مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 521|ئىنكاس: 7

ئۇچۇر- تېخنىكا كەسپى بىز ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13621
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8155
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 02:11:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  (بۇ كەسىپنىڭ تارىخى ۋە دۇنيادىكى تەسىرى)   

  
                                                                                                                                
        

   ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم!  قەدىرلىك قېرىنداشلار
  بىلىم ، سەۋيە ياكى باشقا ھەرقانداق بىر نۇقتىدىن ھىسابلىغاندا مۇنداق بىر چوڭ تىمىغا ئېسىلمىسام  بولاتتى ، ئەمما يەنە بەزى نۇقتىلار مەسلەن زۆرۆريەت ، جىددى تەلەپ ۋە ئىھتىياج شۇنداقلارباشقا نۇرغۇنلىغان جىددى ۋە جىددى ئەمەس سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ تىمىنى ئوتتۇرغا چىقىرىش ۋە بۇنىڭغا ئۆزىمىز بىلگەنچە بىر سېستىمىلىق جاۋاب بېرىشنى ئالاھىدە مۇھىم دەپ قارىدۇق ، ئەمەلىيەتتە بىر دۆلەتكە ئەمدىلا كىرگەن بىر يات گىراژداننىڭ شۇ دۆلەتنى تېخى ھىچبىر چۈشەنمەستىن ساياھەت يىتەكچىسى بولىمەن دىيىشى تازا ئاقىلانىلىك بولمىسىمۇ ، بۇ گۈزەل مۇھىتقا كىرىشتە ئۇنىڭدىنمۇ كىيىن قالغانياكى  ئەمدىلا كىرگەن يېڭىلارغا نىسبەتەن يەنىلا بىر جىددى زۆرۆريەت دەپ قارالدى  ئەلىۋەتتە بۇ كەسىپ سىزلەرگە ئۇنچە ياتمۇ ئەمەس ، ھەم بۇ كەسىپ  بىزگە ئىلگىرى تونۇشتۇرۇلمىغانمۇ ئەمەس ئەمما ئېنىقكى ھەقىقەت تەكرارلانسا كونىرمايدۇكى بارغانسىرى روشەنلىشىدۇ.

---------------------------------------------------

ئەڭ ئاۋال مەزكۇر كەسىپنىڭ دۇنيادىكى ئورنى ۋە قىسقىچە تارىخى تەرەققىياتىدىن چىقىپ تۇرۇپ مۇلاھىزە قىلىمىز
ئىھتىمال دۇنيادىكى ئەڭ  باي شىركەتنىڭ مۇشۇ ساھەدە ئىكەنلىكىنى بىلىش  ، دۇنيادىكى ئەڭ باي مىليادىرنىڭ مۇشۇ ساھەدە ئىكەنلىكىنى بىلىش ، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق شەخىسلەرنىڭ مۇشۇ ساھەدە
ئىكەنلىكىنى بىلىش شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتنىڭ  ياكى دۆلەتلەرنىڭ مۇشۇ ساھەسى ئەڭ تەرەققى قىلغانلىقىنى بىلىش بىزگە يىتەرلىكتۇ؟؟؟  ئەڭ چوڭ ئالىمىمىز ، پەخىرىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ
تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىلغان تەجىربىخانىنىڭ پۈتۈنلەي مۇشۇ ساھەگە بېقىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىش ، دۇنيادىكى ئەڭ زامانىۋى قورالنىڭ ئاخبارات ئۇچۇر ساھەسى  شۇنداقلا شۇ ساھەنى شۇنچە تەرققى قىلدۇرۋەتكىنى مۇشۇ
كەسىپ ئىكەنلىكىنى بىلىىش ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەھدىتنىڭ ، ھەتتا  مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ، رۇسىيە فىدراسىيىسى ۋە  ھەرقانداق چوڭ مۇستەبىتلەرگە تەھدىت سالالايدىغان ، بەلكى قۇرۇق تەھدىتلا ئەمەس  ئەمەلى
ھۇجۇم بىلەن نۇرغۇن زىيانغا دۇچار قىلالايدىغان قورقۇنۇچلۇق بەلكىم  ھەققانىيەتچى تەشكىلات , يەنى خاككىرلىق تەشكىلاتنىڭ مۇشۇ ساھەدە ئىكەنلىكىنى بىلىش بەلكىم بىزگە بۇ ساھەنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان
كۆز ئالدىمىزدىكى پاكىتتۇ؟؟؟

     ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى  چوڭ كۆلەملىك دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىس ئارمىيىسى لوندونىنى ۋەيران قىلىۋىتىش بەلكى تۈپتۈز قىلىپ يەر شارى خەرىتىسىدىن ئۈچۈرۋىتىشتەك بىر قورقۇنۇچلۇق پىلاننى
تۈزۈپ 2379 دانە قىرغۇچى ، بوبمباردىمانچى ، ئوت پۇركىگۈچى ،.... ئايروپىلانىلىرىنى 23 دانە ئېغىر تونناژلىق ،  41 دانە يىنىك تونناژلىق جەڭ پاراخوتىنى  ، ئوننەچچە دانە سۇ ئاستى پاراخوتىنى سەپەرۋەر قىلغان
بىرلا ۋاقىتتا يەنە شەرىققە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ سىتالىنگىرادنى  تۈزلىۋىتىش موسكىۋاغا يول ئېچىش ئۈچۈن بۇ  زور توسالغۇ ، چوڭ شەھەرنى كۆزدىن يوق قىلىشقا بەل باغلىغان ئەمما قىرغۇچى ئايروپلانلار غەرىپتە بولغاچقا شەرىققە
ماتورلاشقان 5-گۇرىپىۋوي ئارمىيەنى  تانكا ۋە ئېغىر زەمبىرەكلەر بىلەن قوراللاندۇرۇپ ، 12- گۇرىپپىۋوي ئارمىيەنى ھەمراھ قىلىپ ياردەمگە ئەۋەتكەن ، ئەمدى نەتىجە سېلىشتۇرمىسىغا قاراپ باقايلى!  ئەينى ۋاقىتتىكى
لوندون چېرچېل ھاكىميىتى ھەرقانچە سەپەرۋەر قىلسىمۇ 8يۈز نەچچە دانە جەڭ ئايروپلاننى سەپەرۋەر قىلالايتتى  ئەمەلى كۈچ جەھەتتىن ناتسىس ئارمىيىسىگە سەي بولمايتى ئەمما شۇ قېتىمقى ئاپەت خارەكتىرلىك
ھۇجۇمدىن ھەيران قالارلىق ھالدا ئامان قالدى ، ئەلىۋەتتە بۇ تەغدىرنىڭ نۇرغۇن سەۋەبى بار ، ئەمما شۇ سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھەم ئالاھىدرەكى كومپىيۇتېر تەرەققىيات سېسلىشتۇرمىسىدۇر. يەنى ئەينى ۋاقىتتا ئىنگىلزلارنىڭ رادار تەرەققىياتى ئالاھىدە تەرەققى قىلغان بولۇپ  دۈشمەن ئايروپلانلىرىنى ناھايىتى تېز ھەم  توغرىلىق دەرىجىسى يۇقرى ھالدا ئورۇن كوردىناتىنى ناھايىتى ئېنىق بىلۋالالايتتى. بۇ بىر ، ئىككىنجىسى ئەنگىليە ئارمىيەسىنىڭ ئالاقە شېفىرى ئالاھىدە بىرخىل ئۇسۇلدا مەخپىيلەشتۈرۈلگەن بولۇپ ئاسانلىقچە  يىشىپ كەتكىلى بولمىغان ، ئەلىۋەتتە مەن بىلمەيدىغان يەنە نۇرغۇن تەرەپلىرى بار!  بۇنىڭغا كۈچلۈك سېلىشتۇرما ھالدا سىتالىنگىراد جىڭى بەلكىم رۇس تارىخىدىكى رۇسلار ئەڭ كۆپ بەدەل تۆلىگەن جەڭ بولۇشىمۇمكىن.

بەلكىم يۇقارقىلار تىمىدىن چەنەپ كەتكەندەك تۇيۇلىشى مۇمكىن ، ياكى ئۇ نەتىجىلەرنىڭ سەۋەبىنى كومپىيۇتېرگە باغلاپ چۈشەندۈرۈش بەك بىرتەرەپلىملىك دىيىلىشى مۇمكىن ، ھالبۇكى ھەر ئىككىلىسدە ئۇۋالچىلىق بولىدۇ
يەنى بىرىنجىدىن  بۇ ۋەقەلىكتە تىمىدىن چەتنەش بولمىدى ، بۇنى ئۆتكۈر پىكىر بىلەن باغلاشتۇرۇپ چۈشىنىپ چىقالايسىز، ئىككىنجىدىن يۇقىردا دىيىلگەندەك گەرچە بۇ ئاساسلق سەۋەبى بولمىسىمۇ ، ناھايىتى مۇھىم
سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر!

گىپىمىزگە قايتىپ كەلسەك ، بىز بۇ كەسىپنىڭ دۇنيادىكى تۇتقان ئورنى ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالى ھەققدە  ياپونيەنى ، ئامىركىنى ، ياۋروپادىكى بەزى ئەللەرنى ، جۈملىدىن بەزى ئۇتۇق قازانغان شەخىسلەرنى مىسالغا ئېلىشتىن ئارتۇق گەپ قىلمايمىز.(دىققەت: مەن بۇ يەردە شۇ دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا بۇ كەسىپلا سەۋەبچى ياكى باشقا كەسىپلەر سەۋەب بولالمايدۇ دىمەكچى ئەمەس ،  شۇنداقلار يۇقارقى سەۋەبچى دىگىنىمنى تەغدىر ئەقىدىگە يۆلەپ پاسسىپ تەپەككۈر قىلمىغايسىز،بۇخۇددى مىنىڭ زۇكۇمىمغا تۈنۈگۈن نىپىز كىيىۋالغىنىم سەۋەب بولدى دىگىنىمدەك بىر ئىش)

  ئاخىرقى مىسالىمىز شۇكى : دۇنيادىكى ئەڭ باي شىركەتلەردىن ئالما ، مىكروسوفىت ، ئورىكىل ، سونى ۋە  خەلىقئارالىق سودا ماشسى ، شۇنداقلا سامسوڭ... قاتارلىقلار بولۇپ ھەممىسى دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى گىگانىت شىركەتلەر شۇنداقلا  ھەممىسى مۇشۇ كومپىيۇتېرى ، ئۇچۇر - تېخنىكا ساھەسىدىكى شىركەتلەر ، ھەتتا بەزىسىنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئەمەلى كۈچى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ ، شۇنداقلا كۆپ قىسىمى ئامىركىدا .... مەسلەن ئالايلۇق! گوگىل شىركىتى سۈنئى ھەمراھ قويۇپ بەردى قېنى سىز دەپ بېقىڭچۇ!  بۇ پىلانىتتا سۈنئى ھەمراھ قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان دۆلەتتىن قانچىسى بار؟ ئەمدى بۇلاردىن بىر نەرسىنى ھىس قىلغاندەك بولدىڭىزمۇ؟

------------------------------------------------------------

  خوش داۋاملىق پاراڭ سوقىمىز!   نەزىرىمىزنى يىغىپ جوڭگوغا قاراپ باقايلى ، يېقىنقى زاماندىكى ئۈچ پادىشاھلىق قىسسىنىڭ تەقلىدى ۋاريانتى، جۇڭگودىكى ئەڭ داڭلىق  3  لا شىركەتنى تىلغا ئالايلى !
بۇلار تىڭشۇن شىركىتى ، ئالى بابا شىركىتى ۋە بەيدۇ شىركىتىدىن ئىبارەت  ... يەنە  تەكرارلايمىزكى   بۇلار ھۆكۈمەت ئىگدارچىلىقىدىكى جۇڭگو نىفىتى قاتارلىق شىركەتلەرنى چىقىرۋەتكەندە  تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتساق جۇڭگودا  ھۆكۈمەتتىن قالسىلا   باي شىركەتلەر ھىسابلىنىدۇ.  ئۇنىڭدىن كىيىنچۇ ؟   ئەلىۋەتتە بۇ ئۈچ شىركەتتىنىڭ كەينىدىكى جۇڭگودىكى ئەڭ باي 100 شىركەتنى تىزىپ كەلسەكمۇ  بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇشۇ ساھەگە ئائىت شىركەتلەر 70 چىقمىغاندىمۇ 50 تىن كەم ئەمەس
(دىققەت : بۇ تەخمىنى ھىساب )

ئاراڭلاردىن تاۋباۋ تورىنى بىلمەيدىغانلار بارمۇ ؟ ئاراڭلاردىن بەيدۇ تورىغا ئىھتىياجى چۈشمەيدىغانلار بارمۇ؟  ئاراڭلاردىن 360 ۋىروسخورىنى ئىشلىتىپ باقمىغانلار بارمۇ؟  بەلكىم باردۇ ئەمما ئىشىنىمەنكى ناھايىتى ئاز
ئاراڭلاردا كىيۇ كىيۇ نى ئىشلىتىپ باقىمغانلار ياكى ئىشلەتمەيدىغانلار بارمۇ؟ ھالبۇكى كۈنلەپ گەپ قىلمايدىغان  جىمغۇرلار چىقسا چىقىدۇ ،ئۇلىنىش تورىنىڭ ئادىرسىنىمۇ راۋان باسالمايدىغانلار چىقىدۇكى ئەمما ئۈندىدار بىلەن  كىيۇ كىيۇنى ئىشلىتىپ باقمىغانلار ئاساسەن چىقماسلىقى مۇمكىن ، ئۈندىدار خۇمارىچۇ؟  ئۇندىدارنى ئەمدى ئاچمايمەن دىگۈچىلەرنى تولا كۆردۇق ئەمما رەسمى ئايرىلغانلارنى ناھايىتى ئاز ئۇچراتتۇق ، ھالبۇكى 10 يىللاپ ئۆي تۇتقان قەدىناسىنى قويىۋىتىش يەنى ئايرىلىش بىلەن ئۈدىداردىن پۈتۈنلەي ئۆزىنى چەكلەش تەڭ ئورۇنغا قويۇلسا بەلكىم بەزى كىشىلەرگە كىيىنكىسى قىيىنراق تۇيۇلىشى مۇمكىن
بۇلار نىمىنى چۈشەندۈردۇ؟  ؟؟؟

---------------------------------------------------

بۇ  يەردە مۇنداق بىر  نۇقتىنى قىستۇرما شەكلىدە مۇلاھىزە قىلىپ ئۆتىمىز
ئىنسانىيەت مەدىنيىتى تارىختىكى ئەڭ شانلىق دەۋىرگە كىردى ، ئىلگىرى مەيلى تاش قوراللار دەۋىرى  ، مەيلى تۆمۈر قوراللار مەيلى يېقىنقى سانائەت ئىنقىلابى دەۋىرلىرى بولسۇن ھىچقاچان بۇنداق بىر دەۋىر بولۇپ باققان ئەمەس ، شۇنى ئىشەنىچ بىلەن ئېيتالايمىزكى ئىلگىرى نەچچە ئەسىر ھەتتا نەچچە ئون ئەسىردە تاماملىغا تەرەققىيات مۇساپىسىنى
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىردىن بۈگۈنگىچە بولغان دەل 20 يىل ۋاقىتتا نەچچە قاتلاپ بېسىۋەتتۇق .... ئۇنداقتا بۇنداق دەرىجىدىن تاشقىرى سۈرئەتتىكى تەرەققى قىلىش پۇرسىتىگە قانداق ئېرىشتۇق ،
ئەلىۋەتتە بۇنىڭ نۇرغۇن چۈشەندۈرۈش ئۇسۇللىرى بولىشى ئېنىق ئەمما ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدۇكى بۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى ماشنىلىشى ، كومپىيۇتېرلىشى ، مىسال : ئىپتىدائى جەميەتتە ئىنسانلار ھەپتىلەپ ئوۋ ئوۋلىمىسا ، كۈنلەپ كىر يۇيمىسا ، ئايلاپ - يىللاپ ئېتىز تېرىمىسا ھاياتى كاپالەتكە ئىگە بولمايتتى  ھەتتا يېقىنقى بىرقانچە يۈز يىلدىمۇ ئاددىسى ئەڭ يېقىنقى يېرىم ئەسىر ئىچىدىمۇ ئاساسەن شۇ قورساق ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش غېمى ئاساسلىق مەسىلە تەتقىقات،ئۆگىنىش قاتارلىق ئىشلار  قوشۇمچە مەسىلە ھىسابلىناتتى.

بىراق بۇ دەۋىردە ئوخشىمايدۇ ، ئىلگىرىنى قويۇپ مۇشۇ 20 يىلنى ئالايلى ئىنسانلار ئۆزى قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ، ۋاقىت ئالىدىغان  ئەمما مۇقىم فورمۇلالىشىپ كەتكەن ئىشلارنى ھەتتا خېلى قىيىنلىق دەرىجىسى بار جىسمانى ۋە يېرىم جىسمانى ئەمگەكلەرنى ماشىنلارغا ئۆتكۈزۈپ بەردى ، بۇنىڭ نىمىگە پايدىسى؟ مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە ، بىز قىلىشقا تىگىشلىك يەنە كىلىپ بىزنىڭ ۋاقتىمىزنى ئەڭ جىق خورىتىدىغان ئىشلارنى ماشىنلارغا ئۆتكۈزۋەتكەنىىڭ ئەڭ ئەقەللى ئىككى پايدىسى ، بىرىنجىدىن ئىش ئۈنۈمى بىز قىلغانغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە يۇقرى بولىدۇ، چۈنكى ماشىنلاردا ئالدامچىلىق ، كۆز بوياپ ھارام مائاش ئېلىش يوق ... ئۇلار ھېرىشنى بىلمەيدۇ.... ئىككىنجىدىن بىز ۋاقتىمىزنى خورىتىۋاتقان ھەم خوراتمىسا بولمايدىغان جىددى مۇھىم ئىشلاردىن قولىمىزنى بوشىتىپ تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىمىزنى ئازادە ھالدا  ئەقلى ئەمگەكلەرگە ، تەتقىقاتلارغا سەرىپ قىلالايمىز بۇيەردە يەنە بىر مەزمۇننى قوشۇمچە قىلىمىز  90-يىلىدىن 2000- يىلىغىچە بولغان ئالدىنقى 10 يىلدا ماشىنلاشقان دەۋىر دىسەك ھەم ئۇ 10 يىلنى ئىنسانلار تەرەققىيات سۈرئىتى جەھەتتىق يۇقرى رىكورت ياراتتى دەپ قارىساق  كىيىنكى 10 يىل يەنى 2000-يىلىدىن بۈگۈنگىچە
بولغان ۋاقىت كومپىيۇتېرلاشقان ۋاقىتتۇر.ھالبۇكى بۇ ئىلگىركى مشىلاشىش دەۋىرى بولغان 10 يىلنىڭ رىكورتىنى بۇزۇپ جۇلۇقىنى چىقىرۋەتتى!


دىققەت يۇقارقى سۆزلەر بىزگە قارتا ئېيتىلغان بولماستىن ئامىركا ، ياپونيە قاتارلىق ئومۇميۈزلۈك ماشىنلاشقاشقان ھەم كومپىيتېرىلاشقان جەمىيەتلەر ئۈچۈن ئېيتىلغاندۇر، نىمە ئۈچۈن؟ چۈنكى بىز ماشىنلاشتۇق  ياق ... ياق ماشىنلىش - ۋاتىمىز ئەمما تېخى كومپىيتۇېرلاشمىدۇق چۈنكى ئۇ دىگەن ئومۇمى جەمىيەت سىتاتىسكىسى پۈتۈن جەمىيەت ئاساسەن كومپىيتېرلاشقان. ئائىلە ياكى كارخانىدىن بىر-ئىككىسى بولسا بۇ جەمىيەت ھەرگىز ۋە ھەرگىز كومپىيۇتېرلاشقان سانالمايدۇ.

ئۇنداقتا  ماشنلىشى دىگەن نىمە؟ كومپىيۇتېرلىشىش دىگەنچۇ؟
مەسلەن : ئىلگىرى بىر سائەت ۋاقىت سەرىپ قىلىپ خېمىر يۇغارغان بولساق ھازىر خېمىر يۇغرىش ماشىنسى ئارقىلىق بىردەمدىلا يۇغۇرمىز ياكى يۇغرۇش جەريانىدا باشقا نۇرغۇن ئىشلانى قىلىۋالىمىز ئىلگىرى ئانىلار يېرىم كۈن ھەتتا بىر كۈنلەپ كىر يۇيغان ، قوللىرى قىززىرىپ ئىشىپ كەتكەن بولسا ھازىر پەقەت ئىككى ئىشىپ كەتسە ئۈچ  ئىش قىلىدۇ
بىرى جۈمەكنى تولغاپ ئاپتوماتىك كىرئالغۇغا سۇ قۇيدۇ
يەنە بىرى كىرئالغۇنى قۇلقىنى تولغاپ قوزغىتىدۇ ئاخىردا تەييار كىيىمنى ئېلىپ يايىدۇ
تامام مۇشۇنچىلىكلا بۇ جەرياندا باشقا قانچىلىك  نۇرغۇن ئەقلى ئەمگەكلەرنى ياكى باشقا زۆرۆر ئىشلارنى قىلىۋېلىش مۇمكىن؟ يەنە بۇلاردىن باشقا قاچا يۇيۇش ماشىنسى ، تاماق ئىتىش ماشىنسى  قاتارلىق ئادەم قىلىشقا تىگىشلىك ئەڭ زىل جىسمانى ئەمگەكلەرنى بىمالال ھەتتا ئاشۇرۇپ قىلالايدىغان ماشىنلار ساماندەك ، ئەگەر ئۇيىڭىزنى شۇلار بىلەن قوراللاندۇرسىڭىز سىز ئاساسەن بىكار بولۇپ قالىسز!  يەنى ماشىنلارنى خالىغانچە ئىشلىتىپ نۇرغۇن ۋاقتىڭىز تىجىلدۇ ئىھتىمال بۇ يېڭى ئىرادىكى قۇللۇق جەمئىيەتنىڭ نامايەندىسى بولسا كېرەك ئۇنداقتا كومپىيۇتېرلىشىش دىگەنچۇ؟ ھالبۇكى كومپىيۇتېرلىشىش تۇرمۇشىڭىزنى ئەڭ يۇقرى چەكتە  قولايلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە بىرقانچە مىسالىنىلا ئالساق كۇپايە
مەسلەن :  سىز ئۆيىڭىزنى چىرىقىنى ياندۇررماقچى ياكى ئۆچۈرمەكچى، ئۇنداقتا سىزئوقۇۋاتقان كىتاۋىڭىزنى   يېپىپ قويۇپ ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ چىراق كونتىروللىغۇچ يېنىغا بېرىشڭىز كېرەكما؟ ئەمەلىيەتتە بۇ جەرياندا ئاز دىگەندە 5~6 قۇر كىتاب ئوقۇپ بولۇشىڭىز مۇمكىن
شۇڭا سىز ئورنىڭىزدىن قوپمايسىز ھەتتا بىشىڭىزنىمۇ كۆتۈرمەڭ پەقەت يان- ياكى ئۆچ دىگەن سۆزنىلا قىلىپ قويسڭىز كۇپايە
داۋاملىق مىسال ئالايلى ، مەسلەن سىز ئەتىگەندە ئىشقا ماڭدىڭىز ، ئەمما يېرىم يولدا ئىشىكنى تاقاشنى ئۇنتۇپ قالغىنىڭىز ئىسىڭىزگە كەلدى.ئۇنداقتا سىز ئاتايىن كەينىڭىزگە يېنىشڭىز كېرەكما ؟  ياق ھەرگىز ئۇنداق قىلىپ سالماڭ پەقەت ئەقلىفونىڭىزنى چىقىرىپ ئۆي سايمانلىرى كونتىرول قىلىدىغان ئەپتىن ئىشىكنىڭ سېنزورىغا بۇيرۇق بېرىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. ئەلىۋەتتە بۇنداق مىساللار بەك كۆپ  مىنىڭچە ھازىر گەپنى ئۇزارتماي  مۇشۇنىڭ بىلەن كۇپايىلىنىپ تۇرايلى!

ئەمما بۇيەردە ناھايىتى خەتەرلىك بىر ئىدىيە قاراش بار! -- كىم دىگەن بولغىدى ئىدىيە بىلىمدىن مۇھىم دەپ
ھالبۇكى  ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە نەچچىڭلار بۇنچىۋالا بوپ كەتسە ئادەم ھورۇنلىشىپ كەتمەمدۇ؟ ئادەمنى كاردىن چىقارمامدۇ دەپ نارازى بولۇپ بولغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن
چۈنكى مەن  بۇنداق پىكىرلەرنى ناھايىتى كۆپ ئاڭلىغان ، ئەڭ ئاددسى ئاكىللىرىم - تاغىللىرمنىڭ ئۆيلىرگە پەتىلەپ بارغاندا  بەزى مەسلەھەتلەرنى بېرەتتىم

-ئاكا يەڭگەمگە خېمىر يۇغرۇش ماشىنىسى ئېلىپ بەرسەڭ بولمامدۇ؟
-نىمە ئۇ دەيتى ئاكام ماڭا قىزىقسىنىپ قاراپ
مەن - مۇنداق مۇنداق نەرسە دەپ چۈشەندۈرەتتىم
- قويەۋا  خوتۇن خەقنى بىكاچى قىلىپ ، يامان ئۆگىنىپ قالىدۇ ھورۇنلىشىپ

ساپلا مۇشۇنداق پىكىرلەر ، تېخى بەزىللىرى خېلى  قاتتىق كايىپ قالاتتى ، شۇ چاغلاردا "ھېلىمۇ كومپىيۇتېرلىشىش توغۇرلۇق تەكلىپ بەرمەپتىمەن بولمىسا تايىقىمنى يەيتىمكەن" دەپ ئويلاپ قالاتتىم
ئىشىنىپ تۇرۇپ ئېيتالايمەنكى بۇ مىنىڭ تۇغقانلىرىم ياكى مەن تونۇيدىغان بىرقانچە كىشىنىڭ پىكرى ئەمەس ، بەلكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشلەر شۇنداق دىيىشىدۇ
ئوخخو ھېي ئوغاباللا، ما ئاياللار بىژ تۆمۈ بولمىغاندىكىن  ئەتىدىن كەچكىچە ئىشقا سالماي ئەقلى ئەمگەك قىلغىلى،ئۆگەنگىلى ، كىتاب كۆرگىلى ، ئارام ئالغىلى ، بالا تەربىلىگىلى.... بىر بوشلۇق بىرىڭلا  دىگۈم كىلەتتى بەزىدە
ئەمەلىيەتتە بۇيەردىكى ئاساسلىق ، ھەم ئېغىر مەسىلە ئايالارنىڭ جاپا تارتىپ كىتىش مەسىلىسى ئەمەس ، بەلكى ئەقلى ئەمگەك قىلىشقا ، تەتقىقات ، تەجىربە ، ئىزدىنىشلەرگە ھىچ بولمىسا ئوڭدا يېتىپ تۇرۇپ تەپەككۇر (دىققەت:مەن تەپەككۈر دىدىم ، بەڭگىنىڭ خىيالى ئەمەس) قىلىشقا ئادەم كەم بولۇش مەسلىسىدۇر. بالىلارنى تەربىلەشكە ۋاقىت ئاشماسلىق مەسىلىسىدۇر  --- توغرا قاتار چاي ئويناش قاتارلىق ئىجدىمائى سەۋەبلەرنىمۇ ئويلاش كېرەك ئەمما بۇ مۇتلەق ئەمەس بەلكى ئاساسەن ---  ھالبۇكى ئۆز باللىرىغا ۋاقىت ئاجىرتالمايۋاتقان نى  نى  جاپاكەش ئانىلارنى كۆرگەنمەن
ياپون ئاياللىرىنى ماختاپ ئۇلارنىڭ بارلىرىنى دەھشەت تەربىلەيدىغانلىقىنى ، ئەرلىرىنى خوجايىندەك كۈتىدىغانلىقىنى ئۆينى .... ئىشقىلىپ پۈتۈنلەي ياخشى تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئۆز ئاياللىرىغا كايىيدىغانلار يوقتۇ ، ئەگەر بولسا مەن قارشى : بىرىنجى ۋە بىردىنبىر سۇئالىم سىز ئايالىڭىزغا ياپون ئاياللىردەك كۆپ ۋاقىت بەردىڭىزمۇ؟يەنى كىرلارنى قولدا ئۇۋلايدىغان ، قاچىلارنى قولدا يۇيدىغان ياپون ئائىلىسىدىن قانچىسى باردۇ؟

ھالبۇكى سىز ئايالىڭىز قىلىشقا تىگىشلىك جىسمانى ئەمگەكلەرنى ماشىنلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ئايالىڭىزنىڭ كىتاپ ئوقۇشغا ۋاقىت بوشلۇقى يارىتىپ بەرسىڭىز ئىشلار باشقىچە بولار بولغىيتى؟ توغرا! بۇنداق دەپ چىڭ تۇرۇۋالساقمۇ بەك بىتەرەپلىمە بولۇپ قالىدۇ ئەمما قەتئى دىمىسەكمۇ بولمايدۇ ، چۈنكى نوقۇل ئىجدىمائى ۋە ئىدىيۋى  كۆز قاراش مەسىلىلىرىدىن باشقا  ئىقتىساد قاتارلىق نۇرغۇن سەۋەبلەرمۇ بار ئەلىۋەتتە ، ئەمما مەن قاتتىق ۋە قاتتىق تەۋسىيە قىلىمەنكى زەررىچە ئىمكانىيەت بولسىلا شۇنداق قىلىش كېرەك چۇقۇم ۋە چۇقۇم شۇنداق قىلىش كېرەك چۈنكى سىز ياشاۋاتقان بۇ دەۋىر سانائەت ئىنقىلابى دەۋىرى ئەمەس بەلكى ئۇچۇر ئىنقىلابى دەۋىرى
بۇ سۆزنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ ئۇچۇر ئىنقىلابى دەپ .... ئاڭلىمىغان بولسىڭىز ھىچقىسى يوق بۇنىڭدىن كىيىن ئاڭلايسىز ، بۇ سۆزدىنمۇ  مەزكۇر كەسىپنىڭ ۋەزمىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ ، يەنى  ئەينى دەۋىردە ئىنسانلاردىكى ئەڭ مۇھىم كەسىپ سانائەتلىشى شۇڭا ئۇ دەۋىر سانائەت ئىنقىلابى دەۋىرى ئەمما بۇ دەۋىردە سانائەتنى كومپىيۇتېرلاشتۇرۇش ئەڭ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرماقتا شۇڭا بۇ دەۋىر ئۇچۇر ئىنقىلابى  دەۋىردۇر، ھالبۇكى  بىز ياشاۋاتقان بۇ دەۋىر ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بىلىم ئېلىش ئەڭ ئاسان بولغان دەۋىردۇر.

----------------------------------------------------

  ھەقىقەتەن ياخشىلىقمۇ يوق ئەمەس ،بۇ ساھەدە مەملىكەت بويىچە خەنزۇلاردىن قالسىلا  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئالدىدا بولۇشى بەلكىم بىزگە زور ئىلھام بولىدىغاندۇر، ئەمما بۇ بىرىنجىلىك  ھەرگىز قانائەتلىنەرلىك ئەمەس چۈنكى
مىياۋزۇ ، خۇيزۇ قاتارلىق 3 مىللەتتىن قالسىلا نوپۇسى ئەڭ كۆپ ، جۇغراپىيەلىك شارائىتى جەھەتتىن ، ئىلگىركى مائارىپ تەرەققىياتى جەھەتتىن ، مەدەنىيەت ئەندىزىسى جەھەتتىن ۋە باشقا نۇرۇغۇن جەھەتلەرددىكى  ئارتۇقچىلىق ، ئەۋزەللىكىلىرىنى ھىسابقا ئالغاندا
بۇ ھەرگىز قانائەتلىنەرلىك نەتىجە ئەمەس ، ئومۇمى جەميەت تەرەققىياتى جەھەتتىن گەرچە مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر تورخانىلارغا كىرىپ بولسىمۇ   كومپىيۇتېر ، ئىنتىرنىت  ۋە باشقا تېخىنىكىلىق ئۇچۇرلار بىلەن ئۇچراشقان بولسىمۇ
ئەمما بۇلار يەنىلا قانائەتلىنەرلىك ئەمەس ، مەن دەيمەن ، ھېلىھەم  بىرقانچە مىڭ يۈەن خەجلەپ  تىلۋىزور  سېتىۋالامسىز؟  مىنىڭچە ئاشۇ  بىر دانە تىلۋىزور ئورنىغا بىر دانە كومپىيۇتېر سېتىۋالغان مىڭ ھەسسە ياخشى

ئاخىردا سۆزمىزنى خۇلاسىلەيمىزكى ، تەرەققىيات  تارىختىكى ئەڭ شىددەتلىك دەۋىرگە كىردى ، مەيلى نىمىلا بولمىسۇن بىز ئۇنى -بۇنى قىلىپ يۈرۈپ  يىقىلىپ - قوپاپ يۈرۈپ بۇ ئالامانغا كىرىپ قالدۇق. نىمىلا دىمىگەن بىلەن بەرىبىر بۇ بىز تاللايدىغان ئەڭ ياخشى يول بولۇشى مۇمكىن ،  قايسىدۇر بىر ئالىمنىڭ مۇنداق بىر سۆزى ئىسىمدە قاپتۇ. «يېڭى ئېرادا ئىقتىسادى ئارقىدا قالغان مىللەتلەر ئۈچۈن  ئۇچۇر - تېخىنىكا ساھەسى ئاڭ ياخشى تاللاش»

------------------------------------

ئەسكەرتىش : ئەسەر پەقەت تونۇشتۇرۇش شەكلىدە يىزىلغان بولۇپ  ھىچقانداق سېلىشتۇرما ، يەنى باشقا كەسىپلەرگە سېلىشتۇرۇپ غەيرى تېخنىكا ساھەلىرنى  كەمسېتىش مەقسەد قىلىنمىغان شۇ سەۋەبتىن گەرچەد  مەزكۇر ساھەنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى  كۆپرەك تىلغا ئالغان بولساقمۇ  ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاكتىپ نۇقتىدا  تۇرۇپ ئوقۇپ چىقىشنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن
ئەگەر بىزدىن كەتكەن تەرەپلىرى بولسا ئالدىن ئەپۇ سورايمەن  ،  بۇ ماقالىدىن كىيىنمۇ ئەھۋالغا قاراپ  ۋاقتىم ۋە سەۋىيەمنىڭ يىتىشچە كەسپىم ھەققىدە بىر قىسىم ماقالىلەرنى يىزىپ سىزلەرگە سۇنۇشقا تىرىشىمەن


   مەزكۇر ماقالىنى ۋە ئىلگىركى ماقالىلىرىمنى خالىغان تورلارغا تارقاتسڭىز ، خالىغانچە (قانۇنغا خىلاپ بولمىسىلا) پايدىلانسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر ھەممە ماقالىلىرىمنى بىر ئۆلچەملىك ئىلىكىتاب قىلىپ ياساش مۇمكىن بولسا بۇ مەن ۋە باشقا  ئىھتىياجى بار قېرىنداشلار ئۈچۈن بىر كاتتا ياخشىلىق ھىسابلىناتتى.


-رەھمەت
-مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچى
-2014.6.24


--------------------------------------------------------------------


تەكلىماكان تورى


www.taklimakan.net


--------------------------------------------------------------------





ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80066
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3478
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 06:38:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماقالە ياخشى يىزىلپتۇ. مەنمۇ ئۇچۇر باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان.
ئىنرگىيە ،ماددا ،ئۇچۇر ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشنى ھەمدە تەرەققىياتىدا بىرىسى كەم بولمايدىغان ئامىل .
ئۇچۇر-تېخنىكىدا كېيىن قالغانلار  قالغان ئىككى ئامىلىدىن تىزلا ئايرىلىپ قالىدۇ.
ئۇچۇر سودا ساھەسىدە مۇھىم.
ئۇچۇر=پۇل

人生最重要的不是所站的位置,而是

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23806
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6202
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2010-12-25
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 07:39:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېما بەك ياخشى يېزىلىپتۇ. بىز ھازىر كەچكىچە « يېقىنقى يىللاردا پۇل تېپىش تەس بوپ كەتتى » دەپ قاخشاپ يۈرىمىز. ئەمىلىيەتتە يېقىنقى 10 يىل مابەينىدە ، مەيلى چەتئەلدە بولسۇن ياكى جوڭگۇدا بولسۇن نۇرغۇن بايلار بارلىققا كەلدى. بۇ بايلارنى ئاساسەن دىگۈدەك تور ئۇچۇر تېخنىكىسى  ۋۇجۇتقا كەلتۈردى. ئۇلارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياراتقان  شۇ بايلىقىنى ئەنئەنىۋى سودا ئۇسۇلى بىلەن بىرنەچچە ئەۋلاد كىشىلەر توختىماي بىرنەچچە ئەسىر تىرىشىپمۇ تاپالمايدۇ دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.
2008-يىلى بىر يىل ئىچىدىلا خاڭجۇ شەھرىدە 2000 دىن ئارتۇق مىليادېر بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تاۋباۋ ۋە ئالىبابا تورى يېتىشتۈرۈپ چىققان، يەنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى تور-ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قورال قىلىپ تۇرۇپ شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن قىممەت ياراتقان.
ئەنئەنىۋى سودا ئەندىزى بارا-بارا يىمىرىلىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ،يېتىشىپ ماڭالمىساق بۇنداق پۇرسەتلەر ھەرگىز  بىزنى ساقلىمايدۇ، بىزدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىدۇ، خالاس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10551
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9606
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1741 سائەت
تىزىم: 2010-9-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 09:03:41 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ماقالە، ئاپتۇرغا تەشەككۈر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105932
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 189
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 282 سائەت
تىزىم: 2014-4-11
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 09:10:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلىڭىزغا ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم، رەھمەت سىزگە.
‏ھازىرقىدەك كەسكىن رىقابەت خىرىسى ئىچىدىكى ئۇچۇر دەۋرىدە بىز كۆپلىگەن ۋاقتىمىزنى ئەقلىي ئەمگەككە، تەتقىقاتقا سەرپ قىلساق، كومپىيوتىرلىشىشتىن ئىبارەت ئەۋزەللىكتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ۋاقتىمىزدىن  ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە پايدىلانساق، بىز ئېرىشىدىغان نەتىجە ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.
‏مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پايدىلىق تىمىلارنى سۇنۇپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aisadap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-25 09:46 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6587
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 12:06:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇچۇر باشقۇرۇش ياخشى كەسىپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 693
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9274
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 1834 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 12:37:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا  دەيسىز ! ھەممە ساھە ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن قۇراللانسا  قىلىۋاتقان ئىشلىرى رۇناق تاپقاي

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7573
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7693 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 07:17:39 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قەۋىم ياكى رايۇننىڭ ئۇچۇر تېخنىكاسەۋىيىسنى يۇقىرى كۆتىرىپ خەلقئارالىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش شۇ توپتىكى ھەر بىر كەسىپ ئىگىسىنىڭ بۇرچى. بىز ھېلىمۇ تىرىشىپ تىل يېزىقىمىز ئىنتېرنېت مۇھىتىدا ئەركىن ئىشلىگىدەك ھالەتكە ئېلىپ كەلدۇق. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاز جاپا تارتىمىدۇق. ئەمدى بىز  ئېلىكتېرون تېخنىكىسىنى ياخشى ئىگەللەپ تىرىشىپ ئىلگىرلەيدىغان بولساق دىيارىمىزدىلا ئەمەس ھەممە يەردە بىزنىڭ رولىمىز بۇلىدۇ. شۇ ئارقىلىق تەرەققىياتقا يول ئاچىمىز.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش