تىللىۋەتتىم باشلىقنى
كۆپكۆك تۇرسا بۇغدايلار يىغىڭ دېسە ئاشلىقنى،
كۆڭلۈم ئەمدى كۆتۈرمەس ئىزا، خورلۇق، غەشلىكنى،
يۈرىۋەرسەم مۆرىمەي قىلامدىكەن شاشلىقنى،
قايرىپ قويۇپ ھۆرمەتنى، قىلدىم مەنمۇ پەسلىكنى،
نېمە بولسام مەيلى دەپ تىللىۋەتتىم باشلىقنى.
مەقسىتىمىش باي قىلىش لېكىن قەرزىم ئۈزەلمەي،
كىملەر بېيىپ كەتتىكىن قالدىممۇيە بىلەلمەي.
ئون يىل كەتمەن چېپىپمۇ ياخشىراق كۈن كۆرەلمەي،
پەرۋىش قىلىپ كۆچەتنى مېۋىسىنى يېيەلمەي،
نېمە بولسام مەيلى دەپ تىللىۋەتتىم باشلىقنى.
مەجبۇرلىدى ھەريىلى يەرگە سال دەپ كۆچەتنى،
ئۆرۈك، ياڭاق ئالماشتى، توختاتمىدى ئۆچىرەتنى.
«بىر ئىشتا قوش ئۈنۈم»مىش سەۋەبىنى بىلمەكنى،
«نادان دېھقان» بىلمەسمىش بۇنداق ياخشى «ھېكمەتنى»،
نېمە بولسام مەيلى دەپ تىللىۋەتتىم باشلىقنى.
بۇلتۇر سالغان ئېغىلنى بۇ يىل قايتا سال دېگەن،
پۇل يوق دېسەم ناۋادا خەقتىن قەرز ئال دېگەن.
چېقىپ – سېلىپ يۈرۈشكە توشامدىكەن جان دېگەن،
تېتىمامدۇ ئەمەندەك كۈندە يېسە بال دېگەن،
نېمە بولسام مەيلى دەپ تىللىۋەتتىم باشلىقنى.
ھەممە يەردە ماختايدۇ، دېھقان راسلا بايمىكىن،
چىققان ياخشى سىياسەت ئاسماندىكى ئايمىكىن؟
سۆزلەي دېسەم توسقاننىڭ ئاغزى – بۇرنى مايمىكىن؟!
باشلىق ئاققان ئېقىننىڭ يا بېشىدىن لايمىكىن؟!
نېمە بولسام مەيلى دەپ تىللىۋەتتىم باشلىقنى.
مەنبە: ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-24 11:14 PM