غەرپتىن نوم ئەكىلىش خىراجىتىنى ئازايتىش ئۈچۈن كىمنى ئىشتىن قالدۇرۇش كىرەك؟
تەرجىمە قىلغۇچى :مۇھەممەتنىياز خۇدابەردى
سۇئال: غەرپتىن نوم ئەكىلىش خىراجىتنى ئازايتىش ئۈچۈن ئەترەتتىكى بىر ئەزانى ئىشتىن قالدۇرماقچى، ئۇنداقتا سىزنىڭچە كىمنى ئىشتىن قالدۇرسا بولار ؟ قەدىمكى زاماندا تولىمۇ ئۇتۇق قازانغان مۇنداق بىر ئەترەت بولىدىغان، ئۇ بولسىمۇ غەرپتىن نوم ئەكىلىش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن ئەترەت . غەرپتىن نوم ئەكىلىش ۋەزىپىسىنى ئورونلاش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر ئەترەت تەشكىللەندى ،ئەترەت ئەزالىرى تۆۋەندىكىچە؛ تاڭسىڭ، سۇن ۋۇكۇڭ، جۇباجي، شا راھىپ، ئاق ئەجدەرھا ئات . بۇنىڭ ئىچىدە تاڭسىڭ مۇشۇ ئەترەتنىڭ باش دىرىكتۇرى، سۇن ۋۇكۇڭ باش تىخنىك مەسلىھەتچى ،جۇباجىي ۋە شا راھىپ بولسا مۇشۇ ئەترەتنىڭ ئادەتتىكى ئەزاسى، ئاق ئەجدەرھا ئات بولسا خوجايىننىڭ ئەڭ يىقىن ياردەمچىسى. بۇئەترەتنىڭ باش رەھبىرى ئاۋالو كىتسې سۋارا.بۇ ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىر–بىرىگە ئوخشىمايدۇ .
1. تاڭسىڭ دىرىكتۇر بولۇش سۈپتى بىلەن ئىرادىسى كۈچلۈك ،مەقسىتىگە يەتمىگىچە ھەر گىز بەل قويۇۋەتمەيدۇ ،شۇڭلاشقا ھەرۋاقىت يۇقىرنىڭ قوللىشى ۋە ماختىشىغا ئىرىشىدۇ ، 2. شا راھىپنىڭ گەپ سۆزى ئانچە كۆپ ئەمەس،ئەمما ئۇنىڭ ۋەزىپىسى بەكمۇ ئىغىر ،تولىمۇ بىچارە كۆرىنىدۇ ،ئۇ ئەترەتتىكى ئەڭ زىرىكىشلىك دەپ قارالغان ئەپكەش كۆتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈسىتىگە ئالغان . 3. جۇباجىى قاراشقا ،يەپ ئىچىشكە ئامراق ، ئىش قىلىشتا بەكمۇ ھورۇنلۇق قىلىدىغاندەك ،مال دۇنيا ،قىز ئاياللارغا بەكمۇ ئامراقتەك بىر يامان تەسىر بىرىدۇ ،بەزىدە ئۇنى بۇ ئەترەتتە كىرەكسىز ئادەمدەك ھىس قىلىمىز ،ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ قىلىدىغان ئىشى ئاتنى يىتىلەپ ماڭىدۇ خالاس دەپ ئويلايمىز ،ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئەترەتتىكى جارى قىلدۇرىدىغان رولى ھەرگىزمۇ كىچىك ئەمەس ،ئۇنىڭ خاراكترى بەكمۇ ئوچوق يوروق،ھەر خىل تەنقىدنى ئىغىر كۆرمەي قوبۇل قىلالايدۇ ،ھەر خىل بىسىملارغا بەرداشلىق بىرەلەيدۇ ،ئۇنىڭ بۇ .ئەترەتتىكى جارى قىلدۇرغان رولى سىلىقلاش مىيىنىڭ رولىنى ئۆتەيدۇ . 4. بۇ ئەترەتتىكى مەركەزلىك ئەزا سۇن ۋۇكۇڭ ،سۇن ۋۇكۇڭ نۇم ئەكىلىش ئەتىرتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزا دەپ قارىلىدۇ ،ئەمما ئۇنىڭ خاراكترى بەكمۇ ئالاھىدە ،ئىش قىلغاندا ھەر دائىم چەكتىن ئاشۇرۋىتىدۇ ،ئەنە شۇ ئالەم ئوردىسىنى مالەم قىلغان تارىخنى ئەسلەيدىغان بولساق نۇرغۇن ئىشلارنى ھىس قىلىپ يىتەلەيسىز ،ئۇ مۇشۇنداق كۈچ قۇدرەتكە ئىگە بولۇپ تۇرۇغلۇق يەنىلا بۇ نوم ئەكىلىش ئەتىرتىگە قاتناشتى . 5. ئاق ئەجدەرھا ئات ،بولسا تاڭسىڭنىڭ خىزمەت ئىشخانىسى دەپ قارىلىدۇ ،ئۇنىڭ ئەڭ يىقىن ياردەمچىسى ،شۇنداقلا سالاھىتىنىڭ سىموۋولى . بۇ ئەترەتتە بىرسى كەم بولسا ھەرگىز بولمايدۇ، ئەمما تاڭتەيزۇڭ غەرپتىن نوم ئەكىلىش خىراجىتىنى ئازايتىش ئۈچۈن مۇشۇ ئەترەتتىن بىر ئەزانى ئىشتىن قالدۇرماقچى بولىۋىتىپتۇ، ئۇنداقتا سىزنىڭچە كىمنى ئىشتىن قالدۇرسا بولار، نىمە ئۈچۈن؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-24 11:29 PM
|