مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1857|ئىنكاس: 43

نىمىشقا كىتاپ ئۇقۇيمىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105464
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 157
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2014-3-30
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 05:46:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   كىتاپ ئوقۇش ياخشى ئادەت، بىراق بىزنىڭ ۋاقتىمىز ھەممە كىتاپنى ئوقۇپ بۇلۇشقا يەتمەيدۇ، شۇڭا ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ ئۆزىگە كىرەكلىك كىتاپلارنى ئۇقۇغىنى ياخشى، كىتاب ئوقۇش ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ ھوزۇرلۇق ۋە ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىش، كىمىكى كىتابنى كۆپ كۆرسە، كىتاب ئۇنىڭ زېھنىنى ئاچىدۇ، زوقىنى ئاشۇرىدۇ، سۆزگە چىچەن قىلىدۇ، كىتاب- ئىنسان ئۈچۈن ئەزىز ۋە يېقىملىق سۆھبەتداشتۇر. كىتاب-پاساھەت، بالاغەت ۋە لاتاپەتتە تەڭداشسىزدۇر. ئۇ مۇناپىقلىقتىن خالىي بولۇپ، ساڭا يالغۇزلۇق ۋە غەملىك كۈنلەردە سىرداش ھەمراھ، تەجىربىلىك ئۈلپەتتۇر، ئۇ كىشى كۆڭلىنى ئاغرىتمايدىغان سۆزى يېقىملىق سۆھبەتداشتۇر، ئۇنىڭ سۆھبىتىدىن ساڭا شۇنداق پايدا- مەنپەئەتلەر كىلىدۇركى، بۇنداق  پايدىنى سەن ئادەم بالىلىرىدىن ھەرگىزمۇ تاپالمايسەن. قىسقىسى كىتاپ ئىنسانغا ئادەم بولۇشنى ئۇگىتىش بىلەن بىرگە يەنە ھاياتى دۇنيادا قانداق ياشاشنى ئۇگۇتىدۇ،كۆپ كىتاپ ئوقۇغان ئادەمنىڭ روھى دۇنياسى ئاجايىپ باي-باياشاتچىلىققا تولغان بولىدۇ، كىتاپ ئوقۇمايدىغانلار بۇنى چۈشەنمەيدۇ، كىتاپنى تاللاپ  ئوقۇڭ، ئىلىم ئوقۇساڭ، كىتاپ كۆرسەڭ سىنىڭ ئىلمىڭ قەلبىڭنى ئىسلاھ قىلالايدىغان، نەپسىڭنى پاكلىيالايدىغان بولۇشى لازىم .
   ھازىر قايسى ئەڭ ئىھتىياجلىقى؟ ئەخلاقنى پاكلايدىغان نەپسىڭنى كونتۇرۇل قىلىدىغان دىنى كىتاپلارمۇ؟ پەلسەپەمۇ؟ تـارىخى كىتاپلارمۇ؟ ئىختىسادشۇناسلىق كىتاپلارمۇ؟ ....... ئۆزىڭىزنىڭ ئىھتىياجىغا قاراپ تالىسىڭىز بۇلىدۇ، ھەر بىر كىتاپ ئۆزىگە خاس بىر بىلىم بۇلىقى، كىتاپنى كۆپ ئوقۇغان ھىساپ ئەمەس، چۇشۇنۇپ ئۇقۇڭ، كىتاپ ئىنسان روھىنىڭ دوختۇرى ،كىتاپ ئۇقۇش ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى تەرەققى قىلدۇرىدۇ، بىلىم ئىگەللەش ئەڭ چوڭ بايلىق، شۇڭا <<پۇل تاپقۇچە ئەقىل تاپ>> دەيدىغان ھىكمەت بار، دۇنيادىكى بارلىق كىتابلار سىنىڭ ئىدىيەڭگە ۋەكىللىك قىلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئىدىيەڭگە  ياردەم بىرىش ئۈچۈن يىزىلغاندۇر.
  مېنىڭچە ھەر قانداق كىتاپنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى كىتاپ ئاپتورىنىڭ تەرجىمھالىنى بىلىپ بېقىش كېرەك، ئۇنىڭدىن كىيىن ئاپتۇر سىزگە يارىسىلا، ھەر قانداق كىتاپ سىزنىڭ ئوقۇشىڭىزغا ئەرزىيدۇ. ھىكايە، رومانلاردىن تارىخي چىنلىقنى ئەكىس ئەتتۈرگىننى ئوقۇسىڭىز بولىدۇ، باشقىلىرىنى پەقەت چارچاشنى يوقىتىش ئۈچۈنلا ئوقۇش كېرەك
  <كىتاپ ئوقۇماڭ!> دىگەن ئادەم سىزنى ئېشەكتىن بەتتەر نادان بول، دىگىنى بۇنداقلارنىڭ گىپىنى ھەرگىز ئاڭلىماڭ، سىز ئەھمىيەت بېرىدىغان مۇھىم نوقتا شۇكى كىتاپنى پەقەت ئوقۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، چوقۇم كىتاپتىن مەلۇم مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئوقۇش كېرەك، شۇندىلا كىتاپ ئوقۇپ ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز.

مەنبە: باغداش مۇنبىرىدىكى مۇنازىرلەردىن ساقلىۋالغانلىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-25 06:15 PM  


قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2555
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21671
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9898 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 06:30:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن قاراشلار بىزنىڭ ئويلىنىشىمىزغا ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ. چۆلدەرەۋاتقان كىتابخانىلار، قاغجىراپ قاخشال بولۇشقا ئاز قالغان مەنىۋىيىتىمىز ئۈستىدە ئەمدى ئويلانمىساق كەلگۈسىدە پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالىمىز.

تېمىدىكى ‹‹مېنىڭچە ھەر قانداق كىتاپنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى كىتاپ ئاپتورىنىڭ تەرجىمھالىنى بىلىپ بېقىش كېرەك، ئۇنىڭدىن كىيىن ئاپتۇر سىزگە يارىسىلا، ھەر قانداق كىتاپ سىزنىڭ ئوقۇشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.›› دېگەن جۈملىلەر ئىنتايىن خاتا ئېيتىلغان سۆز. ئاپتورنىڭ تەرجىمھالى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ قانداق چىقىدىغانلىقىغا باھا بېرىش تولىمۇ نادانلىق. بۇ خۇددى 50 ياشلىق بىر ناداننىڭ 25 ياشلىق بىر ئالىمغا ئۆزىنى بىلىملىك كۆرسىتىش ئۈچۈن ‹‹مەن بۇ ئۆمرۈمدە نۇرغۇن ئىشتاننى سەندىن كۆپ يىرتقان›› دەپ چالۋاقاپ باشقىلارنىڭ كۈلكىسىگە قالغىنىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.ئىشتان بىلەن ئەقىلنى سېلىشتۇرۇش نېمە دېگەن بىمەنىلىك ھە!  
كونىلار ‹‹ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا›› دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. دۇنيادىكى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن نۇرغۇن ئاپتورلارنىڭ تەرجىمھالىغا قارىساق بەزىلىرىنىڭ ئالىي بىلىم تەربىيىسى ئالغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن جان بېقىشقىمۇ ئامالسىز قېلىپ قاۋاقخانا، ھەتتا پاھىشەخانىلاردا تىرىكچىلىك قىلىپ جان بېقىپ يۈرگەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئەمما ئۇلارنىڭ ئاشۇ شارائىتتا ياشاپ تۇرۇپمۇ دۇنياۋى ئۆلمەس ئەسەرلەرنى ياراتقانلىقى ئىختىيارسىز ھۆرمىتىمىزنى قوزغايدۇ. پىسخىكىمىزدىكى (داڭلىقلارنىڭ ئەسىرى ياخشى چىقىدۇ)، دېگەن خاتا قاراشنى چۆرۈپ تاشلاپ، ھەممىدىن ئاۋال ئەسەرگە قاراپ باھا بېرىشىمىز كېرەك. ئادەملەرنىڭ دۇنيانى چۈشىنىشىنى، تەپەككۇر ئۆتكۈرلىكىنى ياشقا، نوپۇزىغا، كىشىلىك تۇرمۇش ئادىتىگە قاراپ ئەمەس شۇ كىشىنىڭ ياراتقان ئىجادىي ئەمگىكىنىڭ قىممىتىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىشنى بىلىشىمىز كېرەك.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-25 06:39 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uzum-tal + 100 قايىل قىلارلىق
otqash405 + 39 تەپەككۇرى كۈچلۈك
zumrettash + 20 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 159   باھا خاتىرىسى

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105713
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 501
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2014-4-5
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 07:02:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا ئەرزىگۈدەك تىما بوپتۇ ، كىتاپخانىلارنىڭ چۆلدەرەپ قىلىشىدىن باشقا يەنە مىللىي تىل يىزىقتىكى كىتاپلارنىڭ كىتاپ جاھازىلىرىدا ئىگەللىگەن نىسپىتى بارغانسىرى چۈشمەكتە . ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105932
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 189
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 282 سائەت
تىزىم: 2014-4-11
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 07:32:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hokumran يوللىغان ۋاقتى  2014-6-25 06:30 PM
تېمىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن قاراشلار بىزنىڭ ئويلىنىشىمىز ...

‏بەلكىم بۇ تىمىدىكى «ئاپتورنىڭ تەرجىمھالىنى بىلىپ بېقىش كېرەك»دىگەن جۈملىلەرنى  يازغان تورداش ئاپتورنىڭ دۇنيا قارىشىنى بىلىپ بېقىش كېرەك دىمەكچى ئوخشايدۇ، چۈنكى بىر كىشى قايسى خىل دۇنيا قاراشقا ئىگە بولسا شۇ دۇنيا قارىشىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئۆزى يازغان ئەسەرنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىنى يۇرۇتۇپ بېرىدۇ، بۇ يەردىكى ئاپتورنىڭ تەرجىمھالى قانداقكى ئۇنىڭ مەشھۇر شەخىسلىكى ياكى جەمىيئەتتە تۇتقان ئورنى بولماستىن بەلكى دۇنيا قارىشى دىمەكچى ئوخشايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aisadap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-25 07:36 PM  


باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98726
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 973 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 07:37:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كۆكزات رەسسام بىلوگى :http://kokzat.kawsar.cn/ سىزنى قارشى ئالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 07:59:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kokzat يوللىغان ۋاقتى  2014-6-25 07:37 PM
كىتاپ ئوقۇشقىمۇ خىلى زور غەيرەت،چىدامچانلىق كىتىدۇ.بى ...

ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۇرىدىغان ئىنكاس بوپتۇ -بۇ! گەرچە  ھەقىقەت  ئاچچىقراق بولسىمۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105419
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 805
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 219 سائەت
تىزىم: 2014-3-28
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 08:09:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hokumran يوللىغان ۋاقتى  2014-6-25 06:30 PM
تېمىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن قاراشلار بىزنىڭ ئويلىنىشىمىز ...

قوشىلىمەن

نىمە يازىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97813
يازما سانى: 674
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1877
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 443 سائەت
تىزىم: 2013-9-13
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 08:15:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتاپ ئۇقۇيىدىغانلار ئۈچ خىل.بىرىنچىسى: بىرەر بىلىم ئىگەللەش،ئۆزى قىزىققان ئۇچۇرلارغا ئىگە بۇلۇش،ئىزدىنىش ئۈچۈن كىتاپ ئۇقۇيدىغانلار.ئىككىنچىسى:ئىش پۇشىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئۇقۇيدىغانلار،ئۈچنىجىسى:بىلمخۇمار قىياپەتكە كىرۋېلىش ئۈچۈن كىتاپ كۆردىغانلار.

قاغا قاق ئىتەر،ئۆز كۆڭلىنى شاد ئىتەر
orhun1001 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 08:17:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
orhun1001 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 08:17:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش