ئادەتتىكى ئەزا
كېتەلمەيمەن سەندىن ئۆزگە نەزەر سېلىپ يۈز ئۈرۈپ كېتەلمەيمەن، قالدۇرۇپ سىنى يىراقلارغا-غەم ئەندىشسىز كېتەلمەيمەن. بىلىپ تۇرۇپ دەرتلىرىڭنى سىنى تاشلاپ كېتەلمەيمەن، بۇيرۇساڭمۇ گەر جەننەتكە يانا سەنسىز كېتەلمەيمەن. بەزى چاغلار جېنىم يايرىم سىنى زارلىتىپ خاپا ئەتتىم، تەشنالىقنى بىلىپ تۇرۇپ مىنى يالغۇز تاشلاپ كەتتىڭ. يىراقلاردىن سېغىنىپ سىنى قەدرىڭگە ئاندىنلا يەتتىم، جېنىم بەختىم ئىشەن ماڭا سەنسىز خوشال يۈرەلمەسمەن. مەيلى بىر كۈن ئېگە بولاي كاتتا ئۆي جاي مال دۇنياغا، مەيلى سەنسىز يېتەي گۈزەل ئارزۇ ئارمانلارغا. مەيلى ئىرىشەي خەق ئىنتىلگەن ئۇزۇن ئۆمۈر ساق جانلارغا، شۇ كۈندىمۇ يايرىم سەنسىز چىن دىلىمدىن كۈلەلمەيمەن. ئۆلگۈم كىلىپ بۇ جېنىمدىن تويغان ئەشۇ چاغلىرىمدا، يا بولمىسا ئازغان بولسام ئەگرى ھايات يۇلىدا. مەدەت بەردىڭ دائىم ماڭا ھەمرا بۇلۇپ يانلىرىمدا، يايرىم سەنسىز كۈلپەتلەردە ئورنۇمدىن تەس تۇرالمايمەن. سەن بولمىغان شۇ كۈندىمۇ ئەنسىزلىكتىن جىمىپ قالدىم، يىراقلارغا كەتسەڭمۇ سەن سۆيگۈ ئۇتى يېنىپ قالدى. سەنسىز كۆرگەن كۈنلىرىممۇ بەخىتلەردىن چېنىپ قالدى، سەن سالمىغان ئىشقى پىراقتا ھەرگىز چوغ بۇب كۈلەلمەيمەن. سىنى قانچىلىك سۆيگۈنۈمنى تىلىمدا ئېيتىپ بېرەلمەيمەن، ئۆزگىلەرنىڭ چىمەنىدىن قىزىل گۈلنى تېرەلمەيمەن. بۇ ئۆمرۈمدە سەنسىز ئۇلۇغ ئارمانىمغا يېتەلمەيمەن، ئەجەل كەلسىمى بۇ بېشىمغا سىنى كۆرمەي ئۆلەلمەيمەن. مەنبە.....قەدىرسىز
پاش قىلىش
مەستانە ئـــەزا
تىرىشچان ئەزا
hekmat110 يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 11:20 PM بۇيرۇساڭمۇ گەر جەننەتكە يانا سەنسىز كېتەلمەيمەن.
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ