ئانامغا خەت
تەبىئەتنىڭ گۈل ھۆسنىدىن يۈز ئالغان ،<ئانا > دىگەن نامىڭىز بىلەن كۈللى ئالەمگە شۆھرىتىڭىز تارقالغان،بىر قۇلىڭىزدا بۈشۈكنى، بىر قولىڭىزدا زىمىننى تەۋرىتەلەيدىغان،مىھرى ئاتەش ئوتلۇق گۈلخان جېنىم ئانا ياخشى تۇرىۋاتامسىز ؟ تىنىڭىز سالامەتمۇ ؟ يەنە شۇ ئۆينىڭ ئېغىر- يىنىك جاپالىرى بىلەن بەنىد يۈرىۋاتامسىز ؟ سىزنى ،دادامنى،ئانا يۇرتنى ۋە ئۆيدىكىلەرنى بەكلا سېغىندىم . ئەلۋەتتە ھازىرقى بۇ ھىسىياتلىرىمنى بۇ ئاددىي خەتلەر ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن، لېكىن شۇ سېغىنىشلىرىمنىڭ ئاددى بىر قىسمىنى بولسىمىۇ سىلەرگە يەتكۈزەلىسەم مەن شۇنىڭغا خوش ئانا.
بۇ خەتنى سىزگە نىمە ئۈچۈن يازغانلىقىمنى بىلىپ بولدىڭىزغۇ دەيمەن، توغرا بۇگۈن دەل سىزنىڭ <بايرام>كۈنىڭىز-ئانىلار بايرىمى .
بۈگۈن ئەزىم دەريالار شاۋقۇن سېلىپ شۆھرىتىڭىزنى يىراقلارغا ئۆركەشلىتىىدىغان،باھار گۈللىرىگە ئاشىق شوخ كىپىنەكلەر خۇش ھىدىڭىزنى پۈتكۈل ئەتراپقا تارقىتىدىغان ،كۆكتىكى ئۇچار قۇشلار سىزنىڭ خۇشاللىقىڭغا جۈر بۇلۇپ،ئوڭ-تەتۈر موللاق ئېتىپ سىزنى قۇتلۇقلايدىغان، قىشلىق ئۇيقىغا كىرگەن جان-جانىۋارلارمۇ ئويغۇنۇپ باھار شاتلىقىدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىرگە سىزنىڭ بەختىڭىز ئۈچۈن نەغمە قىلىدىغان ،ھەتتە قۇياشمۇ سىزنىڭ مىھنەتسىز پەرزەنت ئىشقدا يېنىۋاتقان ئاتەش قەلبىڭىزگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ ھارارىتى بىلەن پۈتۈن زىمىننى ئىللىقلىققا چۆمدۈرىدىغان ، يەنى ئۇلۇغ ئانىلار بايرىمى.
ئانا ،بۈگۈن ھەممە ياق سىز ئۈچۈن شاتلىققا چۈمىۋاتىدۇ،سىزنى كۈيلەۋاتىدۇ،سىز بۇنى ھىس قىلدىڭىزمۇ ؟ مەن ۋاپاسىز بالىڭىزنىڭ شۇ يىراق ئەلدە تۇرۇپ سىزگە تىلىگەن ئوتلۇق تىلەكلىرىنى ئاڭلىيالىدىڭىزمۇ؟ سىزنى ئوتلۇق سىېغىنىش ئىلكىدە قۇلىغا قەلەم ئېلىپ،سىزگە خەت يېزىۋاتقان بالىڭىزنىڭ كۆزلىرىدىن ھىجران ياشلىرىنىڭ تاراملاپ چۈشۈپ،قەغەز يۈزىنى ھۆللىۋەتكەنلىكىنى ھىس قىلالىدىڭىزمۇ ؟ ئەلۋەتتە سىز بۇنى ھىس قىلالايسىز،چۈنكى ئانا قانداقمۇ ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئاھۇ-زارىنى چۈشەنمىسۇن .
لېكىن بۇ سېغىنىش تىلەكلەرنىڭ نىمىگە پايدىسى بولسۇن ،پەقەتلا بولمىسا قۇرۇق گەپكە ياكى قەغەز يۇزىدىكى خەتكە ئايلىنىپ تۇرغىنى تۇرغان. مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئەجرىڭىزگە مەن نىمىش قىلىپ بېرەلىدىم ؟...
شۇ تاپتا سىزگە مۇشۇنداق ئاددى ،قۇرۇق گەپلەرنى دەپ بېرىۋاتقانلىقىمدىن قاتتىق ۋىژدان ئازابى تارتىۋاتىمەن ئانا. كۈزۈمدىن بىر تامچە ياشنىڭ قەغەز يۈزىگە چۈشۈشى بىلەن يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرى قاتتىق پۇچىلانماقتا. ياق ،سىزنىڭ ئاشۇ ئوتلۇق مىھرىڭىزدىن كاۋاپ بۇلۇپ كۆيمەكتە.مەن ھەقىقەتەن ۋاپاسىز ئوغۇلكەنمەن، سىز مىنى شۇنچە جاپا مۇشاقەتلەر بىلەن بېقىپ قاتارغا قۇشۇپ ، ئاق- قارىنى پەرىق ئەتكۈدەك قىلىپ تەربىيلەپ چىقتىڭىز. لېكىن مەنچۇ؟ چوڭ بۇلىۋېلىپلا بۇلار خىيالىمغا كىرىپمۇ چىقمىغاندەك ،سىز ياشىنىپ قالغان ، مىنىڭ يېنىڭىزدا تۇرۇپ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىشىمغا مۇھتاج بۇلىۋاتقان قىران چاغلىرىمدا ، ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىمەن دەپ شەخسىيەتچىلەرچە سىزنى يىگانە قالدۇرۇپ ئىچكىرگە ئوقۇشقا يول ئاپتىمەن. شۇ چاغلاردا مەن نىمانچە ئەقىلسىز بولغۇيتۇم ھە ؟ نىمىشقىمۇ سىزنىڭ قەلىپ بېغىڭىزنى ئارىلاپ باقمىغان بولغۇيتتۇم ھە؟ ياق،مەن سىزدىن ئايرىلىشقا چىدىمايتتىم ئانا. لېكىن سىز رەھىملەرچە ئۆز پەرزەنتىڭزنى ياقا يۇرتقا پالىغانىدىڭىز ،شۇ چاغلاردا سىزدىن ئاغرىنغانمۇ ئىدىم . ئانا ئۆز قارنىنى يېرىپ چىققان يۈرەك پارىسىنى قانداقمۇ ئۆزىدىن يىراق قىلىشقا چىدايدىغاندۇ ؟ ئانام نىمىشقا ماڭا بۇنچە ئۆچ دەپمۇ ئويلىغانتىم. مەن راسلا ئەقىلسىزكەنمەن،ھازىر ئويلىسام بۇلار سىزنىڭ ماڭا قىلغان مىھرىبانلىقىڭز ۋە ئەجداتلاردىن مىراس قالغان ئىنسانى مىھىر-مۇھەببەتنى مىنىڭ قەلبىمگە كۈچۈرۈپ قۇيۇشىڭىزكەن ئانا ! ھېلىمۇ ئىسىمدە،مەن ماڭىدىغان ۋاقىتتا ئۆز پەرزەنتىڭىزنىڭ يىراق ئەلدە مۇساپىر بۇلۇپ ئوقۇش ئۈچۈن ماڭغانلىقىدىن ،يۈرىكىڭىزنىڭ پەرزەنتىڭىز ئۈچۈن ھىجران ئوتلىرىدا پۇچۇلىنىپ قىينىلىۋاتقان تۇرۇپمۇ ،يەنە شۇ ئازاپلارغا چىداپ مىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىم ۋە مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ،ئۆز يۈرەك پارىڭىزدىن كىچىپ كۈزىڭىزدىن تارام ياشلار تۈكۈپ ئارقامدىن يۈگۈرگىنىڭىزچە ماڭا ئاق يوللار تىلىگەنتىڭىز ! ھەي ،ئانا !... سىز نىمىدىگەن ئۇلۇغ !
مانا ھازىر مەن بۇ شەھەردە سەرگەردان بۇلۇپ ، كۈنلەر سېغىنىش ئىلكىدە ئۆتمەكتە. ئەجىبا مەن ھازىر سىزنىڭ قېشڭىزغا بارالماسمەنمۇ؟ مىنىڭ قۇلۇم تۇتماس، پۇتۇم باسماس پالەچ بۇلۇپ قالغاندىمەنمۇ؟ سىزنىڭ تاماق يىگەن ۋاقىتلاردا ماڭا گېلىڭىز سىقىلىپ،ئىشىككە قاراپ تىكىلىپ ئولتۇرغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىز ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ سىزنى ئالەمچە خۇشاللىققا چۆمدىرەلمەسمەنمۇ؟ سىز يولغا چىقىپ ،مىنىڭ قاياقتىن كىلىپ قالارمۇ دەپ تەلمۈرۈپ تۇرغاندا، مەن يىراقتىن يۈگۈرۈپ كىلىپ،ئۆزۈمنى سىزنىڭ ئىللىق قوينۇڭغا ئاتالماسمەنمۇ؟ ئاھ، ئانا ! ...
ئانا ،مەن مۇشۇ دەم يىراقلارغا تىكىلىپ ئولتۇرماقتىمەن،نىمشقىلىقىنى بىلەمسىز؟ مەن سىزنىڭ سىمايىڭىزنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۋاتىمەن.سىزنىڭ ئاشۇ جاپالار دەستىدىن قارايغان يۈزىڭىزنى ،شۇ قارا يىللاردىكى جاپالارنىڭ نامايەندىسى بۇلۇپ،يۈزلۈرۈڭىزدە ۋە قوللۇرىڭىزدا ساقلىنىپ قالغان قورۇقلارنى ، تۇرمۇش دەستىدىن مۈكچىيىپ كەتكەن پاكار بۇيۇڭىزنى خىيال قىلىۋاتىمەن. ئانا، سىز ئاشۇ دەشت جاپالىق يىللاردا بىز پەرزەنتلىرىڭىزنى ياخشى كىيگۈزۈپ،ياخشى يىگۈزۈپ بېقىپ چوڭ قىلدىڭىز، ئۆزىڭىز خەجلىمەيتتىڭىزكى بىزنىڭ باشقىلار ئالدىدا بۇيۇن قىسىپ قېلىشىمىزنى خالىمايتتىڭز. يەنە بىزنى كۆپ جاپالاردا ئوقۇتتىڭىز ، بىزنىڭ بەختىمىزنى ئۆز قۇلىڭىز بىلەن قوش قوللاپ بىزگە تۇتقۇزدىڭىز.
بولدى ئانا ، مەن بۇ گەپلەرنى قىلىپ سىزنىڭ كۆڭلىڭنى يېرىم قىلىپ قۇيۇشنى خالىمايمەن. مۇشۇنداق ئۇلۇغ،قۇتلۇق كۈنلەردە سىزنىڭ قېشىڭىزدا تۇرۇپ ھەمراھ بۇلالمىدىم،ئەمما مىنىڭ يۈرىكىم دەل سىزنىڭ كىلىشىمگە تەشنا بۇلۇپ مىنى كۈتىۋاتقان سىز ئۈچۈن سۇقىۋاتىدۇ ھەم سىزگە ئۇزۇن ئۆمۈر ، مەڭگۈلۈك بەخىتلەر تىلىمەكتە.
ئانا ئىشىنەمسىز، مەن ھازىر بۇرۇنقى دائىم كەپسىزلىك قىلىپ سىزنى ئاچچىقلىتىپ يۈرىدىغان، سىز ئاتىۋالغاندەك<كومپىيوتىر سارىڭى> ئۇيۇنخۇمار بالىڭىز ئەمەس . مەن ھازىر خېلىلا چوڭ بولدۇم، سەبىيلىك ۋە بەڭباشلىقنى تاشلىدىم. يېڭىچە ئارزۇ ئارمانلار بىلەن يېڭى ھايات مۇساپەمنىڭ ئىگىز داۋانلىرىغا مەزمۇت قەدەملەر بىلەن ئىلگىرلىمەكتىمەن !
ئاشۇ جاپالىق تۇرمۇش كارتىنىلىرىڭىزنىڭ مەسھۇلى بولغان پەرزەنتلىرىڭىز ھازىر پىشىپ يىتىلىپ قاتارغا قۇشۇلدى. سىزنىڭ مىللەت ۋە يۇرتقا تەقدىم قىلغان ئۇلۇغ سوۋغىڭىز قاتارىدا مىللەت كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا . سىز ،مىللەت ۋە ئانايۇرت ۋەتەن پەخىرلىنىدىغان ئۇيغۇر ئوغلانى بۇلۇش ئۈچۈن تىرىشۋاتماقتا . خاتىرجەم بۇلۇڭ ئانا ، سىزنى ھەرگىز ئۈمىدسىزلەندۈمەيمەن. ماڭا قىلغان ئەجرىڭىزنى يەردە قويمايمەن ،كەلگۈسۈم ئۈچۈن ، يۈرەك پارىڭىزنىڭ يېنىڭىزدىن كىتىشىگە چىدىماي ئاققۇزغان ئاشۇ كۆز ياشلىرىڭىزنى ھەرگىزمۇ بىكار ئاققۇزمايمەن. بۈگۈن مەن سىزگە ئوخشاش مىھرىبان ئۇلۇغ ئانام بارلىقىمدىن پەخىرلەنسەم،ئاللا خالىسا كەلگۈسىدە سىز مەندەك ياراملىق ئوغلانىڭىز بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىسىز !
ئۇلۇغ ئاللا سىزنىڭ ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئانىلارنىڭ تىنىنى سالامەت ، ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن !
ئامان بۇلۇڭ !
يۈرەك پارىڭىز : ئەزىزدىن