مەستانىلەر ئىقتسادى دەۋرى يىتىپ كەلدى. سىز قانداق قىلماقچى؟ !
بىر شىركەتنىڭ خىرىدارى بۇ شىركەتنىڭ مەستانىسىگە ئايلانغان چاغدا بۇ شىركەتنىڭمۇۋەپپەقىيتى يۇقىرى پەللگە چىققان بولىدۇ.
مىسالى:ئالما شىركىتى
دىگەن سۆز.粉丝 ئىزاھات : مەستانە-خەنزۇچىدىكى
مەستانەئىقتساد: بۇسۆزىنىڭ مەنىسى بولسا ئەگەشكۈچى ۋە ئەگىشلگۈچى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتسادى مۇناسۋەتتىن شەكللەنگەن يىڭى ئىلىم.
مەستانىلەر ئىقتىسادى دىگەن سۆز ئەسلىي خەنزۇچىدىكى粉丝经济دىگەن سۆز
بۇ سۆزىنى تەرجىمەقىلشتا قېيىنچىلىق بولۇپ قالغاچقا بىۋاستە تەرجىمىسنى ئىشلەتتىم.، قېرىنداشلارنىڭ بۇ سۆزنىڭ توغرا بولغان ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسىنى تېپىپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشنىمەن.
ھازىربىز ياشاۋاتقان مۇھىت ئاللىقاچان ئىنتىرنىت دەۋرىگە قەدەم قويۇپ بولدى.مەستانە(粉丝) ھازىر قىزىق نۇقىتىغا ئايلاندى.مەستانىلەر ئىقتسادى ھازىر يىڭى بىر خىل ئىقتىسادىي ھادىسەگەئايلاندى.بۇرۇن بىزگە نىسبەتەن ئېيتىقاندا چولپان،مەستانە قاتارلىق سۆزلەر بىزدىن خىلى يىراقتا ئىدى، چولپان بولۇش نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئارزۇسى ئىدى،ئەمما چولپان بولۇش ناھايىتى مۇشكۈل ئىش.
ھازىر بۇلارنىڭ ھەممسى مۇمكىن بولىدىغان ئىشقا ئايلاندى. ئىنتىرنىتقا تايىنىپ بۇئارزۇسىمۇ ئەمەلگە ئاشتى. مىكرو بىلوگ ۋە تور بەتلەرنى قۇرۇش، ھازىرقى ئۈندىدارسالونلىرى قۇرۇش ئارقىلىق مەلۇم دەرىجىدىكى مەستانىلەرنى يىغىپ شۇلارغا باش بولۇش ئارقىلىق باشقلارغا تەسىر قىلپ چولپانغا ئايلانغىلى بولىدۇ.
ھازىر بەلگىلىك دەرىجىدىكى مەستانىلەرگە ئىگە بولغاندا ، بارلىق خىزمەتلەرئىنتىرىنتا ئەمەلگە ئاشىدۇ.بىرئادەمگە ئېھتىياجىلىق بولغاندا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىلىشىش قۇرالى ئارقىلىق ئىزدەپ تاپالايدۇ. ئابروي ۋەھوقۇق، ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقائەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارىدۇ.
ئىنتىرنىت تورىدىن پايدىلىنىپ ھەربىر ئادەمنىڭ قىزىق نۇقىتىغا ئايلىنىش پۇرسىتى بولىدۇ.ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ مەستانىلىرىغا ئىگە بولالايدۇ. مەستانىلىرىنىڭ سانى بەلگىلىك دەرىجىگە يەتكەندىن كىيىن. مەستانلەر ساندىن سۇپەتكە قاراپ يۈزلىنىدۇ. سۇپەتلىك مەستانلەرگە ئىگە بولغاندا يىپىق ھالەتتىكى بازار تىجارەت سىسىتمىسنى قۇرغىلى بولىدۇ. مەستانىلەر ئىقتسادى دەۋرىىدە كىم كۆپ مەستانىگە ئىگە بولىدىكەن، شۇنىڭ بازارنى ئىگەللەش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ. كىمنىڭ مەستانلىرى سۇپەتلىك، ساداقەتمەن بولىدىكەن، شۇنىڭ مەھسۇلاتنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ، ھەمدە داڭلىق ماركا يارىتىش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ.
ئىنتىرنت سەھنىسىدە ساداقەتمەن ئەگەشكۈچىلىرى بار بولسا ، ئۇنىڭ تەسىرى نۇرغۇن ئەگەشكۈچىلەرنى يىغىپ كىلىدۇ. ئەگەشكۈچى ۋە ئەگىشلىگۈچىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىزتەرەققىي قىلغاندا بۇ مۇناسىۋەت دوستلۇققا كۆتۈرۈلىدۇ. مەستانىلەت ئىقىتىسادى دەۋرىىنىڭ يادروسى ئىشەنچ. ئىشەنچ يۇقىرى بولسا تەسىرلەندۇرۇش كۈچى تېخمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
ئەگەردە نۇرغۇن مەستانىلەرگە ئىگە بولغاندا مىكرو بىلوگ ۋە ئۈندىدار سالوننى ۋە ياكى ئۈندىدارى ئارقىلىق بىر قسىم مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلىپ ساتسا بولىدۇ. ھەددىن زىيادە ئارتۇق ئېلان بەرسەمەستانىلىرىنى بىزار قىلىپ قويىدۇ، ھەمدە بىر قىسىم مەستانلىرىنى قاچۇرۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر كىشى ئۆزئەتراپىدىكى مەستانىلىرىنى قاچۇرۇپ قويۇشتىن ساقىلىنىش كېرەك.
تور سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۈچۈن مەستانىلەر ئىقتىسادى مۇھىم بىلىم.ئۈزلۈكسىز بۇ ئىلىم ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تور سودىسىنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۇرىدۇ. سېتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
جوڭگۇدا مەستانىلىرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشى لېيجۇن ۋە ئۇنىڭ شىياۋمى تېلفوننى بولسا كېرەك. ئۇ 20 يىل توپىلغان مەستانىلىرىگە تاينىپ قىسىقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە شىياۋمى تېلفونىنىڭ سېتلىش رىكورتىنى ياراتتى، ھەمدە شۇمەستانىلىرىنىڭ كۈچىگە تاينىپ نۇرغۇن مەستانلەرگە ئىگە بولدى.
يەنە مىسال:
خەنزۇلارنىڭ داڭلىق چولپىنى چىن كۇن ۋەئۇنىڭ ئۈندىدار سالوننى بۇنىڭ يارقىن مىسالى بولالايدۇ.
چىن كۇننىڭ ئۈندىدار سالونىدا مەستانلىرى ھەق تاپشۇرۇش ئارقىلىق ئالاھىدە ئەزالىق شەرىپىگە ئېرىشەلەيدۇ، ئالاھىدە ئەزالارنىڭ تاپشۇرغان ھەققىگە ئاساسەن دەرىجىگەئايرىلىدۇ.10 يۈەنلىك ئايلىق ئالاھىدەئەزا،50يۈەنلىك پەسلىك ئالاھىدە ئەزا ،100 يۈەنلىك يېرىم يىللىق ئالاھىدە ئەزا،168يۈەنلىك پۈتۈن يىللىق ئالاھىدە ئەزا شەرىپىگە ئېرىشدۇ.
چىن كۇن ئۈندىدار سالونىغا ئالاھىدە ئەزا بولغاندىن كىيىن دەرىجىنىسىنىڭ ئوخشماسلىقىغا ئاساسەن بەھرلىنىدىغان ھوقۇقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ بەھىرلىنىدىغىنى بولساچىن كۇننىڭ ئۆزى ئۈنگە ئالغان ناخشا-مۇزىكىلىرى، چىنكۇننىڭ ئۆي ئىچىدىكى رەسىملىرى،ئەتىگەن كەچتە چىن كۇننىڭ خەيرىلىك سۆزلىرىنى ئاڭلاش، چىن كۇننىڭ ئۈندىدار سالونىدا ئىلىپ بارغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ چىن كۇن بىلەن يۈز كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىىشىدۇ.
ھىسابلىنشىچە ،چىن كۇننىڭ ئۈندىدار سالونىغا ئەگەشكەن ئادەم سانى بىر مىليۇندىن ئاشىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 10% ئەگەشكۈچى ئالاھىدە ئەزالىق كەسپىنى بىجرىگەنكەن. دىمەك بىريىلدا16مىليونلۇق ئالاھىدە ئەزالىق ھەققىي يىغىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا چىن كۇن ئۆزىنىڭ ئۈندىدار سالونىدا كىتاب ۋە كىيىم-كىچەكلەرنى ساتىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ ئۈندىدار سالونى ئارقىلىق تاپقان پايدىسىمۇ راۋۇرۇس كۆپ بولىدۇ.
بىزنىڭ نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئۈندىداردىن پايدىلىنىپ سوداقىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مەستانىلەر ئىقتىسادى ئىلىمنى ئۇگىنىشكە ھەمدە تەتقىق قىلىشقا تىگشلىك.
يەنە ئۇيغۇرلار ئارىسدىكى چوڭ ئۈندىدار سالونىلىرى ۋە تور بەتلەر ئۆزىنىڭ مىڭلىغان مەستانىلىرىگە تاينىىپ مەھسۇلات سېىتش ۋە ئېلانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىقتىسادى قىممەت يارىتىۋاتىدۇ. بۇقېرىنداشلارمۇ دەسلەپتەناھايتى زور كۈچ چىقىرىپ نۇرغۇن مەستانلەرنى توپلىغان. ھازىر شۇ مەستانلىرىگە تايىنىپ ئەجىرىگە يارىشا نەتىجىگە ئېرشىتى.
ئاخىرىدا يەنە قوشۇپ قويىدىغنىم: ئۆزلىرىنىڭ ئۈندىداردىن پايدىلىنىپ سودا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ئۆزلىرىنى قوللاپ بەرگەن قېرىنداشلارنى بىزارقىلماسلىقىنى، پەقەت مەسھۇلاتنى چىقىرىپ قالماستىن ياخشى مەزمۇنلارنى چىقىرىپ ئۆزلىرىنىڭ سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلمەن.
مەن ھەرقايسى قېرىنداشلىرىمىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنترنىتىن ئىبارەت بۇ يىڭى ساھەدىن ئوببدان پايدىلىنىپ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىپ ئۆزىنىڭ ۋە ئەتراپىدىكلەرنىڭ تۇرمۇشنىڭ ياخشلاشقا كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلمەن.
تەييارلىغۇچى :مىراس كىيىمچىلىكى تور بازار بۆلىمىدىن ئەلگىيار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musuma تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-25 05:12 PM