ئۇنتالىسام سېنى ناۋادا
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
ئۇنتالىسام سېنى ناۋادا، ئۇنتىلاتتى بارچە – ئازاب – دەرد. يېزىلمايتتى مىسكىن مىسرالار، ياش تۆكمەيتتى ساڭا يازغان خەت.
ئۇنتالىسام سېنى ناۋادا، بىر ئالمايتتى ئالەمنى ۋولقان. سانالمايتتىم بىچارە ئاشىق، ئۆز يارىنى ئۇنتۇلۇپ قالغان.
ئۇنتالىسام سېنى ناۋادا، ئۆلۈم ماڭا ئاچىدۇ قۇچاق. ھايات ئېغىر تىنىپ قالىدۇ، كۆز يېشىمنى باغاشلاپ ئۇزاق.
ئۇنتالىسام سېنى ناۋادا، بىر ناتونۇش سۆيۈلەر بەلكىم. روھىم لەيلەپ قالار ھاۋادا، ئۆلگۈم كېلەر باغرىڭدا جېنىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-25 07:35 PM
|