مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 282|ئىنكاس: 7

ھايات ئەسلى بۈگۈنلا بىر كۈن . [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97620
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1453
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2014-6-24
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھايات ئەسلى بۈگۈنلا بىر كۈن

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ


ئارمان بىلەن كەتتى تۈنۈگۈن  ،
پەقەت دەرمان بۈگۈنلا بىر كۈن .
غەپلەت سىڭگەن ھوقۇش باغرى تۈن ،
ھايات ئەسلى بۈگۈنلا بىر كۈن .

ئۆمۈر تامچە ياشتەك چۈشىدۇ ،
نادان جاندىن ئۈمىت كۈتىدۇ ،
يۇلتۇز بولۇپ بەندە ئۆچىدۇ ،
ھايات ئەسلى بۈگۈنلا بىر كۈن .

ۋاختىڭ كېتەر شېرىن خىيالدىن ،
بەختىڭ گۈلى توزۇپ شامالدىن ،
ئۆتمىكىڭ تەس  مەنزىل قامالدىن ،
ھايات ئەسلى بۈگۈنلا بىر كۈن .

مىڭبىر تىنەپ تاپقىنىڭ قالار ،
دۇنيا كۆزلەپ ساتقىنىڭ قالار ،
ئۇچۇم تۇپراق قوينىغا ئالار ،
ھايات ئەسلى بۈگۈنلا بىر كۈن .

مەنبە ؛ قەلىمىم .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-24 10:52 PM  


كۈلۈشۈمنى كىملەر سېغىندى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97620
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1453
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2014-6-24
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كەتمىنىم

11.jpg


كەتمىنىم
ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ

ئەلمىساقتىن ھەمرا بولۇپ ئەلنى باققان كەتمىنىم ،
ۋاپا ئەيلەپ جىمى ئەھلى جانغا ياققان كەتمىنىم ،
كائىناتتىن يەنە ئىزلەپ بىزنى تاپقان كەتمىنىم ،
بارلىغىنى ئانا تۇپراق يەرگە ئاتقان كەتمىنىم ،
شۇڭا ھەردەم بىسى يانماس چۆلنى چاپقان كەتمىنىم .

دېھقىنىمنىڭ جۈپ قولىدا گويا قۇياش نۇرىسەن ،
باياۋاندا ، تاغدا ئۈنگەن ھىدى خۇشبۇي گۈلىسەن ،
سۈپسۈزۈك  ساپ ناھارىنىڭ جاسارەتلىك ئۈنىسەن ،
پاك ئەجىرنىڭ ، مول- ھوسۇلنىڭ مەڭگۈ ياڭراق كۈيىسەن ،
جىسمى تاڭلار ئىشقىدا ئوتىنى  چاچقان كەتمىنىم .

نەدە سەنسىز نان - تائاملار نەدە ھوزۇر - ھالاۋەت ،
ھەممە چاينايدۇ ناۋات - قەن نەدە سەنسىز پاراغەت ،
نەدە سەنسىز ئاسايىشلىق نەدە بەخىت ،- سائادەت ،
نەدە سەنسىز كۈلكە - شاتلىق  نەدە نۇسرەت كامالەت ،
بەندىلەرنىڭ يولىنى ھەم  كەڭرى ئاچقان كەتمىنىم .

ئوخشىتىمەن تۇغقا پۈتمەس چىن ئۆمۈرگە باغلىدى ،
ۋەسلى مۈشكۈل گۈل ھاياتلىق سەيناسىدا تاۋلىدى ،
بارچە دىللار يوپيۇرۇقتۇر تاپتى بەركەت  يايرىدى ،
< خۇددى ھەممە بار ئېقىنلار تۇشمۇ - تۇشتىن سايرىدى > ،
قۇت - ئىناقلىق سۆيگۈسى رىشتىنى چاتقان كەتمىنىم .

مەنبە ؛  قەلىمىم .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-24 10:51 PM  


كۈلۈشۈمنى كىملەر سېغىندى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 452 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا دەيسىز  ،ھايات پەقەت بىر كۈن ،،،،،

جوڭگۇ ئۇچۇر ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىندۇ.تەپسىلاتى بۇ يەردە ،بۇيەرنى بىسىڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 452 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەتمەنگە مەدىھيە

جوڭگۇ ئۇچۇر ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىندۇ.تەپسىلاتى بۇ يەردە ،بۇيەرنى بىسىڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97733
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 947
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 389 سائەت
تىزىم: 2013-9-9
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

@كىمنى سۆيسەڭ ھە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 265
يازما سانى: 955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13267
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1923 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رامىزانلىق شئېرىنى بەك  ياخشى يىزىپسىز ئاللا رەخمەت  قىلسۇن دوستۇم

@كىمنى سۆيسەڭ ھەقىقى سۆي ئالدىمىغىن@ @ رَّحْمَنِ ارَّحِيم بِسْــــــــــمِ اﷲِارَّحْمَنِ ارَّحِيم@

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 86
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېھقانلارغا مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرسەم،
بۆلەكچىلا بولۇپ قالىمەن دەيمەن.
چۈنكى قارادېھقان ئەمەسمۇ!... شۇڭا....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 86
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېھقان دېگەن ئەزەلدىن ئايرىلالماس كەتمەندىن،
لېكىن ھېچكىم ھال سورماس دېھقان ئاتلىق دەرتمەندىن.

مەنمۇ قارا دېھقان بولغاچقا شۇنداق دەپ ئەگىشىپ
قويدۇمغۇ.......

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش