چىن ئەقىدە
ئۇچۇپ كەتتىڭ يىراققا، مېنى تاشلاپ پىراققا. قانداق چىداي گۈزەلىم، زەھەر ئاچچىق ئازاپقا. نازىيە كۆڭلىدە:«خۇداغا شۈكرى!ئاخىرى خىزمەتكە ئورۇنلاشتىم، ئەمدى دادامنىڭ كېسىلىنى داۋالىتالايدىغان بولدۇم،سىڭلىممۇ مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولدى.ھەجەپ ياخشى بولدى!»دېگەنلەرنى ئويلاپ كېتىپ باراتتى.تۇيۇقسىز:«توڭ»قىلغان ئاۋاز بىلەن نازىيەنىڭ بېشىدا يۇلتۇز چۆرگىلەپ كەتتى. نازىيەنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن بىر يىگىت نازىيەگە قاراپ توختىماي كۈلىۋاتاتتى. نازىيە سەل ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن ھېلىقى يىگىتكە قاراپ تۇمۇشۇقىنى ئۇشلىغىنىچە يىغلامسىراپ كېتىپ قالدى. بەلكىم بۇ يىگىتكە نازىيەنىڭ بۇ ھالىتى شۇنداق قىزىق تۇيۇلۇپ كەتسە كېرەك خېلىغىچە كۈلكىسىنى توختىتالمىغانىدى. مانا نازىيە ئۆيىگە قايتىپ كېلىپلا كارۋاتتا ئاغرىق تۇتۇپ ياتقان دادىسىغا،ھەمدە دادىسىغا قاراۋاتقان سىڭلىسىغا بۇ خوش خەۋەرنى يەتكۈزدى. دادىسى ۋەسىڭلىسى بۇ خوش خەۋەرنى ئاڭلاپ قەۋەتلا خۇش بوپ كەتتى. بۇ خوش خەۋەرنى ئاڭلىغان بۇبىر ئائىلە كىشىلىرى خۇددى يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىسىنى تېپىۋالغاندەكلا قەۋەتلا خۇش بوپ كەتكەنىدى.ئەمما يەنە كىممۇ بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئۈستىدە قارا بۇلۇتنىڭ چۆرگىلەپ يۈرگىنىنى بىلسۇن دەيسىز. ئۇلار بەك خۇش بولغاچقا ئىنتايىن كەچ ياتقانىدى. نازىيە كىچىكىدىن تارتىپ ئىنتايىن ئىش ئوقۇدىغان، ئەخلاقلىق، چىرايلىق، پاكىز چوڭ بولغان قىز ئىدى. ئەمما ئالىي مەكتەپكە چىققان يېلى ئانىسى كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. بىچارە قىزغا ئانىسىنىڭ ئۆلىمۇ بەك ئېغىر كەلگەچكە خېلى ۋاقىتقىچە ئاغرىپ يېتىپمۇ قالدى. ئەمما نازىيە چوڭ بولغانداخىزمەت قىلىپ دادىسىنى بېقىش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپنى ئوقۇش قارارىغا كەلدى. ئۇلارنى ڭئائىلىسى نامرات بولغاچقا نازىيە بىر تەرەپتىن ئوقۇسا بىر تەرەپتىن ئىشلەيتتى.ئائىلىسى نامرات بولغانلىق سەۋەبىدىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىسىدا ئىنتايىن يۇقۇرى نۇمۇرئالغان نازىيە ھەقسىز ئالىي مەكتەپتە،ئۆزى ياقتۇرمايدىغان كەسىپنى تاللاشقا مەجبۇر بولدى.شۇنداقتىمۇ ئۇ كىيىن خىزمەتكە ئورۇنلۇشۇپ دادىسىنى باقالايدىغانلىقىنى ئويلىسىلا تىرىشىپ ياخشى ئوقۇيتتى.شۇڭىلاشقا ئۇ ئالىي مەكتەپنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۇتتۇردى.ئەمما بولمىغىنى دادىسىنىڭ كېسىلى بارا-بارا ناچارلىشىپ كېتىپ باراتتى… ئەتىگىنى ئەقىدە ئورنىدىن قوپقان چاغدا يېنىدا بىر پارچە خەتنىڭ بارلىقىنى بىلدى دە-خەتنى ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدى. خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: ۋاپاسىزداداڭلاردىن قىزلىرىم،نازىيە،ئالىيە.مەندەكداداڭلارنى كەچۈرۈڭلار.مېنىڭمۇ ۋاقتىم ئاز قالدى بولغاي... قىزلىرىم،نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقى سىلەرگە يۈك بوپقالدىم.بىر ئەركەك تۇرۇپ سىلەرنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرمەستىن بەلكى سىلەرگە يۈك بوپقالدىم.نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقى ماڭا ئىنتايىن ياخشى قارىدىڭلار.ئاللاھنىڭ مېنىڭدىن سىلەردەك پەرىشتە سۈپەت پەرزەنتلەرنى ئاپىرىدە قىلغىنغا مىڭ شۈكرى. قىزلىرىم،مەن سىلەرگە رەھمەتلىك ئاپاڭلارغا بىرەر كۈن بولسىمۇ كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرسىتىپ باقمىدىم،باقمىدىم ئەمەس ئۇنداق كۈننى كۆرسىتىشكە قۇربۇم يەتمىدى.شۇنداقتىمۇ،تۇرمۇشۇڭلارغا شۈكرى قانائەت قىلىپ،مەندىن بىرەر قېتىممۇ نارازى بولماي ياشاپ كەلدىڭلار.باللىرىم،مەن سىلەرگە رەھمەتلىك ئاپاڭلارغا كۆپ قەرىزدار.مەن بۇ قەرىزلىرىمنى بۇ ئۆمرۈمدە قايتۇرۇپ بولالمايدىغان ئوخشايمەن.ئاللاھ خالىسا ،بۇ قەرىزلەرنى ئۇ دۇنيادا قايتۇرارمەن.مەن بۇ دۇنيالىقتا بىرەر قېتىم ۋىجدانىمغا خىلاپ ئىش قىلىپ باققان ئەمەسمەن.مەنمۇ سىلەرنىڭ ۋىجدانىڭلار خىلاپ ئىشلارنى قىلماي،ھەقىقىي ئۇيغۇر قىزىدەك ياشىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن. قىزىم نازىيە ،سىز ئالىيەدىن چوڭ،سىڭلىڭىزنى سىزگە تاپشۇردۇم، سىڭلىڭىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭ.مەن بولمىساممۇ ئاللاھ بار...ھە راس قىزىم نازىيە ياستۇغۇمنىڭ ئاستىدا بىر بانكا كارتىسى بار، ئۇنىڭدا جىق پۇل يوق،ئەمما بىر ئازخىراجەت قىلىشىڭلارغا يېتىدۇ.مەخپىي نۇمۇرى سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز.ئەڭ ئاخىرىدا،باللىرىم،مەن سىلەردىن رازى،مەن سىلەرنى ئەمدى قوغدىيالمايدىغان بولدۇم. ئەلۋىدا، ۋاپاسىز داداڭلاردىن. مەنبە:ئۆزەمدىن (قارا يامغۇر تامچىسى) مەن بۇ ئەسەرگە تەييارلىق قىلغىلى بەك ئۇزۇن بولدى مۇنبەر باشقۇرغۇچلىرىنىڭ تەستىقلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن. ئەسكەرتىش:ھىكايىنىڭ داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ،ھەمدە ئەڭ تېز سۈرەتتە يوللاشقا تىرىشىمەن. مەنمۇ بىر ئاددىي ئىنسان بولغان بولغاچقا خاتالىقلاردىن خالىي بولالمايمەن،كۆپچلىكنىڭ كۆپرەپ پىكىر بېرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن. ئەسەرنى ئاپتۇر ھۇقۇقىسىز كۆچۈرۈشكە، باشقا مۇنبەرلەردە ئىلان قىلىشقا بولمايدۇ.ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-25 04:28 PM
|