمال بىر ئىش ھىسابلانسىمۇ، ئەمما خەلقئارادا نورمالھىسابلانغان ئويۇن قويۇش پۇرسەتلىرى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىغا ئانچە ئاسان نېسىپبولمايدۇ.

بۇنىڭ سەۋەبلىرىنۇرغۇن، يۈزەكى سەۋەبلىرى بولسا رايون ۋە دۆلەت ئالاھىدىلىكى، رەسمىيەت بېجىرىشنىڭئۆلچەمسىزلىكى ۋە قىيىنلىقى، خەلقئارالىق تىل بىلمەسلىك، ئورۇنلاشتۇرغۇچى يەنىتەكلىپ قىلغۇچى ئورۇن بىلەن بىۋاسىتە ئالاقلىشالماسلىق، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ۋەباشقىلار. ئېسىمدە شۇنداق ئېنىق باركى، ئالدىنقى ۋە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2003-يىلى"شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى" دىن تەشكىللەنگەن 15 كىشىلىك ئۇيغۇرسەنئەتچىلىرى ئەنگلىيەگە كېلىپ بىر ئايغا يېقىن ئەنگلىيەنىڭ ئون نەچچە شەھەرلىرىدەئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى نامايان قىلىپ، تاماشىبىنلارغا ئۇنتۇلغۇسىز بىرمەدەنىيەت خاتىرىلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى، بۇنىڭغا دەل 11 يىل بوپتۇ. بۇقېتىمقى پۇرسەت ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ لوندۇنغا كىلىشىدىكى يەنە بىر قىېتىملىقپۇرسەتتۇر. سەنۇبەر تۇرسۇن باشلىچىلىقىدىكى سەنئەتكارلار 2014-يىلى ئاران دىگەندەكلوندۇنغا كەلدى ۋە ئويۇن قۇيۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدى، ھېلىمۇ ئاسان قولغاكەلمىگەن بۇ پۇرسەتكە مىڭ شۈكۈرلەر!

گەرچە بۇ قېتىمقىسەپەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ناھايىتى تەپسىلىي پىلانلانغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلابىر خىل تەشۋىشلەر ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئەنگلىيەگە بىخەتەر كېلىشىنى تەخىرسىزلىك بىلەنكۈتتۇق. بۇ شەيتان قۇلاق  ئۇندىدراغا  بارىكاللا، مەن بۈگۈن ئۇخلاشتىن بۇرۇن يەنى 5- ئاينىڭ 10-كۈن كەچسەنۇبەردىن ئۇندىدار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا ئۈرۈمچىدىنئىستانبۇلغا يەرلىك ۋاقىت 22:50 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇچىدىغان  - CZ679قېتىملىقئايروپىلانغا ساق سالامەت چىققانلىقى ھەققىدە خەۋەرنى ئاڭلىدىم. ھۇررا!خۇشاللىقىمدىن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي ئورنۇمدىن سەكرەپ كەتتىم. دېمەك ئاللاھ نېسىپقىلسا ئۇلار ئىستانبۇل ئاتا تۈرك ئايرودرومىغا يەرلىك ۋاقىت 00:20 دە يېتىپكەلگەندىن كېيىن شۇ ئايرودرومنىڭ ئىچىدىلا ئىستانبۇلدىن لوندونغا سەھەر يەرلىكۋاقىت سائەت 07:00 دە ئۇچىدىغان TK1981-قېتىملىق ئايروپىلان بىلەن يولغا چىقىدۇ ۋە ئەتە ئەتىگەن لوندون ۋاقتى سائەت 9:05لوندون Gatwick ئايرودرومىنىڭ شىمالىي ئۇچۇش سۇپىسىغا يېتىپ كېلىدۇ. ئەمدى مېنىڭئەتە قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشىم لوندون ۋاقتى سەھەر سائەت 6 بىلەن ماشىنا ھەيدەپلوندون Gatwick ئايرودرومىغا يولغا چىقىش ۋە ئەتىگەن سائەت 8:30 دىن بۇرۇنئايرودرومغا بېرىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇلارنى ساق – سالامەت لوندون شەھەرمەركىزىدىكى ئالدىدىن زاكاز قىلىنغان مېھمانخانىغا ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدى.

لوندون شەھىرى ئۆزنىڭقەدىمىيلىكى، ھازىرقى زامان پەن-مەدەنىيەت ۋە سانائىتىنىڭ بۆشىكى، دۇنيا ئىقتىسادىۋە سىياسىتىنىڭ مەركىزى بولۇشى بىلەنلا تونۇلۇپ قالماستىن، ئۇنىڭ يەنە ئاسىيا،ياۋروپا، ئوكيانىيە ۋە ئافرىقا قىتئەلىرىنى شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەلىرىبىلەن ئاتلانتىك ئوكيان سۇ ۋە ھاۋا يول قاتنىشى ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇپ تۇرۇشتەكجۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكلىرى بىلەنمۇ مەشھۇردۇر. مانا مۇشۇ جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكبۈيۈك بىرىتانىيەنىڭ دېڭىز ۋە ھاۋا قاتناش سانائەت، مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭئالاھىدە تەرەققىي قىلىشىغا سەۋەب بولغان.

پەقەت لوندون شەھىرى ۋەلوندون شەھەر رايونى ئەتراپىدىلا 6 ئايرودروم بار. ئۇلار: Heathrow, Luton, Stansted, Southend, Gatwick، City Airport. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئايروپىلان قوبۇل قىلىش ۋەئادەم توشۇش بويىچە لوندون Heathrow ئايرودرومى دۇنيا بويىچە 5- ئورۇندىكى ئەڭ ئالدىراش ئايرودرومھېسابلىنىدۇ. لوندون Heathrow  ئايرودرومى 1946- يىلى قۇرۇلغان، لوندون Heathrow ئايرودرومىنىڭ 5 ئۇچۇش سۇپىسى (تېرمىنالى) بار.

بۈگۈن يەكشەنبە كۈنىسەھەر بولغاچقىمۇ لوندون شەھەر ئەتراپىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان 25 Mنومۇرلۇق يۇقىرى سۈرەتلىك تاش يول خېلىلا بوش ئىدى. مەن بىرسائەتتىن ئارتۇقراق سائەتلىك سۈرەت تېزلىكى  mile80 (km128) ئاشۇرۇپ مېڭىپ ئاخىر لوندوننىڭ Gatwick ئايرودرومىغا پىلان قىلغان ۋاقىتتىن 20 مىنۇتبۇرۇن يېتىپ كەلدىم.

ئايرودرومنىڭ يولۇچىلاركېلىش ئېغىزىدا كۈزلىرىم تەقەززالىق بىلەن ئۈچ ئۇيغۇرنى كۈتەتتى.... سائەت 9 يېرىمبولدى. مەن كۈتكەن ئايروپىلانمۇ كېلىپ بولدى، ئەمما مەن كۈتۈۋاتقان بۇ ئەزىزمېھمانلىرىم چىقمىدى. سائەت 10 يېرىم بولدى...11 يېرىم بولدى.... ئەممامېھمانلارنىڭ قارىسى كۆرۈنمىدى. مەن مېھمانلاردىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم ۋەئايرودرومدىكى ئۇچۇر مۇلازىمەت ئورنى ئارقىلىق ئەنگلىيە چېگرادىن كىرىپ–چىققۇچىلارنى باشقۇرۇش ئورنىدىكى خادىملار بىلەن تېلېفون ئالاقىسى قىلساممۇ،ئۇلار مۇنداق بىر ئادەملەرنى ئايرودرومدا تۇتۇپ قالمىغانلىقىنى ئېيتتى. كېيىنئەنسىرىشىم كۈچەيدى ۋە بۇ پائالىيەتنى مەسئۇل بولۇپ تەشكىللىگۈچى دوكتور رەيچېلھاررىس خانىمغا ئەھۋالنى بىلدۈرۈپ، قانداق قىلىش توغرىسىدا تېلېفوندا پاراڭلاشتىم.شۇنىڭ بىلەن بىز جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، دىققىتىمىزنى ئىستانبۇلدىن لوندونغائۇچىدىغان تۈرك ھاۋا يوللىرىنىڭ TK1981-قېتىملىق ئايروپىلانغا مەركەزلەشتۈردۇق. بىر سائەتلەرچە تېلېفون ئارقىلىق قىزىقلىنىيەلىك ئالاقىلىشىشلاردىن كېيىن تۈرك ھاۋا يوللىرى بىزگە مېھمانلىرىمىز توغرىسىدائېنىق جاۋاب بەردى.

بۇ ئىش ئەسلى مۇنداقبولغان ئىكەن: ئۈرۈمچىدىن ئىستانبۇلغا ئۇچىدىغان CZ679- قېتىملىق ئايروپىلان ئاتا تۈركئايرودرومىغا يەرلىك ۋاقىت كېچە 12 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە يىتىپ كەلگەن.سەنئەتكارلىرىمىز يەرلىك ۋاقىت ئەتىگەن سائەت 7 دە ئايروپىلان ئالمىشىپ لوندونغائۇچىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئولار لوندۇنغا ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانغا ئۈلگۈرەلمىگەنئىكەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ يۈك – تاقلىرىنى ئۈرۈمچىدە جۇڭگو جەنۇب ئاۋىئاتسىيە  شىركىتى تەرىپىدىن لوندونغا ئەمەس بەلكىتۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلغا ماڭدۇرۇلغان ئىكەن. سەۋەبى تۈرك ھاۋا يوللىرى بىلەن جۇڭگوجەنۇب ئاۋىئاتسىيە  شىركىتىنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە يۈك-تاقيەتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، مېھمانلارنىڭ يۈك تاقلىرى ئىستانبۇلئايرودرومىدا لوندونغا ماڭىدىغان ئايروپىلان ئالمىشىش چېگراسىغا كىرەلمىگەنئىكەن...... ئاخىر ئۇلار مىڭ تەسلىكتە يۈك – تاقلىرىنى ئېلىۋېلىش مەقسىتىدەئايروپىلان ئالمىشىدىغان ئورۇندا تۈركىيەگە كىرىش ۋىزىسى ئېلىپ تۈركىيە چېگراسىدىنچىققان ۋە يۈك تاقلىرىنى تېپىۋالغاندىن كېيىن لوندونغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانىنىئىزدىگەن، ئەمما ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئايروپىلانغا كېچىكىپ قالغان...ئايرودرومدىكىلەر ئۇلارنىڭ تىلى ۋە مەقسىتىنى ناھايىتى تەستە چۈشىنىپ، ئۇلارغاياردەم قىلىپ يېڭىدىن ئىستانبۇلدىن لوندونغا ئۇچىدىغان يەككە يۆلۇنىشلىكئايروپىلان بېلىتى ئېلىپ بەرگەن ئىكەن. ئۇلار ئىستانبۇلدىن TK 1997- قېتىملىق ئايروپىلان بىلەن لوندون ۋاقتىسائەت 16:05 مىنۇت ئۆتكەندە لوندون Gatwick ئايرودرومىغا كېلىدىكەن.  بۇ ھېكايە خېلى مۇرەككەپلەشتى.....ئەمماچۈشىنىشكە بولىدۇ. يەنىلا ئەڭ مۇھىمى ئۇلار 8 سائەت كېچىكسىمۇ بەرىبىر كېلىدىكەن.دېمەك بۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ زور خۇشاللىق ئىدى!

مەن بۇرۇن باشقىلارنىڭ"ئادەم كۈتۈش ئەڭ زېرىكىشلىك ئىش" دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، ئەممامەن ئۇنداق دەپ قارىمايمەن. ئادەم كۈتۈشنىڭ زېرىكىشلىك ياكى كۈڭۈللۈك بولۇشى دەلشۇ كىشىنىڭ ئادەم كۈتۈۋاتقان ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنىشىغا باغلىق. ۋاقتىنىمەنىلىك ئۆتكۈزەلەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ھەر بىر دەقىقە ۋاقىت ئەھمىيەتلىك ۋەقىممەتلىكتۇر.  ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلىنىشنى، ھاياتنىڭقىممەتلىكىنى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن بوش ۋاقىت بولسا ئەھمىيەتسىز ۋە زېرىكىشلىكتۇر.ھەر كىشى قولىدىن بوش ئۆتكۈزۈۋەتكەن ۋاقىتقا ئۆز خاھىشى بىلەن چۈشەنچە بەرسىمۇ،ئەمما قولدىن كەتكەن شۇ ۋاقىتنىڭ قايتا قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئىنكارقىلالمايدۇ.

مەن iPad (قول كومپيۇتېرى) نى ئۆزۈم بىلەن بىللەئېلىۋاپتىكەنمەن. شۇڭا مېھمانلىرىمىزنى كۈتۈشمۇ ماڭا ئانچە زېرىكىشلىك تۇيۇلۇپكەتمىدى. مەن iPad تىن پۈتۈن دۇنيانىڭ خەۋەر - يېڭىلىقلىرىنى كۆرۈپ بولدۇم، ھەتتاكەلگەن ئېلخەتلىرىمنىمۇ تەكشۈرۈپ بولدۇم... كېيىن بۇرۇن باشلاپ قويغان بىر تەرجىمەئەسىرىمنىڭ داۋامىنى ماشىنىنىڭ ئىچىدە راھەتلىنىپ ئولتۇرۇپ بىر قانچە سائەتئىشلىدىم... ۋاقىتنىڭ قانداق تىز ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمەپتىمەن. بىرچاغلاردا قارىسام سائەت چۇشتىن كېيىن 3 بولۇپ ئېشىپتۇ.  مانا ئاخىر مەن بۈگۈن سەھەردىن تارتىپ كۈن بويى  كۈتكەن بۇ ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش يېقىنلاپقاپتۇ. مەن ماشىنىنى تاقاپ، ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن ئايرودروم ئىچىگە قاراپيول ئالدىم.

ئىنتىزارلىق بىلەنكۈتۈشلەردىن كېيىن لوندون ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 5:30 دا رەڭگا رەڭ ئادەملەرئارىسىدىن قوللىرىدا دۇتار- تەمبۇرلار كۆتۈرۈۋالغان 3 ئۇيغۇرنىڭ قارىسى ئاخىركۆرۈندى. ئۇلار ساق-سالامەت كەلگەن ئىدى. بىز قىزغىن دىدارلاشتۇق. بىز پاراڭلاشقاچمەن ئۇلارنى ماشىنىنى توختاتقان ئورنىغا باشلاپ كەتتىم.

لوندونشەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىش

بىز تۆتەيلەن ماشىنىغائولتۇرۇپ Gatwick ئايرودرومىدىن لوندون شەھىرىگە قاراپ يول ئالدۇق. بۈگۈن لوندوننىڭھاۋاسى باشقا كۈندىكىدىنمۇ خېلىلا ئىللىق ئىدى. گاھى-گاھىدا پەيدا بولۇپ قالىدىغانبۇلۇتلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئاسمان كۆپكۆك.  ئىككى قاسنىقى ياپيېشىل ئورمان بىلەن قاپلانغانيۇقىرى سۈرەتلىك تاش يولدا ماشىنا چاپماقتا.... ماشىنا ئىچى ئۈرۈمچىنىڭ ۋەئىستانبۇلنىڭ پاراڭلىرى بىلەن لىق تولدى. دىدار غەنىمىتىدىن تۇغۇلغان خۇشاللىقباشقا ھېچ  قانداق خۇشاللىققا ئوخشىمايدىكەن، بىز ھەممىمىزسۆزلەپ توختىمىدۇق. چىرايلىرىمىزدىن خۇشاللىق جىلۋىلىرى توختىماي تۆكۈلەتتى...

بىز Gatwick ئايرودرومىدىن ئايرىلىپ خېلىماڭغاندىن كېيىن، لوندوننىڭ جەنۇبىدىكى Surry, Croydon, Mitcham, Brixton,Lambeth قاتارلىقشەھەر بۆلەكلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ لوندون شەھەر مەركىزىگە  (RiverThames)تايمىس دەرياسىنىڭ ۋوتېرلو (Waterloo) كۆۋرۈكى ئارقىلىق كىرىپ كەلدۇق.لوندون ۋاقتى كەچ سائەت 7 يېرىم بولغاندا مېھمانلار ئۈچۈن زاكاز قىلىنغان Bedford مېھمانخانىسىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇمېھمانخانا شەھەرنىڭ ئاۋات كوچىلىرىنىڭ بىرىگە جايلاشقان، ئورنى قۇلايلىق بولۇپ،شىمال تەرەپتە 200 مېتىر يىراقلىقتا

((Russell Square رەسسېلمەيدانى باغچىسى بىلەن رەسسېل يەر ئاستى تومۇر يولى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. غەرب تەرىپىلوندون ئۇنىۋېرسىتېتى رەسسېل باغچىسى ئارىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ھەيۋەتلىكبىرىتانىيە مۇزېيىمۇ مېھمانخانىغا دېرىزىدىن كۆرۈنىدۇ.

مېھمانلارنى ياتاققائورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن تەلەپ بويىچە مېنىڭ بىرىنچى قىلغان ئىشىم ئۇلارنىڭيانفون ۋە قول كومپيۇتېرلىرىنى مېھمانخانىنىڭ Wi-Fi ئىنتېرنېت تورىغا ئۇلاپ بېرىش بولدى. مېھمانلاريېرىم سائەت ئەتراپىدا ئۇندىدار ئارقىلىق ۋەتەندىكى ئائىلىلەر ۋە دوستبۇرادەرلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ لوندونغا سالامەت يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بولغاندىنكېيىن، بىز ھەممىمىز مېھمانخانىدىن كەچلىك تاماق يېيىش ئۈچۈن سىرتقا چىقتۇق.تەلىيىمىزگە مېھمانخانىغا تام قوشنا بىر  “ئاناتولىيە”  ئىسىملىك تۈرك رېستورانى بار بولۇپ، بىز قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتىشتىنبۇرۇن رەسسېل مەيدانى باغچىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارمىقىدىكىشەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتى  (SOAS)، مائارىپ ئىنستىتۇتى، بېرىكبەكئىنستىتۇتلىرىنى ئايلاندۇق. ئاخىرىدا بىرىتانىيە مۇزېيىنىڭ شىمالى تەرىپىدىنئايلىنىپ ئۆتۈپ ھېلىقى تۈرك رېستورانىغا قايتىپ كېلىپ تاماقلاندۇق. مېھمانلار شۇقەدەر ئاۋارىچىلىكلەرنى تارتىپ ئۇيقۇسىز بىر سوتكا سەپەر قىلغىنىغا قارىماي روھلۇقئىدى.

بىزگە ھەممىدىن زورخۇشاللىق ئۇلار بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ پىلان بويىچە لوندونغاساق-سالامەت ئۈلگۈرۈپ كېلەلىگىنى ئىدى.  يېڭى بىر مۇھىت ۋە مەدەنىيەتنى كۆرگەنلىكىدىن پەيدا بولغانجۇشقۇنلۇقىمۇ ئەيتاۋۇر بۇ نۇرلۇق چىرايلاردىكى روھلۇق كەيپىياتلار ئۇلارنىڭ سەپەرھاردۇقلىرىنى يوشۇرۇپ قالغان ئىدى. بىزنىڭ ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تەمىگە ئاز تولائوخشىشىپ كېتىدىغان تۈرك سۇيۇق ئاشلىرى، تۈرك پولۇسى ۋە كاۋاپلار بىلەن راھەتلىنىپغىزالانغاچ بىر مەھەل قىزغىن پاراڭلارغا پاتتۇق. بىز مېھمانخانىغا قايتىپ كەلگەنۋاقىتتا  لوندون ۋاقتى كەچ سائەت 11 لەردىن ئاشقان ئىدى.مەن مېھمانلارنىڭ بۈگۈن ياخشى ئارام ئېلىشىنى تىلەپ، ئۇلار بىلەن مېھمانخانىنىڭكۈتۈۋېلىش خانىسىدە خوشلىشىپ قايتتىم.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' q. J1 Z8 n/ Q+ [7 N& w

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ t' f5 s: M8 O# \4 Y9 F+ M; `

شەرقشۇناسلىقۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق

بۈگۈن 19- ماي. سەنۇبەرتۇرسۇن خانىم يېتەكچىلىكىدىكى بۇ ئۈچ كىشىلىك ئۇيغۇر سەنئەت گۇرۇپپىسىنىڭ بۈگۈنكىپائالىيەتلىرى تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. مېھمانلارنىڭ سەپەردە كوپچارچىغالىغىنى نەزەردە تۇتۇپ چۈشتىن بۇرۇن ئارام ئېلىش. چۈشكە يېقىن مېھمانخانىدادوكتور رەيچېل ھاررىس خانىم بىلەن ئۇچرىشىش ۋە چۈشلۈك تاماقنى بىرگە يېيىش، ئاندىنكېيىن كەچتە كونسېرت بولىدىغان بىرۇنېي تىياتىر خانىسىنى كۆرۈش، كېيىنكىسائەتلەردە "سەنۇبەر تۇرسۇن 2014- يىللىق ياۋروپا سەپىرى" نىڭ تۇنجىبېكىتى بولغان لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتمۇزىكا فاكۇلتېتىدا داۋام قىلىدىغان تۆت كۈنلۈك پائالىيەتلەرنىڭ پروگراممىلىرىنىقانداق ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىش، چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تىن باشلاپ كەچسائەت 7 دە باشلىنىدىغان سەنۇبەر تۇرسۇن سەنئەت كەچلىكىگە تەييارلىق قىلىش، بۇنىڭئۈچۈن سەھنە مۇھىتى بىلەن تونۇشۇش، ئاۋاز تەڭشەش ۋە مەشىق قىلىش قاتارلىق ئىشلارئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.

بۇ قېتىمقى سەنۇبەرتۇرسۇن 2014- يىللىق ياۋروپا سەنئەت سەپىرى ئاگاخان فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، لوندون، پارىس ۋە ۋېنىسقاتارلىق شەھەرلەردە سەنۇبەر تۇرسۇن سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرناخشا-مۇزىكا سەنئىتىنى  تونۇشتۇرۇشبىلەن بىرگە بۇ شەھەرلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا، تىياتىرخانىلاردا ئوقۇغۇچىلارغائۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا، چالغۇلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇقامىدىن جانلىق مەشىقلەر كۆرسىتىپدەرس بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.

مانا بۇ مەقسەتلەرنىڭتۇنجى پروگراممىسى بۈگۈن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتئىنستىتۇتى مۇزىكا فاكۇلتېتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۇيغۇر مۇزىكىشۇناس دوكتور رەيچېلتەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىۋاتاتتى.

ئۇنداقتا بىز بۇرۇنئاز-تولا ئاڭلىغان، بولۇپمۇ يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان بۈيۈك بىرىتانىيەدەئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىۋاتقان لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكىبۇ يېتۈك شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتى قانداق ئورۇن؟

بۇ سوئالغا جاۋاببېرىشتىن ئىلگىرى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتەي:لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى لوندون شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. بۇ ئۇنىۋېرسىتېت1836- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ تارمىقىدا 18  ئىنستىتۇت، 10 تەتقىقات ئىنستىتۇتى ۋە تەتقىقاتمەركەزلىرى بار. لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق ئىنستىتۇتلار ئىچىدە توققۇزئىنستىتۇت ئەڭ چوڭ ۋە مەشھۇر بولۇپ ئۇلار: پادىشاھلىق ئىنىستىتۇت (King'sCollege London)، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىنىستىتۇتى (UniversityCollege London)، شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتئىنستىتۇتى (SOAS)، ئالتۇنچىلار ئىنستىتۇتى(Goldsmiths)، بېرىكبەك ئىنستىتۇتى (Birkbeck)، لوندون سودا-تىجارەت ئىنستىتۇتى (LondonBusiness School)، ئايال پادىشا مەرىيەم ئىنستىتۇتى (Queen Mary)، خان جەمەتى ھوللوۋەي ئىنستىتۇتى (Royal Holloway)، لوندون ئىقتىساد ۋەسىياسەت ئىنستىتۇتى (London School of Economics and Political Science)  .

لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور سەھىپىسىدە http://www.lon.ac.uk كۆرسىتىلىشىچە 2005 - 2006 يىللىق ئوقۇشمەۋسۇمىدە دۆلەت ئىچىدىن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 135،090 ،  دۆلەت سىرتىدىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان خەلقئارالىقئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 000،50 دىن ئارتۇق دەپ بايان قىلىنغان.

“SOAS” - بۇ سۆز ئىنگلىزچە “School of Oriental and African Studies” دېگەن سۆزنىڭ باش ھەرىپقىسقارتىلمىسى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدىكى تولۇق تەرجىمىسى: شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقاتەتقىقات ئىنستىتۇتى دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئىنستىتۇت 1916- يىلى قۇرۇلغان. ئۇياۋروپادىكى بىردىن بىر ئاسىيا، ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى ۋە ئۇلارنىڭمەدەنىيەت، سىياسىي، ئىقتىسادىي قاتارلىق ساھەلەرنى ئۇنىۋېرسال تەتقىق قىلىدىغانۋە بۇ ساھەلەر بويىچە ئالىي مائارىپ تەربىيىسى بېرىدىغان ئىنستىتۇت بولۇپ، ئۇنىڭتارمىقىدا 60 تىن ئارتۇق فاكۇلتېت، تەتقىقات مەركەزلىرى بار.

گەرچە بۈيۈكبىرىتانىيەدە ئۇيغۇر تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى قېدرىپ تەكشۈرۈش قىزغىنلىقى 1860-يىللىرىدىكى بىرىتانىيە ۋە رۇسىيە ئىمپېرىيىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى زېمىنئىشغال قىلىش ۋە تەسىر دائىرىلىرىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە "ئوتتۇرا ئاسىياكاتتا ئويۇنى" نى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ باشلانغان بولسىمۇ، ياقۇپ بەگ دەۋرىدەبۇ قىزىقىشلار يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ تاكى 1949- يىللىرىغىچە داۋام قىلغانئىدى.  بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلاردا ۋېنگىرىيە –بىرىتانىيە ۋەتەندىشى بولغان، 1862- يىلى بۇداپېشتتا بىر يەھۇدىي ئائىلىسىدەتۇغۇلغان مەشھۇر ئارخېئولوگ سىر مارك ئاۇرېل ستېىين (Sir Marc Aurel Stein) ئەپەندىنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك تەتقىقاتىۋەكىل خاراكتېرلىكتۇر. ئەينى ۋاقىتتا ئارخېئولوگ ئاۇرېل ستېىين ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرئېلىگە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم بېرىپ ئۇزاق تۇرۇش ئارقىلىقئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ئېرىشكەن قەدىمىي قول يازمىلار،تارىخىي بۇيۇملار قاتارلىق ئاسارە-ئەتىقىلەرنىڭ بىرىتانىيە مۇزېيى ۋە بىرىتانىيەكۇتۇپخانىسىدا جەمئىيەتكە ئوچۇق كۆرسىتىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرتەتقىقاتىغا قىزىققۇچى ئالىملارنىڭ سانى كۆپىيىدۇ. بۇ ساھەلەردە ئۇيغۇرلارغامۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ئىلمى ئەمگەكلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ، تارىخىي،ئارخېئولوگىيىلىك كىتابلار يېزىلىپ نەشر قىلىنىدۇ.

دېمەك بۈيۈكبىرىتانىيەدە يېقىنقى ئون نەچچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تەتقىقاتى ۋە قىزغىنلىقىنىئۆزلىرىنىڭ يىرىك ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن دەۋرىمىزدە  يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرگەن ئالىملاردىن دۇرھامئۇنىۋېرسىتېتىدىن تارىخشۇناس دوكتور مايكېل دىللون (Michael Dillon, Durham University)، شەرقشۇناسلىق ۋەئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىن مىللىي مۇزىكىشۇناسلىق ۋە ئۇيغۇر مۇزىكاتەتقىقاتچىسى دوكتور رەيچېل ھاررىس (RachelHarri, SOAS)، نىۋكاسىل  ئۇنىۋېرسىتېتىدىن (JoanneSmith Finley, Newcastle University) تىل ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمى دوكتورجوئاننې سىمىس فىنلەي  قاتارلىقئاكادېمىكلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتەلەيمىز.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, ^( w; w  X0 F$ v7 ~
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 l2 I  h$ @3 I8 h4 ~
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 x& M" ^0 o2 D. {6 ^, \+ u& t

جۈملىدىن لوندونئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇرتەتقىقاتى 1990- يىللىرىدىن باشلانغان. بولۇپمۇ مىللىي مۇزىكىشۇناسلىق، ئۇيغۇرمۇزىكاسۇناسلىق ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتى دوكتورى رەيچېل ھاررىس خانىم شەرقشۇناسلىق ۋەئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا خىزمەت قىلغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ئۇيغۇرمەدەنىيەت ۋە ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىگە، ئۇيغۇر مۇقام مۇزىكىسىغا بولغان قىزغىنلىقىنەتىجىسىدە بۇ ساھەلەردە ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئۈچۈن كۆپلىگەن ئىلمىي خىزمەت ۋەپائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان. بۇ بايانلىرىمنىڭ دەلىلى سۇپتىدە دوكتور رەيچېل ھاررىسخانىم تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە تەتقىقاتىغا ئائىت بىزگەمەلۇم بولغان ئەمگەكلىرىدىن بىر قانچىسىنى مىسال قىلىپ ئۆتىمەن.

- دوكتور رەيچېل ھاررىسنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2000-يىلى پاشا ئىشان يېتەكچىلىكىدىكى "شىنجاڭناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى" نامىدا كەلگەن مۇساجانروزى، غىياسىدىن بارات، ھوسەنجان جامى، ياسىن مۇخپىل، تۇرسۇن ئىسمايىل، ئېزىزنىياز قاتارلىق پىشقەدىم سەنئەتكارلىرىمىز ئەنگلىيەنىڭ بىر قانچە شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر سەنئىتىدىنكونسېرت بەردى. بۇ ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنڭ مەخسۇس BBC  رادىئو- تېلېۋىزىيىسىدە ئىجىرا قىلغان ئۇيغۇرناخشا-مۇزىكىللىرى ئاۋازغا ئېلىنىپ، 2000- يىلى  ئەنگىلىيەنىڭ"دۇنيا ئوسۇلۇبى" (Globestyle) ئۇن-سىن نەشىرىياتىشىركىتىدە "ئۇيغۇر مۇزىكانتلار: ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بوستانلىق شەھەر مۇزىكىسى(شىنجاڭ)"

"Uyghr musicians: Musicfrom the Oasisi Towns of Central Asia Xinjiang"

ناملىق  CD پىلاستىنكىسى نەشىرقىلىندى.

دوكتور رەيچېلھاررىسنىڭ  ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2003- يىلى “شىنجاڭ مۇقامئانسامبىلى” نىڭ 15 نەپەر سەنئەتچىلىرى ئەنگلىيەدە بىر ئاي ئۇيغۇر سەنئىتىدىنكونسېرت بەردى.

-2004 يىلى"ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جۇڭگو ئارسىدا قالغان ئۇيغۇرلار" ناملىق خەلقارالىقئىلمىي يىغىن شەرىقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ برۇنېي يىغىنزالىدا ئېچىلدى. بۇ يىغىنغا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدىن يىتىلىپ چىققان ئىجتىمائىپەن ساھەسىدىكى ياش ئاكادېمىكلاردىن دوكتور راھىلە داۋۇت ۋە دوكتور ئەسەتسۇلايمانلار قاتناشتى. مەزكۇر يىغىندا ئوقۇلغان 10 نەچچە پارچە ماقالىلەردىنتوپلانغان كىتاب دوكتور رەيچېل ھاررىسنىڭ تەھرىرلىكىدە ئىنگلىز تىلىدا

Situating the Uyghurs BetweenChina and Central Asia” (ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەجۇڭگو ئارىسىدا قالغان ئۇيغۇرلار) نەشردىن چىقتى.

دوكتور رەيچېلھاررىسنىڭ 2008- يىلى “The Making of a Musical Canon in Chinese Central Asia: TheUyghur Twelve Muqam” (جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر 12مۇقامىنىڭ قېلىپلىشىشى) ناملىق كىتاب ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىندى.

2014 يىل 10- يانۋاردا “جۇڭگودىكى ئىسلامىي ئاۋازغانەزەر” (Islamic Soundscapes of China) ناملىق ئىلمىي –مۇھاكىمەيىغىنى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ بىرۇنېي تىياتىرخانىسىدادوكتور رەيچېل ھاررىسنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا تۆتنەپەر ياش ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى قاتناشتى.

ئۇيغۇرمازارلىرى رەسىم كۆرگەزمىسى

ھەممىمىز يۇقىرىداتونۇشۇپ چىققان لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەۋە بولغان شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقاتەتقىقات ئىنستىتۇتى دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىمنىڭ تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدەبۈگۈن 12- ماي مەزكۇر ئىنستىتۇتىنىڭ برۇنېى تىياتىرخانىسىدا ئۇيغۇر ھاياتىغامۇناسىۋەتلىك ئىككى چوڭ پائالىيەت داۋام قىلىدۇ. بۇ پائالىيەتنىڭ بىرى ئامېركىلىقتونۇلغان رەسسام لىسا روسس (Lisa Ross) خانىمنىڭ فوتو-سۈرەت ئەسەرلىرىتونۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس جايلىرى – ئۇيغۇر مازار رەسىم كۆرگەزمىسى.ئىككىنچىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيگەن تالانتلىق سەنئەتكارى ناخشىچى، كومپوزىتورىسەنۇبەر تۇرسۇن خانىمنىڭ مەخسۇس سەنئەت كېچىلىكىدۇر.

مەن بۈگۈن بىرئاماللارنى قىلىپ خىزمىتىمنى بالدۇر تۈگىتىپ كەچ سائەت 5 دە باشلىنىدىغان لىساروسس خانىمنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىگە ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن ئالدىرىدىم. مەنرەسسېل مەيدانى يەر ئاستى تومۇر يولىدىن يەر ئۈستىگە چىقىشتا ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈنتوك پەلەمپىيىنى كۈتۈپ تۇرمايلا پەلەمپەيلەرنى تاقلاپ، سەكرەپ يۈرۈپ دېگەندەكنەپسىمنى ئاران ئېلىپ يۇقىرىغا چىقتىم. بۇ يەر ئاستى پويىز بېكىتىدىن چىقىپتۇرۇشۇمغا لوندوننىڭ تەلۋە يامغۇرلىرى ئۇستى – بېشىمغا قۇيۇلۇشقا باشلىدى.لوندوندا ئون نەچچە يىل ياشاش جەريانىدا لوندوننىڭ يامغۇرلۇق ھاۋاسى مېنى يېنىمدىنكۈنلۈكنى ئايرىمايدىغان قىلىپ ئۆگەتكەن ئىدى. مەن سومكامدىن كۈنلۈكنى ئېلىپئۆزۈمنى دالدا قىلدىم – دە بىرۇنېي تىياتىرى تەرەپكە قاراپ تىز يول ئالدىم.

بىرۇنېي تىياتىرىشەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ قارشىسىغاجايلاشقان بولۇپ، قۇرۇلۇش ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقاتتى. مەنبىرۇنېي تىياتىرخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە تىياتىرخانىنىڭ ئالدىدىكى ئىككىتۆۋرۈككە چاپلانغان چوڭ خەتلىك ئېلان دىققىتىمنى تارتتى ۋە خاتىرە ئۈچۈن ئۇلارنىسۈرەتكە تارتىۋالدىم - دە كۈنلۈكۈم ئۇستىدىكى يامغۇر سۇلىرىنى چۈشۈرگەچ كۆرگەزمەزالى ئىچىگە كىرىپ كەلدىم. كۆرگەزمە زالى ئىچىدە مەن تونۇيدىغان بىر خانىم ماڭاكۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. ئۇ دەل بۈگۈنكى ئۇيغۇر مازارلىرى رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ساھىبىلىسا روسس خانىم ئىدى. مەن لىسا روسس خانىم بىلەن 2009- يىلى ئۈرۈمچىدە تۇنجىقېتىم كۆرۈشكەن ۋە شۇنىڭدىن كېيىن  ئۆز-ئارا خەت ئالاقە قىلىشىپ كېلىۋاتقان ئىدۇق.

بىز قىزغىنسالاملىشىشتىن كېيىن، لىسا مېنى كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.كۆرگەزمە زالى ئىچىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى بولۇپمۇ مازارلىرى تەسۋىرلەنگەن 20نەچچە پارچە، كەڭلىكى تەخمىنەن 2 كۋادرات مېتىرچە چوڭلۇقتىكى فوتو رەسىملەرتاملاردا ئالاھىدە بىر گۈزەل-سەنئەت پۇراقلىرى بىلەن ئەينەك رامكىلار ئارقىلىقئېسىقلىق تۇراتتى.  فوتو سۈرەتلەر سولدىن ئوڭغا قاراپ رەتلىكئېسىلغان بولۇپ، بىرىنچى سۈرەت ئۈستىگە چوڭ خەتلىك قىلىپ مۇنداق يېزىلغان: “Living Shrines:Uyghur Manifestations of Faith, Saints and Islam in Western China”(داۋام قىلىۋاتقان مۇقەددەس جايلار:  ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى نامايان قىلىشى؛ جۇڭگونىڭ غەربىدىكىئىسلام ئەۋلىيالىرى)

بۇ باش تېمىنىڭ ئاستىغائۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، تۇرمۇش، جەمئىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى تونۇشتۇرۇلۇپ،ئاخىرىدا لىسا روسس خانىمنىڭ تەرجىمىھالى بېرىلگەن:

“فوتوگراف لىسا روسس ئۆتكەنكى 10 يىلدىنبۇيان جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىدىكى ئەڭ چەت رايونىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىنبەرپا قىلىنغان ئۆزگىچە تاۋاپ جايلىرى - ئۇيغۇر مازارلىرىنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن كۆپقېتىملاپ سەپەر قىلدى.  يېقىندا نىيۇ يورك شەھىرىدىكى بىرگۈزەل سەنئەت نەشرىيات ئورنى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى بىر كىتاب قىلىپ نەشر قىلدى. بۇقېتىم فوتوگراف لىسا روسس خانىمنىڭ “جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس جايلىرى” نامدىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى لوندوندىكى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتئىنستىتۇتىنىڭ بىرۇنېي تىياتىرخانا كۆرگەزمىخانىسىدا 2014- يىلى 4- ئاپرېلدىن 21-ئىيۇنغىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ “

كۆرگەزمىخانا ئادەملەربىلەن لىق تولغان ئىدى. مەن “ئۇيغۇر مازارلىرى” نامدىكى بۇ كۆرگەزمىنى كۆرۈپبولغاندىن كېيىن لىسا روسس خانىمنىڭ بۇ ئەھمىيەتلىك ئەمگىكىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈنئۇنىڭ ئالدىغا كەلدىم. بىز بۇ پۇرسەتتە بىر ئاز پاراڭلاشتۇق ۋە خاتىرە ئۈچۈن بىللەسۈرەتكىمۇ چۈشىۋالدۇق. ئاخىردا لىسا بىلەن خوشلىشىپ، كۆرگەزمىخانىنىڭ يانئىشىكىدىن چوڭ بىر يىغىن زالىغا كىردىم.

بۇ يەردە كۆرگەزمىگە كەلگەن يۈزلەرچە ئادەملەرگەدوكتور رەيچېل ھاررىس خانىم ئۇيغۇر مازارلىرى ھەققىدە، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدەتۇتقان ئورنى، ئۇيغۇر مۇقام ۋە داستانچىلار قاتارلىق تېمىلاردا چۈشەنچە بېرىپ،ئۇن-سىن فىلىملىرى ئارقىلىق ئۆرنەكلەر كۆرسىتىۋاتاتتى. كۆرگەزمە ئاخىرلىشىشتىنبۇرۇنقى يېرىم سائەتتە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ مۇزىكانتلىرىدىن رەيچېل ھاررىسئۆزى دۇتاردا، نىزامىدىن سەمەتوۋ تەمبۇردا، ئىئان پىرايس (IanPrice) داپ بىلەن، رەھىمە مەخمۇت ناخشىدا ئۇيغۇر مۇقام مۇزىكىسىدىن بىرقانچە ئارىيىلەر ئورۇنداپ كۆرگەزمە ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

لوندونسەنۇبەر تۇرسۇن سەنئەت كېچىلىكى

“مۇزىكاكائىناتقا قەلب، شاماللارغا قانات ئاتا قىلىدۇ. ئۇ تەسەۋۋۇر ئالىمىنىڭ ئۇچقۇچىسىۋە پۈتكۈل ھاياتلىقنىڭ يولباشچىسىدۇر”

- پلاتو (گىرېك ماتېماتىكاشۇناس ۋە پەيلاسوپ(

بۈگۈن لوندونئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ بىرۇنېي تىياتىرخانىسىدالوندون ۋاقتى كەچ سائەت 7 دە ئۇيغۇرنىڭ سۆيۈملۈك سەنئەتكار قىزى سەنۇبەر تۇرسۇنخانىمنىڭ مەخسۇس سەنئەت كېچىلىكى باشلىنىدۇ.

بىز ئۇزاق كۈتكەنكۈنلەر يىتىپ كەلدى. مەن بۈگۈن خېلىلا ئالدىراش بولدۇم. مېنىڭ بۈگۈنكى خالىسۋەزىپەم بۇ كەمدىن كەم كېلىدىغان پۇرسەتنىڭ سۈرەت ۋە سىن خاتىرىسىنى نەق مەيداندىنتولۇق ئېلىش ئىدى. بىرۇنېي تىياتىرخانىسى ماڭا ۋە لوندوندىكى بارلىق ئۇيغۇرجامائىتىگە ناھايىتى تونۇشلۇق بىر ئورۇن ئىدى. بۇ تىياتىرخانىدا تالاي قېتىملاپلوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئۇيغۇر سەنئىتىنى نورۇز ۋە باشقا سەنئەت پائالىيەتلىرىدەيىللاردىن بۇيان كۆرسىتىپ كەلگەن بولسا، خەلقئارالىق ئۇيغۇرلار مۇناسىۋەتلىكئىلمىي تەتقىقات يىغىنلىرىمۇ مۇشۇ تىياتىرخانىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن. مەن ئالدىنقىقېتىم بۇ تىياتىرخانىغا بۇ يىل 10- يانۋاردا ئۆتكۈزۈلگەن “جۇڭگودىكى ئىسلامىي ئاۋازغانەزەر” (IslamicSoundscapes of China) ناملىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەنئىدىم.

بۈگۈنكى كونسېرت ھەقسىزئىدى، ئەمما تىياتىرخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن تاماشىبىنلار ھەقسىز تارقىتىلغانبېلەتلەرنى تىياتىرخانا مۇلازىمەت كۆزنىكىدىن ئېلىپ، تىياتىرخانىنىڭ كىرىشئىشىكىدە تۇرغان كۆزەتچى خادىمگە كۆرسىتىپ كىرىشى كېرەك ئىدى. بۇ 300 كىشىلىكئوتتۇرا تىپتىكى تىياتىرخانا بولۇپ، سائەت 6 يېرىم بولا- بولمايلا تىياتىرخاناتاماشىبىنلار بىلەن تولۇپ كەتتى. شۇ سەۋەبتىن كونسېرت باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۈلگۈرۈپكېلەلمىگەنلەرنىڭ ئىشتىكتىن كىرىشى رەت قىلىندى. مەن بۈگۈنكى ۋەزىپەمنى تولۇق ۋەنەتىجىلىك ئىجرا قىلىش ئۈچۈن

Propeller، BBC، EBC قاتارلىق چوڭ –كىچىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋەمېدىيا ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىگە كۆرسىتىپ بېرىلگەن يەردىن ئۆز ئورنۇمنى تېپىپرەسىم ۋە سىن ئېلىش ئۈچۈن ئاپاراتلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا كىرىشىپ كەتتىم...

بۈگۈنكى سەنئەتكېچىلىكى جەمئىيەتكە ئوچۇق بولۇپ، كەلگەن تاماشىبىنلارنىڭ ئاساسلىقى لوندونئۇنىۋېرسىتېتى تەۋەلىكىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا لوندونداياشايدىغان كوپ ساندىكى ئۇيغۇرلار، بۈيۈك بىرىتانىيەنىڭ باشقا يىراق-يېقىنشەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ۋە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، ھەتتا بېلگىيە،گوللاندىيەلەردىنمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلار كەلگەن بولۇپ، سىز بىر قاراپلا بېشىغاكىيگەن يارىشىملىق ئۇيغۇر دوپپىلىرىدىن، رەڭدار ئەتلەس كۆينەكلىرىدىن ئۇلارنىڭئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتىشىڭىز ئانچە تەس ئەمەس ئىدى. ئۇيغۇرلار سەھنىگە يېقىنتەرەپتە  بىر يەرگە يىغىلىپ ئولتۇرۇشقان بولۇپ، بەزىئۇيغۇر ئائىلىلىرى پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە  قۇچىقىدىكى بالىلىرىدىن تارتىپ بىللە ئېلىپكەلگەن، گاھى-گاھىدا چۈچۈك ئۇيغۇر تىلىدا ئۈنلۈك سۆزلەۋاتقان، چىرماشلىق قىلىپيىغلاۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاۋازى ئەتراپتا جىمجىت ئولتۇرۇپ كونسېرتنىڭباشلىنىشىنى كۈتۈۋاتقان تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ تۇراتتى...

سائەت ئىسترېلكىسىلوندون ۋاقتى دەل 7 گە ئۇلاشقاندا سەھنىگە دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىم چىقىپكەلدى. ئۇ مىكروفوننى قولىغا ئېلىپ تەمكىنلىك بىلەن بۈگۈنكى كونسېرتنىڭ باشلىنىشسۆزنى قىلدى:

"بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ تونۇلغان، ئەڭ كۆپھۆرمىتىگە ئىگە مۇزىكانتى، ناخشىچىسى ۋە كومپوزىتورى سەنۇبەر تۇرسۇن خانىمباشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئۈچ نەپەر مۇزىكانتلار سىزلەر بىلەن يۈزكۆرۈشىدۇ ۋە يىپەك يولىدىكى بۇ قەدىمىي بوستانلىق يۇرتلاردا ياشايدىغانئۇيغۇرلارنىڭ مۇقاملىرى ۋە ھازىرقى خەلق ناخشىلىرىنى سىلەرگە تەقدىم ئېتىدۇ.ئەلۋەتتە سەنۇبەر تۇرسۇن خانىمنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ بۈگۈن سەھنىگە چىقىشى ئاسانقولغا كەلمىدى. سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ ناخشىلىرى ئۇيغۇر ھازىرقى مۇزىكا سەنئىتىدەئۆزىگە خاس ئوسۇلۇبى بىلەن ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. مەن 10 نەچچە يىللاردىن بۇيانسەنۇبەر بىلەن بىر قانچە قېتىم ئۈرۈمچىدە كۆرۈشتۈم. سەنۇبەرنىڭ ناخشىسى مېنى ھەرۋاقىت ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ. مەن ئۇنىڭ  بىرقانچە ناخشىلىرىنى VCD پلاستىنكىلىرى ئارقىلىق دۇتار بىلەن چېلىشنىئۆگەندىم. سەنۇبەرنىڭ ناخشىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانتۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ھازىرقى زامان يىپەك يولىدىكى بوستانلىق سەنئەتمەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. مېنىڭ ئۇزۇن يىلدىن بۇيانسەنۇبەر تۇرسۇننى غەرب سەھنىلىرىگە ئېلىپ چىقىش ئارزۇيۇم بۈگۈن ئەمەلگە ئاشتى.ئۇلارنىڭ بۇ قېتىم لوندوندا بىر قانچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن پارىس ۋە ۋېنىسشەھەرلىرىگە بارىدۇ. مەن سەنۇبەر تۇرسۇن يېتەكچىلىكىدىكى مۇزىكانتلىرىمىزنىڭلوندوندىكى كۈنلىرىنىڭ ئەھمىيەتلىك، ياۋروپا سەنئەت سەپىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىكبولىشىنى تىلەيمەن. قېنى ئۇنداقتا بىز سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ بۈگۈنكى سەنئەتكېچىلىكىدىن بىرلىكتە ھۇزۇر ئالايلى!"

تىياتىرخانىنى لەۋزىگەسالغان گۈلدۈر-قاراس ئالقىش چاۋاكلار بىلەن تەڭ قولىدا دۇتار تۇتقان، بېشىغاچىرايلىق چىمەن دوپپا، ئۈستىگە يارىشىملىق كۆكۈش ئەتلەس كۆڭلەك كىيگەن، زىلۋا بويبىر ئۇيغۇر قىزى ئىككى ئۇيغۇر مۇزىكانتنىڭ ھەمرالىغىدا سەھنىگە كىرىپ كەلدى. ئۇ قىزئۇيغۇرنىڭ سۆيۈملۈك سەنئەتكارى سەنۇبەر تۇرسۇن خانىم ئىدى. بىر – بىرلىرىگە ئوخشاشقىلىپ يارىشىملىق ئۇيغۇر دوپپىلىرى بىلەن ئاق رەڭلىك كانىۋاي كوينەك ۋە ئىشتانكىيگەن ئوتتۇرا ياشلاردىكى ئىككى ئۇيغۇر مۇزىكانتلاردىن قولىدا تەمبۈر تۇتقىنىشىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدىن پېشقەدەم ئۇستاز مىجىت يونۇس ئاكا، ئۇنىڭ يېنىداقولىدا غېجەك تۇتقىنى، بويى سەل ئېگىزرەك كۆرۈنىدىغان، يۈزى يۇملىقاراق كىشى بولساشىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇكېرىم ئوسمان ئاكا ئىدى.

چەبىيات مۇقامىنىڭمۇقەددىمىسى بىلەن باشلانغان كونسېرت تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى دەرھال ئۆزىگەتارتىپ، تىياتىرخانا ئىچىنى تىمتاسلىققا چۆمدۈردى. كىشىنى ئاڭلىغانسېرى مەھلىياقىلىدىغان سەنۇبەرنىڭ يېقىملىق، خۇش ئاۋازىغا تەڭكەش قىلىنىپ زەخمەكنىڭ سىمغارىتىملىق، يېنىك ئۇرلىشى بىلەن ياڭراق چىقىۋاتقان تەمبۇر ئاۋازى خۇددى يامغۇردىنكېيىن تاغ بۇلاقلىردىن توختاۋسىز ئېتىلىپ چىققان شوخ سۇلاردەك ئۆزگىچە مۇڭ قوشقاندۇتار ۋە غېجەكنىڭ ئاۋازىغا قوشۇلۇپ، سەھەردە دېڭىز ئۇستىدىن كۆتۈرۈلگەن قۇياشنۇرىنىڭ قويۇق ئورمانلار ئۈستىگە تۆكۈلۈپ ئاستا-ئاستا سىڭىپ كەتكىنىگە ئوخشاش،تاماشىبىنلارنىڭ ئاڭلاش سېزىملىرى، قەلب تۇيغۇلىرى بىلەن ئاستا بىرلىشىپكېتىۋاتقان ئۇيغۇر مۇقاملىرى سېھرىي كۈچىنى،  ئۆز خاسىيىتىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى ...

ھاياتىدا مۇنداقكۈيلەرنى تۇنجى ئاڭلىغان تاماشىبىنلارنىڭ مۇڭغا تولغان كۆزلىردىن ھەيرانلىقئالامەتلىرى روشەن كۆرۈلۈپ تۇراتتى. بەلكىم بۈگۈنكى بۇ كونسېرتقا كەلگەنلەرنىڭ كوپساندىكىسى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ھەر قايسى ئىنستىتۇتلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە قىزىقىدىغان ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرىدۇر، ۋەياكىئۇيغۇرلارنى جۇڭگونىڭ غەربى رايونى “شىنجاڭ” دا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈزبەرگەن ۋەقەلەر ئارقىلىق ئاڭلاپ، تۇنجى قېتىم “ئۇيغۇرلار زادى قانداق مىللەت؟ بىركۆرۈپ باقايلىچۇ.... “ دېگەن ئويلار بىلەن ھەيرانلىق ئىچىدە كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈنكەلگەندۇ. كىم بىلىدۇ، ھەر كاللىدا ھەر خىل خىياللار باردۇ ئەمما تاماشىبىنلارنىڭبۇ سۈكۈتكە پاتقان، ئويچان كەيپىياتىدىن بىز ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىگە تەڭ تەۋەبولىدىغان ئورتاق تۇيغۇسىنى بايقىشىمىز تەس ئەمەس. ئۇ تۇيغۇ بولسا ھەممە تىل،ھەممە دىللاردا تەڭلا تەرجىمانسىز چۈشىنىلىدىغان ئىنسان قەلبىنىڭ مەنىۋى روھىيىتى- مۇزىكىدۇر.

مۇزىكا تىلسىزئاھاڭدۇر. ھەرىكەت ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى. دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداتلار مەڭگۈئۆز مۇزىكا رىتىمىغا ئىگە بولغان بولىدۇ. بۇ مۇزىكا رىتىملىرىدىن ئادەملەر پەقەتناھايىتى ئاز بىر ئاھاڭلارنىلا سېزەلەيدۇ، ئاڭلىيالايدۇ ۋە چۈشىنەلەيدۇ...مۇزىكىدىن ئىبارەت بۇ ئومۇملۇققا ئىگە تىلىنى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئادەمچۈشىنىدۇ. چۈنكى مۇزىكا ئىنسان قەلبىنى ساپلىققا، ئەقلىنى ئىنسانلىق تەپەككۇرئالىمىگە باشلايدىغان، ئىنسان ئەقلىنىڭ يېتۈك بىر  جەۋھىرىدۇر. مۇزىكىنى ئاڭلاپ چۈشىنىشكىمۇ بىرساپ بولغان ئەقىل تەلەپ قىلىنىدۇ ئەمما مۇزىكانت بولماق ئاساس ئىش ئەمەس. دېمەكسەنئەتكار دېگەنلىك باشقىلار قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلالايدىغان تالانت ئىگىسىدېگەنلىكتۇر.

"مۇزىكا كائىناتقاقەلب، شاماللارغا قانات ئاتا قىلىدۇ. ئۇ تەسەۋۋۇر ئالىمىنىڭ ئۇچقۇچىسى ۋە پۈتكۈلھاياتلىقنىڭ يولباشچىسىدۇر" -  بەرھەق،گىرېك پەيلاسوپى سوقراتنىڭ ئوقۇغۇچىسى ماتېماتىكا ئالىمى ۋە پەيلاسوپ پلاتويۇقىرىدىكى ئەقىل سۆزنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردە ئېيتىپتىكەن. بۈگۈنكىئىنسانلار ئالىمىدە پلاتونىڭ بۇ سۆزى سەنئەتنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغان ئادەملەرنىڭقەلب سۆزىگە ئايلىنىپ كەتكىلى بىر قانچە ئەسىر بولدى....

تاماشىبىنلار ئۇيغۇرمۇقام مۇزىكىسىنى ئىشتىياق بىلەن ئاڭلىماقتا....بۈگۈن كەچتىكى سەنۇبەر تۇرسۇنسەنئەت كېچىلىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر 12مۇقامىدىن چەبىيات مۇقامىنىڭ مۇقەددىمىسى بىلەن باشلىنىپ تەز، جۇلا، سەنەم، داستانقىسىملىرىدىن رەت تەرتىپى بويىچە ئۆرنەكلەر ئورۇنلىنىپ ئۈزۈلمەي 40 مىنۇت ناھايىتىيۇقىرى كەيپىياتلار ئىچىدە داۋام قىلدى. ئارىدا ئون بەش مىنۇتلۇق ئارام ئېلىشۋاقتى بىرىلدى. ئالقىش سادالىرىغا ئۇلىنىپلا بېشىغا ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە ئەتلەسكۆڭلەكلەر كىيگەن لوندوندا ياشايدىغان بىر قانچە ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى، ياش ۋەكىچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا دەستە – دەستە گۈللەرنى كۆتۈرۈشۈپسەھنىدە پەيدا بولدى – دە سەنۇبەر تۇرسۇن بىلەن قۇچاقلىشىپ دىدارلاشقاندىن كېيىنئۇنىڭ قولىغا گۈللەرنى تۇتقۇزدى...

ئارام ئېلىشتىن كېيىنكونسېرتنىڭ يېرىمى باشلاندى. مىجىت يونۇس ئاكىمىز يالغۇز تەمبۈر بىلەن ئۇششاقمۇقامدىن ساز ئورۇنلىغاندىن كېيىن، ئابدۇكېرىم ئوسمان ئاكىمىز غېجەك بىلەنمۇشاۋىرەك مۇقامىدىن بىر پارچە، ئاندىن ساتار بىلەن چارگاھ مۇقامىدىن بىر پارچەسازلار ئورۇنلىدى. ئەمدىكى نۆۋەت سەنۇبەرنىڭ ئىدى....

"ئاق بوز ئاتىم،ئاق بوز ئاتىم،

يالىڭنى ئۇزات.

بۈگۈن كېچە يار قاشىگە،

يەتكۈزگىن، تىزىراق.

بۈگۈن كېچە يار قاشىگە

يەتكۈزسەڭ، بوز ئات.

باشىڭدىكى يۇگنىڭدىن

قىلۇرمەن ئازاد.

ئاق بوز ئاتنى باغدادېسەم

يۈرۈپتۇ سايدا.

ئايرىلماسقا ۋەدىلەشكەن

قايسىمىز قايدا ....."

كەيپىياتلا يۇقىرىپەللىگە ئۆرلىمەكتە.... ھەر بىر ناخشا تۈگىگەندە تاماشىبىنلارنىڭ چاۋاكلىرىئۇزۇندىن – ئۇزۇنغا توختىماي چېلىنماقتا. سەنۇبەر تاكى كونسېرت ئاياغلاشقىچە ئۇيغۇرخەلق ناخشىلىرىنى ئىلى ئۇسلۇبى بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ "يارۇ"،  "دەردىڭ يامان"،"مۇدەنخان"، "ئاق بېلىق"، "تالى دەيدۇ"، "مەنكېتەر بولدۇم" قاتارلىق ناخشىلارنى ئورۇندىدى. سەنۇبەر ناخشىلارنى بەزىدەئۆزى يالغۇز دۇتار چېلىپ ئېيتسا بەزىدە تەمبۈر، غېجەكنىڭ تەڭكىشىدە ئېيتتى .....

شۇ تەرىقىدە كونسېرت ئىككى سائەتكە يېقىن داۋامقىلغاندىن كېيىن، بىر ناخشا تۈگەپ چاۋاكلار چېلىنىپ تۇرۇشىغا تۇيۇقسىزلا سەھنىدەسەنۇبەر قاتارلىق مۇزىكانتلارغا دوكتور رەيچېل ھاررىس قولىدا دۇتار تۇتقان ھالدابىر قانچە مۇزىكانت ۋە ناخشىچىلار بىلەن بىللە  قوشۇلدى.  ئۇلار لوندوندا 10 يىلنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇركىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە ئەزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ تەشكىللىشىبىلەن، دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىمنىڭ كەسپىي يېتەكلىشىدە قۇرۇلغان ۋە شۇنىڭدىنكېيىن ئاكتىپ شەكىلدە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش  مەقسىتىدە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپبېرىپ، ئەنگلىيەدە ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خېلى تونۇشلۇق بولۇپقالغان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى نىڭ ئەزالىرى ئىدى. مۇزىكانتلار ئۇيغۇرنىڭمەشھۇر ئۇسسۇللۇق ناخشىسى "ئاتۇش" پەدىسىنى باشلىۋەتتى .

  لوندون ئۇيغۇرئانسامبىلىنىڭ ناخشىچىسى رەھىمە سەنۇبەرگە جور بولۇپ ئاتۇش پەدىسىنىڭ ناخشىلىرىنىياڭراتماقتا...سەھنىگە بىردىن، ئىككىدىن بولۇپ بېشىغا ئۇيغۇر دوپپىسى كىيگەنئۇيغۇرلار تاماشىبىنلار ئارىسىدىن سەھنىگە چىتى – دە ئاتۇش پەدىسىگە ئۇسۇل ئويناپپىرقىراشقا باشلىدى. تاماشىبىنلارنىڭ ئىسقىرتىش- ھۇقۇيتىشلىرى بىلەن بىرگە ئاتۇشئۇسۇلىنىڭ رىتىمىغا تەڭكەش قىلىنىپ ئۇرۇلۇۋاتقان چاۋاكلار تىياتىرخانىنىتىترەتمەكتە.... شۇنداق يۇقىرى كەيپىياتلار بىلەن سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ بۈگۈنكىلوندون كونسېرتى توختاۋسىز چاۋاكلار، ئالقىشلار سادالىرى ئىچىدە بىز كۈتكەندىنمۇيۇقىرى نەتىجىلەر بىلەن يەرلىك ۋاقىت سائەت 21 دە ئاياغلاشتى.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( y: s+ G$ I% x& y& S$ Nبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  [6 }0 H* ~* m! t! I9 H& c+ ?
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* K( Y: u  {# c
[IMG] http://i57.tinypic.com/30xeidj.jpg[/IMG]


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 u6 ]' j: N+ Y" K9 n+ N
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, F% v# T9 T6 j4 M7 e" S

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: S0 t3 G3 F1 _$ t" h
(داۋامى بار)


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 a2 A4 p; e; D9 o6 O
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 ]6 g1 R0 |; ^1 f/ n* G/ n4 Q


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 ~! C7 e1 O0 i

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1532
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 374 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2014-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 11:08:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك سەپەر بوپتۇ.تەپسىلى يېزىپسىز،ئەلكۈن ئەپەندى. سىزگە تەشەككۈر ئېيتىمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5144
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 11:14:04 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
"مۇزىكابارلىق ئەقىل ۋە پەلسەپە ئىلىملىرىدىنمۇ يۇقىرى تۇرىدۇ"بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 k7 {5 F0 v$ z
ماۋۇ سۆزگە كۈلگۈم كەپ كەتتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6510
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 488 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2014-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 11:49:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئېيتىدۇ ناخشىنى

ھەرقايسى دىپلۇملاردىن،چوڭلار مائارىپى .ئۆزلىگىدىن ئۈگەنگۈچىلەر مائارىپغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بولسا قوشۇڭ،ئۈندىدار:79068404

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98718
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 27
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 12:28:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دادام مۇشۇ سەنۇبەر ئىيتقان ئاقبوز ئاتقا ئامراق.........................................مەنغۇ ئالتە شەھەر گۇرپىسنىڭ ناخشىلىرىغا ئامراق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45858
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3201
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 12:53:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tuersun8023 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-26 12:28 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 c: m* n: _: P
دادام مۇشۇ سەنۇبەر ئىيتقان ئاقبوز ئاتقا ئامراق.............. ...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& U% _, U; r( N9 P, xدادىڭىزنىڭ يىشىغا بارغاندا بەلكىم سىزمۇ 《ئاق بوز ئات》قا ئامراق بۇلىشىڭىز مومكىن ،،.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27565
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6665
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 4988 سائەت
تىزىم: 2011-1-24
ئاخىرقى: 2014-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 01:10:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنۇبەر تۇرسۇن ھەقىقەتەن بىر نۇرلۇق چولپان،  ناخشىلىرى يۈرەكنى ئېزىدۇ، لەرزىگە سالىدۇ. مەن بۇ چولپانىمىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

نىمە يازىمەن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97813
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1431
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 331 سائەت
تىزىم: 2013-9-13
ئاخىرقى: 2014-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 01:12:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا تەسىرلەندىم،چەتئەلدىكى قېرىنىداشلىرىمىزغا سالام،بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 M  s4 f( y8 h8 N& l$ R
بەكلا ئەھىمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ،ھېىلىقى رەيچىل خارىس دىگەن دوكتور نىمانداق ياخشى،لوندۇندا ئۇيغۇر ئانسامبلى بارلىقىنى ئاڭلىغان لىكىن چۈشەنچەم كەمچىل ئىدى خېلى بىلۋالدىم،رەھمەت سىزگە ئەلكۈن ئەپەندى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 O/ Q& ^; t. Mپارس دىگەن پارىژ،ۋىنس دىگەن ۋىنىتسىيە دۇ.

قاغا قاق ئىتەر،ئۆز كۆڭلىنى شاد ئىتەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27565
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6665
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 4988 سائەت
تىزىم: 2011-1-24
ئاخىرقى: 2014-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 01:15:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شرئەلى118 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-26 11:14 AM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- I7 P& I- Y2 L: D"مۇزىكابارلىق ئەقىل ۋە پەلسەپە ئىلىملىرىدىنمۇ يۇقىرى  ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, {- f! @9 u& E3 |( ^2 w, L
ھەر قانداق ئادەمنىڭ قىزىقىشى ئوخشىمايدۇ، سىزنىڭ بۇگەپكە كۈلگۈڭىز كەلگەن بىلەن سىزدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئادەملەر  مۇزىكىنى ئەڭ يۇقۇرى ئورۇنغا قويىدۇ، شەخسەن مەنمۇ داڭلىق مۇزىكانتلارغا شۇنچىلىك ھەۋەس قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45858
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3201
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 01:33:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرقانداق مىللەت باشقىلارنىڭكى بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭكى بىلەن نۇر چاچىدۇ ياكى ئۆز قەدىر-قىممىتىنى تاپىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: O" I7 Y8 ~# U6 H$ o

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش