|
|
|
|
نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ 2014–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى . بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ، شىنجاڭدا 25–ئىيۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 18:00 دە تور بېكەت ، مىكرو بلوگ ،ئۈندىدار قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ ، ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ .
تور بېكەت ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى:
1. شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى : http://www.xjzk.gov.cn
2. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تورى :http://www.xjedu.gov.cn
3. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تورى :http://www.xinjiang.gov.cn
4. تەڭرىتاغ تورى : http://www.ts.cn
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، ئوقۇغۇچىلار نەتىجىسىدىن گۇمانلانسا ، 26–ئىيۇندىن 29– ئىيۇنغىچە ، تۇرۇشلۇق ۋىلايەتلىك ، ئوبلاستلىق ، شەھەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا بېرىپ ، ‹‹2014– يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى جاۋاب سېلىشتۇرۇش كارتىسى (ئىمتىھان قەغىزى) ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى ›› نى ئېلىپ ، بەلگىلىمە بويىچە جاۋاب سېلىشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-26 01:48 AM
|
|
|
|
|
|