مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2275|ئىنكاس: 25

مارۇژنا پۇلى(مىكرۇ ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105405
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2520
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2014-3-28
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 09:39:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مارۇژنا پۇلى

(مىكرۇ ھېكايە)

ئاپتۇرى:كىرىمجان ياسىن (زەپەر)


   يەكشەنبە بازىرىدا ئۇششاق-چۈششەك سودىلىقلىرىنى كەچكە يېقىن تۈگەتكەن شەۋكەت ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن قىزىنىڭ تەلىۋى بۇيىچە بازارنىڭ چىتىگىرەك جايلاشقان بىرمارۇژنىخانىغا كىردى-دە، ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا 8يۈەنلىك مارۇژنىدىن ئىككى بۇيرۇتتى. مارۇژنا ئوخشىغان ئىدى. دادا-بالا ئىككەيلەن خېلىغىچە بازار ئايلىنىپ ھېرىپ كەتكەن چېغى، مارۇژنىنى ناھايىتى ئىشتىھابىلەن يىدى. مارۇژنا يىيىلىپ تۈگىگەندىن كىين شەۋكەت ئورنىدىن تۇرۇپ پۇل تۆلىمەكچى بولۇپ قولىنى ئىشتان يانغۇچىغا سالىدىيۇ، ئۇشتۇمتۈت چىرايى تاتىرىپ كەتتى. تېخى بايىلا بازار سودىلىقىدىن ئاشقان40يۈەندىن پۇل يوق تۇراتتى. پەقەت بانكا كارتىسىلا تۇراتتى. شەۋكەت پۇلى خۇددى بىريەردىن چقىپ قالىدىغاندەك ھەممە يانچۇقلىرىنى ئۆرۈپ بىرنەچچە قۇر قارىدى.شەۋكەتنىڭ ھەرىكىتىگە كۆز ئۆزمەي قاراپ تۇرغان مۇز چىراي مارۇژنىخانا خوجاينى بولغان سىمىزغىنا چوكان بىردىنلا چىرايىنى سەت پۈرۈشتۈرۈپ سۆزلەپ كەتتى.
   -ۋاي ئالدىمدا ئويۇن قويمىسىلا ئۇكاۋەي،نىمە ئادەمنى زاڭلىق قىلىدۇ ماۋۇ سەھرالىقلار..
شەۋكەت بۇيۇنلىرىغىچە قىزرىپ،ئەھۋالنى چۈشەندۈردى.
-خاپا بولمىسىلا  ئاچا،تېخى بايلام بارئىدى،مۇشۇ يانچۇقۇمغا سالغىنىم ئېنىق ئىدى. چۈشۈپ قالغان ئوخشايدۇ، مەن قارىمايلا...
-ھە،چۇكان شەۋكەتنىڭ گىپى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا شەۋكەتنىڭ سۆزىنى بۆلدى،-باھانە كۆرسەتمەي پۇلىنى تۆلىگىنە، يەڭ دىسەك موك يەيدۇ،ئەمدىلىكتە پۇل تۆلەش ئېغىر كىلىۋاتامدا؟
بۇئارىدا مارۇژنىخانىدا مارۇژنى يەۋاتقان بەش -ئالتىدەك كىشى خۇددى بىزقىززىق ئۇيۇن كۆرۈۋاتقاندەك ھەممىسى جىمغىنە ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ تاماشاسىنى كۆرۈپ ئولتۇراتتى.
شەۋكەت بىردىنلا بىرئىشنى ئىسىگە ئالدى.كارتىدا خېلىلا پۇل بارلىقى شەۋكەتكە ئېنىق ئىدى.
-ھە ئۇنداق بولسا مەن ھازىرلا بانكىدىن پۇل  ئاجىرتىپ كىلەي.شەۋكەت گىپىنى تۈگىتىپلا ئىشىككە قاراپ ماڭدى.نىمە ئىشلارنىڭ بۇلۇۋاتقانلىقىدىن بىخەۋەر تىڭىرقاپ قالغان قىزىمۇ دادىسىغا تاپ باستۇرۇپلا ئەگىشىپ مېڭىۋىدى،خوجايىن چوكان توختىۋالدى.
-نەگە؟ئۇنداق ئاسان ئىش يوق.سەن شۇم ماۋۇيەردە تۇرۇپ تۇرىسەن، داداڭ قاچان پۇلنى  ئېلىپ  كىرسە ئاندىن چىقىسەن.چوكاننىڭ قىزىنى تىللىغىنىدىن شەۋكەتنىڭ غۇژژىدە ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ ئارتۇقچە بىرنەرسە دىيەلمىدى ھەمدە قىزىغا«ئۇنىڭ دىگىنىدەك قىلىڭ»دىگەندەك ئىشارەت قىلدى.قىز ئاستاغىغا جايىغا بېرىپ شۈمشەيگىنىچە ئولتۇردى.شەۋكەت تىزلا بانكىغا قاراپ ماڭدى .خوجايىن چوكان بالىنى قېچىپ كەتمىسۇن دىگەندەك دۇكاننىڭ چىتىرەك بىرجايغا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى-دە خېرىدارلارنى كۈتكەچ پات-پات قىزغا قاراپ قوياتتى.ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى.شەۋكەت كىرمىدى.كىرمىگەنسىرى چوكان سۆزلەپلا كەتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكاننىڭ  ئوينىغىلى چىقىپ كەتكەن بەش ياشلىق ئوغلىمۇ  تېخىچە كىرمەيۋاتاتتى.
-توۋا،تازا بالىسىنى دەسمىي سېلىپ  قورساق توقلايدىغان ئەبگامۇ نىمە-بۇ؟ كىرمەيدىيا؟چوكان شۇنداق دىگەچ ئىشىككە بويۇنداپ قاراپ قويدى.بۇۋاقىتتا خېلى كەچ بولۇپ قالغان بولۇپ،كۈن ئاللىقاچان ئولتۇرشۇپ بولغان ئىدى.ئارىدىن يەنە خېلى ۋاقىت ئۆتتى. شەۋكەت كىرمىدى. چوكان تېخىمۇ چالۋاقىدى. شەۋكەتنىڭ قىزى بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ مىشىلداشقا باشلىدى.
-يىغلىما ۋەي شۇم، داداڭ ئاللىقاچان بازارنىڭ بىرچىتىدە سىنى ساقلاپ ئولتۇرغاندۇ تايىنلىق. كىرمىسەم سېنى چىقىرۋىتىدۇ دەپ قاپتۇ-دە،ئۇنداق بۇشاڭ كىشى يوق جۇمۇ. داداڭ بۈگۈن كىرمىسە سەن مۇشۇ دۇكاندا ياتىسەن، داداڭنىڭ كىرمىگىنىنى بىر كۆرەي.بۇگەپنى ئاڭلاپ شەۋكەتنڭ قىزى تېخىمۇ مىشىلداپ يىغلاشقا باشلىدى.ۋاقىت ئۆتۈۋاتاتتى.شەۋكەت كۆرۈنمىدى،چوكاننىڭ ئوينىغىلى چىقىپ كەتكەن ئوغلىمۇ تېخىچە دۇكانغا كىرمەيۋاتاتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتراپنى بارا-بارا قاراڭغۇچىلىق بېسىشقا باشلىدى.دۇكاندىكى خېرىدارلارمۇ تارقاپ دۇكاننى تاقايدىغان ۋاقىت بولۇپ قالغان ئىدى.
-يائاللا،ماۋ شۇم نەگە يوقالغاندۇ ،ئەمدى،بېشىنى يىدىمۇ نىمە؟بۇمۇ كىرمەسكە قالدى ئەمدى...بېشىمغا بالا....بۈگۈن ئەجەپ نەس بېسىۋاتىدۇ-يا.. چوكان شۇنداق ئەزۋەيلەپ سۆزلەۋاتقاندا  يىگىرمە ياشلاردىكى ئۇرۇق،ئىگىز بىر بالاھاسىراپ-ھۆمۈدىگىنىچە دۇكانغا كىرىپ كەلدى..دە،كىكەچلەپ سۆزلەپ كەتتى.
-ئا..ئا..ئاچا،سىلىنىڭ بالىلىرىنى ماشىنا سۇقۇۋىتىپتۇ،ھازىر دوختۇرخانىدائىكەن....
-نىمە؟چوكان ئولتۇرغان جايىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى.-سەن قانداق بىلدىڭ؟نە..نەدە سۇقۇۋىتىپتۇ؟يائاللا ئەمدى قانداق قىلارمەن بۇئىشنى...
   ئۇرۇق بالا چوكاننىڭ تام خوشنىسى ئىدى.بالا سەل ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ سۆزلىدى.
-بايام مەن بىر ئاغىينەمنى يوقلىغىلى دوختۇرخانىغا كىرگەن ئىدىم. قارسام بىر  ئادەم بالىلىرىنى كۆتۈرۈپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ  كىرىپ كىتىۋاتىدۇ...
چوكاپ جىددىيلىشپ دۇكاننى تاقاشقا باشلىدى.بىرچەتتە تېخىچە يىغلامسىراپ  ئولتۇرغان شەۋكەتنىڭ قىزىغا قاراپ،-تۈفى! دەپ قاتتىق بىرنى تۈكۈرگىنىچە قىزنى دۇكانغا سولاپ قۇيۇپ ئىشىككە قۇلۇپ سالدى ۋە يىگىتنىڭ موتسىكلىتىغا مىنگەشكىنىچە دوختۇرخانىغا قاراپ ماڭدى.چوكان دوختۇرخانىغا كىرە-كىرمەيلا «ۋاي بالا» دىگىنىچە چوقان سېلىشقا باشلىدى.بالا جىددى قۇتقۇزلىۋاتاتتى.چوكان قۇتقۇزۇش بۆلىمىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ھەدەپ يىغلاشقا باشلىدى.تۇيۇقسىز كىيىملىرى قانغا مىلەنگەن شەۋكەتنى تۇنۇپ قالدى-دە،تېخىمۇ  ئاچچىقى كىلىپ،يۈگۈرۈپ بارغىنىچە شەۋكەتنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى.
-سەن،سەھرالىق،كىمنى زاڭلىق قىلىسەن،پۇلنى ئېلىپ كىرگەن بولساڭ،مۇشۇ ئىش يوق،مەنمۇ ئاللىقاچان دۇكاننى تاقايتىم،بالامنىمۇ ماشىنا سۇقۇۋەتمەيتى..چوكان شۇنداق دىگىنىچە شەۋكەتنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ ۋارقىراشقا باشلىدى.شەۋكەت بولسا نىمە قىلارنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدى.بۇۋاقىتتا جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمىدىن چىققان بىر دوختۇر چوكاننى چاقىرىپ قالدى.
-سىز بىمارنىڭ ئانىسى بولامسىز؟
چوكان ئىتتىكلا جاۋاپ بەردى.
   -ھەئە. مەن ئانىسى،دوختۇر بالام قانداقراق؟دوختۇرچوكاننىڭ سۆزىگە جاۋاپ بەرمەستىن چوكاننى ئىشخانىغا كىرىشكە بويرۇدى.چوكان شەۋكەتكە تازا بىرنى ئالىيۋىتىپ،دوختۇرنىڭ ئارقىسىدىن ئىشخانىغا كىرى.
ياشانغان دوختۇر كۆزئەينىكىنى ئېلىۋىتىپ،ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۋالغاندىن كىين ئاستاغىنا قىلىپ سۆزلىدى.
بالىڭىزنىڭ كىسىلى خېلى ئېغىر،باش قىسمى زەخمىنىلىپتۇ.لىكىن بالىڭىز خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتتى.بالىنى ئاۋۇ ئادەم ئەكىردى ،دوختۇر سۆزلەۋېتىپ،كارىدوردا تامغا يۆلىنىپ  تۇرغان شەۋكەتنى ئىشارەت قىلدى.-ھەممە رەسمىيەتنى موشۇ ئادەم تۆلىۋەتتى.بالىڭىزنىڭ يېنىغا  بالىڭىز ھۇشىغا كەلگەندىن كىين كىرسىڭز بۇلىدۇ.چوكاننىڭ بېشى پۇررىدە قايغاندەك بولدى ھەم ئىتتكلا شەۋكەتكە قارىدى.دەقىق ئىچىدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار ئىسىگە كىلىپ،بىرئاز خىجىل بولدى ھەمدە ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئىتتىكلا شەۋكەتنىڭ يېنىغا باردى.شەۋكەتكە قاراپ نىمە دىيشىنى بىلمەي قىزارغىنچە شەۋكەتنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرۇپلا قالدى.خېلىغىچە بىرنەرسە دىيەلمىدى.شەۋكەت چوكاننىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىنى چۈشەنگەندەك چوكانغا قاراپ:-
-بايا بانكىغا چىقسام مۇلازىمەتچىلەر ئاللىقاچان ئىشتىن چۈشۈپ بوپتىكەن،مۇلازىمەتچىسىز پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن پۇل ئېلىپ  ئەمدى قايتاي دەۋاتسام بىر تاكسى بىركىچىك بالىنى سۇقۇۋەتتى.سۇقۇۋتىپپ قېچىپ كەتتى.ئەتراپقا قارسام بالىنى تۇنۇيدىغان بىرەرى يوق.ھەممىسى بالىغا قاراپ تۇرشىدۇ.قارسام بالىڭىز خېلى  ئېغىر زەخمىلىنىپتىكەن،دۇكانغا كىرىشكە ئۆلگۈرمەيلا .....
   شەۋكەتنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئاخىرى چوكاننىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى.تۇيۇقسىز بىرنەرسىنى ئىسىگە ئالغاندەك بۇلۇپ،دۇكان ئاچقۇچىنى چىڭ سىىقىمدىغىنىچە دوختۇرخانىدىن ئىتتىك قەدەملەر بىلەن چىقىپ كەتتى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-24 11:33 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kaxtexijan + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مۇھەببەت ئەڭ ئازاپلىق لەززەتتۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6521
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 503 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 11:17:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە سۆز ئويۇنىمىكىن دىسەم  ،،،،ياخشى يېزىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107710
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 380
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 190 سائەت
تىزىم: 2014-6-14
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 11:44:58 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ بەك ياخشى چىقىپتۇ ، ھىكايىنىڭ بېشىنى كۆرۈپلا ئايىغىنى پەرەز قىلغان ئىدىم ، پەرىزىمدىكىدەك چىقتى دىسە ، ھې ھې ھې…      ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن ئىنشائاللاھ

تىرىشىمەن ...

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 2233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10071
تۆھپە نۇمۇرى: 705
توردا: 7797 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 12:28:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى ياخشى چىقىپتۇ .

ماڭماي تۇرۇپ ماڭالمايمەن دىمە!

مۇھەببەت ئويۇنچۇق ئەمەس

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 265
يازما سانى: 1714
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14264
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 2082 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 10:12:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز........................

ئەقىدا قىلدىم. ئارمان قىلدىم.ئارزۇ قىلدىم..بىلگەنلەرگە ئەقىدە  بولسۇن،بىلمىگەنلەر گە سەدىقە بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100217
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 10:25:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى ېيزىلىپتۇ،

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ
               كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ

پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ.

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96923
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 893 سائەت
تىزىم: 2013-8-12
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 10:50:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ

ھاياتتا كۈلۈپ يۈرگەن بەخىتسىزلەرنى،يىغلاپ يۈرگەن بەخىتلىكلەرنى ئۇچرىتىش مۇمكىن.ئىنساننى بەخىتلىك ياكى بەخىتسىز دەپ ئايرىماق قىيىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100902
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 719
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 282 سائەت
تىزىم: 2013-12-15
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 11:01:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىسقا ھەم تېتملىق بۇ تېمىڭىزنى تولمۇ ياقتۇردۇم ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيتىڭىزگە تېخمۇ چوڭ ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.

تولمۇ تەتۈر تاناسىپ ھايات،
خىل-خىلغا كەلمىگەن ئەجەپ.
بۇلبۇل ئاشىق زۇۋانسىز گۈلگە،
كۈيچى كاككۇكنى قاقشىتار زەينەپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27099
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2587
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2011-1-20
ئاخىرقى: 2014-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 12:38:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەھەردە دۇكان ئاچقان بىر ئايال شۇنداق قوپال، مەدەنىيەتسىز، ئاغزى بىزەپ كىلەرما؟
پۈتۈنسۈرۈك بىر ئەركەك ئۆز بالىسىنى كۆز ئالدىدا باشقا بىر ئايال «شۇم» دېسە قاراپ تۇرارما؟
بالا تۇغۇپ باققان بىر ئايال «بىر ئانا» باشقىلارنىڭ بالىسىنى شۇنداق «شۇم» دەپ تىللارما؟
...
ھازىرقى شارائىتتا مەن-مەن دېگەن ئەسكى ئادەملەرمۇ باشقىلارغا ئۇنچىلىك قوپاللىق قىلمايدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ تەۋەسىدە مەن بارمىغان يۇرت يوق. ھېچقانداق بىر تىجارەت ئورنىدا خوجايىننىڭ خېرىدارلارغا ئۇنداق قوپاللىق قىلغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم...
دەپ كەلسەم قايناپ قالغۇدەكمەن. ئاخىرقى گېپىم: بۇ ئەسەرنى قايتا ئىشلەڭ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yollar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-25 12:39 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83960
يازما سانى: 659
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4474
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 678 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 01:04:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەلەن  چىقىپتۇ  ،ياخشى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش