ئادەتتىكى ئەزا
تەشنا يۈرەك مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق» تېلفۇنۇمغا قارايمەن تېنەپ، يارنى ئۇچۇر قىلارمىكىن دەپ. تاتلىق شىرىن سۆزلىرى بىلەن، يۈرۇگۈمنى تىلارمىكىن دەپ. … بىلەلمىدىم بولدى نە سەۋەپ. بىرەر ئۇچۇر قىلمىدى ئەجەپ. كۆزلىرىمدىن كەتمەي سىياقى. يۈرەك دىلىم تىنمىدى ئەسلەپ. … كۈندۈزدىمۇ يۈرىمەن ئەسنەپ، كېچىلىرى ئۇيقا يوق ئەسلەپ. قالماس ئېدىم بۇ كۈنگە بەلكىم، يولۇقمىسام ئۇنىڭغا دەسلەپ. … 2014-6-19 ... غېرىپ ئاشىق مەھەللەڭدە يۈرىيمەن ئەجەپ، سېنى يەنە كېلەرمىكىن دەپ. كېتەلمەيمەن ئايلىنىپ يىراق، كۆيگىنىمنى بىلەرمىكىن دەپ. ئۈزەلمەيمەن سەندىن كۆزۇمنى، دىيەلمەستىن سۆيگۇ سۆزۇمنى. سۆيگۇ ئىزھار قىلالماي ساڭا، يۇشۇرۋالدىم سەندىن ئۆزۇمنى. تونىمايسەن كۆرسەڭمۇ مېنى. ئۈمۈت بىلەن كۈتىمەن سېنى. ئاشىق دېگەن مەندەك غېرىپمۇ؟ ئەي مۈھەببەت ئېيتقىنا قېنى. جامالىڭغا قانمايمەن قاراپ، لىكىن تىزلا كېتىسەن ئۇزاپ. ھەسرەت بىلەن ساقلايمەن يەنە. شاماللاردىن ھىدىڭنى پۇراپ. 2014-6-16 ئوغلۇمغا
پاش قىلىش
يىـڭى ئــەزا
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئالىي ئەزا
تىرىشچان ئەزا
TAXNAI2 يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 12:52 PM سىزنىڭ ھەممە شىئېرىڭىزنى ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن .... بۇ قېتى ...
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ