مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2677|ئىنكاس: 28

ئويناشماڭ ئەرباپ بىلەن، باپلايدۇ ھەر باپ بىلەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104541
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 875
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2014-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 11:03:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئويناشماڭ ئەرباپ بىلەن، باپلايدۇ ھەر باپ بىلەن


(راست ئىشلار خاتىرسى)

تۆتتاش


   بۆگۈن ھەقىقەتەن كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم. ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ ئۆيگە كىلىپلا كومپىيوتىرنىڭ ئالدىغا كىلىپ بۆگۈنكى بۇ ئاچچىق ساۋاقنى كۆپچىلىككە سۇنۇپ ئازراق بولسىمۇ روھى جەھەتتە يىنىكلەپ قالاي دىگەن ئۈمىتتە بۇ قۇرلارنى يىزىۋاتىمەن.

   مەكتەپ مۇدىرىمىزنىڭ مەن خالىمىغان ئىشنى قىلىشنى بۇيرىغانلىقى، مىنىڭ رەت قىلغانلىق بىلەن قايناۋاتقان قازانغا سوغاق سۇ قۇيغاندەكلا جىمىجىت ئاخىرلاشتى.

   دىمىسىمۇ مەن تەنتەربىيە  ئوقۇتقۇچىسى تۇرسام ماۋسۇملۇق، باسقۇچلۇق ئىنتاھان مەزگىلىدە باشقا بىر ئوقۇتۇش گورۇپپىسىغا(سىياسى-تارىخ جوغراپىيە ئوقۇتۇش گوروپپىسىغا) چىقىپ ئىنتاھان قەغىزى تەكشۈرۈش زادىلا ئىدىيەمدىن  ئۆتمىدى. ئۇنىڭسىزمۇ ماۋسۇم ئاخىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە دەرس نەتىجە جەدۋىلىنى ئىشلىمەكمۇ ئاسان ئەمەستە. ھەر بىر سىنىپنىڭ ماۋسۇملۇق ئىنتاھان نەتىجە جەدۋىلى، دۆلەتلىك چېنىقىش ئۆلچىمى ۋە يىللىق تەنتەربىيە نەتىجە جەدۋىلى بۇلۇپ ئۈچ جەدۋەل  جەمى ئون ئىككى جەدۋەلنى(مەن جەمى تۆت سىنىپقا دەرس بىرىمەن)ئىشلەش ئۆچۈنمۇ  خېلى ۋاقىت كىتىدىغانلىقىنى مەكتەپ مۇدىرى بىلمىسە كېرەك.

   ئاخىرى مەن ھەر بىر ئوقۇتۇش گوروپپىسىكى خىزمەتنى شۇ گورۇپپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى قىلىشى كېرەكلىكىنى، مەنمۇ ئەتىگەنلىك چۈشلۈك گىمناستىكا ئوينىتىش، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ۋە تۈرلۈك يىغىنلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەش، بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش،  يىغىن ئىنتىزامىنى ساقلاشتەك ئىشلارنى تەنتەربىيە ئوقۇتۇش گوروپپىسى قىلىدىغانلىقىمىزنى ئەسكەرتىپ  بۇ ئىشنى قىلماسلىق توغرىسىدا مۇدىرنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغاندا مۇدىرنىڭ: سىز مىنىڭ ئالدىمغا ھاجەتمەن بۇلۇپ كەلمەمسىز دىگەن كىنايىلىق گەپلىرىگەجاۋابەن، چۈشتىن كىيىنلا ئالدىڭىزغا كىرىپ ئەتىكى باجامنىڭ ئوغلىنىڭ تۇيىغا رۇخسەت سوراش ئۆچۈن ئالدىغا كىلىدىغانلىقىمنى دەپ چىقىپ كەتتىم.

ئىشتىن چۈشۈشتىن ئىلگىرى رۇخسەت سوراش ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ ئالدىغا ئەكىرەي دەپ تۇرسام مۇدىر ئىشتىن چۈشۈپ كىتىپ قالدى. مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئوقۇتۇشقا مەسئۇل ئىلمى مۇدىرىمىزمۇ  ھازىرقى ئىنتاھان مەزگىلدىكى بارلىق رۇخسەتنى مۇدىرنىڭ بىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇدىرغا تېلىفۇن قىلىپ رۇخسەت سورىشىمنى ئەسكەرتتى.

مەن ئامالسىز مۇدىرغا تېلىفۇن قىلسام ئالمىدى.(بەلكىم ئاڭلىمىغان بۇلۇشى مۇمكىن).

   دەل شۇ چاغدا ئىلمى مۇدىرنىڭ ئىش ئۈستىلىدىكى باشقا بىر خىزمەتدىشىمنىڭ ئەتىكى بىر كۈنلۈك رۇخسەت سوراش ئىلتىماسىنى كۆرۈپ قۇلۇمغا ئېلىپ قارىسام مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرنىڭ رۇخسەت بەرگەنلىك ئىمزاسى  بار ئىكەن. مەن يەنە مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرغا باشقىلارغا پۈتۈن كۈن رۇخسەت بىرىپسىز ئەجىبا ماڭا ئەتە چۈشتىن بۇرۇن يېرىم كۈنلۈك رۇخسەتمۇ بەرمەمسىز دەپ سورىسام، بۇ  خىزمەتداش مەكتەپ مۇدىرغا ھازىر تېلىفۇن قىلىپ رۇخسەت ئالدى سۇڭا مەن ئىمزا قويۇپ بەردىم دەپ جاۋاپ بەردى.

مەن ئامالسىز يەنە بىر قېتىم مۇدىرغا تېلىفۇن قىلدىم. تەلىيىمگە مۇدىرنىڭ ئاچچىقى ياندىمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ تېلىفۇننى ئالدى. مەن رۇخسەت سوراش ئىشىنى ئېيتسام ماڭا رۇخسەت بەرمەيدىغانلىقىنى،مۇدىرنىڭ ئىككى ئېغىز گىپىنى ئالماسلىق سەۋەبىدىن مىنىڭمۇ گىپىمنى ئالمايدىغانلىقىنى رۇخسەت بەرسە باشقىلارنىڭ ئالدىدا لەت بۇلۇدىغانلىقىنى، كىيىنكى  قېتىملىق رۇخسەتلەردە ئويلىنىپ باقىدىغانلىقىنى شۇڭلاشقا تويغا ئەتە چۈشلۈك دەم ئېلىشتا بارسام بۇلۇدىغانلىقىمنى ئېيتتى.

مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئىلمى مۇدىرمۇ  ئامال قىلالمىدى.مەن ئاخىرى ئەتە مەكتەپكە بېرىپ سائەت 8:30 دا قايتىدىن مۇدىردىن رۇخسەت ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ ئۆيگە يېنىپ كەلدىم.

مەكتەپ مۇدىرنىڭ ئىدىيەسىدىكى شەخسى خاپىلىقنى خىزمەتكە  ياڭزاپ ئالمىسىمۇ بۇلاتتى.

ئويناشماڭ ئەرباپ بىلەن، باپلايدۇ ھەر باپ بىلەن دىگەن گەپنى كۆپ ئاڭلىغان، لېكىن بۇ كۈنلەردە مىنىڭ بېشىمغا كەلگەندىلا ئاندىن بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنۈپ  يەتتىم.

كىم بىلسۇن ئەتىمۇ رۇخسەت ئالالمامدىم تېخى. ناۋادا رۇخسەت  بەرمىسە يېرىم كۈن خىزمەت تاشلاپ ئايالىمنىڭ ۋە مىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ئالدىدا ئايالىمنىڭ ئابرويىنى قىلماقتىن باشقا چارە قالمىدى.


2014-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى. توقسۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-25 11:23 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6599
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 501 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 11:27:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشەنمىدىم

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
بانكىر + 10 بەك دۆتكەنسىز.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97024
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 697
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2013-8-17
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 11:42:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغىرا قىپسىز ھەم توغىرا ئويلاپسىز. بوزەك بولسىڭىز داۋاملىق بوزەك ئىتىدۇ، بىر قىتىم لەت بولسىڭىزمۇ ئۇ مۇدىرغا ئۆزىڭىزنىڭ ھەقنى ياقىلايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويىشىڭىز كىرەك. ئەتىكى ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن.

ھېلىقىدەك ئەسەرلەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز قىنى مەرھەمەت.www.pixwa.cn

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12410
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32471
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4469 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 12:28:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا تىللار ئىچ پۇشىقىڭىزنى چىقارماپسىز...

بىر قىسىم ساپاسىز،مۇدىر بولۇش سالاھىيىتى يوق نېمىلەر مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ كەتتى ھازىر...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14417
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11212
تۆھپە نۇمۇرى: 654
توردا: 2470 سائەت
تىزىم: 2010-10-18
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 12:41:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق بولاتتى ، ئۇلار ھەر باپ بىلەن ئۆز ئىناۋىتىنى قوغدايدۇ ، سىز بولسىڭىزمۇ بەلكىم شۇنداق قىلاتتىڭىز !

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1598
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10869
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2210 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 12:45:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچى بىلەن مۇدىرلار ئارىسىدىمۇ روخسەت سوراش ئىشلىردا مۇشۇنداق قاملاشمىغان ئىشلار يۈز بىردىكەن دىسە..........   مۇدىر بولغۇچى سەل كەڭقۇرساق بولمىسا قەتتى ياراشمايدۇ..........  راسا تىللاپ   ئاندىن  خىزمەت ئالمىشىپ كەتمەي تازا   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zulpukar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-25 12:47 AM  



ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 858
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1827
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 3112 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 01:01:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاچچىق بولسىمۇ دەپ قويغۇن كىلىۋاتىدۇ ، مۇدىر باشقىسىغا رۇخسەت بىرىپ نىمىشقا سىزگە بەرمەيدۇ ، مىنىڭچە سىز ئۆزىڭىزنىڭ باشقىلار بىلەن كىشىلىك مۇناسىۋەت باغلاش تاكتىكىسى توغۇرلۇق قايتا ئويلىنىپ بىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ! بۇ دىگىنىم سىزدە گۇناھ بار دىگىنىم ئەمەس ، ئۆزىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىپ بىقىڭ دىمەكچى ، بەلكىم بۇنداق ئىشلارغا كىيىنمۇ  كۆپ ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن .

بۇلبۇللار تۇتقىن بولدى يۇرتنى بۇلغىدى قاغا ،
كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈن ئىسىلۇر دارغا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100265
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-14
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 01:06:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رۇخسەتبەرمىسە ئاغرىق ئىسپىراپكىسى تاشلاڭ.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104541
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 875
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2014-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 01:07:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
esyankar75 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-25 01:01 AM
ئاچچىق بولسىمۇ دەپ قويغۇن كىلىۋاتىدۇ ، مۇدىر باشقىسىغ ...

توغرا دىدىڭىز  ئەپەندى. مەندىمۇ خېلى كۆپ نوقسانلار بارلىغىنى ئىنكار قىلمايمەن.
بەلكىم ئەمدى بۇ جەھەتتىكى يىتەرسىزلىكلەرنى تۈزەتمىسەم  بولمىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103224
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 744
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2014-2-6
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 01:20:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر كىمنڭ بېشغا كىلدىكەن بۇنداق ئىشلا،،،،بۇ كۇنلەمۇ ئوتۇپ كىتەدەپ  ئويلاڭ ئەمدى،،،،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش