ئۆمۈر بەر
تىلەي سەندىن خۇدايىم! ماڭا ئۇزۇن ئۆمۈر بەر،
ئىشلىرىم بار تېخى كۆپ، پۈتمەس بۇرۇن، ئۆمۈر بەر،
ئاتا قىلساڭ قىلىۋەر باھار، جۇدۇن، ئۆمۈر بەر،
تىرىشقايمەن ھەرۋاقىت، بولماي ھورون، ئۆمۈر بەر.
ئوماق بالام ۋىلىقلاپ ئىچ-باغرىمنى كۆيدۈرەر،
تۈگىمىگەن تاپشۇرۇق كىلەچەكنى كۆزلىتەر،
بەرمەي كەتسەم بەختىنى، مىنى نۇمۇس ئۆلتۈرەر،
ۋاقتىم قىستۇر ياقمايدۇ ئاقماس سورۇن، ئۆمۈر بەر.
مەن يۈرۈيمەن بالام دەپ،كىچە-كۈندۈز پالاقشىپ،
كۆڭلۈم لىكىن بىرقىسما، تۇرسا پۇلۇم تاراقشىپ،
چۈنكى بالام يولىدىن قالمىغىيدى ئادىشىپ،
كەمتۈك ئەقلى توشقىچە, قىسماي بويۇن،ئۆمۈر بەر.
ئاتا-ئانا بۇرىچى،پەرەنتىگە كۆيمەكتۇر،
ئەدەپ-ئەخلاق يۇقتۇرۇپ ئۇنى دىلدىن سۆيمەكتۇر،
پەرزەنت بۇنى بىلمەسكەن ئوي-خىيالى بۆلەكتۇر،
بالام تېخى يۈرۈيدۇ ئويناپ ئويۇن، ئۆمۈر بەر.
كۆرەي يۈرەك پارەمنىڭ ئۆز بەختىنى تاپقاننى،
ھالال مىھنەت-ئەجرىدىن شىرىن قەنت چاققاننى،
پەن كۆكىدە چاقنىغان دۇلدۇل بولۇپ چاپقاننى،
مەن قۇتقۇزاي يىقىتسا تەتۇر قۇيۇن ،ئۆمۈر بەر.
ئاپتۇرى:كىرىمجان ياسىن(زەپەر)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-25 06:06 PM