يىغلامسىراپ كۈلۈپلا قويدۇم
ئاپتورى : خەيرۇللا قۇربان
نىسىۋەمدىن رىسىق تاپالماي ،
ھەقىقەتكە ئېغىز ئاچالماي ،
ھاجەتمەنگە چاپان ياپالماي ،
تۇپرىقىمدىن بايلىق ئاچالماي ،
يىغلامسىراپ كۈلۈپلا قويدۇم .
يۈلەلمەستىن ئاجىز – يىتىمنى ،
تۈكەلمەستىن ۋاپا – مىھرىمنى ،
سۈيەلمەستىن ئەلنى – قەۋمىمنى ،
بىرەلمەستىن ئەجىر – قەدىرىمنى ،
يىغلامسىراپ كۈلۈپلا قويدۇم .
كۆزلىرىمگە پاتسىمۇ ئىللەت ،
ماڭا مۇھتاج بولسىمۇ مىللەت ،
زەھەر كەبى تۇيۇلۇپ ھىكىمەت ،
مۇھەببەتتىن ئالماستىن ئىبرەت ،
يىغلامسىراپ كۈلۈپلا قويدۇم .
تامچە سۇدەك شۇلا بىرەلمەي ،
قۇياش كەبى مىھىر تۆكەلمەي ،
ئەركەككە خاس مەغرۇر يۈرەلمەي ،
نىشانى بار خىيال سۈرەلمەي ،
يىغلامسىراپ كۈلۈپلا قويدۇم .
سېتىۋىتىپ ۋىجدان غورۇرنى ،
خىيال قىلىپ شاھلىق ھوزۇرنى ،
ياۋغا بېرىپ بىرلىك كوزۇرنى ،
سېتىپ غاجاپ ئۆزلۈك ئۇيغۇرنى ،
يىغلامسىراپ كۈلۈپلا قويدۇم .
ھەۋەس قىلىپ ياتنىڭ تىلىغا ،
ئازار بېرىپ ‹ ئانام تىلىغا › ،
ھەسەل بولۇپ خائىن دىلىغا ،
گىياھ بولماي ئۇيغۇر بېغىغا ،
يىغلامسىراپ كۈلۈپلا قويدۇم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تاڭنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-25 11:38 AM