مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 380|ئىنكاس: 8

ھەسرەتلىك نىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107793
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 45
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2014-6-17
ئاخىرقى: 2014-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 06:18:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەسرەتلىك نىدا

(ھىكايە)

ئاپتورى: قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 K3 `1 q2 E" h' T  C; l# t

   سۈننەت توي تولىمۇ ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈلدى،تويغا كەلگەن چوڭ-كىچىك مېھمانلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭى،ھەر خىل ،رەڭگا رەڭ كىيىم-كېچەكلىرى بۇ ئازادە ھويلىنى جانلاندۇرىۋەتكەن ئىدى.ئۈن ئالغۇدىن‹ئوغلۇمغا› دىگەن يېقىملىق ناخشا ياڭراۋاتاتى.سۈننەت توي قىلىۋاتقان يىگىتنىڭ ئەينى چاغلاردىكى مەسۇم،گۆدەك ئوغلى ئىكەنلىگىدىن سۆيۈندىمۇ ياكى ناخشا ئۇنىڭغا باشقىچە تەسىر قىلدىمۇ گۈلسۈمخاننىڭ تاتىراڭغۇ چىرايىدىن بىر خىل شادلىق تەبەسسۇمى جىلۋە قىلاتتى.ئەمما بۇ ھال ئۇزۇنغا بارمايلا قەدەملىرىنى ئاستا يۆتكەپ،رىشاتكىلىق پىشايۋاننىڭ پەلەمپىيىگە جايلاشتى.ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن ئۇزۇن يىل كېسەل تارتقانلىغى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى.ئۇ ھېلى ئۇيان-بۇيانغا چېپىپ بىراۋلارغا ئىش بۇيرۇسا،ھېلى كىرىپ-چىقىۋاتقان مېھمانلارنى ئۇزىتىش بىلەن ئاۋارە بولىۋاتقان ئوغلى نەبىگە قارىدى.ئىككى مەڭزى ئاناردەك قىزىرىپ،كۆكۈش كۆكۈش كۆزلىرى خۇشاللىقتىن چاقناپ كەتكەن،پاكار،دوغىلاق كەلگەن نەبى ئانىنىڭ قەلبىدە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئويغاتتى.‹ جېنىم بالام،ئاخىرى چوڭ بولدۇڭ،سېنى مۇشۇ كۈنلەرگە يەتكۈزگىچە تارتمىغىنىم ئازمۇ؟داداڭ رەھمىتى مۇشۇ كۈنلەرنى كۆرگەن بولسا قانچىلىك خۇشال بولغان بولار ئىدى ھە›-ئانىنىڭ خىيالى قاناتلىنىپ،نەبىنىڭ كىچىك چاغلىرى كۆز ئالدىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى.

................................

   نەبى ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن يىلى دادىسى ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇپ ئالەمدىن ئۆتتى.گۈلسۈمخان چۆچۈرىدەك تۆت بالا بىلەن قالدى.ئائىلىدىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار،كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولىۋاتقان بالىلار ئانىنى تېزلا ھاردۇرۇپ قويدى.شۇنداقتىمۇ بۇ بىچارە ئانا قىلچە زارلانماي،بوي تالىشىپ چوڭ بولىۋاتقان پەرزەنتلىرى ئۈچۈن كۈندۈزى ئەر بولۇپ ئېتىزدا ئىشلىسە،كېچىلىرى باللىرىنى ياتقۇزۇپ قويۇپ تىككۈچىلىك قىلاتتى.مانا مۇشۇنداق جاپالىق تەر ئاققۇزۇپ،يىللارنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ ئىككى قىزىنى ياتلىق قىلىۋالدى.بۇ چاغدا نەبى تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇۋاتاتتى.ئۇ كىچىگىدىنلا زېرەك بالا بولۇپ،باشلانغۇچنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىدى.تولۇقسىزغا چىققاندا ئائىلە قىيىنچىلىغى تۈپەيلى ئوقۇشسىز قالغىلى تاس قالغاندا،گۈلسۈمخان يىغلاپ-يالۋۇرۇپ يۈرۈپ كەنتنىڭ ۋە مەكتەپنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى.نەبى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ،ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىنمۇ يۇقۇرى نەتىجە بىلەن ئۆتتى.گۈلسۈمخاننىڭ غېمى تېخىمۇ كۈچەيدى.‹ ئۇنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتالىسام تېخىمۇ ياخشى بولاتتى،دادىسى رەھمەتلىكنىڭ روھىمۇ خۇش بولاتتى.ئۇنىڭ ئارزۇسىمۇ بالىلارنى ياراملىق ئادەم قىلپ تەربىيلەش ئىدى.ھەي،بۇ شۇم تەقدىر،بىراق ئوقۇش خىراجىتىنى قانداقمۇ قىلارمەن؟› گۈلسۈمخان كۆپ ئويلىنىپ،ئاخىرى ئۆزىنىڭ بىردىن-بىر بايلىغى،بالىلىرىنىڭ تويى ئۈچۈن ئاتاپ قويغان ئالتۇن-جابدۇقلىرىنى ساتتى.كەنتتىن پۇل قەرز ئالدى.شۇنداق قىلپ نەبىنىڭ تۇنجى يىللىق ئوقۇش خىراجىتىنى ھەل قىلپ،ئۇنى ئالى مەكتەپكە ئۇزاتتى،ئەمما نەبى بەش يىللىق ئوقۇشنى تاماملاپ كەلگىچە گۈلسۈمخان بارلىق تەئەللۇقاتىدىن ھەمدە كۈچ-ماغدۇرىدىن ئايرىلدى.شۇنداقتىمۇ ئۈمىتسىزلەنمىدى.‹‹ ئوغلۇم ئوقۇشىنى تاماملاپ بىرەر خىزمەتكە تەقسىملەنسىلا،ھەممە ئىشلار ياخشىلىنىپ كېتىدۇ›› دەپ ئويلايتتى ئۈمىدۋارلىق بىلەن.ئۇ مۇشۇ ئارزۇ بىلەن ھەممىگە بەرداشلىق بەردى.نەبى كېتىپ 2-يىلى كەنتلەردىن ماللارنى ھۆددىگە بەرگەندە ئۇ ئىككى ئىنەك ئېلىپ،يازنىڭ پىجغىرىم ئىسسىقلىرىدا مال باقتى.نەبىنىڭ ئىنىسى سەبىنىڭ ياردىمىدە ئوت-سامان يىغىپ،ماللارنىڭ قىشلىق غېمىنى قىلدى.ئۇنىڭغا ھىسداشلىق قىلغان يېقىن-يورۇقلىرى ئۇنىڭغا قايتا ياتلىق بولۇش توغرىسىدا مەسلىھەت بەرگىنىدە،ئۇ قەتئى رەت قىلدى.چۈنكى ئۇ يۈرەك پارىلىرىنىڭ ئۆگەي دادىنىڭ ئالدىدا قىسىلىپ قېلىشىنى خالىمايتتى.كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلاپ ئۆتىۋەردى.ئانا كۈتكەن كۈنمۇ ئاخىر يېتىپ كەلدى،نەبى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كېلىپ،ناھىيىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتى.ناھىيە بىلەن ئۇلارنىڭ يېزىسىنىڭ ئارلىقى 80 كىلومېتىر كېلەتتى.ئانا يەنىلا خۇشال بولدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوغلى نەدىلا بولمىسۇن سالامەت بولسىلا بولاتتى.ئۇنىڭ ناھىيىدە خىزمەتكە ئورۇنلىشىشىمۇ گۈلسۈمخان ئانا ئۈچۈن پەخىرلىنەرلىك بىر ئىش ئىدى.نەبى خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ ئىككى يىلدىن كېيىن چىرايلىق بىر شەھەرلىك قىزغا ئۆيلىنىۋالدى ۋە قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ياردىمىدە شەھەرگە يۆتكىلىۋالدى..ئۇ چاغلاردا شەھەرلىك بولۇش ئاجايىپ كاتتا ئىش ئىدى.بۇنى چۈشىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان نەبىنىڭ خۇشلۇقى ئىچىگە سىغماي قالدى.ئەمما ئانىنىڭ كۆڭلى يېرىم ئىدى ،ئۇ نەبىنىڭ تويىنى قىلىپ بىر غەمدىن خالاس بولغان بولسىمۇ،ئۇنىڭ ئۆزىدىن تېخىمۇ يىراقلاپ كەتكىنىگە كۆڭلى يېرىم بولاتتى.قانداقلا بولمىسۇن شەھەر ناھىيىدىن خېلىلا يىراق ئىدى.ئەمما بالىسىنىڭ خۇشلۇغى ئۈچۈن يەنىلا ئۇنى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئۇزىتىپ قويدى....

-ئانا،ئەمدى مېنىڭ ئائىلەممۇ بار بولدى،سەن ئەمدى بىز بىلەن بىللە تۇرغىن،شەھەر كۆرگىن،-دىدى نەبى يېزىغا ئانىسىنى يوقلاپ چىققاندا.

-ماقۇل بالام،ماقۇل  -ئانا ھاياجانلاندى،خۇشلۇقى ئىچىگە سىغمىدى.ئۇ بۇ كۈننى قانچە ئۇزۇن كۈتكەن ئىدى –ھە.ئۇ ئوغلىنىڭ تۇتقان جاھانلىرىنى كۆرۈشكە نىسىپ قىلغان ئۇلۇق ئاللاھقا كۆپ ھەمدۇ-سانالار ئېيتتى...بىراق گۈلسۈمخان نەبىنىڭ ئۆيىدە ئۇزۇن تۇرالمىدى،شەھەرلىك كېلىننىڭ ئۇنىڭغا مەنسىتمىگەندەك قاراشلىرى،ئۇنى ھىچقانداق ئىشقا ئارلاشتۇرماسلىقى،ھەتتا گۈلسۈمخان قىلىپ قويغان ئىشنى قايتا قىلىشلىرى گۈلسۈمخان ئانىنىڭ كۆڭلىنى چىگىپ قويدى.

-ئوغلۇم،-دىدى گۈلسۈمخان تىترەك ئاۋازدا نەبىگە مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ،-بۇ شەھەرنىڭ ھاۋاسى ماڭا ياقمىغاندەك تۇرىدۇ،يېزامغا قايتىپ كېتەيمىكىن دىۋىدىم،مېنى ئەتىلا يولغا سېلىپ قويغىن.

نەبى ئانىسىنى قانچە تۇتقان بولسىمۇ ئۇ قارارىدىن يانمىدى.نەبى ئانىسىدىن نارازى بولغىنىچە ئۇنى يولغا سېلىپ قويدى.بالا ئانىنىڭ كۆڭلىنى قانداقمۇ چۈشەنسۇن؟ئانا بولغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا قانداقمۇ ئېيتالىسۇن ؟ئۇ ھەرگىز ئېيتمايدۇ،ئانىلارنىڭ دىلى قانچە ئازار يىسىمۇ يەنىلا بالىلىرىنىڭ خۇشاللىقىنى ئويلايدۇ.

........................

-ئانا ئەجەپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭىزغۇ؟نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭىز؟-كىچىك كېلىن سانىيەنىڭ ئاۋازى ئانىنى خىيالدىن ئويغاتتى.بۈگۈن نەبىنىڭ ئوغلى ۋارىسنىڭ سۈننەت توي مەرىكىسى بولىۋاتاتتى.گۈلسۈمخان ئۈچۈن بۇ تويغا كېلىشمۇ ئانچە ئاسانغا توختىمىدى.ئۇ ئوغلىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىش ئۈچۈن،يەنە نۇرغۇن نەرسىلىرىدىن ئايرىلغان ئىدى.ئەمما ئۇ خۇشال ئىدى.بۇ كۈنلەرنى كۆرەلىگىنىدىن،نەۋرىسىنىڭ چوڭ بولغانلىقىدىن ئىچ-ئىچىدىن سۆيىنىۋاتاتتى.كىم بىلسۇن، بىر خۇشلۇقنىڭ خاپىلىقى بولغىنىدەك،گۈلسۈمخان نەۋرىسىنىڭ سۈننەت تويىنى تۈگىتىپ يېزىسىغا كېلىپلا ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى.دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە،يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ،بالنىتسىدا يېتىپ داۋالىنىشى كېرەك ئىكەن.باللىرى گۈلسۈمخاننى چوڭ يەرنىڭ چوڭلىقى بار دەپ، شەھەرلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىشتى.نەبىمۇ ئاپىسىنى ئېلىپ كەلگىچە دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ تەيارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ قويغان ئىدى.گۈلسۈمخان ياتاققا ئوڭۇشلۇق ئورۇنلاشتۇرىۋالدى .ئەمما ئەتىسى دوختۇر بىلەن پاراڭلىشىپ چىققان نەبى خۇددى سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك سالپىيىپ ئولتۇرۇپلا قالدى.‹‹30 مىڭ يۈەن بۇ تېخى دەسلەپ تاپشۇرىدىغىنىكەن،قالغىنىنى كېيىن ئاپامنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ دەمىش.›،ئۇ ئاستا قەدەملەر بىلەن ئۆيگە كەلدى،- ياق بولمايدۇ مەن تويدا چۈشكەن ئۇ پۇللارنى ۋارىسنىڭ ئوقۇشىغا ئاتاپ مۇددەتلىك قويىۋەتكەن،چىقىرالمايمان،-ساجىدە چالۋاقاپ سۆزلەشكە باشلىدى،-ئەمما ئاپام بۇنداق تۇرسا؟-دىدى نەبى بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي پەس ئاۋازدا،-ئۇ سىزنىڭلا ئاپىڭىزمىدى؟ھېلىمۇ 3000 يۈەن بالنىست ھەققىنى تۆلەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇق،ھازىرقى كۈندە 30000 يۈەن ئاز پۇلمۇ؟ ئىنىڭىز بىر ئامال قىلسۇن،يەنەئاچا-سىڭىللىرىڭىزمۇ باردغۇ؟بىزمۇ شەھەردە پۇلنى سۈپۈرىۋالمايمىز،تۇرمۇشقىمۇ،بالىغىمۇ پۇل كېرەك،-ساجىدە‹ قانداق قىلسىڭىز قىلىڭ›دىگىنىچە ئىشىكنى جالاققىدە يېپىپ چىقىپ كەتتى.

   نەبى ياتاققا كېىرىشىگىلا سەبى:- ئاكا،دوختۇرلار   پۇلۇڭلار ئاز قالدى دەيدۇ،قانداق قىلىمىز،-دىدى ئاكىسىغا تەلمۈرۈپ،-مەن قانداق قىلىمەن؟سەن بىر ئامال قىلمامسەن،سەنمۇ بىر تىرىك جانغۇ؟- سەبى مەڭدەپ قالدى ۋە ئىتتىك بۇرۇلۇپ كارۋاتتا ئۇخلاۋاتقان ئانىسىغا قارىدى.گۈلسۈمخان نەبىنىڭ بۇ قوپال ،سەت ئاۋازىدىن ئاللىقاچان ئويغىنىپ كەتكەن ئىدى.نەبىمۇ ئاپىسىغا قاراپ بىراز ئوڭايسىزلانغاندەك بولدى ۋە ئاستا ئانىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ ،-ئانا ساجىدە ۋارىسنىڭ تويىغا چۈشكەن پۇللارنڭ ئۇنىڭ ئوقۇشىغا ئاتاپ بانكىغا ئۇزۇن مۇددەتلىك قويىۋېتىپتىكەن،بىلىسەن بۇ شەھەردە پۇل سوراپ تۇرغۇدەك يېقىنلىرىممۇ يوق،ئەمدى قانداق قىلساق بولار....دىگىنىچە يەرگە قاراپ ئولتۇردى.ئانا ھىچقانداق گەپ-سۆز قىلماي ئوغلىغا قارىدى.ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى ئىختىيارسىز يامغۇردەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى.ئاجىز يۈرىگى بولسا چەكسىز ئازاپ ۋە ھەسرەت ئىچىدە تىترەيتتى.پۈتۈن ھاياتى ۋە بارلىقىنى قۇربان قىلىپ تولىمۇ تەستە چوڭ قىلغان،ئائىلىسىنىڭ ئۈمىدىنى باغلىغان،پەخىرلەنگەن ئوغلىدىن ئۇ بۇنى كۈتمىگەن ئىدى.ئەمما بىچارە ئانا نىمىمۇ دىيەلىسۇن؟ئانىنىڭ كۆڭلى دەريادەك كەڭ،قۇياش نۇرىدەك سېخى،ئۇ پەرزەنتلىرى ئالدىدا ھەرقانداق زور دولقۇنغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.ئۇ پەرزەنتى ئۈچۈن ئوتقىمۇ، سۇغىمۇ كىرەلەيدۇ.

   -بوپتۇ بالام،بېشىڭنى قاتۇرمىغىن،تۈنۈگۈندىن بېرى چارچاپ كەتتىڭ،يەنە ئىشلەيسەن قايتىپ كەتكىن بىر ئامالى بوپ قالار،-دىدى ئوغلىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ مېھرىبانلىق بىلەن.نەبى يەرگە قاراپ بىر ھازا ئولتۇرغاندىن كېيىن،-ئانا مەن يەنە ئامال قىلىپ باقاي،-دىگىنىچە ئاستا چىقىپ كەتتى.

نەبىنىڭ چىقىپ كېتىشىگىلا تام تەرەپكە ئۆرۈلۈپ ياتقان گۈلسۈمخاننىڭ تىترەۋاتقان گەۋدىسىگە قاراپ ئۇنىڭ يىغلاۋاتقانلىغىنى پەملىگەن سەبى ئانىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنى ئاستا ئۆزىگە قاراتتى ۋە ئۇنىڭ شۇنچە يىللىق جاپا-مۇشەققەتنىڭ شاھىدى بولغان ئاجىز،ئورۇق،قاداق باسقان قوللىرىنى ئالقانلىرىغا ئېلىپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى.

-ئانا بولدى كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما يېنىڭدا بىز تۇرۇپتىمىزغۇ؟ئاكامغىمۇ شەھەردە ئاسان ئەمەس ،ئۇنىڭمۇ قىسىلىدىغان يېرى بار ئوخشايدۇ،بولدى خاپا بولمىغىن مەن ھەممە نەرسىنى سېتىپ بولسىمۇ سېنى داۋالىتىمەن،-ئەخمەق بالام نەدىمۇ بالىسىدىن رەنجىيدىغان ئانا بولسۇن؟-دىدى گۈلسۈمخان زومۇ-زو كۈلۈمسىرەپ.

سەبى شۇ كۈنىلا يېزىغا قايتىپ پۇل جايلاپ كېلىپ ئانىسىنى داۋالاتتى.گۈلسۈمخان دوختۇرخانىدىن چىققان كۈنى نەبىنىڭ‹ئانا بىزنىڭككىدە بىرنەچچە كۈن ئارام ئېلىپ كەتكىن،›دىگىنىگە ئۇنىماي شۇ كۈنىلا كەنجى ئوغلى سەبى ۋە قىزى ئايشەم بىلەن يېزىغا كەتتى.

توۋا تۇرمۇشتا دائىم ئويلىمىغان ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، ‹‹كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭكىگىمۇ كەپتۇ،››دىگەندەك،گۈلسۈمخان قايتىپ كېلىپ بەش ئايدىن كېيىن،نەبى تۇيۇقسىزلا قاتتىق ئاغرىپ،ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېتىلدى.بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان گۈلسۈمخان ئوڭدىسىغا ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قالدى.ئۇ دەرھال جابدۇنۇپ ئۈرۈمچىگە ماڭماقچى بولىۋىدى،سەبى ئۇنىمىدى.چۈنكى گۈلسۈمخاننىڭ ئەمدىلا ياخشىلىنىۋاتقان ئاجىز تېنى مۇنداق ئۇزۇن سەپەرگ بەرداشلىق بېرەلمەيتتى. ئۇ ئوغلىنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن كۆپ پۇل كېتىدىغانلىقىنى بىلىپ،پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى سېتىپ،سەبىنى ئاكىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن يۇم-يۇم يىغلىغىنىچە يولغا سالدى.

   بىرنەچچە ئاي داۋالىنىپ تولۇق ئەسلىگە كەلگەن نەبى ئۈرۈمچىدىن ئۇدۇللا ئۆز يېزىسىغا قاراپ ماڭدى.ئۇ بۇ قېتىم پەقەت بىرلا مۇددىئا بىلەن يەنى ئۆزىگە 2-قېتىم قايتا ھاياتلىق ئاتا قىلغان ئانىسىنىڭ ئايىقىغا يىقىلىپ كەچۈرۈم سوراش،ئانىسى بىلەن بىر نەچچە كۈن بىللە بولۇپ،بىرنەچچە ئايدىن بۇيانقى ئويلىغانلىرىنى دەپ بېرىش،ئانىسىنى قايىل قىلىپ ئېلىپ كېتىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ پەرزەنتلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن كېتىۋاتاتتى.ئەمما ئۇ كېچىككەن ئىدى.......

ئۇ ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئاددى،لېكىن سۆيۈملۈك قوروسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە يۈرىكى نىمىنىدۇر تۇيغاندەك ئېغىپ كەتتى.ئۇنىڭ يۈرىكى راستتىنلا تۇيغان ئىدى.چۈنكى ئۇنىڭ پەرزەنت ئىشقىدا بىر ئۆمۈر كۆيگەن سۆيۈملۈك ئانىسى تولا يىغلاپ بۇ ئالەمدىن كېتىپ قالغان ئىدى.ئۇ زار-زار يىغلىدى،ئاللاھقا نالە قىلدى،ئۆزىگە نەپرەت ياغدۇردى.ئانىسى ھايات چېغىدا قىلىۋالالمىغانلىرىغا،رازىلىقىنى ئالالمىغانلقىغا ئىچ-ئىچىدىن ئېچىنىپ،پۇشايمان ئوتلىرىدا قەلبى پۇچلاندى.

   نەبى بۈگۈنمۇ بىر دەستە گۈلنى كۆتۈرۈپ قەبرىستانلىققا كەلدى.ئۇ ئاستا مېڭىپ بىر يىگانە قەبرە ئالدىغا كەلگەندە،ئۇنىڭ جىسمى خۇددى كەچكۈزدىكى ياپراقتەك تىترەشكە باشلىدى،‹‹ئانا،›دىگەن كۈچلۈك نىدا بىلەن تەڭ ئۆزىنى تۇپراق ئۈستىگە تاشلىدى،ئۇنىڭ ھەسرەتلىك ياشلىرى قارا تۇپراق ئۈستىگە قۇيۇلدى.ئۇنىڭ ئاستىدا جىمجىت ياتقان تۇپراق بولسا ئۇنىڭ يۈرەك نىداسىغا گۇۋاھچى بولغاندەك،سەلدەك ئېقىۋاتقان ياشلارنى ئۆز قوينىغا سىڭدۈردى.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# j* B6 L! t) K# ~

2014.  قاراماي

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-24 10:32 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 \: M! x% ]8 @; o0 S
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ p/ ^( D! m6 N. U

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107793
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 45
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2014-6-17
ئاخىرقى: 2014-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 06:23:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللىغان ئەسىرىم داۋاملىق تەتۈر ھالەتتە چۈشىۋاتىدۇ،مەن ئۆزۈممۇ تەھرىرلىك خىزمىتى ئىشلىگەن مۇنداق يېزىلمايدىغانلىغىنى بىلىمەن.نىمە ئۈچۈنلىگىنى بىلمىدىم مۇشۇ مۇنبەردىلا خەت شەكلى توغرا چۈشمەيۋاتىدۇ،بۇ كومپىيوتىرىمدىكى چاتاقمۇ ياكى يوللاشتا مەسىلە بارمۇ قاراپ باققان بولساڭلار،رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 452 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 10:44:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
HIRISTAL1 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-24 06:23 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# l, l. u" M# l  |% J6 p5 [
مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللىغان ئەسىرىم داۋاملىق تەتۈر ھا ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: z) v/ ]% {& w( I$ K! t0 w9 P
خەت شەكلىدىكى مەسىلە

جوڭگۇ ئۇچۇر ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىندۇ.تەپسىلاتى بۇ يەردە ،بۇيەرنى بىسىڭ!

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 7853
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 32566
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 3409 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-7-2
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا -ئانىلار بىر ئۆمۈر پەرزەنتلەرنىڭ غېمىدە ئۆتىدىكەن....بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 c6 [3 }: C3 K8 v

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ _4 i; ]) F- Cئانىنىڭ غېمى بالىدا ئىكەن،بالىنىڭ غېمى تالادا ئىكەن...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" J& D; T' y' @  F' b) y2 \& `
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 R. I% q( Y7 l/ R  iبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ ]& {2 S+ r/ ]: e) a" p7 I# ?
بىر گەپ بار‹‹تىرىكلىكىمدە ئەتمىدىڭ ياد،ئۆلگىنىمدە پەرياد››بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# o0 n# Y! ^* \( s+ {6 Y, \8 A$ {, ]
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 `8 P. S6 g$ N" N/ s4 S
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, K4 X2 T3 i1 O4 w1 c, t
ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئەزگۈدەك،ئەھمىيەتلىك ھېكايىكەن...

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 684
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 249 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2014-7-2
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرىكىمىز بۇنىڭسىزمۇ دەرت-ئەلەم بىلەن پەۋەس ئىدى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107793
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 45
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2014-6-17
ئاخىرقى: 2014-7-2
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىمنى كۆرگەن ۋە ياقتۇرغان دوستلارغا رەھمەت سىلەرگە يۈرەكنى ئېزىدىغان تېما ئەكەلگىنىمدىن خىجىلمەن،كەچۈرۈڭلار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107882
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nahayiti yahxi timaikan .kalam tulpareez harmigay!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93225
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1097
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرەك ئىزىلگەندە ئاندىن ۋىجدان ئويغۇنىدۇ.......
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 m7 e$ K/ U4 fئەسىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ......
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. ]: W2 y6 K6 I4 K! Z- cقەلەم قۇۋىتىڭىزگە ئاپىرىن......

ھىچكىمگە گەپ بەرمەيدىغان مەمەدان تىلىم دائىم سىغىنغان يۈرۈكۈمگە بىشىنى قويۋلىدۇ............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93225
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1097
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرەك ئىزىلگەندە ئاندىن ۋىجدان ئويغۇنىدۇ.......
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" |# W# m* C1 v1 Y0 n( rئەسىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ . قەلەم قۇۋىتىڭىزگە ئاپىرىن....
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 T% `, a5 e) d2 _$ a

ھىچكىمگە گەپ بەرمەيدىغان مەمەدان تىلىم دائىم سىغىنغان يۈرۈكۈمگە بىشىنى قويۋلىدۇ............
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش