سۆيەلمەيمەن ھەرگىزمۇ، مەڭگۈلۈككە ئۇنتىۋەت.
ياشلىسىمۇ كۆزلىرىڭ، زارلىسىمۇ يۈرۈگۈڭ،
بىرەلمەسمەن كۆڭلۈمنى، ئۈمىدىڭنى ئۈزىۋەت.
بىلەلمىدىڭ قولۇڭدا، قويۇۋەتتىڭ بولۇڭغا،
كېرەك ئەمەس دېگىنىڭ ئىسىڭدىمۇ، ئالدىمدا؟
شۇ چاغ شۇنچە يېغلىغان، ئەقىدىلەر تېلىگەن،
پەرۋا قىلماي قىلچىلىك، سىلكىۋەتكەن، يادىمدا.
ھىجران يېشىم تۆكۈلگەن، نەچچە ئايلار قىينىغان،
شۇنچە كۈتسەم مۇھەببەت، سۆيۈشۈڭگە ياقمىغان.
بەخىتلىك بوپ بۈگۈندە، مەن مۇھەببەت باشلىغان،
ئەمدى مېنى سۆيدۈم دەپ ، كۆزلىرىنى ياشلىغان؟
نىمە ئۈچۈن بىلمىگەن ھەم كۆڭلۈمنى ، كۆڭلۈڭنى،
قەدىرىمگە يەتمىگەن ، ئەزىز بىلىپ باشقىنى.
پۇل-مال ئۈچۈن، ئويۇنچۈن، ھەتتا گۈزەل بوي ئۈچۈن.
تاشلىۋەتكەن سەن مېنى ، زەپ كېلىشكەن ئۇز ئۈچۈن.
قېنى پۇل-مال، ئويۇنلار ، قەددى-قامەت، ئۇز بويلار؟
قېنى ئەسلى ساپلىقىڭ ، ۋىجدان - ۋاپا غۇرۇرلار.
پۇشايماننى ئاز قىلىپ، سۆيىۋالغىن باشقىنى،
كەچۈرەلمەس ھەرگىزمۇ ، ئازار يىگەن بۇ دىللار.
گەرچە بولۇپ قالساممۇ، سەندىن ئېشىپ ئۇنىڭغا،
مەن ئۇ ئۈچۈن قىممەتلىك ،سۆيگۈ سۇندى دىلىمغا.
چىن سۆيگۈنى تېتىدىم، قەدىرلەيمەن مەڭگۈگە،
بۇزالمايمەن بەختىمنى ،ئالدانماسمەن يېشىڭغا.
كۆزلىرىڭدىن سۈرتىۋەت، سۈرىتىمنى يىرتىۋەت.
قانداق يۈزۈڭ بارسېنىڭ، سۆيگۈ كۈتمە تائەبەت.
ئەسلىمەڭدىن ئۆچۈرۋەت، خاتىرەڭدىن سىزىۋەت،
ئۆز ئۆزۈڭنى ئۆچۈرگەن يۈرۈگۈمدىن سەن پەقەت.