مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 789|ئىنكاس: 3

دىيارىمىز ئالىي-ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە ئىككى تەكلىپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4842
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15699
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 07:07:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دىيارىمىز ئالىي-ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە ئىككى تەكلىپ


ئاپتور: بىلگەجان


ئامېرىكا ئالىي مائارىپىنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقى كۆپچىلىككە مەلۇم. مەن ئامېرىكىدا دوكتورلۇق ئوقۇش جەريانىدا بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن تەجىرىبىلىرىم ئاساسىدا، دىيارىمىزدا قوللىنىشقا تامامەن ماس كىلىدىغان ئىككى مۇھىم تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.

1-تەكلىپ: ئوتتۇرا-ئالىي مەكتەپلەر ھەمكارلىشىپ «بايقاش كۈنى» پائالىيتى يولغا قويۇش


مەسىلە: نۆۋەتتە پۈتۈن جۇڭگو مىقياسىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان 9.4 مىليون ئوقۇغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئالىي مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش ئارزۇ تولدۇرۇش جەدۋەللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تەققازالىق بىلەن كۈتمەكتە.  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى تۈگەتكۈچە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلىرى ئويلاپ يەتكۈسىز زور بېسىملارنى باشتىن كەچۈرىدۇ ۋە بۇ ئەمەلىيەت ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئىمتىھاننى ياخشى بەرگەن تەقدىردىمۇ، كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ جىددىيلىكى يەنىلا پەسەيمەيدۇ، ئەكسىچە ئارزۇ توشقۇزۇشتىن ئىبارەت يەنە بىر مۈشكۈل ۋەزىپە ئۈچۈن باش قاتۇرىدۇ. بىلىشىمچە، كۆپ سانلىق تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرىدىغان ئوقوغۇچىلارغا قانداق ئالىي مەكتەپلەرنى تاللاش ۋە ئالىي مەكتەپتە قانداق كەسىپنى تاللاش توغرىسىدا تەپسىلي چۈشەنچە بېرىلمەيدىغان بولۇپ، ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىپ، ئىمتىھان تۈگىگەندىن كىيىن ئاندىن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ كەسىپلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىغا تۇنجى قېتىم تاشلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار 1-تۈركۈم، 2-تۈركۈمدىكى مەكتەپ دېگەندەك ئالدىن بېرىلگەن كاتاگورىيىلەر بولغاچقا، ئۇنىۋېرستېتلارنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىكى ياخشى-يامانلىقىغا قارىتا مەلۇم دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار كەسىپ تاللاشتا زور قېيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا ئالىي مەكتەپ كەسىپلىرى ھەققىدە ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ زادى قانداق كەسىپ ئىكەنلىكى ۋە بىر-بىردىن بولغان پەرقى ئۈستىدە ئوقوغۇچىلارنى تەپسىلىي، سىستىمىلىق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن، نۇرغۇنلىغان ئوقوغۇچىلار ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىزىقىشىنىڭ بىلەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، يەنە كەسىپلەرنىڭ زادى قانداق كەسىپ ئىكەنلىكىنى تولۇق بىلمەي تۇرۇپلا ئاتا-ئانىسىنىڭ مەسلىھەتى ياكى ساۋاقداشلىرىدىن ئاڭلىۋالغان توغرا ۋە نوپۇزلۇق بولمىغان ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا تايىنىپ كەسىپ تاللايدۇ. كۆپىنچىلىرى ھەتتا مەكتەپنى تاللاشقىلا ئىتىبار بېرىپ، كەسىپ تاللاشقا دېگەندەك ئىتىبار بەرمەيدىغان ئەھۋالمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ مەسىلىلەر ئاخىرىدا ئوتتۇر مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئۆزىگە ئەڭ ماس كىلىدىغان مەكتەپ ۋە كەسىپتىن مەھرۇم قىلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئوقوغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن ئۆزى تاللىغان كەسىپنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزى ئارزۇ تولدۇرغاندا ئويلىغان كەسىپ ئەمەسلىكىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى كەسىپ ئالمىشىشنىڭ بىر قەدەر تەسلىكى بىلەن ئۆزى قىزىقمىغان ۋە خالىمىغان بىر كەسىپتە ياشلىق ۋاقتىنى، زېھنىنى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلىنى سەرىپ قىلىپ تۇرۇقلۇق، قىزىقىشنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن ئالىي مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمايدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان بىر مەسىلىدۇر.

ئامېرىكا ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ بۇ خىل مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىدىن بىر ئۈلگە:
گەرچە ئامېرىكا ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى نۇرغۇن جەھەتلەردىن جۇڭگو ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدىن پەرقلىق بولسىمۇ، ئامېرىكا ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە كەسىپ تاللاشقا ياردەم قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى جۇڭگودا ۋە دىيارىمىزدا قوللىنىشقا تامامەن بولىدۇ. ھېچبولمىغاندا، ئۇنىۋېرستېتلار جايلاشقان شەھەرلەردە ئالدىن سىناق قىلىپ كېڭەيتىشكە تامامەن ماس كىلىدۇ. مەن ئامېرىكىدا بىئولوگىيە كەسپىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، 2011-يىلى 3-ئايلاردا فاكۇلتىتىمىزنىڭ مۇدىرىدىن تۇنجى قېتىم بىر پارچە ئۆتۈنۈش خېتى تاپشۇرۋالدىم. بۇ خەتتە فاكۇلتېت مۇدىرى مېنى بىر شەنبە كۈنى فاكۇلتىتىمىزدا زىيارەتتە بولماقچى بولغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا تەجرىبىخانىمىزنىڭ ئەھۋالىنى 20 مېنۇتتا قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ بېرىشىمنى ۋە بىر چۈشتىن بۇرۇن جەمئىي 5 گۇرۇپپا ئوقۇغۇچىلار زىيارەتكە كىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئەسلىدە ئۇ مېنىڭ يىتەكچى پىروفىسورۇمنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلى يېرىم ئوقۇغۇچىلارغا پىروفىسورۇم، يەنە قالغان يېرىمىغا تەجرىبخانىمىزدىكى بىر ئامېرىكىلىق دوكتور ئوقۇغۇچى سۆزلىگەن بولۇپ، زىيارەتكە كەلگەن ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىردەك ھالدا ياش دوكتور ئوقۇغۇچىنىڭ سۆزلىگىنىنى بەكرەك ياقتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن شۇ يىلىدىن باشلاپ فاكۇلتىتىمىز پىروفىسورلارنى ئەمەس، دوكتور ياكى ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەتتە بولغان ئاتا-ئانىلار ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا شۇ تەجىرىبىخانا ۋە كەسپىمىز توغرۇلۇق سۆزلەپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرىدىغان بوپتۇ. مەن شۇنداق قىلىپ 2011-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە ئۇدا 3 يىل شۇ شىتاتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆز كەسپىم، قىلىدىغان تەتقىقاتلار ئۈستىدە سۆزلىگەچ فاكۇلتىتىمىزدىكى كەسىپلەرنى بىر قۇر قىسقا تونۇشتۇرۇپ چىقتىم ۋە ئۇلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردىم. بۇ خىل پائالىيەت ئادەتتە «بايقاش كۈنى، Discovery Day» پائالىيىتى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزى قىزىققان كەسىپلەر بويىچە ئالىي مەكتەپلەرگە بىرىپ بىۋاستە كۆرۈپ ۋە شۇ يەردىكى پىروفىسورلار ۋە ئوقوغۇچىلارنىڭ ئاغزىدىن بىۋاستە توغرا بولغان چۈشەنچىلەرگە ئېرىشىدۇ، شۇنداقلا ھەر قايسى كەسىپلەر توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە بولالايدۇ.


تەكلىپ: ئۈرۈمچىنى مىسال قىلسام، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بىر يىل بۇرۇن ياكى بىر نەچچە ئاي بۇرۇن، ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ مەلۇم شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئۈرۈمچىدىكى بىر ياكى بىر قانچە ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئالدىنئالا دېيىشىپ قويۇپ ئامېرىكىدىكىگە ئوخشاش «بايقاش كۈنى» پائالىيتى ئورۇنلاشتۇرسا تامامەن بولىدۇ. ئالىي مەكتەپلەرمۇ ھەقىقىي قىزىقىشى كۈچلۈك، مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن بۇ خىلدىكى ئىكىسكۇرسىيە پائالىيىتىنى قوللىشى ئەقىلغا سېغىدۇ. بۇ پائالىيەت ھەقسىز بولۇشى، پەقەت ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىپ ئەكىلىش ئۈچۈن ئۇستازلار ۋاقىت چىقىرىشى، ماشىنا ئاجرىتىلىشى ۋە ئالىي مەكتەپلەر ماسلىشىپ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىشى لازىم بولىدۇ. مەن بۇ خىل پائالىيەت ئوتتۇر مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقوغۇچىلارنى ئالىي مەكتەپ كەسىپلىرىنى بىرىنچى قول، نەق مەيداندا كۆرۈپ چۈشىنىشىگە زور ياردىمى بولىدۇ ۋە تامامەن قىلغىلى بولىدىغان ئىش دەپ قارايمەن.

بۇ تەكلىپىم مائارىپ تارماقلىرىنىڭ دېققىتىنى قوزغامدۇ-يوق، بىلمەيمەن. ئەمما سىز بىر ئاتا-ئانا بولسىڭىز ياكى تولۇق ئوتتۇر مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولسىڭىز، بۇ تەكلىپ چوقۇم دېققىتىڭىزنى ۋە مەيلىڭىزنى تارتىدۇ دەپ ئويلايمەن. شۇنداق بولسا، ئۇ ھالدا ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن مۇشۇ خىل پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئىش ئەمەلگە ئېشىپ كەلگۈسىدە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار، ئاتا-ئانا بولغۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ غېمىنى ئازايتىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى ھەقىقىي قىزىققان كەسىپنى بايقىشىغا تۈرتكە بولۇشى ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ياخشى كۆرىدىغان كەسىپكە كىرىپ ياخشى ئوقۇشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

2-تەكلىپ: ئالىي مەكتەپلەر «تەتقىقات كۇرسى» پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇش


مەسىلە: ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئاسپىرانتىلىق مائارىپى تەتقىقاتنى ئاساس قىلىدىغان، مائارىپنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مائارىپ بولۇپ، ئىلمىي ساھەلەردىكى يېتىشكەن ئىقتىساس ئىگىلىرى، مەخسۇس خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. نۇرغۇنلىغان ئامېرىكا ئۇنىۋېرستېتلىرىدا ئاسپىرانتلارنىڭ سانى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىدىن كۆپ بولۇپ، ئاللىقاچان داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ ئاساسلىق مائارىپ شەكلى بولۇپ قالغان. جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرىدە، جۈملىدىن دىيارىمىزدا ماگىستىر ۋە دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلار، ماگىستىر ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقوغۇچىلارنىڭ مەلۇم تەتقىقات ساھەسىدىكى دۇنياۋى يېڭى بىلىملەرنى چۈشىنىش دەرىجىسى بىر قەدەر تۆۋەن.

ئامېرىكىدا ئىلىپ بېرىلىدىغان «تەتقىقات كۇرسى»دىن بىر ئۈلگە:
مەن يېقىندا بىر قىسقا مۇددەتلىك «تەتقىقات كۇرسى ، Workshop» قا قاتنىشىپ قالدىم ۋە بۇ بىر ھەپتىلىك ئۆگىنىشتىن نۇرغۇن يېڭى بىلىملەرگە ئېرىشىتىم. مەن تۆۋەندە بۇ پائالىيەتنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردىمۇ بۇ خىل پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىمەن:

بۇ پائالىيەت مەن دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئامېرىكا تېكسا ئۇنىۋېرستېتى ساغلاملىق پەنلىرى مەركىزى مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 3-كۈنى سان ئانتونىيو شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى (بۇ ئىككىنچى قېتىملىقى ئىكەن). بۇ بىر ھەپتىلىك قىسقا تەتقىقات كۇرسىنىڭ نامى «ھامىلە بىئولوگىيىسى تەتقىقاتىدىكى ئىلگىرىلەشلەر» بولۇپ، بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ئامېرىكا، كانادا، مېكسىكا، نورۋىگىيە، شىۋىتسىيە، بىرازىلىيە، ئىسپانىيە، فىرانسىيە، ئاۋىسترالىيە، يېڭى زىلاندىيە، ھېندىستان، گوللاندىيە... قاتارلىق 15 دۆلەتتىن كەلگەن 30 غا يېقىن ماگىستىر، دوكتور ئاسپىرانىت ئوقوغۇچىلار ۋە دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىلار ۋە بىر نەپەر كانادىن كەلگەن ياش ياردەمچى پروفىسور قاتناشتى. بۇ قىسقا كۇرس شۇ ساھەدىكى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق، باشلامچى ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ لىكسىيە سۆزلىتىش، شۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى فاكۇلتىتتىكى پىشقەدەم پىروفىسورلار ئۆز تەتقىقاتىدىن لىكسىيە سۆزلەش، تەجىرىبخانىدا نەق مەيداندا تېخنىكىلارنى كۆرسىتىش ۋە قول سېلىپ ئىشلەش، تەتقىقات تۈرى پىلانى يېزىش مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ گۇرۇپپىلار بويىچە بىرلىكتە مۇنازىرە قىلىش ۋە قىسقا تەتقىقات پىلانى يېزىپ چىقىش، كەلگۈسىدە خىزمەت تېپىش ھەققىدە مۇتەخەسىسلەر لىكسىيە سۆزلەش ۋە يۈز-تۇرانە ئىمتىھان تېخنىكىلىرىنى ئۆگىتىش، تەرجىمىھالنى قانداق يېزىشنى ئۆگىتىش ۋە بىر-بىرىمىزنىڭ تەرجىمھالىنى باھالاش، ئىلمىي ئەخلاق تەربىيىسى لىكسىيەلىرى، شۇ ساھەدىكى ئەڭ چوڭ مەسلىلەر ۋە تېخنىكىلىق قېيىنچىلىقلار ئۈستىدە مۇزاكىرە ئىلىپ بېرىش ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش، شۇ ساھەگە چېتىشلىق ئاساسىي تەتقىقاتلارنى قانداق قىلىپ كېسەل كارۋىتىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان تېخنىكىلارغا ئايلاندۇرۇش، تەتقىقاتتا ئىشلىتىلىدىغان ئوخشىمىغان ھايۋانات مودىللىرىنىڭ ئارتۇقچىلىق-كەمچىلىكلىرىن تەھلىل قىلىش ۋە ئەڭ ئاخىرىدا شۇ شەھەرگە جايلاشقان «دۆلەتلىك پىرىماتلار (مايمۇنلار) تەتقىقات مەزكىزى»دە مەخسۇس زىيارەت ئورۇنلاشتۇرۇش …. قاتارلىق ئىنتايىن مول مەزمۇنلاردا ئىلىپ بېرىلدى. بۇ پائالىيەتكە ئەنگىلىيە كامبىرىج ئۇنىۋېرستېتى، ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرستېتى، ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرستېتى قاتارلىق داڭلىق ئۇنىۋېرستېتلاردىكى دۇنياۋى نوپۇزغا ئىگە ئالىملار تەكلىپ قىلىنىپ لىكسىيە بەردى. بۇ شەنبە-يەكشەنبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 كۈن جەريانىدا ئەتىگەن سائەت 7:30 دىن كەچ سائەت 9:30 غىچە لىق پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كۇرس تۈگىگەندە قاتناشقۇچىلارغا تەربىيىلىنىش شاھادەتنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى. بۇ جەرياندا ئۈچ ۋاق تاماق، ياتاق قاتارلىقلارمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قاتناشقان تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ مەكتەپلىرى تەرىپىدىن تۆلەپ بېرىلىدىغان 500 دوللار پۇلدىن چىقىم قىلىنىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، بىز ئۆزىمىز ھەق تۆلىمەيلا بىر ھەپتە جەريانىدا ئۆز ساھەيىمىزدىكى نۇرغۇن داڭلىق ئالىملار ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كەسىپداشلار بىلەن ئۇچرىشىش، ئۇلاردىن ئۆگىنىش، يېڭى تېخنىكىلارنى قول تىقىپ ئىشلەش قاتارلىق تىپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەتلەرگە ئېرىشتۇق ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك، مول بىلىملەرگە ئىگە بولدۇق.



تەكلىپ: گەرچە شارائىت چەكلىمىلىكى تۈپەيلىدىن شىنجاڭدا مۇشۇنىڭغا دەل ئوخشايدىغان پائالىيەتلەرنى دائىم ئورۇنلاشتۇرۇش ئاسانغا توختىمىسىمۇ، ئەمما ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى داڭلىق مۇتەخەسىسلەرنى تەشكىللەپ ھەر قايسى كەسىپ ساھەلىرىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ تەربىيەلىنىۋاتقان ئاسپىرانىت ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىش دائىرىسىنى، بىلىمىنى ۋە ئەمەلىي قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە شارائىت يارىتىپ بەرسە بۇنىڭ ئۈنۈمى چوقۇم ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.

ئاخىرىدا، مائارىپنىڭ مۇھىملىقى تالاش-تارتىش قىلىنمايدىغان بىر دەۋىردە ياشاۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن مۇشۇ تېما ئاستىدا مەن ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرىدىكى تەكلىپلەرنى ۋە رايونىمىز مائارىپ سۈپىتنى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق ۋە قوللىنىش ئىھتىمالى يۇقىرى بولغان باشقا پىكىر-تەكلىپلەرنى مۇنازىرە قىلىپ باقساق دەيمەن.

بىلگەجان (سان ئانتونىيو، ئامېرىكا)
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى



ئەسكەرتىش: بۇ تېمىنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، ھېچقانداق رۇخسەتسىز ھالدا مۇناسىپ كىلىدىغان بارلىق ئۇيغۇر تورلىرىدا تارقىتىپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن. رەھمەت!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zumrettash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-25 07:09 PM  


مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1514
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6612
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 11:50:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاكالىتەن يوللاپسىز دە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98810
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3844
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 391 سائەت
تىزىم: 2013-10-19
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 11:53:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم بىلگەجان ياخشى تۇرۇۋاتامسىز .سىزنىڭ بۇ تەكلىپرىڭىز ناھايتىمۇ ياخىش بىر تەكلىپ ئىكەن ،مەن بىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان سىتودىنىت بولۇش سۈپتىم بىلەن بۇ تەكلىپلىرىڭىزنى تامامان قوللايمەن ،مەن ئىلگىرى ئامىرىكىدا ئوقۇپ كەلگەن بىر ئوقۇتقۇچۇمدىن سىز سۆزلەپ ئۆتكەن ئامىركا مائارىپى توغۇرلۇق بەزى ئىشلارنى ئاڭلىغان ،مەن شۇ ئاڭلىغان ۋاقتىمىدا مەن تولىمۇ ھەۋەس قىلغان ،مەن ھازىر ئامىركىدا تۇرۇۋاتقان ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈۋاتقان سىزدەك بىر قىرىندىشىمىزدىن ئىككىنجى قىتىم يەنە ئاڭلىغانلىقىمدىن بەكمۇ خۇشالمەن ،مىنىڭ ئامىركا مائارىپىغان بولغان قىزىقىشىم تىخمۇ ئاشتى .
راسىت توغرا دەيسىز ،مەن ئۆزۈمنى ئىلىپ ئىيتسام  مەنمۇ شۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن ،مەن تولۇق ئوتتۇرنى ئىچكىردە ئوقۇغان بولغاچقا بىز ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بىر ئاي بۇرۇن ئارزۇ تولدۇرغان ئىدۇق ،نىمىگە قاراپ تولدۇرىسىز دىگەندە ئادەتتە ئىلنىۋاتقان تەقلىدى مانىۋىر ئىمتىھان نەتىجىلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تولدۇرغان ئىدۇق .بىز شۇ ۋاقىتتا ھەر كۈنى كاللىمىزدا ئويلايدىغىنىمىز مەن قانداق قىلسام ئالىي مەلتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نۇمۇر ئالىمەن دىگەنلەر نى ئويلىغان ،بىز شۇ ۋقىتلاردا ئەگەر مەن ئالىي مەكتەپ ئىمتھانىدىن ئۆتسەم قايسى مەكتەپتە ئوقۇيمەن ،مەن قايسى كەسپكە قىزىقىمەن ،مەن قايسى كەسىپتە ئوقۇسام ئاندىن ئۆزۈمنى تىخمۇ بەكرەك تەرەققى قىلدۇرالايمەن دىگەنلەر ناھايتىمۇ ئاز ئويلايتتۇق .بىز شۇ ۋاقىتتىكى نىشانىمىز پەقەتلا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نۇمۇر ئىلىش ئىدى ،بىزگە ئارزۇ تولدۇرۇش جەدۋىلى تارقىتىلدى ،بىزگە ئارزۇ تولدۇرۇش ئۈچۈن ئارانلا ئىككى كۈن ۋاقىت بىرىلدى ،ھەي ،زادى قانداق تولدۇرۇش كىرەك ؟بۇ ئارزۇ تولدۇرۇشمۇ بەكلا قىيىن مەسىلىگە ئايلاندى ،ئەلۋەتتە شۇ ۋاقىتلاردا بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرمىز مەكتەپلەر ،كەسىپلەر توغرۇرلۇق چۈشۈنچە بەرمىگەن ئىدى ،شۇڭلاشقا بىز كەسىپلەرنىڭ جەمىئەتتىكى ئىھتىياجى قانداق بولىۋاتىدۇ ،قايسى كەسىپ قايسى مەكتەپتە ياخشراق تەرەققى قىلىۋاتىدۇ ،بۇ توغرۇرلۇق بىلىش دائىرمىز بەكمۇ ئاز ئىدى ،بىز ئاخىرى باشقا ئامىللاردىن ئانچە بەك خەۋىرىمىز بولمىغاچقا پەقەتلا ئۆزىمىزنىڭ قىزىقىشىمىز بويىچە ئارزۇ تولدۇردۇق ،ئۆزىمىز تاللىغان كەسىپنىڭ جەمىئەتتىكى ئىھتىياجى ،تەرەققىيات ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئانچە ئويلىشىپ كەتمىدۇق ،چۈنكى بىزنىڭ بۇ توغرۇرلۇق بىلىش دائىرمىز بەكلا كەمچىل ئىدى ،پەقەتلا ئۆزىمىزنىڭ قىزىمىشىمىزغا تاياندۇق ،ئەڭ يامان بولغىنى بەزىلەر شۇ ئارزۇ تولدۇرۇش جەدۋىلى تارقىتىلغان ۋاقىتقىچە ئۆزىنىڭ قايسى كەسىپكە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن ،ئۆگۈنۈش نەتىجىسى ھەقىقەتەن ياخشى بولسىمۇ ئۆزىنىڭ تەرەققى قىلىش نىشانىنى بىلمەيدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس .مۇشۇنداق قىلىپ ئارزۇ تولدۇردۇق ،ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن بەزىلەر ئۆزى تاللىغان كەسىپنى ياقتۇرماسلىق ئەھۋاللىرى كىلىپ چىقتى ،نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئۆزى تاللىغان كەسىپنى ياقتۇرماي قايتىپ كىتىپ قايتا ئوقۇدى ،يەنە بەزىلەر داۋاملىق ئوقۇۋاتقان بىلەن ئۆزىنىڭ كەسىپىگە ئانچە قىزىقىش يوق ،ئەلۋەتتە قىزىقىش بولمىسا شۇ كەسىپتە نەتىجە قازىنىش ناھايتىمۇ بەك تەسىكە توختايدۇ .بۇ نداق ئەھۋاللار نىمىدىن كىلىپ چىققان .بۇ ئەھۋال ئەينى ۋاقىتتىكى شۇ كەسىپنى تاللاشتىن كىلىپ چىققان ئەمەسمۇ ؟


مىنىڭ يەنە شۇ ئامىركىدا ئوقۇپ كەلگەن ئوقۇتقۇچۇمنىڭ دەپ بىرىشچە ئامىركا  ئالىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇغۇچىلار ئۆزىگە دەرس بىرىدىغان ئوقۇتقۇچىنى ئۆزى تاللىيالايدىكەن ،قانداق تاللايدۇ دىگەندە ئوقۇش باشلاپ بىر ھەپتگىچە  ئوخشاش بىر پەننى 10 نەچچە ئوقۇتقۇچى ھەر قايسى سىنىپلاردا سىناق ئۆتىدىكەن ،ئوقۇغۇچىلار ئەركىن  ھالدا خالىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى سىناق ئاڭلايدىكەن ،شۇ ئوقۇغۇچىغا قايسى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆتكەن دەرسى يارىسا ئىككىنجى ھەپتىدىن باشلاپ شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرىسىنى ئاڭلىسا بولىدىكەن .لىكىن بۇ بۇ يەردىكى مائارىپتا مەكتەپتىن قايسى بىر ئوقۇتقۇچىنى بىكىتسە شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى ئاڭلىمىساق بولمايدۇ ،ئاڭلىغۇمىز كەلسىمۇ ئاڭلايمىز ،ئاڭلىغۇمىز كەلمىسمۇ ئاڭلايمىز ،يەنە بىر مەسىلە مەۋجۇتكى بەزى ئوقۇتقۇچىلار تۆت بەش يىلغىچە ئۆزى تەييارلاپ قويغانppt نى ئۆزگەرتمەي سۆزلەۋىرىدۇ ،كىتاپ ئۆزگەرسىمۇ شۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزلەيدىغان دەرس مەزمۇنى ئۆزگەرمەيدۇ،شۇ سەۋەپتىىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى ياقتۇرمايدۇ .



ئەگەردە بىر كۈنى سىز بەرگەن بۇ تەكلىپلەر ھەقىقەتەن بۇ دىيارىمىزدا ئەمەلگە ئىشىپ قالسا مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى تىخمۇ يۈكسەلگەن ،ئالىي مەكتەپتىن نۇرغۇن ئىختىسا س ئىگىلىرى يىتىشىپ چىققان بولاتتى ،شۇنداقلا ھازىرقىدەك خىزمەت تىپىش قىيىن بولۇشتەك ۋەزىيەتكە خاتىمە بەرگىلى بولاتتى .


چۈنكى ئارزۇ تولدۇرۇشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلار كەسىىپلەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولسا ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن ئۆزى تاللىغان كەسىپە قىزىقماسلىق ،ياقتۇرماسلىقتەك ئەھۋاللار ئازايغان شۇنداقلا ئەمدى سادىر بولمىغان بولاتتى .

مۇشۇنداق بىر ئوقۇتۇشنىڭ دىيارىمىزدىمۇ ئەمىللىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن .

مەن ئەڭ ئاخىردا بىلگەجانغا بىزنى مۇشۇنداق ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن  ئەتكىنىگە كۆپ رەھمەت ئىيتىمەن .ئاللاھ خالىسا سىزنىڭ بۇ بەرگەن تەكلىپلىرىڭىز بىر كۈنى بۇ دىيارىمىزدىمۇ ئەمەلگە ئىشىپ قالار . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەتنياز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-26 12:01 PM  


بۈگۈن مىنىڭ بۇ مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغىنىمغا تولۇق بىر يىل بولۇپتۇ  

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4842
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15699
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 12:00:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەتنياز يوللىغان ۋاقتى  2014-6-26 11:53 AM
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم بىلگەجان ياخشى تۇرۇۋاتامسىز .سىزن ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مەن زۇمرەت تاش بۇ تېمىنى (بىلگەجاننىڭ تېمىسى) باغداشتا ئوقۇپ، مىسرانىم ئەزالىرىدىن سىلەردەك يېڭىدىن ئىمتاھان بەرگەنلەرگە يىتەكلەش رولى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ كۆچۈرۈپ، مىسرانىم مۇنبىرىمىزگە يوللاپ قويغانىدىم، تىلەكلىرىڭىزنىڭ بىر كۈنلەردە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش