مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 223|ئىنكاس: 3

كۈلدۇق بىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61204
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10731
تۆھپە نۇمۇرى: 1990
توردا: 367 سائەت
تىزىم: 2011-10-19
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەجدات ماڭغان يوللارنى ، ھارماي داۋام قىلدۇق بىز،
مۇشت تەڭلىسە نامەرتلەر ، يۈرەك-باغرى تىلدۇق بىز.

يانماي جەبرى - زۇلۇمدىن ، ئۇرۇق ئۈزمەي تۇلۇمدىن،
ئاپتاپ چۈشكەن باشلارنى ، مىھېر بىلەن سىلىدۇق بىز.

كىملەر  ياخشى ، كىم  يامان ، ۋاپا  قىلمىغان  زامان،
ئەگرى - توقاي يوللاردىن، ئەڭ ياخشىنى بىلدۇق بىز.

ئەجدات بەرگەن مىراسلار ، ئەسكەرتىشلەر ھەق راسلار،
ۋەزنى تەككەچ يۈرەككە ، پاك  نەزەرگە  ئىلدۇق  بىز.

ئىزدىن  ئۈنگەن  مايسىلار ، ئىز باسار تاڭ قايسىلار،
ئىزنى باسقان ئىزلاردىن ، كۆڭۈللەر خوش كۈلدۇق بىز.


               گەپلىشىپتۇ


كۆپ ئاڭلىدىم بەزىلەر سەت گەپلىشىپتۇ،
بىر - بىرىنى ھېيىقماستىن چەكلىشىپتۇ.
تولسا چۆنتەك شەيتانلارنىڭ تەڭگىسىگە،
ھېچ كىشىنى ياراتماستىن سەكرىشىپتۇ.

ئالىم ، دانىش يەڭلىرىنى تۈرگەن بىلەن،
شاھلىرىمىز سۈرگىن قىلىپ سۈرگەن بىلەن،
توختىماستىن تارتسا گۈللۈك يۈگەن بىلەن،
ھەممە  بىلگەن  قانۇنلارنى  يەكلىشىپتۇ.

ئەسكىلىككە قىيالماستىن يۈردى قانماي،
ھەممە ئادەم ساراسىمدە يولدا ماڭماي،
ئۇ ئالەمگە كەتسىمۇ ھەم پەيلى يانماي،
تۇخۇم تۇرۇپ تاشقا تاياق تەڭلىشىپتۇ.

ئاسماندىكى يۇلتۇزلىرىڭ يەردە بارمۇ؟
ئۆزگىلەرنىڭ ساڭا پۈتمەس قەرزى بارمۇ؟
يا بولمىسا بېشىڭلارنىڭ دەردى بارمۇ؟
ياخشى-يامان ئايرىماستىن جەڭلىشىپتۇ.

ئۆزىڭىزچە شىرىن خىيال سۈرگەن بىلەن،
ئىش ئاقمايدۇ قېچىپ قاقشاپ يۈرگەن بىلەن،
نەچچە  ئاۋاق  يەڭلىرىنى  تۈرگەن  بىلەن،
ئىشى پۈتمەي گالغا پىچاق كەپلىشىپتۇ.




مەنبە-قاراقاش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablikim.karkax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-25 03:36 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزگىچە    ،ياخشى تىما  تاللاپسىز ...يېڭىچە مەزمۇنلار ئىپادىلنىپتۇ.....
سىزگە يەنىمۇ چوڭ نەتىجىلەر تىلەيمەن....

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 86
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاش تۇخۇمنى چاقىدۇ ھامان،
تۇخۇم ئۆلۈپ كۆز يۇمار شۇئان.
پەلەك تەتۈر ئايلانغان كۈنى،
بىراق تاشمۇ قالمايدۇ ئامان!

قەلب خاتىرەمدىن:

بەك ياخشى يېزىلغان شېئىرلار ئىكەن.
قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104553
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 544
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2014-3-8
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ...

ئويۇڭ يەتكەن يەرگە قولۇڭمۇ يېتىدۇ، بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى، خالاس...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش