رۇخسەت بىرىڭ جان مۇدىر
(ساتىرا)
تۆتتاش
ئەتە تويغا بارمىسام زادى بولماس پەقەتلا،
ئەگەر رۇخسەت بەرسىڭىز خۇش بۇلىمەن قەۋەتلا،
ئەمدى رۇخسەت ئالمايمەن پەقەت مۇشۇ نۆۋەتلا،
بۇيۇنتاۋلىق قىلمايمەن رۇخسەت بىرىڭ جان مۇدىر.
بولسا قانداق ئىشىڭىز،دەرھال بەجا كەلتۈرەي،
مېھمان قىلىپ دائىما خوراز، پاخلان ئۆلتۈرەي،
ھەييار بۇلۇپ گەپ سۆزدە كۈندە سىزنى كۈلدۈرەي،
سۆزىڭىدىن چىقمايمەن رۇخسەت بىرىڭ جان مۇدىر.
ماس كەلمىگەن خىزمەتنى گۆدەكلىكتە ياق دىدىم،
تەپەككۈرلۈك كاللام بار مەن ھەممىڭدىن ساق دىدىم،
تۈمۈر تاۋاق بار مەندە مۇئاشىم بار باق دىدىم،
تۇر دىسىڭىز تۇرۇمەن رۇخسەت بىرىڭ خان مۇدىر.
خاتالىقىم بولغاچقا ئالدىڭىزدا ناماقۇل،
كۆپ پۇشايمان قىلدىممەن دەيمەن ئەمدى ھەماقۇل،
ئەمدى سىزنى قوغدايمەن بۇلۇپ مەڭگۈ باقاۋۇل،
ھەيۋىڭىزدىن بەك قوقتۇم رۇخسەت بىرىڭ جان مۇدىر.
2014-يىلى 24-ئىيۇن
توقسۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-25 11:24 AM