ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئەزىز قىرىنداشلار مۇبارەك رامىزان يىتىپ كەلدى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن رامىزانلىق داستىخاننى مۇل قىلىش ئۈچۈن ئاز بولسىمۇ كۆڭۈل سوۋغامنى ئىپ كەلدىم،
ئەجداتلىرىمىز ئەقىل پاراسىتىنى ئىشلىتىپ ھەر خىل مىۋە-چىۋە،كۆكتاتلاردىن ھەرخىل مۇراببا(ۋەرىنە)لارنى تەييارلاپ بىر تەرەپتىن يىمەكلىك ئورنىدا ئىستىمال قىلسا ،يەنە بىر تەرەپتىن ساقلىقنى ساقلاش ،كىسەل داۋالاش ئۈچۈن ئىشلەتكەن،
بۇگۇن مەن ئاتا كەسپىم بولغان مۇراببا ياساش ھۈنىرىدىن ئائىلىلەردە تەييارلاشقا بولىدىغان بىر نەچچە تۈرلۈك مۇراببانىڭ تەييارلاش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچى،
بۇنداق دىسەم تاللا بازارلاردا مۇراببا دىگەن توپا بىسىپ يىتىتۇ دەيسىز،ھەرگىز ئۇنداق ئويلىماڭ،ھازىر بازارلاردا ئوراپ قاچىلانغان مۇراببالاردىن سىتىۋىلىپ تىتىپ كۆردۈم ،بىراق بۇرۇن ئائىلىمىزدە تەييارلىنىدىغان مۇراببالارنىڭ ئىسىل تەمىنى تاپالمىدىم،سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىزلىنىپ ئاخىرى سەۋەبىنىمۇ تاپقاندەك بولدۇم،
سەۋەبى شۇكى بۇرۇن ئائىلىمىزدە دادام رەخمەتلىك مۇراببا تەييارلاش ئۇچۇن ئەلا سورتلۇق ئاق شىكەر،شىخىدىن يىڭى ئۈزۈلگەن ھەر خىل مىۋىلەرنى تاللاپ تۈجۈپىلەپ تەييارلايتى،تەييارلانغان مۇراببالارنى ساقلاشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرەتتى،ئىسىمدە قىلىشچە بۇ يىل ئەنجۈر پىشقاندا سالغان مۇراببالا ھىچقانداق چىرىشتىن ساقلاش دورىسى ئىشلەتمەيمۇ كىيىكى يىلى ئەنجۈر پىشقانغا قەدەر رەڭگى تەمى سۈپىتى جەھەتتە يىڭى پىتى ساقلىناتتى،ھازىر بولسا بىر قىسىم كارخانىلار تەننەرقىنى تۆۋەنلىتىش،رەڭگىنى كۆركەم چىقىرىش ئۈچۈن ھەرخىل رەڭ،قويۇقلاشتۇرغۇچ(سۆڭەك يىلىمى) چىرىشتىن ساقلاش ماتىريالى ..... لارنى قوشۇپ قويىدىكەن،شۇڭا بازارلاردىكى مۇراببالارنى تاللاپراق سىتىۋالمىغاندا ئۇنى ئىستىمال قىلغان كىشىلەرگە بولۇپمۇ بالىلار بىلەن ياشانغان كىشىلەرگە ئوزۇق بولماقتا يوق ،ھەر خىل كىسەللەرنىڭ سەۋەپچىسى بوپ قىلىشى مۇمكىن،
كۆپ سۆزلەپ ۋاختىڭلارنى ئىلىپ قويدۇم؛
گىلاس مۇرابباسىنى تەييارلاش ئۇسۇلى،
كىتەرلىك خۇرۇشلار:
يىڭى گىلاس بىر كىلوگىرام، ئاق شىكەر 1.5 كىلوگىرام،يىمەكلىك تۇزى ئاز مىقداردا،